مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 653|ئىنكاس: 12

ھەدىس ۋە بىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىسلامىيەتنىڭ م

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47181
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6907
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن بۇ تىمىنى يېزىشنى باشلايمەن.
دىنىمىزنىڭ قانۇن پىرىنسىپلىرى قۇرئان ۋە ھەدىس روھى ئاستىدا بولغان، نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بۇ نۇقتىنى چۇشىنىدۇ. ھەممىمىزئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.ئەمما ھەدىسقا نىسبەتەن سەمىمىيەتسىزلىك،ھۆرمەتسىزلىك،بىپەرۋالىقىمىز بار. ھەدىس دىمەك رەسۇلۇللە دىمەكتۇر. ھەدىس رەسۇلۇللەنىڭ ئىش ھەركىتى ۋە گەپ سۆزلىرىدۇر.  رەسۇلۇللە نىڭ ئىش ھەركەت ،گەپ سۆزلىرى ئاللاھنىڭ بىزلەرگە بىلدۇرگىنى ھەم بۇيرۇغىنىدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا پەيغەمبىرىمىزنى ئۆز نەپسى خاھىشى بۇيىچە سۆزلىمەيدىغانلىقىنى پەقەتلا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنىلا سۆزلەيدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ كالامىدا بايان قىلغان.بىزلەر ھەدىس ئاڭلىساق ياكى  ھەدىس ئوقۇساق ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا ھالەتتە تۇرىۋېرىمىز، بۇرۇنقى سەلەف -سالىھلار رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسىنى ئاڭلىسا كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كىتەتتىكەن،ئۇرە تۇرغان بولسا تىزلىنىپ قالاتتىكەن.
ئەمرۇ ئىبنى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ"ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ھەر پەيشەمبە كۇنلۇكتە بىر يەرگە كىلىپ تەبلىق قىلىپ بىرەتتى. ئەگەر ئۇ كىلەلمىسە مەن باراتتىم. بىر كۇنى كەچلىكتە ئۇ"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن" دەپ سالدى.(بۇندىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىم مۇنداق دىگەن دىمەي مۇنداراق دىگەن،ياكى شۇنىڭغا ئوخشاشراق دىگەن....دەيتتى.) شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بېشى چۇپكەتتى، مەن ئۇنىڭغا قارسام ئۇ ئۇرە تۇرۋاتقان ئىكەن، ئۇنىڭ كۆينىكىنىڭ تۇگمىسى ئېچىلىپ كەتكەن،كۆزلىرىدىن ياش تۇكۇلۇپ كەتكەن، بۇيۇن تۇمۇرلىرى ئىسىلىپ كەتكەن ھالەتتە تۇرۇپتۇ......" ئىبنى ماججە 23.ھەدىس
مانا رەسۇلۇللە ماختىغان تۆت ئابدۇللاھ نىڭ بىرى ھەدىس سۆزلىسە مۇشۇنداق بۇپ كىتىپتۇ. ئەمما بىزلەرچۇ؟ بىز كۇلۇپ تۇرۇپ سۆزلەۋېرىمىز، سۆزلىگەندىمۇ كۆپ سۆزلەيمىز. بىر ئولتۇرشىمىزدا نەچچە ھەدىس سۆزلىۋېتىمىز.بىزلەردە ھەدىسكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاز ياكى يوق. ئابدۇراھمان ئىبنى لەيلا" بىز زەيد ئىبنى ئەرقەمگە رەسۇلۇللە تىن ھەدىس سۆزلەپ بەرگىن دىدۇق." زەيد ئىبنى ئەرقەم:- يېشىمىز چۇڭيىپ قالدى، ھەم ئۇنتۇپ قالدۇق، رەسۇلۇللە تىن ھەدىس سۆزلەش قاتتىق قىيىن ئىشتۇر. دەپ جاۋاپ بەردى. ۋە ھەدىستىن ھېچنەرسە سۆزلەپ بەرمىدى. زەيد ئىبنى ئەرقەم دىگەن رەسۇلۇللەقا ھەمرا بولغان ساھابە. مەككىدىكى ۋاقىتلاردا يۇشۇرۇن دەۋەت مەزگىللىرىدە بارلىق كىڭەشلەرنى زەيد ئىبنى ئەرقەمنىڭ ھويلىسىدا ئېپ باراتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ھەدىس سۆزلەشتىن باش تارتتى. نىمە ئۇچۇن؟ چۇنكى ئۇلارنىڭ ھەدىسنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى تولۇق چۇشەنگەن ئىدى. رەسۇلۇللەنىڭ سۇزىگە بىرەر سۆزنىڭ قۇشۇلۇپ قېلىشىدىن قورققانىدى،
بىزلەرنىڭ ئوقۇشىمىز كۆپ ئەمەل قىلىشىمىز ئاز ياكى يوق دىيەرلىك، ئەمەل قىلىشتا بىز ھەدىسكە بويسۇنماي ھەدىسنى ئۇزىمىزگە بويسۇندۇرىمىز، يەنى قىلىۋاتقان بىرەر ئىشىمىز ھەدىسقا زىت كەپ قاغۇدەك بولسا ئۇ ھەدىسنى تاشلاپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىمىز ياكى باشقا ھەدىسلەرنى ئىزدەشكە باشلايمىز. ساھابىلەر رەسۇلۇللەدىن بىر ھەدىسنى ئاڭلىسا ئۇنىڭغا تۇلۇق ئەمەل قىلمىغۇچىلىك ئىككىنچى بىر ھەدىسنى ئۇگەنمەيتتى.ھەم ئاڭلىغىنىغا تۇلۇق ئەمەل قىلاتتى. ھەدىسلارنى بىر-بىرىگە زىتلاشتۇرۇپ يۇرمەيتتى،رەسۇلۇللە بىر سۆزنى بايان قىلسا ئىللەت سۇرۇشتە قىلماستىن ئۇنى ئۆزلەشتۇرەتتى.لېكىن بىزدە ھەدىسقا نىسپەتەن ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش بىزدە ئىنتايىن كەم.
ھەدىسقا بىپەرۋالىق قىلىش رەسۇلۇللەقا بىپەرۋالىق قىلىش،رەسۇلۇللەقا بىپەرۋالىق قىلىش ئاللاھقا بىپەرۋالىق قىلىشتۇر. بىز ئاللاھنى ھەرقانچە ياخشى كۇرىلى رەسۇلۇللەقا تۇلۇق ئىتائەت قىلمىساق قىلغان ئىشىمىز بىكاچى.
ئاللاھ سۇرە ئال ئىمراندا" دىگىنكى سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتماقچى بولساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر،ناھايتى مىھىرباندۇر( 3.سۈرە 31.ئايەت)
ئىبنى ماججەنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسىدە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن."كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بۇلىدۇ،كىمكى ماڭا ئاسى بولسا ئاللاھقا ئاسى بولغان بۇلىدۇ" بۇ ھەدىستىن كۇرۋېلىشقا بۇلىدۇكى رەسۇلۇللەنىڭ بىرەر ھەدىسىگە ئاسى بولساق ئاللاھقا ئاسى بولغان بۇلىمىز. ھەدىسكە ئاسى بۇلۇش دىگەن دەل شۇ ھەدىسكە ئاڭلىسىمۇ ئەمەل قىلماسلىقتۇر.
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللەتىن بىرەر ھەدىس ئاڭلىسا ئۇنى كەم قىلماستىن زىيادە قىلماستىن ئەمەل قىلاتتتى.
ھەدىسنىڭ بىزدىن تەقەززا قىلىدىغىنى ئىبنى ئۇمەردەك قىلىشىمىز ئىدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەرنىڭ ئەڭ گۇزەل بولغان بىر ۋەقەلىكى دىققىتىمىزنى تارتماي تۇرالمايدۇ. "ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەسۇلۇللەنىڭ "ئاللاھنىڭ ئايال بەندلىرىنى مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇشتىن توسماڭلار" دىگەن سۆزىنى دىگەندە ئۇنىڭ ئوغلى :- بىز تۇسىمىز.دىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر قاتتىق غەزەپلىنىپ كەتتى ۋە مەن ساڭا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۇزىنى دەۋاتسام بىز تۇسىمىز دەۋاتىسىنا" دىگەن، باشقا بىر رىۋايەتتە شۇ تۇپەيلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر ئوغلىغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچىلىك گەپ قىلماسلىققا قەسەم قىلغان.
قاراڭلار قېرىنداشلار. رەسۇلۇللەنىڭ سۇزىگە قارشى چىققانلىقى ئۇچۇن ئۆز ئوغلىغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە گەپ قىلمىغان. رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسى ئۇچۇن قاتتىق غەزەپلىنەلىگەن. راسچىللىق بىلەن دەپ بېقىڭلارچۇ قېنى قايسىڭلار رەسۇلۇللەنىڭ بىرەر تال ھەدىسى ئۇچۇن غەزەپلىنىپ باقتىڭلار؟؟؟!!!
بۇنداق مىساللاردىن يەنە قاراپ باقايلى.
ئىبنى ماججەنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان بىر ھەدىسىدە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل بىر كۇنى بىر قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنىڭ سوزماق(كىچىك-كىچىك تاشلار ئاتقىلى بۇلىدىغان قۇرال) ئويناۋاتقانلىقىنى كۇرىدۇ ۋە قېرىندىشىنىڭ ئوغلىغا  رەسۇلۇللەنىڭ " سوزماق ئوۋ ئوۋلىيالمايدۇ،دۈشمەننى ناكا قىلالمايدۇ، ئۇ پەقەتلا چىشنى سۇندۇرىدۇ،كۆزنى قۇيۋېتىدۇ"  دىگەن سۇزىنى يەتكۇزدى. ئۇ قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندە يەنە شۇنداق سوزماق ئويناۋاتقانلىقىنى كۇرۇپ "مەن ساڭا رەسۇلۇللەنىڭ سۇزىنى يەتكۇزۇۋاتسام سەن يەنە بۇ نەرسىنى ئويناۋاتىپسەن. مەن ساڭا بۇندىن كىيىن مەڭگۇ گەپ قىلمايمەن دىدى.
باشقا ھەدسىلەردە بىر قېرىنداش يەەن بىر قېرىندىشىغا گەپ قىلماي ئۇچ كۇندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال ئەمەس دەپ كەلگەن. ئەمما بۇ تاشلىۋېتىش دۇنيالىق ئىشلارغىلا خاس قىلنىدۇ. بىر قېرىندىشىڭىز قۇرئانغا ياكى ھەدىسقا زىت ئىشلارنى قىلسا ئۇنىڭغا توغرىسىنى بىلدۇرىسىز ئۇ قېرىندىشىڭىز يەنە شۇ ئىشنى قايتلىسا سىزمۇ يۇقارقى ساھابەكىراملارغا ئوخشاش مەڭگۈ گەپ قىلمايمەن دىسىڭىز تامامەن توغرا بۇلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاللاھ ئۇچۇن دوست تۇتۇش ئاللاھ ئۇچۇن دۇشمەن كۇرۇش تىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلغان بۇلىسىز.
ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن مۇشۇ يەردە يېزىشنى توختىتىمەن. ھەدىس توغرىسىدىكى بۇ تىمىنىڭ  يەنە داۋامى بار.
تەييارلىغۇچى: بىخ

[url=ئىسلامىي ئۇزۇقلار دەل مۇشۇ يەردە]http://www.uzuk.net/[/url]

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14960
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3223 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، اللە ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، ئامىن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قېرىندىشىم   بەك ياخشى يېزىپسىز  داۋامىنى   كۈتىمىز!    اللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91235
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!!!!! قۇلىگىزگا   گۈل ۈنسۇن   ئامىن !!!.............

穆斯林就是穆斯林.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3900
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1595 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2013-2-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ھەقنى يەتكۈزگىنىڭىزگە

بىرنى بىر دەيمىز!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 884
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14623
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9424 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەرجىڭىزنى بەرسۇن. كىشىگە ئوزۇق بىرىدىغان تىما ئىكەن. داۋامىنى يوللاشنى بې كىچىكتۈرمىگەيسىز.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6377
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن , داۋامىغا تەشنامىز。。。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

خەلىيلۇللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2598
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇشۇ  ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگىلا  ئەگەشسە  بولاتتى بۇ قەۋىم  !

ئىسلامىيەت قۇياشقا ئوخشاشتۇر، پۈۋلىگەنگە ئۆچۈپ قالمايدۇ.كۈندۈزگە ئوخشاشتۇر ،كۆزنى يۇمۇۋىلىش بىلەن كىچە بولمايدۇ.كۆزىنى يۇمۇۋالغان پەقەت ئۆزى كېچىدە قالىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 285
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھقا شۈكرى مىسرانىمدىكىلەر ئىسلام پۇرىقى كۈچلۈك مۇشۇنداق تېمىلارنىمۇ  تەستىقلايدىكەن ھە.قارىغاندا باشقۇرغۇچىلار ئالماشقان ئوخشىمامدا؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش