مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1123|ئىنكاس: 20

ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال - (شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86068
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 08:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                               
     
                                                               timthumb[7].jpg
                                                        
                                                                  


                                                              ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال



دىدى بىر ئاخماق زىيالى خوتۇنىڭ نە ئىش بىلەن،

خوتۇنۇم ئۆيدە دىسەم كۈلدى پاراڭ ئەسناسىدا.

دىدى ئىشسىز ئولتۇرامدۇ ئۆيدە كۈننى كەچ قىلىپ،

ئۆتكۈزۈپ گۈلدەك ئۆمۇرنى بالىلار غەۋغاسىدا.


                                                   

بالا باققان ئەرنى كۈتكەن ئىش ئەمەسمىش ئاڭلىسام،

ئالمىسا خەقتىن مائاش بىكارچىمىش ئويلاشىدا.


                                                

خوتۇنۇڭ پۇل تاپمىسا قانداق تۇتارسەن ئۆى دىدى،

مەن دىدىم قانداق ياشارسەن خوتۇنۇڭ ساياسىدا.


                                         

ئۆيدە ئولتۇرغان ئايالنى دىمە ئاقنانچى خوتۇن،

     دەۋرىمىزنىڭ ئۈلگىسى ئۇ ئائىلە بەرپاسىدا.



ئۇ بالاڭنىڭ ئانىسى ئۈممەت ئۈچۈن ئالتۇن بۆشۈك،

ئەر ئۈچۈنلا ئاققۇچى ئۆمرى ۋاپا دەرياسىدا.


ئىتقادنىڭ پاسىبانى ئۆرپىمىز قورغانى ئۇ،

كەلگۈسى مىللەت ئۈچۈنلا ياشىغاي دۇنياسىدا.


شەخسىيەتسىز، جان پىدا ئۇ دىينىمىزغا يار يۆلەك،

بالىمىزغا تۈنجى ئۇستاز مەرىپەت سەيناسىدا.


سورىماس شۆھرەت مۇكاپات ئەرنى دەپ قىلسا ئەجىر،

ئانىلىق خىسلەتمۇ دەل شۇ بالىلار ئىنكاسىدا.


كۆكلىگەي بەختىڭ سىنىڭ ھاردۇق ئىېشىدا تەرلىسەڭ،

پاك تائام ئالى ئوزۇق بەركەت ئۇنىڭ سۇپراسىدا.


قارىساڭ كۆڭلۈڭ خۇشال ،شۇنچە مۇلايىم بۇيرۇساڭ،

قالغۇسى باغرىڭ پۇتۈن چىقساڭ سەپەر ئورتاسىدا.


كۈتكۈسى كىرسەڭ قاچان باغىرىدا ئاتەشدان يىقىپ،

بۇلغىماس نامىڭنى دوس دۈشمەن ۋايا ئەل قاشىدا.


بوي تالاشماس ئەر بىلەن ،ھەمدەم ئاڭا بار يوقىدا،

ئەرگە بەرگەي زور ئىشەنچ باققاندا ھەر شەھلاسىدا.


ئەرنى ئەر قىلغاي خوتۇن روھىنى كۆككە ئۆستۈرۈپ،

پادىشاھنىڭ ئىززىتىنى كۆرسىتىپ سەھراسىدا.


ئائىلەڭنىڭ بەركىتى ئۇ تۇرمۇشۇڭغا پاسىبان،

تاپمىغايسەن ئۇنچە سادىق دوس جاھان مىقياسىدا.


تونىمايدۇ، ئىزلىمەيدۇ بىر سىنىڭدىن باشقىنى،

چولپىنى سەن ، باتۇرى سەن قەلبىنىڭ ئورداسىدا.


تۇرمۇشۇڭنى قىلسا خەندان خۇش تەبەسسۇمدا بىقىپ،

كۆرسىتەر جەننەت ئۈمىيدى ئىتقاد ئىخلاسىدا.


ئاددى، ساددا پاك ياشاشتۇر رىغبىتى دائىم ئۇنىڭ،

كۈنلىرى ئۆتمەس بىھۇدە مودىنىڭ سەۋداسىدا.


خوتۇنۇڭ زاۋۇت قۇرارمىش ئۆينى تاشلاپ قاغجىراق،

چاقنىتىپ ئەرلەر كۆزىنى پول ھوقۇق شولاسىدا.


چىن ئايال ئادەم تۇغار ، ئادەم باقار ، ئادەم قۇرار،

بۇ ھاياتتا قايسى زاۋۇت تەڭ ئاڭا چاقناشىدا.


پۇل تىېپىشقا ئىشچى ياللا پايدىلان پۇل تاپتۇرۇپ،

قۇيمىغىن پۇل مەنپەئەتنى ئەر - خوتۇن چىگراسىدا.


ساڭا چىندىلدىن نەسىھەت ئاڭلا ئۇيغۇر ئەركىگى،

قالمىغىن خاتۇن بىلەن شۇ پۇل پۈچەك ماجراسىدا.








مەنبە: مۇسلىمەلەر دۇنياسى تورىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-11 09:21 PM  


پەي يەڭگىل بولغاچقا ئۇچارھاۋادا،
تاش ئېغىر بولغاچقا تۇرار قىيادا.
پەيدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ ئىنسان،
يەڭگىللىك ئىللىتى بولسا ناۋادا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 898
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 09:51:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق مەزمۇلۇق شېئىركەن.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

gilasmurabbasi بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:35:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،  چىندىل   قېرىندىشىم ،  ئۇلۇغ اللاھ   تىنىڭىزنى  سالامەت ، ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن ، تۇرمۇشىڭىزنى  خاتىرجەم   قىلسۇن ! سىزنىڭ  يازغان   ھەر-بىر  شېئىرڭىز  ھرقانداق    بىر  مۇسۇلماننڭ   كۆڭلىگە  ياقىدۇ ،  شەخسەن   مەن  سىزنىڭ يازغان شېئىرلىرڭىزنىڭ   بىرىنىمۇ قويماي  ئوقۇپ  ھەم  ساقلاپ كىلۋاتىمەن ،  چىندىلىڭىز  بىلەن   يازغان شېئىر ،كىشىلەرنىڭ چىندىلىدىكى  سۆزدۇر ،  رەھمەت سىزگە اللاھ  سىزنى  دۇنيا  ۋە  ئاخىرەتتە  ياخشىلارنىڭ  قاتارىدا  قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84308
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 11:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ شئىرنى مەن كۇرۇپ بۇلغان  بۇلساممۇ ، يەنە بۇيەردە كۇرگەنىمدىن  خۇشالمەن،      

بۇ  ئەھمىيەتلىك ،ياخشى مەزمۇنلۇق شئىر،   داۋاملىق  ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۇزىلمىسۇن مۇنبەردىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 11:03:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدە ئولتۇردىغان ئايالنى ئايال دىيىشتىن نۇمۇس قىلسا ئائىلە خزمەتچىسى دىسۇن،ئەمىسە،

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 11:09:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەن بىزنىڭ ئىمام ئاخۇنۇم مۇشۇ ئاياللار مەسلىسى توغۇرلۇق ناھايتى مەزمۇنلۇق ،پاساھەتلىك سۆزلەپ بەردى.ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇپ بىرەر قېتىم ئۇنداق تەسىر قىلغۇدەك نۇتۇقنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.دىدىلەركىن:قىيامەت كۈنى ئالەملەرنىڭ يەككە -يىگانە پادىشاھى بولغان رەببىمىز ئاللاھ بەندىلەرنى ئۇلارنىڭ ھاياتى دۇنيادىكى ئەمەللىرى بۇيىچە سەپكە تىزىدۇ،مانا مۇشۇ سەپنىڭ ئەڭ ئاخرقى رىتىدە تۇڭگۇز تىزىلىپ تۇرىدۇ.
تۇڭگۇز ئۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ،مىنىڭ كەينىمدىمۇ جانىلىق بارمىدۇ دەپ قارىغاندا بىر بۆلەك ئىنسانلارنى كۆرىدۇ .تۇڭگۇز زۇۋانغا كىلىپ ئاللاھ ھەق سۇبھانە ۋەتەئاللاھقا نىدا قىلىدۇ:ئى ئاللاھ ،بۇ ئادەملەر نىمە ئادەملەر ؟!بۇلار نىمشقا مىنىڭمۇ كەينىمدە تۇرىدۇ دىگەندە،ئاللاھ دەيدۇ:بۇلار ئاياللىرىنى باشقۇرمىغان،ئۇلارنى ئۇيناڭ بالىخانغا قويىۋەتكەن دۆيۈزلەر دىگەنىدى.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۈكلەپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق.يەنە ئاياللارنىڭ پۇل تېپىش ۋە سۇئال-سوراق مەسىللىرنى سۆزلىدى. ئىشقىلىپ شۇ كۈندە نىمە دەرمەن دەپ ئويلاپ قالدىمغۇ ...

gilasmurabbasi بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 11:12:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 11:13:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدە ئولتۇردىغان ئايالغا بىر بىلەت

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91509
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 11:34:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.ئەسسالام مسرانم مۇنبردكې قېرنداشلا ،مەن مەدينەدېن سېلارگە ئوتلۇق سالام

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش