خوشامەتچىنىڭ ئېيتقانلىرى
مۇھەممەت مۇسا(مەرگەن)
باشلىقىمنى كۆرسەم قەيەردە،
سالام قىلىپ كۈلۈپ تۇرىمەن.
باشلاپ دەرھال ئاشپۇزۇللارغا،
ئاش-كاۋاپنى گالغا ئۇرىمەن.
شۇنداق قىلىپ بوينىنى باغلاپ،
كۆرنىمەن چىرايلىق ئاڭا.
ئېغىز يىسە ئۇيىلاركەن يۈز،
سايسىمۇ چۈشدۇ ماڭا.
بىر تۆشۈكنى كۆرسىتىپ ئىككى،
ئەپلەپ-سەپلەپ باقىمەن جاننى.
بولمىسا گەر بىكار-بىكاردىن،
خەق بىرەمتى بىر بۇردا ناننى.
خەقلەر نىمە دېسە دەۋەرسۇن،
باشلىقىمغا ئىشىم ياقىدۇ.
بىلىپ قالغىن ھۈنەر دىگەنمۇ،
شۇنداق جايدا ئوبدان ئاقىدۇ.
ھوقوقىدىن قالسا باشلىقىم،
ئاڭا مېنىڭ قارار كۆزۈم يوق.
ئۆتسە ئەگەر ئالدىمدىن مىڭ رەت،
سالام تۈگۈل بىرمۇ سۆزۈم يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhammatmusa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-12 09:03 PM