«ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالى»نىڭ ئۇيغۇرچە يانفون تور كۆرگۈسى (3.0) تارقىتىلدى
«ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالى»نىڭ ئۇيغۇرچە يانفون تور كۆرگۈسى (3.0) يېقىندا پۈتۈپ تورداشلار، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلدى. بۇ قېتىمقى نەشرىگە ئېيتىلىشقا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن، «كۆزنەك 3.0» دەپ نام بېرىلدى. تۆۋەندە، مەن ئاچقۇچى ئورگان بېكىتىدىكى بۇ ئەپ خۇسۇسىدا يېزىلغان يېڭىلىنىش ئەھۋاللىرى ھەمدە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى تورداشلىرىمىز ھوزۇرىغا ئەينەن سۇنىمەن.
1. ئىشلىتىش قوللانمىسى
«كۆزنەك 3.0» تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولدى:
1. بەزى قۇرلاردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
2. رەسىم كۆرۈش، ئېل كىتاپ، ناخشا-مۇزىكالارنى نورمال زىيارەت قىلىش ۋە چۈشۈرۈش ئىشقا ئېشىپ، «ئۇيغۇر يۇمتال ئەپ بازىرى» بارلىققا كەلدى.
3. تور بەت يۈزىدىكى تېلېفون نۇمۇرى، ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى قوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «ئۇيغۇر يۇمتال ئاممىۋى تېلېفون دەپتىرى» بارلىققا كەلدى.
4. ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى ئەپكە قوشۇلۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرچە ھۆسىنخەتنى قوللايدىغان ۋە نورمال كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان يانفون تور كۆرگۈچ بولۇپ قالدى ھەمدە ھۆسىنخەت سەھىپىسى بارلىققا كەلدى.
5. تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى تېزلەشتى ھەمدە ئېقىم مىقتارىنى تېجەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
6. تور كۆرگۈچنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى يېڭىلاندى.
7. تور بېكەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەش ۋە خەتنى تاللاپ كۆچۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
8. شېركىتىمىزنىڭ ئۈندىدار سەھىپىسى قوشۇلۇپ، تېخىمۇ رەڭدار مەزمۇنلار چىقىرىلدى. ئۈندىدار نۇمۇرىمىز: uyghuryumtal.
2.ئىشلىتىش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان مەزمۇنلار:
1. تېلفون تورغا ئۇلانغان ھالەتتە تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىڭ.
2. تور بېكەت ئادرېسى يازغاندا ئالدىغا //:http نى قوشۇپ يېزىڭ، ئەگەر قوشمىسىڭىز سىز كىرگۈزگەن مەزمۇننى ئاپتوماتىك ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەيدۇ.
3. تور بېكەتكە كىرگەندە ياكى ئۇلانمىلارنى باسقاندا، تور بېكەت تۇلۇق ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن مەشغۇلات قىلىڭ.
4. تور بېكەتنىڭ ئادرېسىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپتىكى كۆز بەلگىسىنى بېسىپ كۆرۈڭ.
5. ئەڭ ئاستىدىكى كونۇپكىلار سولدىن-ئوڭغا قاراپ بىرىنچى كونۇپكا:ئارقىغا يېنىش؛ ئىككىنچى كونۇپكا: باش بېكەتكە كىرىش (تېلېفون ئۇلىنىش تورى كۆزدە تۇتىلىدۇ)؛ ئۈچىنچى كونۇپكا: يۇمتال نەشىرىنى يېڭىلاش؛ تۆتىنچى كونۇپكا: چېكىنىش.
(مەنبە: ئاچقۇچى ئورگان بېتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن شۇ بېكەتتىن كۆچۈرۈپ كېلىندى، يەنى تور ئادرېسى: http://www.uyyumtal.com )
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.uyyumtal.com