مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 815|ئىنكاس: 12

بالا تەربىيەلەشنى ئۈگىتىش مەكتىپى قۇرۇش پىلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85858
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 459
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-10-8
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:55:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالا تەربىيەلەشنى ئۈگىتىش مەكتىپى قۇرۇش پىلانى
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مەن بۈگۈن يەنە بىر پىلاننى ئېلىپ كەلدىم .
بۇ پىلاننى ئۇتتۇرىغا قۇيۇشتىكى دەۋىر ئىھتىياجى
ھەممىڭلار بىلىسىلەر ئۇيغۇر مىللىتى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى قەدىمكى يېزىق مەدەنىيىتى بولسۇن مەيلى مىللى ئۆرۈپ ئادىتى نۇقتىسىدىن بولسۇن ھەقىقەتەن كۈزنى يۇمۇشقا بولمايدىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بۇلارنى يازما شەكلىدە بايان ئەيلەپ خاتىرىلەپ بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس ئەلبەتتە .
شۇنداق ئىكەن بۇ يەردە ئۇتتۇرىغا قۇيماقچى بولغان بالا تەربىيىلەش ئۇقۇمى بۇيىچە بىزدە ئۈزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئۈلگە ئېلىشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاپالايمىز .
ئەجدادلىرىمىز قەدىمىي تارىختىن باشلاپلا شۇنداق قىلىپ كەلگەن مەھمۇت قەشقەرى يازغان تۈركىي تىللار دىۋانى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان قۇتادغۇ بىلىك ئەھمەت يۈكنەكى يازغان ئەتەبەتۇل ھەقايىق ....قاتارلىق نۇرغۇن كىتاپلارنى ئاختۇرسىڭىزلا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇتقان يۇلىنى بىلەلەيسىز .
مانا شۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز نۇرغۇن شانلىق تارىخنى ياراتقان .
740-يىللاردىن 840يىللارغىچە ئۆتكەن ئۇرخۇن يېنسەي دەريا ۋادىسىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى .
840-يىللاردىن 1100يىللارنىڭ 12-ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرلىرىگىچە ئۆتكەن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىق قاراخانىيلار خانلىقى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى .
كىيىنكى يىللاردىكى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى
.........
دىمەك بۇلارنى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئەنئەنىسىنىڭ كۈچىنىڭ ئىسپاتى دىيىشكە بۇلىدۇ. بىزدە ئەنە شۇنداق ھەممە تەرەپتە مول بايلىقلار كۈمۈلۈپ ياتقاچقا بۇ كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە  شۇنداق تارىخنى ياراتقان دىيەلەيمىز .
چۈنكى بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن ھەربىي كۈچىگە باغلىق بۇلۇپلا قالماي شۇ مىللەتنىڭ بىلىم ساپاسى ئائىلە  بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى تەربىيىلەش ساپاسى ...قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپكە باغلىق بۇلىدۇ .
ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس قاچان بىزگە ئىشقىيە ۋە سۈلۈكىيە ئىدىيىلىرى كىردى بىزنىڭ ئىلىم پەنگە بولغان مىھرىمىز سۇسلاپ ئەجداد ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىدىيىسى يۇقۇلۇپ ھەتتا قەدىمىي كىتاپلارنى كۈيدۈرۈش ئەۋىج ئېلىپ جەمئىيەت بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى .
شۇنداقتىمۇ بۇ تارىخ بىزنىڭ مىراسلىرىمىزنى يۇقۇتۇپ يۇقۇتۇپ بۇلالمىغان .
بىزنىڭ ئۈگىنىشكە ۋارىسلىق قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزنى يەنىلا تاپاليمىز .
ئەمما بۇلارنى بىز تاشلاپ قۇيدۇق .(بۇيەردە بىزنىڭ ئەجدادىمىزدىن قالغان بالا تەربىيىلەش نۇقتىنەزەرلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شۇ ئادەتلەر ۋە ئۇقۇملار كۈزدە تۇتۇلدى .)
يېڭىدىن يېڭى قىلىقلارنى چىقىرىپ ئەنئەنىدىن چەتنەش ئەخلاقتىن ياتلىشىش ئەھۋالى يامراپ كەتتى .
بۇنداق بۇلۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر
1.ئەنئەنىگە بولغان تۇنۇش ئاجىز ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش ئېغىر
2.سىرتنىڭ يات مەدەنىيىتى كۈچلۈك تەسىر كۈرسەتكەن قارا قۇيۇق قۇبۇل قىلىش ئېغىر
3.تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر  ۋە رىتىمى تىز بۇلۇپ بالىلار تەربىيىسىگە بولغان ۋاقىت ئاجرىتىش كەمچىل .
4.پۇل ئىدىيىسى كۈچلۈك  تارقىلىپ پۇل بىرىنجى ئۇرۇنغا قۇيۇلۇپ ئۇنىڭدىن كىلىدىغان سەلبىي تەسىرلەر كۈپىنچە ئۇيلىشىلمىغان .
5.ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلىم ساپاسى تۈۋەن بۇلۇپ بالىلار نىڭ ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى قانداق ئۇسۇل ۋە يولدا ھەل قىلىشقا نىسپەتەن كۈپىنچە خاتا ئۇسۇللار قۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ .
6.سىرتنىڭ مەدەنىيىتى ئەخلاق كۈز قارشى بىلەن ئۈزىمىزنىڭ ئەسلىدىكى كۈز قارشى ئارىسىدىكى پەرىق ئۇخشاشلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئۈگىنىش پايدىلىنىش يىتەرلىك ئەمەس
....
دەۋىر ئىلگىرىلىمەكتە مانا قارايدىغان بولساق نۇرغۇن خاراكتىرى ۋە شەكلى ئۇسۇلى ئۇخشاش بولمىغان مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى كۈرۈپ تۇرىۋاتىمىز .
بالىلارنىڭ قانداق بۇلىشى كەلگۈسىمىزنىڭ قانداق بۇلىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل .
ئۇلار بىلىم ئېلىشى كېرەك .
بىراق ھازىرقى قوش تىل مۇھىتى كۈچەپ يۇلغا قۇيىلىۋاتقان ئەھۋالدا بالىلارنىڭ دەرىسلەرنى مەكتەپتىلا ئىگەللەپ بۇلىشى ناتايىن بۇلۇپ قالدى .مەن بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇس سۈپىتىم بىلەن سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىر قۇر كۈزىتىپ چىقتىم .ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتا ئانىسىنىڭ بىلىم ساپاسىي يۇقىرىلىرىنىڭ بالىلىرى گەرچە ئەقلىي قابىلىيەت تەپەككۇر  نۇقتىسىدىن ئاجىز راق بولسىمۇ دەرىسلەردە ئۈزلەشتۈرۈش نىسپىتى 70%دىن 95% گىچە بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ بىراق بۇرۇن سىنىپنىڭ ئالدىدا ماڭغان بىراق ئاتا ئانىسىنىڭ بىلىم ساپاسى نۇرمال بۇلۇپ دەرىسلەردىن بىرىلگەن تاپشۇرۇقلارغا يىتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى يۇق بالىلارنىڭ نەتىجىسى ۋە دەرىسلەرنى ئۈزلەشتۈرۈشى بارا بارا تۈۋەنلەيدىكەن .شۇنىڭ بىلەن دىھقاننىڭ بالىسى كادىر بۇلالمايدۇ دەيدىغان ئىدىيە ئىسپاتلىنىپ قالغاندەك بۇلۇپ قالىدىكەن (بۇ تۇغرا قاراش ئەمەس دىھقان بالىلىرىنىڭ ئىچىدىنمۇ نۇرغۇن ياخشى زىيالىيلار ياراملىق كىشىلەر   چىققان )
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتتا ئاتا- ئانا بولغۇچى مۇئەييەن بىلىم ساپا ئىگەللىشى كېرەك ھېچ بولمىغاندا بالىسى ئۇقۇغان يىللىقنىڭ دەرىسلىرىنىڭ پۈتۈن قىسمىنى ياكى مۇھىم قىسمىنى بالىسى ئۈچۈن بولسىمۇ بىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن .ئۇنداقتا بالا ئۈزلىكىدىن ئۈگىنەلمىگەن يەردە ئاتا ئانا ئۈزلىكىدىن ئۈگىنەلەمدۇ .ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك .؟

ھازىر بىر قىسىم يېڭىدىن ئاتا ئانا بولغۇچىلار ئۇقۇغۇچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئانچە ئۈتمەيلا بالىدىن دادىغا ئانىغا ئايلانغان بولغاچ ئۇلارنىڭ ئۈزىنىڭ ئاتا ئانىسىدىن قانداق بالا باقىدۇ قانداق تەربىيىلەيدۇ دىگەندەك مەسىلىلەرنى بىلمەي (ئەسلىدىمۇ ئۇلارنى ئۈگىتىپ قۇيمايدۇ)لا ئاتا-ئانا بۇلۇپ كىتىدۇ .بالىلىرىنى تەجرىبە ئېتىزىدەك ئۈزىنىڭ تۇغرا بولسۇن توغرا بولمىسۇن كاللىسىغا كەلگىنى بۇيىچە مۇئامىلىدە بۇلىدۇ
دىمەك بۇ مەسىلىلەرنى
1.بالا تەربىيىلەشنى ئۈگىنىش ئىلمىي جەمئىيىتى
2.بالا بېقىش نى ئۈگىتىش مەكتىپى
3.كۈز قاراش ئالماشتۇرۇش ئۇرنى ياكى مەكتىپى ياكى جەئىيىتى
4.دۇنيادىكى يېڭىلىقلار نى تەربىيىگە ماسلاشتۇرۇش ئورنى
5.يۇلۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ماسلاشتۇرۇش ئۇرنى
يۇقارقى ئۇرۇنلاردا يۇقارقى  نىشان ۋە مەقسەت ئۇسۇللار بۇيىچە مەكتەپ ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ رۇلىنى جارىي قىلدۇرۇش بەكمۇ مۇھىم دەپ قارىدىم.قوللىنىشقا بۇلىدىغان ئۇسۇل 1.تۈۋەندىن ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ ئەزالار ئايلىق ھەپتىلىك كۈنلۈك يىللىق ئەزالىق پۇلى تاپشۇرىدۇ .ئاتا -ئانىلارنىڭ تاپشۇرغان پۇلىغا ئاساسەن يۇقىرىدىن داڭلىق پىسخۇلۇگ ئۇقۇتقۇچى لارنى لىكسىيە ياكى دەرىس ۋە مۇنازىرە ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ .
تەكلىپ قىلىنغان دىن كىيىن فىلىم ئىشلنىپ جەمئىيەتتە تارقىتىلىدۇ (بۇ ھەم كىرىم يۇلى ھەم ئۈ ئۈزىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .
مەزمۇن(ئۇقۇتۇش مەزمۇنى)
بۇ ئۇرۇندا بالا تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى .ئەسلىدە بولغان ئۇسۇللار
دۇنيادىكى يېڭى ئىدىيە ۋە ماھارەتلەر
يۇلۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش
بالىنى قانداق بېقىش
قانداق ھامىلە كۈتۈشتىن قانداق يىگۈزۈش ئىچكۈزۈش ۋە ئۇقۇتۇش بارلىق نۇقتىلارنىڭ جەۋھىرى .
قاتارلىقلار ئەمەلىي مەزمۇن قىلىنغاندىن سىرت
بالىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە يىتەكچىلىق قىلىش
باشلانغۇچنىڭ مەلۇم يىللىقىدىكى دەرىسلەرگە قانداق يىتەكچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئۈگىنىپ ئۈگىتىش مەسىلىلىرى
قاتارلىقلارنى ئۈگىتىش
ئۇسۇل
ھەرخىل بۇلۇپ
كۈندە يېرىم كۈن ياكى ئىككىي سائەت بىر سائەت لىك لىكسىيە دەرىس ئۇرۇنلاشتۇرۇش
ھەپتىدە بىر ئايدا بىر ۋە قەرەللىك قەرەلسىز ئۇرۇنلاشتۇرۇش .
كىتىدىغان سومما باشلاش تەننەرخىنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتمەڭ .شۇنداقلا تەكلىپ قىلغان مۇئەللىم نىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى ۋە ساپاسى خاراكتىرىگە بەكرەك ئەھمىيە بىرىڭ .
شارائىت
بۇ ھازىرچە چوڭراق كىشىلەر توپى ئارىسى ئولتۇراق رايۇنىغا ماس كىلىدۇ .
ئەسكەرتىش يىغىلىش تەربىيىلەش ۋاقتى بالىنىڭ مەكتەپكە بېرىش مەكتەپتىن كىلىش ۋاقتىغا زىت كىلىپ قالمىسۇن .
مىنىڭ پىكرىم شۇنداق قالدىسى دوسلارنىڭ بۇ پۇل تېپىش ئۇسۇلىدىن خاتا دەپ قارىغانلارنى  ئۇتتۇرىغا قۇيۇپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
بۇ تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئاللىقاچان مەلۇم بىر نۇقتىغا بېرىپ بولغان

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jiuxing + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
abdulahad7 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

—Face Book—

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34430
يازما سانى: 776
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6365
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 682 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2013-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 12:18:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن دوسىتلارغا ‹كارىل ۋېتىرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى› بىلەن ‹كارىل ۋېتىرنىڭ پەرزەنىت تەربىيسى› دىگەن كىتاب نى تەۋسىيە قىلىمەن  .        

                                                     چوقۇم ئوقۇڭ .   

سۈيۈملۇك دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ‹ئاتا-ئانام›غا رەھمەت ئېيتىمەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 770
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11407
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8186 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 01:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ . تىما ئىگىسىنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم بىر تىمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن سۈيۈندۈم. ھازىر بالا تۇرۇپ ، بالىلىق بۇلۇۋاتقانلار كۆپ . مىنىڭچە بولغاندا توي قىلىشنىڭ ئالدىدىن باشلاپ ، قانداق ئەر ئايال بۇلۇشتىن تارتىپ تەربىيىلىگەن بولسا ياخشى بۇلاتتى . ئاشۇنداق تەربىيىلەنمىگەنلەرگە توي خېتى ، بالىلىق بۇلۇش ھوقوقى دىگەنلەرنى بەرمىگەن بولسا قانچە ياخشى بۇلاتتى ھە قېرىنداشلار ! لېكىن بۇنىمۇ ئارقا ئىشىك قىلىپ ئېلىۋالىدىغانلار چىقارمۇيە ئارىمىزدا ؟؟؟

ئاياللار كيۇ كيۇ توپى:216013264
جىگەر كېسەللىكلىرى توپى:219711309
http://www.uqur.cn/html/754649.shtml
سەككىز ئات كەشتىسى سېتىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 01:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ - بۇ 。。。

تىل مىللەتنىڭ تى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33674
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4718
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3781 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 02:12:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم.ناھايىتى مۇھىم ۋە ئىلغار بىر پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز،مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن،ھەم ھەمكارلىشىشنىمۇ خالايمەن.

ئىنساننىڭ ئىنساننى ئويغىتىشى-مانا بۇ مەرىپەت.

ئادەم - ئۇ ئەڭ ئا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44751
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4133
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 947 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 07:07:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى تېما بۇپتۇ ئەگەر ئەمىللەشتۈرۈلسە كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالغۇدەك.....دادىل قەدەم ئېلىشىڭلارغا تېلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 07:38:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى جايىدا گەپ قىپسىز مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ئاياللىرىمىزغا «ئانا بولۇش كىنىشكىسى» دىگەندەك كېنىشكا تارقىتىپ خۇددى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدەك مۇھىم ئورۇنغا قويسا،ئۆتەلمىگەنلەرگە توي خېتى بەرمىسە دىگەن ئويدا ئېدىم.كۆڭلۈمدىكىدەك پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۈپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90866
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 09:38:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئش ئەمەلگە ئاشسا كەلگۇسىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشتە چوڭ بۆسۈش بولۇپ قالىدۇ. پەرزەنىت تەربىيسىگە كۆڭۈل بۆلەيلى.

kulka0001@hotmail.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1888
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10565
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 4031 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 10:05:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقۇپ باقايچۇ................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71877
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3694
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 08:01:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپ دېمەي ئاتا ئانا بولۇش ئالدىدىكىلەرنى تەربىيلەش كۇرسى دېسىڭىز قانداق بولاركىن ؟

چەتئەلنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇللىرى ما تەكلىماكان بويلىرىدىكى بىزلەرگە ماس  كەلمەيدۇ ،يېقىندا شۇنداق تىپتىكى چوڭ بىر تور بىكەتنىڭ ئىشقا كىرىشىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم بار.
ئۇڭغىچە  ماۋۇ يەرنى كۆرۈپ باققاچ تۇرغايسىلەر :
www.eybalam.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش