تېلفۇن ھەسرىتى
ياستۇقۇمنىڭ بېشىدا تېلفۇن،
تەكرار-تەكرار ئۇرىمەن ساڭا.
ئۇلىنىدۇ ئالمايسەن لىكىن،
ئىتىك بۇلۇپ قالار گاھىدا.
ساراڭ بۇلۇپ قالىمەن شۇدەم،
تەكرارلايمەن يەنە ئۇرۇشنى.
گاھ ئېچىلىپ قالساتېلفۇنىڭ،
بىلەرمەن دەپ بىرەر ئۇچۇرنى.
تىپىرلايمەن ئۇياق-بۇياققا،
پۇتى كۆيگەن توخىدەك بولوپ.
ئىتىك بولغاچ سىنىڭ تېلفۇنىڭ.
ئىچىم ئاچچىق ھەسرەتكە تولۇپ.
كەچ كىرسىمۇ كىرمىگەن ئۆيگە،
ياكى تېلفۇن قىلىپ قويمىغان.
ئالمىسىمۇ مەيلى ئىدىغۇ،
يا تېلفۇننى ئۇچۇق قويمىغان.
خىياللىرىم باشلاپ ھەر يەرگە،
بالىلىقىم كەلدى ئىسىمگە.
ئەگەر ئۆيدە يوق بولسا دادام،
چاقىراتتۇق چىقىپ ئۆگزىگە.
يېقىن يەردە بولسىلا ئاڭلاپ،
شۇھان قايتىپ كىلەتتى ئۆيگە.
ئەگەر بولسا يىراقتا ئىشى،
چۇقۇم ئېيتىپ قۇياتتى بىزگە.
لىكىن ھازىر قوللاردا تېلفۇن،
يېقىن قىلدى يىراقنى دەيمىز.
لىكىن چوڭقۇر ئويلىسام يەنە،
يېقىننى بىز يىراق قىپتىمىز.
چاقىرغاندا ئېلىنمىسىيە.
شۇھان جاۋاپ تېپىلمىسىيە.
نەدىلىكى كۈرۈنمىسىيە.
بۇنى يىراق دىمەي نىمە دەيمىز.
تېلفۇن ھازىر بىزدىكى يۈگەن،
ئىتىۋەتسەك ئەركىن دىگەن گەپ.
يۈگەنسىز ئات چېپىپ يۈرسىمۇ.
چىقار ئاخىر ئۆزئۇقۇرىدىن نەپ.
شۇ يۈگەننى تاشلاپ قۇيۇپلا،
ھايات پەيزى سۈرگەنلەر تولا.
تېلفۇن ياكى ئۇچۇر دەستىدىن،
دەرت-ئەلەمدە يۈرگەنلەر تولا.
ئىشەنمەيدۇ ئاتا-بالىغا،
ئىشەنمەيدۇ قەدىردانلار ھەم.
ئالسا تېخى ئالمىسا تېخى،
ھەر ئادەمدە ئۆزگىچە بىر غەم.
چۆرىۋىتىپ ئاشۇ تېلفۇننى،
ساداقەتنى قايتۇرۇپ كىلەي.
ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا مەنمۇ،
ئۆگزىلەردە چۇرقۇراپ يۈرۈي.
مىھىر بىلەن گۈزەلدۇر دۇنيا.
ئىشەنچ بىلەن ياشنار يەر-جاھان.
ئەگەر ئايرىلىپ قالساق ئىشەنچتىن،
تۇرمىشىمىز بۇلار گۆرىستان.
ئىشەنچ بىلەن ياشايلى دوستلار،
ئالدىمايلى،ئالدانمايلى ھەم.
تېلفۇن پەقەت ئۇچۇر ۋاستىسى،
بېشىمىزغا سالمىسۇن ئۇ غەم!.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akida888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-12 09:37 PM