ئالمىلىق باغلىرىڭ چىچىپ نۇر زىبا،
ئالتۇننۇر قۇياشقا پۈركەنگەن غۇلجا.
بەيتۇللا مۇنارى چاقناپ يۇلتۇزدەك،
جاھانغا ئۆزىنى تونۇتقان غۇلجا.
مەرىپەت بۆشۈكى ماكانى بولغاچ،
ئانايۇرت، شەجەرى يۇغۇرۇلغان غۇلجا،
لال ھەممە سېنىڭكى سىقىم توپاڭغا،
سادىردەك بوۋىلار تۇغۇلغان غۇلجا.
ئايخاندەك ئانىلار چىچىپ مەرىپەت،
ئاقارتىش تۇغىنى كۆتۈرگەن غۇلجا.
قوش قوللاپ باغرىدىن تۈمەنمىڭ ئانا،
رىزۋاندەك قىزلارنى ھەم بەرگەن غۇلجا.
شاھىدى ئىلىنىڭ ئۆركەش ئېقىنى،
قېلىن بەت داستانلار تۈپلەنگەن غۇلجا.
بوۋامنىڭ بوۋىسى ئېيتقان ناخشىنى،
ئوغلۇمغا ئۆز پىتى يەتكۈزگەن غۇلجا.
كۇلدۈرۈپ بارچىنى چاقچىقى بىلەن،
ھىسامدەك تەۋەرۈك قالدۇرغان غۇلجا.
ئايرىلسا ۋەسلىدىن بىپەرۋا بولۇپ،
قايغۇنى كۈلكىدە ئۇنۇتقان غۇلجا.
قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈرەي قايتا،
ئاشىقنى ۋىسالغا يەتكۈزچۇ غۇلجا.
شېئىرىم ماكانسىز قالمىسۇن ھەرگىز،
سەن ئىللىق باغرىڭغا ئالغىنچۇ غۇلجا.
مەنبە:مەنسۇر-ئابرال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-11 07:07 PM