بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تولۇق ئوتتۇرىدىكى بىر ساۋاقداش ئاغىنەم بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ قىلىپ ، شۇنداقلا ‹نەگە ماڭدىڭ؟› دەپ سوراپ قاپتىمەن . ئۇ ئۆزىنىڭ ‹‹ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى››غا ئاتاپ گۈل توپ تارقىتىش بازىرىغا بىرىپ 20 تال گۈل زاكاس قىلغانلىقىنى پەخرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى . مەن تىخى ئۇنى مۇشۇ بىمەنە ‹‹بايرام››دا گۈلچىلىك قىلاي دىگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ سۆزلىمەكچى ئىدىم، لىكىن مەن ئېغىز ئاچقۇچە يەنە، بۇ گۈللەردىن بەش تالنى ھازىرقى قىزدوستىغا ، يەنە بەش تالنى بۇرۇنقى قىزدوستىغا ، قالغان 10 تالنى بولسا يېڭىدىن تونۇشقان يەتتە-سەككىز قىزغا تارقاتماقچى بولغانلىقى، گۈلنى ھازىر ئىلىۋالمىسا ، ‹‹بايرام››دا قىممەت بوپ كىتىدىغانلىقى ياكى قىس بوپ كىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاغزىدا كۆپۈك قايناپ كەتكۈچە بىسىقماي سۆزلەپ كەتتى. مەن ئاچچىقىمنى باسالمىدىم :
- ھەي سەن ئانىلار بايرىمىدا ، ئاناڭغا گۈل سوۋغا قىپ باقتىڭمۇ؟- دەپ سورىسام ، خىجىل بولماي :
-ئانام دىگەن ئۆيدە بار ئادەم ، كىيىنچە ئۆزۈم پۇل تاپقاندا بىراقلا رازى قىلىۋالىمەن ...-دەيدۇ. مۇشت بىلەن بىرنى سالاي دىدىميۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم :
- ئاتا - ئانا دىگەن كۈندە بولامدۇ ، بەندىگە ئۆزىنىڭ قانچىلىك ياشايدىغانلىقى نامەلۇم ، قىزبالىغىمۇ بىركۈنى تويىسەن ...
توساتتىن ئۇنىڭ ئاۋازى مىنى گەپ قىلىشتىن توختاتتى، سۆزلىرىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەنىدى: ئاداش سەن كومپىيۇتېرنى خېلى بىلىسەن ئۆيگە كىرىپ ، كومپىيۇتېرىمنى كۆرۈپ باققىن ، قوزغالمايۋاتىدۇ...- گەپ بىلەن بولۇپ ئۇنىڭ قورۇسى ئالدىغا كەپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەپتىمەن - قىزلار بىلەن توردا سۆزلەشمەكچى ئىدىم ... ئانام بىلەن خانئاچام (ئاكىسىنىڭ ئايالى) چاغانلىق جۇۋاۋا (تۈگرە) ئەتمەكچى ئىدى ، بىرە تەخسە يىگەچ...
ئۇنىڭ گەپلىرى مىنى بارغانسىرى يىرگەندۈرمەكتە ئىدى ، شۇڭا ئاڭلىماسقا سالدىم ۋە قەستەن گەپنى بۇرىۋەتتىم : خەۋەر تىپىپ قال، نۇرۇز بايرىمى كۈنى ساۋاقداشلار يىغىلىشىپ نۇرۇزنى بىرلىكتە تەبرىكلىمەكچى.بىزنىڭ چاغاندا جۇۋاۋا يەيدىغان ئادىتىمىز يوق...
_ نۇرۇز قانچىنچى ئايدا بولىدۇ؟؟؟
ئاڭغىچە ئالدىمىزدا ، قولىدا تەييار خام خۇرۇچ ۋە گۆشلەرنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىۋاتقان ئۇنىڭ ئانىسى پەيدا بولدى ۋە ماڭا قاراپ ‹كۆز سالىمى› بىرىۋەتكەندىن كىيىن بالىسىدىن: قىز دوستۇڭغا گۈل ئالالىدىڭمۇ ؟دەپ سورىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oguzhakan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-11 10:19 PM