|
|
|
|
مەزكۇر فىلىم 2012-يىلى 12-ئايدا چىققان؛ فىلىمنى ئامېرىكا ئىشلىگەن؛ فىلىم تىلى ئىنگلىز تىلىدا؛ «ئۈزۈك شاھى» ناملىق فىلىمنى ھەممىمىز ياقتۇرۇپ كۆرگەنىدۇق، لېكىن ئۇنىڭ داۋامىنى ئىشلىمىدى. مەزكۇر فىلىمنىڭ باشقا نامى «ئۈزۈك شاھى ئالدىنقى رىۋايىتى: خوبىتلارنىڭ سەپىرى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ئۈزۈك شاھى ناملىق فىلىمدە مۇھىم رول ئالغان پىرسوناژلار چىقىدىكەن. ياخشى ئىشلەپتۇ. چۈشۈرۈش ئادېرىسى: بۇ_يەرنى_چېكىپ_چۈشۈرۈڭ مەنبە: www.10kino.cn كىنو-كۆرۈۋاتقاندا كىنودىكى پىرسۇناژلارغا چوقۇنۇش، ئىنتىلىش تەرقىسىدە كۆرۈشتىن ساقلىنىش لازىم. كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىنودىكى پىرسۇناژلارغا چوقۇنىدۇ. «غەربكە ساياھەت» فىلىمىنى كۆرگەن كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا سۈن ۋۇكۇڭ بولۇپ قېلىشنى ئويلىمغان كىچىك بالىلار ئاز بولسا كېرەك. ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىدىغىنى چوڭلار. كىچىك بالىلارنىڭ ھۆكۈم ئىقتىدارى بەك ئاجىز بولىدۇ. بەزى فىلىملىرىمىزدە قارىغۇلارچە چوقۇنماسلىق، ئىشىنىپ قالماسلىق تەرىقىسىدىكى مەزمۇنلارنى قوشۇپ قويغان، شۇڭا فىلىم كۆرگۈچىلەرنىڭ چوقۇنۇش تەرقىسىدە كۆرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. مېنىڭچە نۇرغۇن تورداشلار چوقۇنۇش، ئىنتىلىش تەرىقىسىدە كۆرمەيدۇ. ئەسكەرتىپ قوياي: مەزكۇر فىلىمنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىمۇ يوق، رېئاللىققىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس، پېرىخونلارنىڭ كۈچى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكى زىيادە كۆپتۈرۋىتىلگەن. پېرىخونلار رېئاللىقا، دۇنيا ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەردىن ئەمەس، ئۇلار شەخسىيەتچى، نامەرد، ھىيلىگەر، باشقىلارنى ئالدايدىغان ئادەملەرنىڭ جۈملسىدىن. مەزكۇر فىلىم يۇنان ئەپسانىلىرى ئاساسىغا يېزىلغان توقۇلما بولۇپ، ھېچقانداق مەزمۇنىنى تارىختا يۈز بەرگەن دەپ قاراشقا بولمايدۇ. پېرىخونلار، باخشىلار، جىنكەشلەرنىڭ قولىدىن ئادەم ئالداشتىن باشقا ھېچقانداق ھۈنەر كەلمەيدۇ. مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندە «پېرىخونلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى ئەمەسكەن، ئۇلارنىڭ قۇدرىتى چەكسىز ئىكەن، راست ئاشۇنداق قىلالامدىغاندۇ، ئاشۇنداق ئىشلار مەۋجۇتمىدۇ؟» دېگەندەك سۇئاللار تۇغۇلۇپ قالسا، ئاشۇ سۇئاللارنى قەلبىڭىزدىن شەكسىز ئۆچۈرۋىتىڭ، بولمىسا دىنىمىزنىڭ «پېرىخون، باخشى، جىنكەشلەردىن پاناھ تىلىمەسلىك، ئۇلارغا چوقۇنماسلىق، ئۇلارغا يېقىن كەلمەسلىك» دېگەن پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھى ئۆتكۈزگەن بولىسىز. يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ قوياي، بۇ فىلىمدىكى پېرىخون، تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ، تەبىئەتىىن ھالقىغان مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يالغان، ساختا، ئىشىنىشكە، ئىشەندۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. ھەر قانداق فىلىم كۆرگەندە، ھەر بىر كۆرۈنۈشنى دىنىمىزنىڭ تاسقىغۇچىسىدىن ئۆتكۈزۋىتىپ ئاندىن كاللىمىزغا ئورنىتايلى. بولمىسا خاتالىشىپ قالىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چوڭقۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-11 11:24 AM
|
|
|
|
|
|