مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 7

سايرام سۈرئىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 480 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سايرامنىڭ <<قالدۇق >>سۈرئىتى

(تەركىنىڭ <<سايرام سۈرئىتى>> ناملىق شېئىرىغا ياندىما)

قاراخان

سىرلىق سايرام ساپ ھاۋالىق تاغلىرىڭدا گۈل شەربەت،
بىرى ئۇچقان بىرى قونغان باغلىرىڭدا قۇت-بەركەت.
ئەلگە شىپا سۈت ھەسەلىڭ ،ئىرىمچىك ۋە قىمىز ،ئەت،
كۈن -تۈن بىدار كۆزلىرىڭدە ،ئاي يۈزۈڭدە نۇر سۈلكەت.
روناق تاپقاچ شائىرىڭ كۆپ قەلبى گويا دۇر-لۇغەت،
يېشىل يەردە چىۋەر قولدا قۇدرەت تاپتى چۆل خىلۋەت.
ئالقىنىڭدا دان يىگەن قۇش يىراق كەتمەس بىل ئەبەد،
غەم -قايغۇ خاس شاتلىقىمغا ئۆزۈڭ ئۈلپەت داۋامەت...

كۆلدە قوشماق غاز ئاققۇ،كۆكتە شۇڭقار شادىمان،
سۈيۈڭ بوينى سەگىتەر،كۈيۈڭ قوزغار ھاياجان.
يەردە ،كۆكتە رېلىس،كۆۋرۈك،تۇتاش تونېل ،باياۋان...
خىيابان ساي ،غول ئېقىندا ھايات قاينار پاراۋان،
ئاۋۇل-ئايماق ،بوتا -تايلاق جەۋلان قىلار مال چوپان.
قولى ئوچۇق مەرت يارەنلەرئىكەن سەندە <<ساھىبخان>>،
بەرگەن تۇزۇڭ نومۇسى بار ھەر ئىماندا ھەر قاچان،
غەم -قايغۇ دەرد -شاتلىقىمغا ئۆزۈڭ ئۈلپەت داۋامەت...

2010-يىلى ئۆكتەبىر


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-12 09:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەركىنىڭ شېئىرىنى كۆرمەپتىكەنمەن ، ئەمما بۇ شېئىر ياخشى چىقىپتۇ

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90922
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شىئىر ئىكەن..

بۇ شىئىرنى ئوقۇپ مەرىپەتچى مەمتېلى ئەپەندىم،،20نەچچە ياش ۋاختىدا يۇرتى ئاتۇشتىكى زىيالىيلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىشى سەۋەبىدىن چۆچەككە مېڭىۋاتقاندا سايرام كۈلى بۇيىدا ئولتۇرۇپ ھەسرەت بىلەن ئوقۇغان شىئىرى ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ،،شىئىرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى؟؛

سايرام كۈلى ئۆزۈڭ كىچىك دەردىڭ تۇلا،
داۋالغۇيسەن ساھىللاردىن تاشالمايسەن.
قورشىۋالغاچ ئەتراپىڭنى ئىگىز تاغلار،
ئۈمتىلىسەن داۋانلاردىن ئاشالمايسەن..

مەن مۇشۇ شىئىرنى شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتكە باغلاپ تۇرۇپ،خەلىقنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن شىئىر دەپ بىلگەنتىم.....

يوللىغۇچىغا كۆپ تەشەككۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 480 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil77 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-12 11:46 PM
ياخشى شىئىر ئىكەن..

بۇ شىئىرنى ئوقۇپ مەرىپەتچى مەمتېل ...

چۈشەنچە بەرگەن ئۇنتۇلماس تارىخ ۋە قىستۇرما شېئىرلارغا ئاپىرىن...

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2823
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30306
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3315 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  سايرام ھەققىدە يىزىلغان ياخشى شېئىر بوپتۇ ، سايرام ھەققىدە مۇنداق بىر قوشاقمۇ بار تىخى

                             سايرامنىڭ كۆلى دەيدۇ ،
                             يا ئاقمايدۇ ، چۆكمەيدۇ
                             ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى كەلسە
                            ياش-قىرىغا باقمايدۇ  

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 480 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-14 09:27 PM
سايرام ھەققىدە يىزىلغان ياخشى شېئىر بوپتۇ ، سايرام ھە ...

رەھمەت!
.......................
يا ئاقمايدۇ ،چۆكمەيدۇ     ئەمەس،
يا ئاقمايدۇ،تاشمايدۇ........................غۇ دەيمەن؟

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2823
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30306
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3315 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-2-14 11:16 PM
رەھمەت!
.......................
يا ئاقمايدۇ ،چۆكمەيدۇ     ئەمەس،

   راس مەن خاتا يىزىۋاپتىمەن ، ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەخمەت

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 480 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-14 11:28 PM
راس مەن خاتا يىزىۋاپتىمەن ، ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە  ...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش