كۆڭلۈم
بىھۇش غەپلەتكە مەست ئەيلەپ مېنى ئۆلتۈرمىگىن كۆڭلۈم،
بىرىنى ئىككى -دەپ ماختاپ مېنى كۆپتۈرمىگىن كۆڭلۈم.
ھايات يولىدا كارۋانمەن چىدام -غەيرەتتە بىر تۆگە،
بىراۋنى يۈك ئۈستىگە مىن-دەپ مېنى چۆكتۈرمىگىن كۆڭلۈم.
رەقىپلەر پەيلى شۇم كەلسە قولىغا سىھرى-جادۇ قىپ،
ئۆلۈك يىلاننى ئەژدەرھا- ماڭا كۆرسەتمىگىن كۆڭلۈم.
بوۋام ئاشقان داۋانلارنىڭ قىيانىدا تۈمەن ئىزنا،
جاھالەتنىڭ زاۋالىدا مېنى قۇل ئەتمىگىن كۆڭلۈم.
جاھان رەپتارىغا دەسسەپ تېپىش مۇمكىن ئەمەس ھەقنى؟،
ھالال تەرنى جاپا ئەيلەپ قاۋانغا يەتمىگىن كۆڭلۈم.
سىناق ئىنسانغا دۇنيالىق- ئاڭا لايىقىدا ئۆتمەكلىك،
مۇقەددەستتۇر قۇرئانىمدا مېنى چاندۇرمىغىن كۆڭلۈم.
بېرىش بۇ جاننى ھەقداسى بېھىش-رىزۋانغا يەتكەندە،
ئەقىدە-ئىتىقاد شۇدۇر مېنى تاندۇرمىغىن كۆڭلۈم.
لاۋا-دەپ ئىسمى زاتىمنى يانالمىسام مىسال چوغدەك،
نۇرمۇھەممەتكە ئۆلۈم لايىق ئۇنى ياندۇرمىغىن كۆڭلۈم.
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن
2013.2.10
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-13 01:07 PM