مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1444|ئىنكاس: 6

ئەيدىزدىن بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85858
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 445
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-10-8
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 03:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز بولسا نۆۋەتتە دۇنيا ئەللىرى ئورتاق دۇچ كەلگەن ساقايتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەڭ خەتەرلىك كىسەل نۆۋەتتە بۇ كىسەل 1-2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بالايى قازادىنمۇ ئارتۇق بالايى قازا ئېلىپ كەلگۈچى ئاپەت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ  ،پەقەت ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بۇيىچە ھازىرقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ كىلىۋاتقان بۇ كىسەلگە نىسپەتەن ئۇنىڭ يۇقۇش يۇلىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ زىيىنىىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرى بۇيىچە خەلقىمىزنى تەربىيلەش ئىنتايىن مۇھىم بولماقتا .
مەن گەرچە بۇ نۇقتىنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇپ قۇيساممۇ بىراق ئۇنىڭ يۇقۇش يۇلى ۋە قانداق ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرى ،بىلىملىرىگە نىسپەتەن يەنىلا ئىنتايىن خام بولغاچقا تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىشىنى شۇ ئارقىلىق بىلمىگەننى بىلدۈرىدىغان ئۇرتاق ئۈگىنىدىغان بۇتور بەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بىرلىكتە قۇغدىنىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ئۈزۈمنىڭ بىلىدىغانلىرىمنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇپ ئۇرتاقلاشماقچى بولدۇم.
1.ئەيدىزنىڭ جۇڭگۇدىكى ئاساسىي ئەھۋالىي.
جۇڭگۇدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ۋە كىسەل 700مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغىنىنى بىلمەي يۈرگىنى 440مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن . (سەھىيە ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىغىنى ) بۇ كىسەلنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بۇلۇپ(يەنە بىر دوكلاتتا ئەيدىز بىمارى450مىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى تەخمىنەن 1مىليۇن .بۇ بەلكىم ئەڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇمات بولسا كىرەك ).
تارقىلىش سۈرئىتى قاپلىنىش دائىرىسى بۇيىچە بۇ كىسەلنىڭ %80تى ئالدىنقى قاتاردىكى 6ئۆلكە ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنغا تارقالغان بۇلۇپ بۇ ئالتە رايۇندىكى سان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئۈزئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇلار يۈننەن.خېنەن.گۇاڭشى.شىنجاڭ،گۇاڭدوڭ،سىچۈەن قاتارلىقلارئىكەن.
2.دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى
1.ئافرىقا نۇپۇسى دۇنيا نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن ئوندىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ .بىراق 2003-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا ئافرىقىدىكى ئەيدىزنىڭ ئەھۋالى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بۇلۇپ %65ئەيدىز بىمارى ئافرىقىدا ئىكەن .(2003-يىلىدىكى دۇنيا ئەيدىز بىمارى ۋە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۇمۇمىي سانى 26مىليۇن 600مىڭ ئادەم  ).
2.ئاسيائەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىشى بۇيىچە ئاسيامۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان ئىنتايىن خەتەرلىك ،ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسيا ۋە شەرقى ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرتارقىلىش سۈرئىتى تىز دۆلەتلەر بۇلۇپ قالدى.
دۆلىتىمىزدە 1985-يىلى ئەيدىز كىسىلى بايقالغاندىن تارتىپ 1998-يىلى 6-ئايغىچە 10676ئادەمگە يەتكەن .ھازىر بۇ كىسەل دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە ئۇرۇننى قاپلاپ بولدى.
پايدىلانغان مەنبە
http://zhidao.baidu.com/question/21797091.html
مىنىڭچە يۇقارقى سىتاستىكىنى كۈزەتسەك گەرچە بۇ كىسەل دەسلىپىدە تەرەققىي قىلغان رايۇندا باشلانغاندەك قىلىسىمۇ بىراق ھازىر ئۇ رايۇندىكى ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كۇنتىرۇل قىلىش ھالىتىدە بۇلىۋاتقان بىراق تەرەققىي قىلىۋاتقان رايۇنلاردىكى تارقىلىش سۈرئىتى بەكلا تىز كىشىنى قۇرقۇتقىدەك دەرىجىدە يامراپ كىتىۋاتىدۇ.(مەسلەن جۇڭگۇنىڭ غەربىي رايۇنىدا بۇ كىسەلنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى بەك تىز )
بۇنداق بۇلۇشتىكى ئاساسىي سەۋەبلەر
1.ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ،تەشۋىق تەربىيە ئاجىز تۇنۇش يىتەرلىك ئەمەس .
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كىسەلنىڭ قانداق يۇل ۋە ئۇسۇللاردا تارقىلىدىغانلىقىنى بۇ كىسەلنىڭ نىمىلىكىنى ھەتتا قانداق خەۋپى ۋە زىيىنىنىڭ بارلىقىنى ،يۇقۇش خەۋپى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى بىلمەيدۇ ھەتتا ئۈز تۇغۇلغان يۇرتى دىكى ئاساسىي ئەھۋالدىنمۇ بىخەۋەر .
2.بۇ رايۇنلاردىكى نۇرغۇن جايلار قەدىمدە مەدەنىيەت ئاساسىي كۈچلۈك ئەخلاقى جەھەتتىن ياخشى دەپ قارالغان رايۇنلار بولسىمۇ بىراق تەرەققىيات ۋە نۇرغۇن ئامىللار تەسىرىدە ئەخلاق چىكىنىش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولغاچ كىسەل بۇ يىچىقتىن ناھايىتى تىزلا تارقىلىش ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغان شۇڭا ئەخلاق ۋە كىملىك ئەمدى قانداق قىلىش مەسىلىلىرىنى ئۇيلىنىش تەقەززا قىلىۋاتقان يىرىك تىما بۇلۇپ قالدى.
3.داۋالىنىش شارائىتى يىتەرسىز ،كۈرسىتىش تەدبىرى مۇكەممەل ئەمەس ساپا يىتەرلىك ئەمەس.
نۇرغۇنلار بۇ كىسەلنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلمەسلىكى بىلەن كىسەلنىڭ يۇشۇرۇن مەزگىلىدە بايقالغان ئالامەتلەرنى باشقا كىسەل بولغان ئۇخشايمەن دەپ قارايدۇ .ئاخىرى پەقەت ئامال بولمىغاندا ئاندىن تەكشۈرىدۇ ۋە بىراقلا ئۇتتۇرىغا چىقىدۇ بۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان بىر تارقاتقۇچى بۇلۇپ بولغان بۇ ۋەزىپىنى ئىنتايىن ياخشى ئۇرۇنداپ بولغان بۇلىدۇ.داۋالىنىش شارائىتى يىتەرلىك ئەمەس بۇلۇپ نۇرغۇن كونتىرۇل قىلىش ئالدىنى ئېلىش ئوكۇل ۋە دورىلار يۇقۇملانغۇچى ۋە تارقاتقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بىرىلمىگەن .

بۇنداق بۇلۇشتا يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېڭى ۋە دورا ئۇكۇللارنى تارقاتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۈۋەنلىكى ئىنتايىن مۇھىم سەۋەپ بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.
4.نورغۇن كىشىلىرىمىز ئەيدىز ئەخلاقسىز ھاياسىزلارنىڭ قالايمىقان ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن يۇقىدۇ ۋە تارقىلىدۇ ،بىز ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمىساق بىزگە يۇقمايدۇ .دەپلا ئۇيلايدۇ .

بىراق ئۇيلاڭ سىز ھازىر ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن ئەيدىز بىمارى بىلەن ئۇرتاق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىسىز سىز ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەيدىز قايسىسىنىڭ ئەيدىز ئەمەسلىكىنى ئەلبەتتە بىلمەيسىز باشقا كىسەل بولسا ئۇ مەن ئۈپكە كىسىلى ياكى رىماتىزىم دەپ ئۇچۇق دىيىشى مۇمكىن .بىراق بۇ كىسەل بولغۇچى بۇ ئۇياتلىق ھىسابلايدىغان بۇ خىل كىسەلنىڭ ئەھۋالىنى سىزگە ئۇچۇق ئېيتماسلىقى تۇرغانلا گەپ .
شۇنداق تۇرسا بۇ كىسەلنىڭ يەنە باشقا شەكىل ۋە يوللاردا   مەسىلەن ساتىراچخانا ،قان تەقدىم قىلىش قان ئېلىش ئورۇنلىرى ،...قاتارلىقلاردا تارقىلىش ئىھتىمالى كۈچلۈك تۇرسا سىز ئۇنداق ئۇرۇنغا بارمايمەن دىيەلەمسىز؟
5.يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆچ ئېلىش قارا نىيىتى .
بەزى يۇقۇملانغۇچىلار تۈرلۈك ئازدۇرۇش ۋە بىر قېتىملىق خاتالىق سەۋەبلىك بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ .ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۈۋەنلىرى .كىسەل بولغىنىنى بىلگەن ھامان قاتتىق ئازابلىنىدۇ-دە .ئۇخشاش ئۇسۇل بىلەن باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئارقىلىق تەڭ تۈگىشىش ياكى ئۈچ ئېلىش پىسخىكىسى پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ .ھالبۇكى بۇنداق پىسخىكىنى ئۈگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كۈرىدىغان پىسخىكا مەسلىھەتچىلىك ئورۇنلىرى ياكى شۇ قاتاردىكىلەر بۇ مەسئۇلىيەتتىن يىراق .
يۇقارقى كۈز قاراش ۋە بەزىي سان سىپىرلاردا خاتالىق بۇلىشى تەبىئى چۈنكى ئاددىي ئىنساننىڭ بىلىدىغىنى ئاددى ۋە چەكلىك ئىكەن .يۇقارقى نۇقتىلادا خاتالىقلارنى كۈرسىتىش بىلەن بىرگە تۈۋەندىكى تەۋسىيەمنى كۈرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۇيلىنىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .
تورداشلارنىڭ بۇ خىل مىللەتنىڭ بېشىدىكى خەۋىپلىك مەسىلىدە ئۇرتاق ئۇيلىنىپ ئۈزىمىزگە ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسئۇل بۇلۇپ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يۇلى نۈۋەتتكى تارقىلىش ھالىتى ،ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ،ئەيدىز بولۇپ بولغانلار بولسا پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيە قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلماقچى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   taxqi11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-12 06:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6853
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 10:01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز ئەتراپىمىزدىلا ئەگىپ يۈرىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6665
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11617
تۆھپە نۇمۇرى: 770
توردا: 2262 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 10:03:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
www.eldawa.com
ماۋۇ توربەتتە ئەيدىز ھەققىدە ئۇچۇرلار بەك جىق!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18228
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5945 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 10:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرمنى بۇ ۋابادىن يىراق قىلغايسىز ،ئى ئۇلۇغ ئاللاھ!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2285
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 10:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ مەرەزنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن،زەھەرلىك چېكىملىك ۋە پاھىشىخانىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا خاتىمە بەرمىگىچە بۇ نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ.ھۆكىمىتىمىزنىڭ بۇ ئىشلارنى تۇخۇمىدىن قۇرتىۋىتىشكە قۇربى يەتمەمدۇ ياكى چولىسى تەگمەمدۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دىمەك تەس.ھازىر جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ياقا بىر يېزىلىرىدىمۇ پۇت يۇيۇش ئورۇنلىرى ۋە ساتىراچخانىلارنى قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ.ئاڭلىشىمچە ئاشخانىلاردىكى ئاچچىقسۇ،لازا قاتارلىق تېتىقۇلارغىمۇ ھەر خىل ئەندىشىلىك پاراڭلار جىق.دوستلاردىن سوراپ باقسام ئەيدىزنىڭ يىمەكلىكتىن يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ بارمىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 11:14:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچۇق ئۇلۇم خېتى ..........................

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92505
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 08:38:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش