مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 800|ئىنكاس: 11

چاشقان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82532
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3796
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 10:38:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چاشقان

بىپايان قۇربان تۇڭغۇت چۆلىنىڭ مىس رەڭ قۇملىقىدا مېنىڭ بىردىن -بىر سىردىشم، پەقەت سەن ! ئەلمىساقتىن بېرى سەن تولىمۇ ئىتىبارسىز قارىلىپ كەلدىڭ ، ھېچكىممۇ سېنى نەزىرىگە ئالمىدى . چۈنكى سەن  ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە شۇملۇقنىڭ، ياۋۇز-مەككارلىقنىڭ سىموۋلى قىلىنپ چوڭ زىيانداشلار قاتارىدا كۆرىنگەنلا يەردە ئۇرۇپ، قوغلاندىڭ...                                                                           

گاھىدا ئاپئاق چىشلىرىڭنى كىرىشتۇرۇپ ، قاپ- قارا چىكىتتەك كۆزۇڭنى بىر نۇقتىغا تىككنىڭچە بۇ رەھىمسىز دۇنيا بىلەن خوشلاشتىڭ ! ئېھ ناتىۋانىم ! سەن نىمانچىلا شور پىشانە يارالغانسەن ھە ! ئاسماندا ئۇچىدىغاندىن تارتىپ يەردە ئۆملەيدىغانغىچە ھەممىسىلا سېنىڭ كۈشەندەڭ !...               

پەن- تېخنىكا خادىملىرى سېنىڭ 1800خىلدىن ئارتۇق تۈرۈڭ بارلىقىنى قىياس قىلشىدۇ . ھەمدە سېنڭ نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىنسانلار بىلەن ئۇرتاقلىقىقا ئىگە ئىكەنلىگىڭنى ئىسپاتلىشىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مېدىتسىنا خادىملىرى ھەر قانداق دورا ۋاكسىنسىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئاۋال ساڭا سىناق قىلىپ ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ئېشلىتىشىگە تاپشۇرىدۇ  . تەجىربىخانىلاردا، ھەر خىل ئەينەك قۇتىلار ئىچىدە ئىسسىق- سوغاققا قانچىىلك دەرىجىدە بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقڭنى ئەڭ يۇقىرى ياكى ئەڭ تۆۋەن تىمپۇراتۇرىدا كۈزىتىدۇ .ئىچ -باغرىڭنى ئېلىپ فىزۇلۇگىيىلىك ئۆزگىرىشىڭنى تەشكۈرىدۇ.  بۇ چاغدا سېنىڭ قانچىلىك قىينىلدىغانلىقىڭغا بىرلا تەڭرى گۇۋاھ ! ئەڭ ئېچىنىشلىقى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ قىلدىغانغا ئىش تىپىلمىغاندەك سېنى مايغا چىلاپ قۇيرۇقىڭدىن ئوت يېقىپ قۇيۋىتىشىچۇ ، بۇ چاغدا سەن ئاخىرقى تېنىقىڭغىچە چېقىراپ ئۆزۈڭنى ئۇچىرغانلا يەرگە ئۇرۇپ تولىمۇ ئىچىنىشلىق كۈيۈپ كۈل بولىسەن ، سېنىڭ تاماشاڭنى كۆرۈپ تۇرغۇچىلار تاكى ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگىچە، كۆزلىرىدىن ياش چىققۇچە كۈلۈپ ئىچ پۇشقىنى چىقىرشىدۇ . ھەي بەخىتسىز جانۋار... سەن ئىنسانلار نەزىرىدىكى ئەڭ چوڭ زىيانداشسەن ، سەن پەيدا بولغان  قورۇلاردا نە-نەلاردىن ئىزدەپ-سوراپ مۈشۈك بېقىلىدۇ . سېنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئۇلار تىنىم تاپماي پىلان تۈزىدۇ . يولۇڭغا قاپقان قۇرۇپ بەل، پۇتلىرىڭنى ئۈزىۋىتىدۇ . ھەر خىل زەھەرلىك دورىلارنى سەن يىيىشكە ئىنتىلگەن يىمەكلىكلەرگە ئارلاشتۇرۇپ سېنى زەھەرلەش قەستىدە بولىدۇ . ھەتتا ئۇۋاڭنى ئىزدەپ،كوۋلاپ كىچىكىنە تۈشۈك ئېغىزىغا ھەر تەرەپتىن ئوت يېقىپ سېنى ھەم سېنىڭ ئوماق باللىرىڭنى ئاچچىق ئىستا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتىرمەكچى بولشىدۇ . بۇ چاغدا سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ ئاچچىق ئىس -تۈتەككە چىدىماي سىرىتقا ئۆزنى ئاتىدۇ . قۇللىرىغا ئۇزۇن تاياق ،كەتمەن، گۈرجەكلارنى كۆتىرىۋالغان بۇ بىر  توپ تەلۋىلەر كەينىڭدىن قوغلاپ تاش- داڭگاللار بىلەن تېنىڭنى  يەنجىپ، تۈكۈڭنى توزتىۋىتىدۇ . ساماۋى كىتاپلاردىكى ئۆلتىرىۋىتىشكە بۇيرۇلغان يەتتە ھايۋانىڭ ئىچىدە سەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدىڭ . ئەمما 12 مۆچەلنىڭ بېشىمۇ سەن بىلەن  باشلىنىدۇ . سۈت ئەمگۇچى ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۈزۈن ئومۈر كۆرىدىغىنىمۇ يەنىلا سەن . بۇ بەلكىم سېنىڭ باشقا ھايۋانلارغا قارغاندا پاراسەتلىك ھەم چاققان بەدىنىڭنىڭ بولغانلىقىدىندۇر....ئېھ ، ناتىۋانىم ! ھەيرانمەنكى سېنڭ شۇنچە كۆپ كۈشەندىلىرىڭ تۇرۇپمۇ ئۇلار سېنىڭ تۇخۇمىڭنى قۇرىتالمىدى . شۇ مۇشاقەتلىك كۈلپەتلەر ئىچىدىمۇ  سەن ئۆز مەۋجۇتلىقىڭنى ساقلاپ كەلدىڭ، ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزمەي ياشاش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلدىڭ . دۈشمەنلىرىڭ بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشتىڭ ،ھاياتقا ، مۇشاققاتكە  جەڭ ئىلان قىلدىڭ . توۋا دەيمەن دىنىزاۋۇردەك شۇنچە يوغان ،بەستىلىك ھايۋانلارنىڭ  نەسلى قۇرۇپ ، سېنىڭ مۇشتۇمدەك جېنىڭ بىلەن  ھايات ياشاۋاتقالىقىڭغا . سەن تەبىئەتنىڭ شاللاش، شاللىنىش دېگەن بۈيۈك  قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ تەبىئەتكە ماسلاشتىڭ  ماسلىشالمىغانلىرى  شاللىنىپ  تۇخۇمى قۇردى . ياكى نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا.  نىمىلا دىمەي سېنىڭ چاققان ، يۇمران تېنىڭگە ئىچم كۈيىدۇ . سەن مېنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا جەلىپكار ھەم ئەتىۋارلىقسەن ! سەن نەچچە مىڭ يىللار ياشاش جەريانىدا ئۆزەڭگە خاس شانلىق مەدىنىيەت يارىتىپ كەلدىڭ . ھىلىمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ : بالىلىق چاغلىرىمدا سېنىڭ ئەسكى سامانلىققا يانداپ سېلىنغان ئېغىلدا  ئوغۇرلىق  قىلغىنىڭ ھازىرقىدەكلام يادىمدا تۇرۇپتۇ . سەن ئاۋال تۆت ئەتراپىڭغا ھۇشيارلىق بىلەن قاراپ چىقتىڭ، ئاندىن بۇلۇڭدىكى توخۇ كاتىگىگە يىقىنلىشىپ شۇنداق  چەبدەسلىك  بىلەن ئۈستىگە چىقىپ  بىر  تال تۇخۇمنى دۇملاتتڭ ، ئاندىن  تۆت پۇتۇڭنى ئاسمانغا قىلىپ ئوڭداڭدا ياتتىڭ نەردىن پەيدا بولدى  بىردەمدىلا ئىككى ھەمرايىڭ چاقماقتەك يىنىڭغا پەيدا بولدى- دە ،تۇخۇمنى دۇملىتىپ قۇسقۇڭغا ئىلىپ قۇيرۇقۇڭدىن تارتىقىنىچە كونا ئوقۇر ئاستىدىكى  ئۇۋاڭغا سۆرەپ ئەكرىپ كەتتى . شۇ چاغدىكى ھەركىتىڭگە چەبدەسلىكىڭگە تۇخۇمنى چاقماي ئىلىپ ماڭغاندىكى پاراسىتىڭگە تولىمۇ قايىل بولغانتىم . سەن ئىككىنچى قېتىم ئۇۋاڭدىن چىقىپ يەنە شۇ ئۇۋىغا يىقىنلاشماقچى بولدۇڭ-دە ، دەرھال كەينىڭگە يىنىپ  تىزلىك بىلەن ئۇۋاڭغا كىرىپ كەتتىڭ. دېمەك سەن مېنىڭ شەپەمنى سىزىپ قالغانتىڭ ، ساڭا ئېتىش ئۈچۈن سالغان بىر پاي  ئايىقىم ھاۋادا لەيلەپ قالدى . ھەي چېچەن جانۋار... مەن  سېنى ساقلاپ تۇرۇشنڭ تولىمۇ ئورۇنسىز ئىكەنلىگىنى بىلپ ئاستا ئېغىلدىن يىنىپ چىقتىم .بىراق ئەتىسى ئۇۋىدا  چۈجە چىقىرىش ئۈچۈن باستۇرۇلغان بەش تۇخۇمنىڭ يوقلىقىنى مۇمام كايىغىنچە زارلىنىپ دېدى .شۇ چاغدا مەن مۇمامغا سېنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئوغىرلىق قىلدىغانلىقىڭنى ئاغزى –ئاغزىمغا تەگمەي سۆزلەپ بەرگەنتىم . مەن نېمە دېگەن تەلەيلىك ھە. چۈنكى دۇنيادا شۇنداق كۆرنىشنى كۆرەلىگەن ئادەمدىن قانچىسى باردۇر ؟

ئېھ ! پاراكەندە جانۋار..                                            

قۇربان تۇڭغۇت چۆلىنىڭ ئىنسان ئايغى تەگمىگەن تىمتاس قۇملۇق ،قاغجىرىغان دالىلىرىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئۆزۈڭگە خاس ھايات مىلۇدىيىسىنى ياڭرىتىپ ھايات كەچۈرىشىڭ تېخمۇ سىرلىق ھەم ئۆزگىچە . سىرلىق قۇم بارخانلىرىنىڭ تەسكەيلىرىدە سەن ياساپ چىققان يىلان باغرى  كېسىشكەن يوللار ، سېنىڭ ئۆز ئارا بېرش- كېلىش قىلىشتىكى ، ئوزۇق-تۈلۈك غەملەشتىكى بىردىن- بىر لىنىيەرىڭ ئەمەسمۇ . مەن سەن توغۇرلۇق  بىر نەرسە يېزىش ئىستىگى پەيدا بولغاندىن تارتىپ سەن ياراتقان مەدىنىيەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدۈم . گەرچە پىكىرىم چولتا بولسىمۇ ئىزدىنىشكە تىرىشتىم . سەن تۇغۇرلۇق يېزىلغان توم-توم رىسالىلەرنى،ھەر خىل كارتۇن فىلىملەرنى كۆردىم .خەلىق ئېغىز ئەپسانىلىرىنى ئاڭلىدىم. بىنەملەردە،قاغجىرىغان دەشتى چۆللەردە، شاللىق- ئىتىزلاردا سېنى يۇشۇرۇن كۈزەتتىم. بەلكىم بۇ ئىشم نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۈلكىسىنى قىستار ، يازىدىغانغا باشقا نەرسە تىپىلمىغاندەك چاشقاننى يېزىپتۇ دەپ مازاق قىلار. بىراق ئۇلارنىڭ كۈلكە، مازاقلىرى مەن ئۈچۈن بەرىبىر ، توۋا دەيمەن ، سېنىڭ ئاشلىق ساقلايدىغان ئىسكىلاتىڭ ، ئوماق باللىرىڭنىڭ ئانىسى بىلەن ياتىدىغان ھۇجىراڭ ،ھەتتا تۇغۇت ئۆيىڭنىمۇ ئايرىم-ئايرىم ياسالغان بولۇپ بۇيەرلىرىڭنىڭ ئىنسانلاردىن نىمە پەرقى بار. گەرچە سەن ئىگىز بارخانلار ئاستىدا  مىڭلاپ، مىليۇنلاپ توپلىشىپ ياشىساڭمۇ كەڭ دالىلاردا تاشلىۋىتىلگەن ياكى كۈمۈكسىز قالغان بىرەر تال ئۆلەك چاشقاننى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ . (ئەلۋەتتە سەن باشقىللار تەرپىدىن ئوتتا، سۇدا ،ئىستا ،توكتا، تاش،چالمىلار بىلەن ئۇرۇپ، بۇغۇپ ، تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتىرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ) چۈنكى سەنمۇ ئاتا- ئاناڭغا ،ئۇرۇق- تۇققانلىرىڭغا خۇددى ئىنسانلاردەكلا مېھرىۋانسەن . ئۇلار قېرىپ كۈچىدىن قالغاندا ئايرىم ھۇجۇرىدا ئۇلارنىڭ ئوزۈق تۈلىگىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ  بېرىسەن ، تاكى ئۇلارغا ئەجەل يەتكەنگە قەدەر ھالدىن خەۋەر ئالىسەن ، ناۋادا ئۇلار كۆز يۇمسا شۇ ھۇجىرغا دەپنە قىلىپ ، كىرىش ئېغىزىنى لاي ئېتىپ سۇۋايسەن – دە ، باشقىلارنىڭ بۇ يەردە پائالىيەت ئىلىپ بېرىشىنى چەكلەيسەن ، ئاندىن باشقا بىر يول ، ھۇجۇرا ياساپ تىرىكچىلىكىڭنى داۋاملاشتۇرىۋىرىسەن، مانا بۇ يەرلىرىڭ ئۈمۈر بويى لايچىلىقتىن قۇتىلالمايۋاتقان مېھنەتكەش دېھقانلىرىمىزغا نەقەدەر ئوخشايدۇ . ھە. سېنىڭ ئىتىىزلىقتىن بۇغداي باشلىرىنى ئىلىپ مېڭىشىڭ تىخىمۇ قىززىقتە، بۇ چاغدا سەن يەنىلا تۆت پۇتۇڭنى ئاسمانغا قارتىپ ئوڭداڭدا ياتىسەن، ھەمرالىرىڭ دۆۋلەپ قويغان باشاقنى سېىنىڭ ئۈستىڭگە رەتلىك قىلىپ تىزىدۇ . ئۇلار ئىشنى  شۇنچىلىك ئەپلىك  ھەم پۇختا قىلۇدىكى ئەيھانناس ، خۇددى دېھقانلارنىڭ ھارۋۇغا ئوتۇن -سامان بېسىشىنىڭ ئوزىلا . ئاسمان پەلەك بىسىلغان بۇغداي باشىقىنى قۇيرۇقىڭدىن سۆرەپ ئۇۋاڭغا ئەكىرىپ ئۇنى چەشلەپ ساقلاشلىرىڭ قەددىمدىن تارتىپ ئاتا -بۇۋاڭ ياراتقان مەدىنىيەت بۇلماي نىمە . كىچىكىمىزدە ھويلىمىزدىكى  چوڭقۇر ئورەككە بەرەڭگە، سەۋزە ، پىياز، چامغۇر دېگەندەك كۆكتاتلارنى كۆمۈپ ساقلاپ يەيتۇق.  مەن نۇرغۇن كۆكتاتلارنىڭ زەي ئورەكتە يىلتىز تارتىپ زەمبۇرۇغلىشىپ كەتكەنلىگنى كۆرگەن. بىراق سېنىڭ  ئاشۇ قاراڭغۇ ، زەي ئۇۋاڭدا بۇغداي، قوناقلارنىڭ ئۈنۈپ يىلتىز تارتىپ كەتمىگىنگە ھەيرانمەن . سەن ئەقىللىق جانۋار ئاتا- بوۋىلىرىڭنىڭ ئوزۇقلۇق ساقلاش رىستىپلىرىگە ئاساسەن شۇنداق ئەپلىك ساقلايسەن . بەزىدە توپان سامىننى ئايرىماي رەتلىك قويۇپ ساقلىساڭ بەزىدە  شىمىشكە، بۇغداي ، قوناقلارنى ئېرىنمەي ئىنچىك تەرەپ بىلەن كەينى چوڭ تەرەپنى بىر-بىرسىگە تەككۈزۈپ يېقىن قۇيۇپ ساقلايسەن. ھەتتا ئۇۋاڭنىڭ ھەر 10-20 مىتىر ئارلىقىغا ئايرىم-ئايرىم رەتلىك قىلىپ ئاشلىق تۆكۈپ ماڭىسەن،بۇغداي بىلەن قوناقنى   ۋە باشقا ھەر قانداق دانلارنى بىر-بىرىگە ئارلاشتۇرۋەتمەيسەن. مۇشىنداق ساقلىغاندا ئاشلىقلارنىڭ  كۆكلەپ زەمبۇرۇغلىشىپ كەتمەيدىغىنىنى  سەن ئوبدان بىلىسەن . ئەمما بىر قىسىم ئاق نانچى ، بىكار تەلەپ جان باقتىلار يازىچە ئىشلىمەي ‹‹خانلەيلۇن››نى بولىشىغا توۋلاپ ئالتۇن يازنىڭ مول ھوسۇللۇق جىددى پەيتلىرىنى ئۆتكىزۋىتىدۇ .كۈز كەلگەندە بولسا گۈرجەك ،كەتمەنلىرىنى كۆتىرىپ سېنىڭ ئۇۋاڭنى كولىغىلى بىنەمگە ياكى ئىتىزلىقلارغا بارىدۇ . بۇ چاغدا ئۇلار شۇنچىلىك ئەسەبىلىشىپ كىتىدۇكى خۇددى سەن  زېمىندىكى پۈتكۈل ئاشلىقنى غەزىنەڭگە  يۇشىرىۋالغاندەك، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئاشۇ كىچىكىنە بۇرۇتۇڭ بىلەن تەڭ ئۇۋاڭنىڭ ئاغزىنى  كوۋلاپ غاردەك قىلۋىتىدۇ . قورقۇپ ئارانلا جىنى قالغان باللىرىڭنى چىشلىگىنىڭچە تەرەپ –تەرەپكە پىتىراپ قاچىسەن .ئۇلار يوغان تاش ، داڭگاللارنى ئۇستىڭگە تاش بوران قېلىنغان ئادەمدەك ياغدۇرۋىتىدۇ .

بۇ يەردە چاشقان باركەن !

ئەنە يەنە بىرى ، ئۇرە ،يەنجىۋەت !

قوغلا بىشىغا ئۇر ...

ئۇلارنىڭ ئۇزۇن تاياقلىرى، كەتمەن، گۇرجەكلىرى قىپ –قىزىل قانغا بويۈلۈپ ئەكسىنى يۈقاتقانغا قەدەر بولدى قىلمايدۇ .

ئۇلار ئاشلىق ئامبىرىڭنى ھېرىپ ھالدىن كەتكىنىگە قارماي كۈن ئولتۇرغۇچە كوۋلىشىدۇ . ئەمما بۇ ئىشلارغا قاراپ تۇرۇش سەن ئۈچۈن نەقەدەر ئازاپ ھە. ئۇلارنىڭ خۇشاللىق كۈلكىلىرى سېنىڭ يۈرىكىڭگە نەشتەر بولۇپ سانجىلىدۇ . ئۇلار چەشلەپ تەييار قىلىپ قويغان بۇغداي ،قۇناقلارنى كۆرگىنىدە خوشاللىقىدىن چۇقۇرشىپ   بىر -بىرىگە تەنتەنە قىلشىدۇ .                     

-ۋاي مەن بەش تاغار بۇغداي يىغىپتىمەن ..      

-ۋاي مەن ئۈچ تاغار قوناق ئالدىم .

- ۋاي مەن بىر خالتا شىمىشكە مېغىزى...

بىراق سەن كېچىككەنتىڭ كىچىكمىگەن تەغدىردىمۇ سۈكۈت قىلماي نېمە ئامالىڭ . چۈنكى سېنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە جۇغۇڭ ئۇلارنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ، كەتمەن، گۈرجەكلىرى  ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ –دە، ئەي  بەخىتسىز جانۋار.. بۇ چاغدا سەن بۇلاڭچىلار تەرپىدىن بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنغان ئۇۋاڭنى، ساينىڭ تېشىدەك ئۇرۇپ ئۆلتىرۋتىلگەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭغا قاراپ شۇنداق ئاچچىق چىقىرايسەن، ياشلىرىڭ كۆزۈڭدىن مۆلدۈرلەپ قۇيۇلۇپ خۇددى قاباھەتلىك چۈش كۆرگەندەك بۇ رىياللىقنى قوبول قىلالمايسەن  ، ئۆزەڭنى  شاخ - شۇمبۇلارغا ئۇرۇپ بوزلايسەن . تەقدىردىن زارلىنىپ ئاچچىق  تولغىنىسەن ھالسىراپ ھالىڭ قالمىغانغا ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىسەن، يەنى ھايات قالغان قىرىنداشلىرىڭنى يىغىپ توپلىشىپ  ئۈلىۋىلىش قارارىغا كېلىسەن. يېقىن ئەتراپتىكى يۇلغۇن ،سۆكسۈك شاخلىرىغا قۇيرۇقىڭنى يۆگەپ باشچىلاپ ساڭگىلغىنىڭچە ئاشلىق ھەم ئۇسۇزلىقتىن بۇ بىۋاپا دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈككە خوشلىشىسەن . يولدىن ئۆتكەن - كەچكەن  يولوچىلار، بايلىق دېسە ئانىسىنى سېتىۋىتىدىغان نەپسى بالا  كىپەن ئوغۇرلىرى،  تاشچى، ياغاچچىلار ياكى مەلۇم مۇددا ، غەرەزلەر بىلەن بىنەمگە چىققان  ئىشلەمچىلەر ، سېنىڭ بۇ سىرلىق ئۈلۈمىڭنىڭ تەكتىگە يىتەلمەي ھاڭۋىقىپ قارايدۇ . سېنىڭ ئىچىڭنىڭ بۇنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ئۆز مەنپەئەتىڭ ، مۆلكىڭ يولىدا ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىغان ،ئار نوموسنى ئۈلۈم بىلەن ئاقلايدىغان قەيسەرلىگىڭ ئۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ . ئۇلار ياقىسىنى چىشلىگىنىچە ‹‹توۋا››دەپ يولىغا راۋان بولىدۇ. ھاياتلىق ئوخشاشلا داۋاملىشىۋىرىدۇ . ئوۋچىنىڭ ئوقىياسى بولسا ، ئاھۇنىڭ خۇداسى يۇقمۇ ؟ دېگەندەك ....                                                   

قۇربان تۇڭغۇت قۇملۇقىدا يېزىلدى .       بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isilbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-12 10:41 AM  


كۈچىمىز يەتمىگە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5611
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 3079 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 12:52:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساچقان توغرىسىدىكى ماۋۇ تىمنى ئۇقۇۋاتىپ مۇشۇ تىما ئەكىس ئەتكەن كارتون فىلىمنى ئىشلەپ بولدۇم نەزىرىيە جەھەتتە.ئەپسۇس تېخنىكا بىلەن ياردەمگە ئادەم يوق...سىنارىيەلەشتۈرسە بەك پەچەت كارتون چىقدىكەن.

كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86794
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1507
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 01:55:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئنتايىن ياخشى تېمىكەن       ، تەسەۋۋۇرغا، تىلغا بايكەنسىز.         بۇنى يېزىش ئۈچۈن خىېلى كۆپ ماتىريال ئاختۇرغاندەك قىلىسىز .    مەن بەك ياختۇردۇم   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 01:58:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ARAL52 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-12 12:52 PM
ساچقان توغرىسىدىكى ماۋۇ تىمنى ئۇقۇۋاتىپ مۇشۇ تىما ئەك ...

ياخشىغو   ئىپادىلەپلا  بىرىڭە  بولدى

hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 04:05:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 07:09:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم سىدىقنىڭ ‹‹خەپ سېنى››دىگەن شېئىرى ئېسىمگە كەلدى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75119
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 07:18:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بۇنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، چاشقانغا ئىچىم ئاغرىپ بەك تەسىرلەندىم،بولۇپمۇ ياغقا چىلاپ ئوت يېقىش دىگەن يېرىنى ئوقۇپ.......، گەپ-سۆزلىرى بەك پاسائەتلىك بەك قايىل قىلارلىق چىقىپتۇ!{:31:}{:31:}{:31:}{:31:}{:31:}{:31:}{:31:}

قورقۇش پەقەت نېرۋىنىڭ ئەڭ زىل ئىنكاسى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 08:21:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاشقان ئادەتتە قانچە يىل ئۆمۇر كۆرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82532
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3796
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 05:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ  رەخمەت ئەزىز دوسلار !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 09:26:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاسەتتە چاشقانغا بەك ئۆچ ئىدىم. بىراق بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئۇ بىچارە جانىۋارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش