غەيۋەتخورلۇق يامان ئادەت
ھەسەنجان ئابدۇرېھىم (نائىلدىن )
ئەي ئىنسان بارىڭدا ياشنايدۇ جاھان،
سەن كۈلسەڭ كۈلىدۇ ھەممە مەۋجۇدات.
قىلسا كىشى ياخشى ئىش تاپقۇسى ھۆرمەت،
ئۆچمەيدۇ نامىڭ قەلبىمدە مەڭگۈگە بىر«زات».
كەلمىسۇن ۋاقىتسىز بىز لەرگە ئۆلۈم،
بولمايلى غەيۋەتخور،بولسۇن قەلىبلەر گۈزەل،
ئۆركەشلەپ ئاقمىسا بولالماس دەريا ،
پۇشايمانغا يوق قاچا ، يەتكەندە ئەجەل.
گۈلدۈرلەپ چاققاندا چاقماق پەلەكتە ،
باغلارغا تەشنا يامغۇرى باردۇر .
غەيۋەتتىن سۆز ئاچقان ئاشۇ ئېغىزدىن ،
يۈرەكلەر پايخان بوپ كەتكۈسى باردۇر.
غەيۋەتخور كېسىلىگە سەن بولما مۇپتىلا،
جاھان دېگەن مۇشۇ شۇ دېمە بوپتىلا .
ئىلمنىڭ يولىدا ھەم كەتتى لۇتپۇللا ،
كۆپلەنسۇن شەۋكىتىڭ «چۈشمە گۈپپىلا».
مەنبەسى : ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-12 11:58 AM