نىمە ئۇچۇن گۇلدۈرماما گۇلدۈرلىگەندە ئېغىزنى ئېچىش كېرەك
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13)
ھەر قېتىم گۇلدۇرماما ياكى پويىزنىڭ گۇدۇك ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا،تەجرىبىلىك كىشلەر ئاغزىنى ئاچىدۇ ياكى قۇلۇقىنى ئېتىۋالىدۇ.مۇشۇنداق بولغاندا قۇلاقنى قوغدىغىلى بۇلۇدۇ.بۇ زادى نىمە ئۇچۇن؟
ئۇنداقتا بىز قۇلاقنىڭ تۇزۇلىشىنى كۆرۇپ باقايلى.قۇلاق –تاشقى قۇلاق،ئوتتۇرا قۇلاق ۋە ئىچكى قۇلاقتىن تەشكىل تاپىدۇ.تاشقى قۇلاق-قۇلاق كارىدۇرى،تاشقى قۇلاق يولى ۋە ناغرا پەردىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ.ناغرا پەردىسىنىڭ ئىگىزلىكى9مىلىلىمېتىر،كەڭلىكى 8 مىللىمېتىر ،بىر قەدەر نېپىز بۇلۇپ،پەقەت قېلىنلىقى 0.1 مىللىمېتىر كىلىدۇ.ناغرا پەردىسى ئاسانلا يېرىلىپ كىتىدۇ.ئوتتۇرا قۇلاق-ناغراخانا،يۇتقۇنچاق-ناغرا پەردە قانىلى ۋە ئەمچەكسىمان بۆلۇمچىدىن تەشكىل تاپىدۇ.ناغراخانا ئىچىدە ھاۋا بولغان بوشلۇق بۇلۇپ،يۇتقۇنچاق ناغرا پەردە قانىلى ۋە سىرتقى دۇنيا بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئەگەر گۇلدۈرماما ئاۋازى ناھايتى كۇچلۇك بولسا ھەمدە قۇلاققا چۇشۇدىغان بېسىم ناھايتى چوڭ بولسا،بۇ خىل بېسىم تاشقى قۇلاق ئارقىلىق قۇلاققا كىرىدۇ،بۇنداق چوڭ بېسىم ناغرا پەردىسنى يېرىۋىتىدۇ،ھەتتا قۇلاق قاناشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بىز ئاغزىمىزنى ئاچساق، يۇتقۇنچاق-ناغرا پەردە قانىلى ئېچىلىدۇ-دە،ناغراخانا ئىچىدىكى بېسىم بىلەن سىرتقى بېسىم تەڭلىشىدۇ،شۇنداقلا گۇلدۇرماما ئاۋازىنىڭ قۇلاقنىڭ ئىچىكى قىسمىغا چۇشۇرىدىغان بېسىمىنى ئازايتىدۇ.ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا،بوشلۇقتىكى ھاۋا بېسىمى تۆۋەن بۇلۇپ،ئوخشاشلا قۇلاقنى زەخمىلەندۇرىدۇ.
شۇڭا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا نەرسە چايناپ بەرسە، يۇتقۇنچاق- ناغرا پەردە قانىلى ئېچىلىپ،ناغراخانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بېسىم تەڭلپۇڭلىشىپ،قۇلاقنىڭ زەخمىلىنىشىنى ئازايتىدۇ.
مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-12 02:24 PM