مۇنبەر ۋە مەن
بىلىقىزئەمەتپاك
يوقالدىم مەن ئۈنسىز باغرىڭدىن كېچە،
ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى سەرسانە روھتىن.
ماكانسىز تەمتىرەپ يۈرىمەن تەنھا،
بۇ دۇنيا ياد ئەتمەس چىقتىم مەن ئەستىن.
سېغىندىم مەن سېنىڭ غۇنچە بويۇڭنى،
سېغىندىم زوق بىلەن كۈلگەن چېغىڭنى.
باغرىڭدا بۇلبۇلۇم سايرىغان مۇڭلۇق،
يوقالدىڭ ئىزدىدىم قالغان ئىزىڭنى.
سېنىڭسىز يۈرسەممۇ كۈنىم تەمتىرەپ ،
ئېچىلساڭ كۈلەتتىم قىزىل گۈل پورەك .
زوقلانساڭ ھىسىڭدا ئىسمىڭنى كۈيلەپ ،
ئۆزۈمنى سېنىڭدىن ئىزدەيتىم ئەينەك.
ئۈمىتتە تەلمۈرۈپ ئىزدىدىم سېنى،
چېقىلدىم مەن ئەمما يۈرىمەن ئۈنسىز .
سۆيەلمەس لەۋلىرىم ھەرگىزمۇ سېنى،
يۈرىمەن ئارامسىز ھەتتا سالامسىز .
ئىزدىدىم ئىزدەيمەن يەنىلا سېنى،
ناتۇنۇش كۆچىلار مۇزلىغان يۈرەك.
ئۇتتۇلغان چۈش كەبى ئىسمىڭنى توۋلاپ.
سەرسانە يۈرىمەن يولەكسىز يولەك.
چۈشىمنى باشلىدىم مىڭبىر كېچىگە ،
ئىزدىدىم بېلىقچى بوۋاينى سەرسان.
تاشلىسا تورىنى دېڭىزغا قايتا ،
شۇ ئالتۇن بېلىقنى سۈزەرمۇ شۇئان.
ئېيتساممەن بېلىققا ئارزۇلىرىمنى،
بوۋايغا بەرگەندەك بېرەرمۇ سوغا.
مال دۇنيا كېرەكقۇ ئەمەستى ھەرگىز.
ئارزۇيۇم يۈرىكىم كۈلسىكەن ساڭا.
ھىسلىرىم مىھرىڭدە كۈلسە قايتا بىر،
تېرىسام ئېتىزىڭ بويىغا رەيھان.
زوقلۇنۇپ باغرىڭدا ئازادە كۈلسەم ،
قەلبىمدە نۇرلانساڭ سۆيۈملىك ماكان.
مەنبە ؛مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AynaK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-11 10:28 PM