مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1505|ئىنكاس: 20

سىز بەختلىكمۇ؟ (سەھرايى تارىمنىڭ خاتىرىسىدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22717
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6842
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 12:54:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىم ~~ ئىم~~~ئۆھۈ~~ئۆھۈ~~
(ۋاي ۋاي ۋاي ..ماۋۇ كوت كوت پاناق يەنە كەپتىغۇ...ھە نىمە دەيسەن)
ھى ھى ...شۇ بىر ھېكايە باتى..
(ئاڭلىمايمىز...بىز ھازىر رادىئودا مەۋلۈت ئىبراھىمنىڭ پىروگراممىسىنى ئاڭلاۋاتىمىز..)
ھى ھى مۇشۇ ئازراقلا...جىق ئەمەس..بىركۈنى مۇشۇ پارول..
(غىققىدە جىنى چىقىپ كېتىپ ئۆلۈپتۇما....ھۇ ھاھاھاھاھاھا)
ۋاھ ۋاھ مەن ئۆلسەم،ياندىشىپ يېتىپ،قوشنا جەسەت بولماقچىمىدىڭ،ھىڭ...
(چاقچاق ھە...دىگىنە..مەۋلۈد كامنىڭمۇ پىروگراممىسى تۈگىدى..ھە گەپ قىلە..ھە...دىگىنە ساقام...

شۇ شۇ...يەنە مەن...كۆنىۋالدۇق دەڭلا...بىزىرىپلا تۇرىمەندە...ھېلىقى پۇلى يوق مۈشۈك ئامراق نەرسىدەك....
بۇداقسى ئۆزگىچە...قايسى كۈنى ماۋۇ سەھرايى تارىم دىگەن ئاغىنىمىز بىرنەچچىمىزنى تاماققاچاقىرغان.ھەممەيلەن ئالدى ئىشكتىن كىردى...مەن دېرىزىدىن يامىشىپ،ئۇنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىۋالدىم...شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسىنى ئوغۇرلاپ ئوقۇپ دىمەيسىلەر...ھاھاھاھا.. مەكتەپتىكى مۇھەببەتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يادلاپ...باشقىلار پەستە لەغمەن يىگەندە، مەن ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇدۇم، باشقىلار لەغمەن يەپ بولۇپ ،ئۇنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ خاتىرە ئوقۇۋاتقاندا،ئوغۇرلۇقچە لەغمەن يىدىم....
(ۋاھ نىمە دىمەكچى سەن..پاناق...ھېلى باكا بىر نى سېلىپ قۇلىقىڭنى پاناق قىلىۋەتمەي...)
ۋىيەي قوپال نىمە بۇ....ئەمدى شۇ خاتىرىسىدىن ئوقۇپ بېرەي ھە...بەك قىززىق...

ئەمسە ،باشلامدۇق.. ئوماق ئوماق ئوماق..
(بېشىڭنى يەيدىغان سەت پاناق..بولە ..)

سەھرايى تارىم ...."سىز بەختلىكمۇ"

ئەلۋەتتە ھەممىڭىلار بىلىسىلەر،ئالدىنقى يىلى ماۋۇ مەركىزىي تىلىۋىزىيە ئىستانسسى تۆۋەنگە چۈشۈپ،خەلق ئەھۋالىنى ئىگەللىگەچ،بارلىق خەلق ئاممىسىدىن "سىز بەختلىكمۇ؟ بەخت دىگەن نىمە"دىگەن سوئالنى سوراش پائالىيتى قىلدى...شۇ روھنىڭ تۈرتكسى ئاساسسدا بىزنىڭ ئاۋۇ سەھرايى تارىم دەيدىغان بىر قېرىندىشىمىزمۇ بىزنىڭ مىسران خاندانلىقىدا شۇنداق بىر سوئال سوراش پائالىيىتى ئىلىپ باردى...ئۇ بىر مىكروفون،ئىككى تېلكامىرا،ئۈچ ياردەمچى،ئىككى پارچە نان،ئۈچ بوتۇلكا سۇبىلەنلا،بۇ قېتىملىق ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى...

مانا بۈگۈن مىسراننىڭ بازار كۈنى ئىدى..بازاردىكى سودا ئىلىشىملار دەھشەت قىززىق داۋاملىشىۋاتاتتى...
سەھرايى تارىم ئىشنى باشلىۋەتتى...

ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر مىۋە سېتىۋاتقان بالىنىڭ يېنىغا باردى:
-ئۇكام سىز بەختلىكمۇ؟
-ھە ؟؟؟؟؟
-ئۇكام ،سىز بەختلىكمۇ؟
-ياق ئاكا، ئەمدى مەن ئۇنداق قىلمايمەن..
-ھوي ئۇكام.مەن سىزندىن "سىز بەختلىكمۇ"دەپ سورىدىم
-ئەمدى ئىللا بىللا ئۇنداق قىلمايمەن...
-بۇ قانداق گەپ ئەمدى..
-بايا بەك ئۇسساپ كېتىپ، بىر تال ئالمىنى يەپ قويغان ..ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن..
-ھوي ياق، سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز..مەن پەقەت خەلق رايىنى سىناش زىيارىتى ئېلىپ بېرىۋاتىمەن...شۇڭا قورقماي جاۋاپ بېرىڭ. سىز بەختلكمۇ
-مەنما....مەن بەختلىك..
-ياخشى..سىز بەختنى قانداق چۈشىنىسىز..
-ھى ھى ..مۇشۇ ئالمىنىڭ باھاسى ماينىڭ باھاسىدەك توختىماي ئۆسكەن بولسا،،ئ..
-ھاھاھاھا..ئوبدان.. ئۇنداقتا سىزمۇ ئالمىلىرىڭىزغا 90 97دەپ نومۇرقويۇپ ساتىدىكەنسىز دە..ھاھا رەھمەت...

سەھرايى تارىم ئىككىنچى زىيارەتنى باشلىدى...
مايلامچى يىگىت
-يىگىت سىز بەختلىكمۇ..
-توۋا دەڭە ئاكا...
-توۋا...يىگىت سىز بەختلىكمۇ
-يەنە بىر توۋا دەڭە...
-توۋا...يىگىت سىز بەختلىكمۇ..
-ئۈچىنچى قېتىم..
-بولدى قىلە ئاداش-سەھرايى تارىم تاس قالدى چاندۇرغىلى.- ھى ھى ..قېنى سوئالغا جاۋاپ بېرىڭ..
-كۈندە بېشىنى كۆتۈرمەي ئاياق مايلايدىغان ئادەم قانداقمۇ بەختلىك بولسۇن...
-ئۇنداق دىمەڭ يىگىت..سىزمۇ ھالال ئەمگىكىڭىز بىلەن پۇل تېپىپ خەجلەۋاتىسىز...دىمەك سىز بەختلىك..
-ھە مەيلى بوپتۇ...مېنى دىدى دەپ يېزىپ قويىڭە دەپتىرىڭىزگە..
- سىز بەختىنى قانداق چۈشىنىسىز..
-مۇشۇ بىرەر سېھىرگەر كېلىپ. ئادەملەرنى سەكسەنپۇتقا ئايلاندۇرۇپ قويسا..بىر ئادەمدە سەكسەن پۇت،دىمەك سەكسەن جۈپ ئاياق،بىرجۈپ ئاياغ ئىككى سومدىن بولسا،،....ۋاھ ۋاھ...بىر ئادەم 160سوم دىگەن گەپ...10ئادەم 1600سوم...ئۈچ يىل قالمايلا ھېلىقى ئەمرىكىلىق گىل بەيتىس دەك لا بوپ كېتەتتىم دە..
-ھاھاھاھا بىراق ئۇنچىلىك جىق ئاياقنى ئىككى قول بىلەن قانداق مايلاپ بولىسىز...
-سېھىرگەر گە دەپ مېنى سەكسەن قول قىلىپ قوي دىمەمدىم..
-ھاھاھاھاھا..ياخشى..سىزگە بەخت تىلەيمەن،،

پىركازچىك قىز..
-قىزچاق، سىز بەختلىكمۇ..
-نىمە دەۋاتىسىز.. مىنىڭ ئېرىم بار جۇمۇ،،
-ھو ياق..خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز..مەن خەلق رايى سىناش پائالىيتى قىلىۋاتقان..
-ھۇيت..ھەجەپ مىنىڭ رايىمنى سىنىغۇڭىز كېپ قاپتىغۇ....
-ھەممە ئادەمدىن سوراپ،ئىستاتېسكا قىلىدىغان گەپ...
-سىز مايەردە مېنى ئىستاتېسكا قىلسىڭىز، يولدىشىم ئۆيدە "يات ئەرلەرگە گەپ قىلدىڭ" دەپ مېنى كونا دوسكا قىلىۋەتسە ھە ئۇرۇپ....
-ھوي خاتا چۈشەنمەڭ..مەن پەقەت سىزدىن تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلامسىز دىگەن مەنىدە سورىغان..
-ھىڭ...قاسساپقا تەگكەن ئايالنىڭ بەختى ئېچلىمىش..كۈندۈزى گۆش ،كېچىشى مۇش يەيدىغان بەختلىك ئايالمەن،،
-ھاھاھاھا گەپكە ئۇستا ئىكەنسىز...بەختكە قانداق قارايسىز...
-بولسا..بىزنىڭ ئەرنىڭ مۇشتلىرىنى پاختا كەمپۈتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان بولسا، تەگكەن يەر ئاغرىمايتتى...كۈندە مۇشت سېغىنىپ ياشىمامتىم.. ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ.،....قالغان يېرىدە ھەممسىدىن رازى...
-ھاھاھ بولىدۇ..سىزگە بەخت تىلەيمەن

يىپ ئىگىرىۋاتقان موماي
-موما سىز بەختلىكمۇ..
-قانداق دەيسىز بالام..
-سىز ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلامسىز..-سەھرايى تارىم سورىدى
-شۇنداققۇ ھېس قىلاي دىگەن،،بىراق...
-ئۇنداق بولسا،بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بارما...
-نىمىسىنى دەيسىز..مۇشۇ ئۆيدىكى ئۇچ گۇينىڭ ئىشى بولمامدۇ...دادىسى بالدۇر كېتىپ قالغان دىسىلە،..قېنى ئولتۇرسىلا بالام ..ھە..ماۋۇ ئورۇندۇقتا ھە...كىچىكىنىڭ تويىنى قىلسام،چوڭى ئاجرىشىپ تەيياربولدى دىسىلە..ئۇنىڭ تويىنى قىلسام،ئوتتۇرانچىسى ئاجرىشىپ سەتلەشتى..ئۇنى بىر ئەپلەشتۈرسەم. ماۋۇ كىچىكى خوتۇنىنى قويىۋىتىپ،ھېجىيپلا ئولتۇرىدۇ...ئۇنى ئەمدى ئوڭلىسام.چوڭ  ئوتتۇرانچى ئىككىسلى يەنە ئاجرىشىپ..شۇ ۋەجىدىن نەۋرىلىرىممۇ رەڭگارەڭ بولۇپ كەتتى...بىر دادىنىڭ يەتتە سەككىز خىل چىرايدىكى بالىلىرى دىسىلە...
-ھاھاھاھاھا..بۇ ئۈچ ئوغلىڭىز سىزنى بەك ئارامىدا قويماپتۇ دە..
-شۇ مۇشۇ ئۈچ ئاقنانچى تۇرمۇشىنى ئوڭشىغانلا بولسا...مەن موماي ئەلۋەتتە بەختلىك ھېس قىلاتتىمدە ئۆزۈمنى،..
-خۇدايىم دىگىنىڭىزگە يەتكۈزسۈن موما...سىزگە بەخت تىلەيمەن..

سەھرايى تارىم ئاشخانا ئالدىدىكى كۈتكۈچىدىن سورىدى..
-سىز بەختلىكمۇ؟
-ئاكا ئىچكىرگە مەرھەمەت..
-ياق..مەن سىزدىن سىز بەخـتلىكمۇ دەپ سورىدىم...
-ئاكا ئىچكىرگە مەرھەمەت
-ئۇكام، مەن سىزدىن سوئال سورىدىم
-ئاكا ئىچكىرگە مەرھەمەت
-ئاۋۋال سوئالىمغا جاۋاپ بېرىڭچۇ...سىز بەختلىكمۇ
-ئاكا ئىچكىرگە مەرھەمەت
سەھرايى سىنچىلاپ قارىۋىتىپ،پىشانىسىگە پاق بىر نى قويدى
-كاساپەت...ماشىنا ئادەم ئىكەنغۇ.....

سەھرايى تارىم بازاردىكى يەنە بىر نەچچە ئادەملەردىن سورىدى..ھەممەيلەن ئوخشىمىغان جاۋاپلار بىلەن ئۇنى يولغا سالدى...مەسىلەن تۆمۈرچى "ماڭە!!!" دەپ، سەيپۇڭ "كىتە"دەپ...مال دوختۇرى "تاخە!!!"دەپ دىگەندەك...ئۇ مەھەللىلەرگە بېرىپ سوئال سوراشنى باشلىدى..

يېشى خىلى چوڭ بىر بوۋاي
-بوۋا سىز بەختلىكمۇ؟
-ياق بالام..مەن خوتەنلىك
-ھاھاھا بوۋا..مەن سىزدىن بەختلىكمۇ دەپ سورىدىم..
-ۋوي بالام..مەن دىدىمغۇ..مەن خوتەنلىك!!!
-ھاھاھاھا قۇلىقى ئاڭلىمايدىكەندە...سىزنى ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلامسىز..
-ھە ئە بالام..ئۆزۈمنى مۇشۇيەرلىك دەپ ھېس قىلىمەن..
-بوۋا!!!!! سىز بەختلىكمۇ.!!!!؟!؟؟!!؟!؟؟!
-ھەئە....مۇنداق دىسلە بالام...بەختلىك بالام...بەختلىك...شۇ دادامنى خاپىلا قىلمىسام. قالغىنى بەختلىك...
-ھە؟؟؟بوۋا نەچچىگە كىردىڭىز..
-90ياشقا....
-نىمە؟؟؟دادىڭىزچۇ؟نىمە دەپ خاپا قىلسىز دادىڭىزنى...
ھويلىدىن تېخىمۇ چوڭ كۆرۈنىدىغان،بىراق تىمەن بىر بوۋاي چىقىپ:
-كىم ئۇنى دادامنىڭ ھاسىسسىنى ئوغۇرلاپ ئىشلەتسۇن دەپتۇ...مۇشۇلا گەپ ئاڭلىسىغۇ...بۇ ئۆيدىكلەر ھەممىمىز شۇنداق بەختلىك..
سەھرايى  تارىم ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى...

ياش بىر چوكان..
-قىزچاق...سىز بەختلىكمۇ
-ھوي...بۇنى سوراپ قالدىڭىز..-قىزچاق دەرھال ئۈستى بېشىنى بىر تۈزىۋالدى...
-ھە..شۇ...خەلق رايى سىناۋاتقان....سىز بەختلىكمۇ
-ھە...ئۇھەي...ھەجەپ بىر....بىزنىڭ بەختلىك بولۇشىمىز سىزدەك كېلىشكەن يىگىتلەردىكى گەپقۇ..
-ھوي ياق ياق...ئۇنداق گەپ ئەمەس...مەن پەقەت سىزدىن سىز بەختلىكمۇ دەپ سورىدىم
-ئەمدى شۇ...تويلۇقنى جىق ئەكىرسىڭىز چوڭ بەختلىك...ئاز ئەكىرسىڭىز..ئانچە مۇنچە بەختلىك...
-ياق ياق...ئۇنداق گەپ ئەمەس،،،....مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم...
-بولدى...چوڭلار ئەتە كىرسۇن،..ئۆي ئاۋۇ يۇقارقى مەھەللىدە...ئۆيدىكىلەرگە دەپ قوياي..تەييارلىق قىلسۇن...سىز نەچچە ئادەمنى كىرگۈزىسىز،،
-نىمىگە؟
-ئەلچىلىككە بولمامدۇ.؟؟ نىمە؟؟ ئەجابا سىز قېچىپ توي قىلايلى دىمەكچىما؟
-ۋوي ياق....مېنىڭ..
-ۋىيەي ..ئەجەپ بىر ..خىجىل قىلىپ...
قىزچاق يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى....سەھرايى تارىم داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى..

سەھرايى تارىم  بىر چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلماقچى بولۇپ،جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق ساھەسىدىكى ئادەملەرنى زىيارەت قىلماقچى بولدى...قاراڭغۇ تەرىپىنىمۇ بىلىپ باقماقچى بولدى..

سەھرايى تارىم قاتتىق مۇشتلىشىۋاتقان ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىغىلا كىردى
-ھوي ھوي ..بىردەم بولدى قىلىڭلار..
-كاللاڭنى يېرىۋىتىمەن..-بىرسى يەنە بىرىسگە مۇشت ئېتىۋاتاتتى..
-تېىلڭىنى كېسىۋالىمەن.-يەنە بىرسىمۇ بوش كەلمەيتتى
-ھو ي ھوي..ۋوججون...ھوي...سىلەر بەختلىكمۇ.
-قارنىڭنى يارىمەن،،
-قېنىڭىنى ئىچىمەن.
-ئاۋۋال جاۋاپ بېرىڭلار...سىلەربەختلىك...بەختلىكمۇ..ۋوييەي بېشىم..جاۋاپ بېرىڭلار..ھويجان...
-ئاشۇنىڭ قارنىنى يارسام،بەختلىك بولىمەن...
-سىنىڭ جىنىڭنى ئالسام مەنمۇ شۇ..
-ۋاھ ۋاھ ...ھوي...سىلەر بەختكە قانداق قارايسىلەر،،
ئوتتۇرىسىغا كىرىپ بەك ئىچى پۇشقان ئىككەيلەن.. مانا مانداق قارايمىز دەپ سەھرايى تارىمنى ئۇرۇپ قوغلىۋەتتى...

سەھرايى تارىم ئويۇن ئويناۋاتقان كىچىك بالىلاردىن سورىدى.،
-بالىلار ..سىلەر بەختلىكمۇ
-بە...........خىت...........لىك-ھەممەيلەن تەڭلا جاۋاپ
-پاھ بەك ياخشىغۇ...قانداق سىگە بەختلىك ھېس قىلىسىلەر..
-تاپشۇرۇقنى جىق بېرىدىغان مۇئەللىمنىڭ بۈگۈن قورسىقى ئاغرىپ مەكتەپكە كەلمىگەن،شۇڭا تاپشۇرۇق يوق،شۇڭا بىز بەك بەختلىك،بولسا، ھەممە مۇئەللىم كۈندە...
-ھەي ھەي  ئۇنداق دىمەڭلا...ئۇنداق دىمەڭلا...
سەھرايى تارىم دەرھال يولغا كېتىۋالدى..

ناھايىتى ئىتتىك كېتىۋاتقان بىرئادەمگە قوغلاپ يېتىشىۋالدى..
-ئاكا،سىز بەختلىكمۇ
-ئوھۇي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي
-ئاكا،سىز بەختلكىمۇ
-ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي...
-ئاكا،قانداق قىلغاندا بەختلىك بولالايمەن دەپ قارايسىز...
-ۋاي ۋاي ئەجەپ گىپىڭ جىق بالىكەنسەن..ئاممىۋىي ھاجەتخانا تاپالىساملا،ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى،،،
ئۇ ئادەم زۇۋ لا قىلىپ يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى..

سەھرايى تارىم قىمارۋازلارنىڭ سورىنىغا كىردى
-سىلەر بەختلىكمۇ
-بىر قول تىكسەڭ دەپ بېرىمىز...
-ھە ماقۇل...مەن چوڭغا تىكەي..
شۇنداق قۇتىنى ئېچىۋىدى..كىچىك چىقىپ قالدى..
-ۋھ ھاھاھاھاھا سىنىڭدەك ئەخمەقتىن يەنە ئونى ياكى مڭى بولغان بولسا ،بىزدەك بەختلىك ئادەم يوق جۇمۇ...

......................
سەھرايى تارىم ھەرخىل ھەرقىسىم ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىن مۇشۇ سوئالنى سوراپ چىقىتى..ھاراقكەش "يەنە بىر رومكا بولغان بولسا..ئاشۇ بەخت "دەپ جاۋاپ بەردى..يانچۇقچى"ھەممە ئادەمنىڭ يانچۇقى ئاستى تار،ئاغزى تەرىپى كەڭ بولسا"دەپ جاۋاپ بەردى..جىنايەتچىلەر"تۈرمە دىگەن بەشيۇلتۇزلۇق بولغان بولسا.."،ئالدامچىلار"ھەممە ئادەم ئەخمەق بولغان بولسا"....قويمىچىلار"ھەممە ئادەم ئۇنتۇغاق بولغان بولسا"....ئىشقىلىپ ھەرخىل ھەرياڭزا سوئاللار ئۇنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇردى..

ئۇ ئاخىرىدا بىر بىلىملىك،ئوقۇمۇشلۇق،چوڭ سۈپەت بىر زىيالىدىن سوردى
-سىز بەختلىكمۇ
-شۇنداق .مەن بەك بەختلىك..
-بەختكە قانداق قارايسىز..
-خاتىرجەم تۇرمۇش،ئىناق ئائىلە،خوشال خورام كەيپىيات،ئىناق جەمئىيەت، ئىجىل قېرىنداشلار،ۋاپادار بالىلار، كۆيۈمچان دوست بۇرادەر لەر ..مانا مۇشۇلار مېنى بەختلىك ھېس قىلدۇرغان ئامىللار
-سىز گە ئاپىرىن!!!!

شۇنىڭ بىلەن سەھرايى تارىم ئۆزىنىڭ يەكۈن سۆزىنى خاتىرىگە يازدى

مەيلى باي مەيلى گاداي،مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل،،مەيلى قېرى مەيلى ياش،مەيلى ئىگىز مەيلى پاكار..ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئادەمنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئوخشاش بولمايدىكەن،ئىنتىلىدىغان بەخت نىشانى ئوخشاشمايدىكەن.
توغرا،بەخت دىگەن نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ،تۇتقىلى بولمايدۇ،تۇتۇپ قالغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ،مىنىڭچە بەخت شۇ ئادەمنىڭ شۇۋاقىت،شۇزامان،شۇ مەزگىلدىكى قانائەت تېىپش،ئۆز ھاجىتى،ئۆز موھتىجىغا ھەل قىلىشى يولى ياكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تاپقاندىكى روھى ھالىتى ھەم خوشاللىق تۇيغۇسى ھېسابلىنىدىكەن.
مەسىلەن ،ئاچ قالغاندا،بىر پارچە نان ،ئۇسسىغاندا بىريۇتۇم سۇ،چارچىغاندا كىچىك بىر ئورۇن،ئۇيقۇسى كەلگەندە ياتقىلى بولىدىغان جاي...مانا مۇشۇلار شۇ مۇھىتتا ئادەمگە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىكەن...
ئادەم ئۈچۈن بەخت شۇنچىلىك قىممەتلىك، ھەم قەدىرلىك،بەختنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ،شۇنداقلا باشىقىلار يارىتىپ بەرمەيدۇ،پەقەت ئىنسان ئۆز ئىقتىدارى ھەم ئۆزى قابىلىيىتىگە تايىنىپ،ئۆزىگە لايىق،ماس كېلىدىغان بەختكە ،ئىنىق ئېيتقاندا بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدىكەن،كىشلەرنىڭ بەختكە بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدىكەن، قانائەتچان ئادەمنىڭ بەختكە بولغان تونۇشى ئاددىي بىراق ناھايىتى سۆيۈملۈك،گۈزەل،راھەت،پاكىز بولىدىكەن،ئاچكۆز ئادەمنىڭ بەختكە بولغان تونۇشى بولسا،ئەگىر توقاي،يامانلىققا تولغان،چىكى يوق،تەلىپى يۇقىرى،رەزىل بولىدىكەن،بۈگۈنكى مۇشۇ پائالىيتىمدىن بىلىۋالدىم :
خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئاددىي ،بىراق ئۇلۇغۋار ئىكەن،بەختكە بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس،بىراق ئېرىشكەن بەخت تۇيغۇسى بەكمۇ ئالىيجاناپ ئىكەن!!!!

ۋاھ ۋاھ مانا بۇ سەھرايى تارىمنىڭ خاتىرىسىدىن ئوغۇرلىۋالغان نەرسىلەر...
(ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىپتۇ..بىراق...سەن سەل ئۆزگەرتىۋەتتىڭمۇ قانداق)
ھۇ ھۇ ھۇ ئۆزگەرتمىسەم..پارول پاناق بولاتتىممۇ ھاھاھاھا
(مانا سەن پاناققا..مانا)
ھوي بولدى...ئۇرما..ۋايجان..ۋاي بىقىنىم...ۋاي بىشىم..ۋاي بىشىم...ۋاي بىشىم..
"بېىشىڭىز ئاغرىسىا،ۋاي بېشىمنى ئىچىڭ"

شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق پارول ھېكايسى تۈگىدى...ئىچىڭلارنى بەك پۇشىرىۋەتكەن بولسام.كەچۈرۈڭلار..يارىغان بولسا...ئىنكاس يېزىپ،پۇل ئەۋەتىپ،ناۋبەيجىن،ئارمان دىگەنلەرنى سوۋغا قىلىڭلار، ھاھاھاھا ئەگەر مۇشۇيەرگىچە ئوقۇغان دوستلار بولسا..سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت

ھۆرمەت بىلەن پارول!!!


سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11454
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 10:31:51 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئورۇن ئېپ قويغاچ تۇراي،مىنى ئابدان يازمىغان بولساڭ سەن پاناقنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە،ھېلى كومپىيوتېردا چىققاندا ئۇكامغا دەپ ئەدىپىڭنى بېرىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahrayi-tarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-13 10:33 AM  


ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9692
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 10:59:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىۋاندىن ئورۇن تەگمەپتۇدە  ماڭا  !  

بۇ دۇنيانىڭ بەختى ياخشى ئەمەس ئۇ دۇنيالىقنىڭ بەختى ئۇچۇن خۇداغا قاتتىق يالۋۇرۇپ سېغىنغىن ئەي ئىنسان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 10:59:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز .قىزىقارلىق تىل ئارقىلىق،ھەر خىل ئادەملەرنىڭ بەختكە بولغان كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىپسىز.شۇنداق بەخىت كۆز ئالدىمىزدا ،مەسىلە بىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارىشىمىزدا.

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72463
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 11:07:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى يامان ئەمەس يېزىپسىز تېخىمۇ تىرشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 11:21:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخت ساغلام ساپ قەلبتۇر، بەخت بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنىشتۇر.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
heros + 13 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 13   باھا خاتىرىسى

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 11:38:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ،ھەممە ئادەمنىڭ بەختكە بولغان كۆز قارىشى ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ ،كىم نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسا ،شۇنى بەخىت دەپ قارايدىغانلار كۆپ ،لىكىن بىزنىڭ مۇشۇ تېمىنى ئۇقۇپ ئولتۇرغىنىمىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت ئىكەنلىكىنى ئويلايدىغانلار بەك ئاز ،بىز ھىس قىلالىساق بۇگۇننىڭ ئۆزى بىزگە بىر بەخىت.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
heros + 17 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 17   باھا خاتىرىسى

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 11:50:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەت بەمىسۇن داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ ... شەلىگ

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى

سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11454
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 01:11:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئەنسارىي(چۈمۈلە)بەك ماز بالىكەن بۇ،بۇنداق گەپنى ئۈندىداردا دەسەڭمۇ بۇ يەردە دىمىسەڭ بولاتتى،بىز بىلىشكەن بىلەن باشقىلار بىلەممىيتۇ،سەلكىن ئەمەس بۇ

ئاتايمۇ؟~~~ دىدى خوجىنىياز پالگان...
   ئات~~~~~ دىدى تۆمۈر خەلپە...

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 01:20:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
chvmvle يوللىغان ۋاقتى  2013-2-13 12:40 PM
بۇ سەھرايى تارىم دېگەن قېرىندىشىمىز مىللىتىمىز ۋە ۋەت ...

بۇ بالا تارىمكامنىڭ مىللەت ،خەلىق ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا چەككىننى كۆرەلمەيۋاتقان ئوخشايتۇ ... ئىچى قوتۇ بالا ئوخشايتۇ قارىغاندا

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش