|
|
|
|
ياپونىيەنىڭ دېڭىز كۈچلىرى-ئاسىيادىكى بىرىنچى دېڭىز ئارمىيىسى (2)
تەجرىبىسى مول كۆك ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسى
يېقىن دېڭىز قىرغىقىدا ئۇرۇش قىلىشتىن ئەمدى يىراق دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىشقا ئۆتمەكچى بولۇۋاتقان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىگە ئوخشىمايدىغىنى، ياپونىيە دېڭىز كۈچلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مول يىراق ئوكياندا ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى توپلىغان بولۇپ، يېڭى دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ كۆلىمى ئارمىيەنى شەكىللەندۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدە كۆك ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىگە ئايلاندى.
قاتتىق دېتالىدىن قارىغاندا، بۈگۈنكى ياپونىيە پاراخوتلارنىڭ ئوتتۇرىچە سۇ سىرغىتىش مىقدارى 4400 توننىلىق سەۋىيە بىلەن پەقەت ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە سۇ سىرغىتىش مىقدارى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئەگەر ئوتتۇرىچە سۇ سىرغىتىش مىقدارى چوڭ بولسا، دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتە چوڭ تىپتىكى پاراخوتلىرىنىڭ كۆپلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭ تىپتىكى پاراخوتلارنىڭ يىراق ئوكيانغا يۈرۈش قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارى بولىدۇ. نىسپىي ئېيتقاندا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى گەرچە يېقىنقى يىللاردا تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەككە پاراخوتنىڭ ئوتتۇرىچە سۇ سىرغىتىش مىقدارى يەنىلا پەقەت 1400 توننا بولۇپ، سانى گەرچە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى پاراخوت، كېمىلەرنى ئاساس قىلىدۇ.
تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتى بىلەن تېخى يېڭىلا يىراق ئوكيان ئاتلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ.
ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتى سوغاق ئۇرۇش دەۋرىدىن باشلاپ تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىغا قاتناشقىلى بۈگۈنگىچە 30 يىل بولدى. يىراق ئارىلىقتىكى، يۇقىرى سىجىللىقتىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر بىر دۆلەتنىڭ دېڭىز كۈچلىرىنىڭ يىراق ئوكياندا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ۋە تەجرىبىسىنى تاۋلاشتىكى ئەھمىيىتىنى دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك. تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئاساسلىقى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قارىتىلغانلىقتىن، سوغاق ئۇرۇش دەۋرىدىكى كۆلىمى ھازىرقىغا قارىغاندا كۆپ چوڭ. 1992-يىلدىن بۇرۇن، مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان قىسىملارنىڭ كۆلىمى 50 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئادەم سانى ئازلاپ 20 نەچچە مىڭ ئادەم قاتنىشىدىغان بولدى. مانىۋېر مەزمۇنىمۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى قامال قىلىشتىن رايونلۇق ماجىراغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۆزگەردى.
2010-يىلدىكى تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىدا، قاتناشقان دۆلەتلەر كۆلىمى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇرۇش تېخنىكا سەۋىيىسى نىسبەتەن تۆۋەن بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ قاتناشتى، ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پۇرىقى بارغانسېرى كۈچەيدى، بۇ ياپونىيەنىڭ مانېۋىرغا قاتنىشىشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان گۇمانىنى قوزغىدى:«ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئاساسىي پروگىراممىلارنى جەزىملەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئۆزگەردى، دوستانىلىق ۋە ئالماشتۇرۇش پۇرىقى پەيدىنپەي كۈچەيدى. ھازىرقى ھەبىي مانېۋىر "بايرام ئۆتكۈزگەندەك" بولۇپ قالدى» دەپ قارىدى.
بىراق، سوغاق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى گەرچە قارشىلىشىشچانلىقى ۋە قاراتمىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىنى ئامېرىكىنىڭ «بىرلىكسەپ خىزمەت» سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، ياپونىيەنىڭ ۋەزىپە دائىرىسى ئەكسىچە تېزلىكتە چوڭايدى. 1990-يىلدىن باشلاپ، ياپونىيە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ رول ئويناش دائىرىسىنى ئىككى نۆۋەت كېڭەيتتى، بولۇپمۇ 11-سېنتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا «يەر شارى مىقياسىدا ھەمكارلاشقان ئىتتىپاق» قۇرۇپ، ياپونىيە، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنى ياپونىيە مۇداپىئە قىلىشتىن ئەتراپتىكى ئىشلارغا ئارىلىشىشقا، يەنە ئەتراپتىكى ئىشلارغا ئارىلىشىشتىن يەر شارىۋى ئىشلارغا ئارىلىشىشقا كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ بۇرۇلۇش 2005-يىلى 2-ئايدىكى ياپونىيە، ئامېرىكا بىخەتەرلىك كېڭىشى كومىتېتىنىڭ «2+2» يىغىندىن كېيىن ئېنىقلاشتى: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق دائىرىسى پۈتكۈل دۇنيا بولۇپ، ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسى «پۈتۈن يەر شارىدا تېرورىزم ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار قاتارلىق يېڭى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش» قا كېڭەيدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ياپونىيە قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەترىتى ئەۋەتكەن خادىملار ئىراق ۋە ئافغانىستانغا ئاتلاندى. ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرى شەرىقى جەنۇبىي ئاسىيا، ھىندى ئوكياندا پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
سوغاق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئۆزى ئەسلىھە چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بىرلەشمە مانېۋىردا ياپونىيە ئاساسلىقى ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەمما سوغاق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيە، ئامېرىكا دېڭىز، ھاۋا كۈچلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. 1999-يىلدىكى «ئۆتكۈر قىلىچ» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلىش، ئىككى قوماندانلىق سىستېمىسى ئۇسۇلىنى تۇنجى قېتىم بۇزۇپ، بىرلەشمە فلوت قۇردى، بىرلىككە كەلگەن قوماندانلىق مەركىزى قۇردى. 2000-يىلدىكى AnnualEX-11G بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا، ئىككى تەرەپ ئالاقە سىستېمىسىنى تورلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسىدە سەكرەپ ئىلگىرىلەش كۆرۈلدى. 2002-يىلدىكى تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا، ياپونىيەنىڭ «كىرىشىما» ناملىق تۆت قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوتى بىرلەشمە فلوت بولۇپ تەشكىللەندى، گەرچە مەشىقتە ياپونىيە ھوشيارلىقتا تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ئامېرىكا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كوماندىرى ياپونىيىلىك ئىدى.
2003-يىلى ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەر شارىۋى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش تەڭشىشىنى تاماملاپ بولغاندىن بۇيان، تىنچ ئوكيان رايونىدا، مەيلى كۆلىمى، ئۇرۇش تاكتىكىسى سەۋىيىسى ياكى ئەمەلىي ئۇرۇشتا بولسۇن، ياپونىيە، ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر. ئامېرىكىدەك تەجرىبىسى مول دۇنيادىكى بىرىنچى ئاتامان بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋە قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا زور پايدىسى بولدى.
پەقەت مانېۋىر مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ياپونىيە، ئامېرىكا بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ قاراتمىلىقى بارغانسېرى كۈچەيدى. 2006-يىلدىكى AnnualEX-18G دىن 2007-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى «ئۆتكۈر قىلىچ08» قىچە بىۋاستە شىمالىي كورىيەگە قارىتىلغاندىن سىرت، ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگو، روسىيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوت كۈچلىرىنى قامال قىلىشىغا ھەمكارلىشىشتىكى مەقسىتى بارغانسېرى روشەنلەشتى.
مەسىلەن، 2007-يىلى ئامېرىكا زېمىنىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەقىقىي ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان ھاۋا ئۇرۇشى مانىۋېرىدا، ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ روسىيەدە ياسالغان SU-27، SU-30 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سەپلەنگەن ئارمىيىگە قارىتىلغانلىقىنى ئېيتتى؛ 2008-يىلدىكى تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش ھەربىي مانېۋىردا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا جۇڭگونى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلمىدى، كونكرېت مانىۋېر تېمىسى ۋە تەپسىلاتى جۇڭگو، روسىيەدىن مەخپىي تۇتۇلدى. مانىۋېردىن كېيىنكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مانېۋىردا ياپونىيە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى مەخسۇس «شەرىقى ئاسىيادىكى مەلۇم دۆلەت» نىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئامېرىكا فلوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىق رولىنى ئويناپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنىغان.
سېنكاكۇ ئارىلى ماجراسىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە بىلەن ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىدە جۇڭگو بىلەن كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تەسەۋۋۇرى پەيدا بولدى. ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا 2006-يىلى تۇنجى قېتىم ئارال تارتىۋېلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، مەلۇم كۈچلۈك دۆلەت بىلەن ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇب ئاراللىرىدا تىركىشىشنى تەقلىد قىلدى. 2007-يىلى 2-ئايدا، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ياپونىيە، ئامېرىكا بىرلەشمە مانېۋىرى غەربىي جەنۇب ئاراللىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، مانېۋىر مەلۇم كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇب تاقىم ئاراللىرىدىكى مەلۇم بىر يالغۇز ئارالنى تۇيۇقسىز ئىشغال قىلىۋالغانلىقى ھەمدە يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتىنى ياردەمگە ئەۋەتكەنلىكى تەقلىد قىلىنىدى. بۇمۇ ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۇ، قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان كېمىنى مەشىقلەندۈرۈشى.
ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا مەخسۇس مۇداپىئەلىنىشنى تەكىتلەيدىغان كىچىك تىپتىكى دېڭىز كۈچى ئىدى، كۆلىمى ۋە ئەسلىھەلىرى زور دەرىجىدە كېڭەيگەندىن كېيىن، يەنىلا مۇداپىئە تىپىدىكى دېڭىز كۈچلىرى ئىدى، ئەمما يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ھۇجۇم تىپىدىكى ئالاھىدىلىكى روشەنلىشىشكە باشلىدى.
ياپونىيەنىڭ ھەربىي سانائەت يوشۇرۇن كۈچى
ئومۇمىي گەۋدىسىدىن قارىغاندا، دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ يېشى نىسبەتەن ياش بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن 20 يىل ئەتراپىدا قوشۇندىن چېكىندۈرۈلۈپ يېڭى پاراخوت سەپلەندى، يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئامېرىكا ياكى ياۋروپادىكى ئاساسىي دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش. لېكىن جۇڭگونىڭ تەخمىنەن 80 دانە قوغلىغۇچى ۋە قوغدىغۇچى پاراخوتىدا، 1990-يىللاردىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان زامانىۋىلاشقان پاراخوتلىرى پەقەت يېرىم ئەتراپىدا بولۇپ، روسىيەنىڭ يېڭى ياسىغان پاراخوتلىرى تېخىمۇ ئاز.
دۆلەت ئىچىدىكى كۈچلۈك تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىي كۈچىگە تايانغانلىقتىن، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتى دۇنيادا بارماق بىلەن سانىغۇدەك كۈچلۈك دېڭىز كۈچلىرى بولۇپ قالدى. گەرچە ياپونىيەنىڭ پاراخوت ياساش سانائىتى ئەمەلىي كۈچى دۇنيادا ئەڭ ئىلغار بولسىمۇ، ئەمما پاراخوتقا سەپلەنگەن قورال-ياراق ئەسلىھەلىرى 90-يىللاردىكى پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا 97-يىلدىكى قىسقا تورپېدا قاتارلىق ئاز مىقداردىكى قوراللارنى ياپونىيە ئىشلەپ چىقارغان بولسىمۇ، ئاساسلىق پاراخوتقا سەپلىنىدىغان ئوت كۈچى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللىرى ئىشلەپ چىقىرىش لىنىيىسىنى ئىمپور قىلغان چەتئەل مەھسۇلاتلىرىدۇر.
بۇ ئەھۋال بىلەن ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە يۇقىرى پەن-تېخنىكا سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ، ياپونىيەنىڭ مەخسۇس ھەربىي سانائەت كارخانىسى يوق، قورال-ياراق ئەسلىھەلىرى تەتقىقاتىنىڭ ھەممىسىنى شەخسىي كارخانىلارغا ھاۋالە قىلغان، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەخسۇس ھەربىي مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان تارماقلىرى بار. ئەمما ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن ئالاقىدار مىكروئېلىكترون، پولات-تۆمۈر، ماشىنا، خىمىيە سانائىتى، كېمىسازلىق، ماشىنسازلىق قاتارلىق ساھەرلەردە ئىنتايىن كۈچلۈك رىقابەت كۈچى بار، ئەسلىھە ياساش ئىگىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، تۈرلىرىنىڭ تولۇقلۇق دەرىجىسى ۋە پەن تەتقىقات سەۋىيىسى ئامېرىكىدىن كېيىنلا تۇرىدۇ. دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى يۇقىرى ئۆتكۈرلىكتىكى قورال-ياراقلارغا ئالاقىدار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، كومپيۇتىر، رادار، لازىر نۇرى، يېڭى ماتىرىيال قاتارلىق ساھەلەردە ياپونىيەمۇ ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدۇ. مۇبادا سىياسىي چەكلىمىنى بۆسۈپ ئۆتسە، ياپونىيە ناھايىتى ئاسانلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەربي سانائەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ.
ياپونىيە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ياساش ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىگە ئاساسەن، ئەگەر ياپونىيەنىڭ قورال-ياراق ئېكىسپورت قىلىشىغا رۇخسەت قىلسا، ياپونىيە دۇنيا پاراخوت بازىرىنىڭ %60 نى، ھەربىي ئېلىكترون بازىرىنىڭ %40 نى، ھەربىي ماشىنا بازىرىنىڭ %46 نى، ئالەم قاتنىشى بازىرىنىڭ %25~%30 نى كونترل قىلالايدىكەن. مۇبادا زۆرۈر بولۇپ قالسا، ياپونىيە 3~6 ئاي ئىچىدە ئاتوم بومبىسى ۋە ۋودېرود بومبىسى، بىر يىل ئىچىدە 1000~2000 دانە ئوتتۇرا ۋە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىقالايدىكەن.
ياپونىيە ئەگەر قايتىدىن دۇنيا دېڭىز ئارمىيە كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلانماقچى بولسا، يوشۇرۇن كۈچى زادى قانچىلىك؟ دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دېڭىز ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ھەل قىلغۇچ تېخنىكا تەتقىقاتىغا باشتىن-ئاخىر تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، نۆۋەتتىكى دۇنيادا ئەڭ ئىلغار پاراخوت ياساش تېخىنىكىسى ئىنتايىن پىشىپ يېتىلدى، ياپونىيەنىڭ تەرەققىي قىلغان شەخسىي پاراخوت ياساش تېخنىكىسىنى تېزلىكتە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە ياسىغان ماشىنا توشۇش پاراخوتىنى ئامېرىكا مەخسۇس ماشىنا توشۇشقا ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلەتتى. ياپونىيە يەنە تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، توپ قاچىلاش ساندۇقى پاراخوتىنى لىق بېسىلغان ھالەتتە قانداق قىلىپ سۈرئىتىنى 60 كنوتقا يەتكۈزۈشنى تەتقىق قىلدى، يەنە ئالاھىدە ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىتتىرىش تەجرىبىسى قاتارلىقلارنى قىلدى، بۇ ئىلغار تېخنىكىلار ھەربىي سانائەتتە ئىشلىتىشتە يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور.
دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلىشىدا كېمىسازلىق سانائىتى ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئامىلدۇر. ياپونىيە 1956-يىلدىن كېيىن دۇنيادىكى بىرىنچى كېمىسازلىق چوڭ دۆلىتى ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ كەلدى، ھازىر گەرچە جەنۇبىي كورىيە، جۇڭگو ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكۈر تېخنىكا جەھەتتە يەر شارى بويىچە يەنىلا تەڭداشسىزدۇر، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا 18 مىليون توننا پاراخوت ياساش ئىقتىدارى بار ئىكەن. ياپونىيىنىڭ نۆۋەتتە 100 مىڭ توننىلىقتىن يۇقىرى چوڭ تىپتىكى پاراخوت ياسىيالايدىغان زاۋۇتلىرىدىن 10 ئەتراپىدا بار، ئاساسلىق كارخانىلىرىدىن IHI، كاۋاساكى ئېغىر سانائىتى، مىئىراكۇ كېمىسازلىقى، مىتسۇبىشى ئېغىر سانائىتى ھەمدە يەر شارى كېمىسازلىقى (Universal Shipbuilding) قاتارلىق بەش زاۋۇتى بار، بۇ پاراخوت ياساش ماگىناتلىرىنىڭ ئەسلى ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى ئۇرۇش دەۋرىدە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتلىرىنى ياساشنى ئۈستىگە ئالغان ئاساسلىق كېمە ياساش زاۋۇتلىرى. 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، IHI بىلەن يەر شارى كېمىسازلىقى بىرلەشكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە تەڭداشسىز كېمىسازلىق كارخانىسى بولۇپ قالدى، بۇ دىققەت قىلىشقا ناھايىتى ئەرزىيدىغان ئىش، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئامېرىكا خەلقئارا مۇناسىۋەتشۇناسلار ئالىمى جورجى فرىدمان (George Friedman) ۋە مېرېدىس لېبارد (Meredith Lebard) يازغان «پات ئارىدا ياپونىيە بىلەن بولىدىغان ئۇرۇش» ناملىق كىتابتا ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىگە مۇنداق باھا بېرىپ:«ياپونىيە كىچىك تىپتىكى ئارمىيىگە ئىگە بولدى، (ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەر ئويلىغىنىدىن چوڭ) ئەمما بۇنىڭدىن تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىن چوڭ».
ياپونىيە ئەڭ ئۆتكۈر قورال-ياراقلارنى ياسىدى ھەمدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى بىلىدۇ. شۇڭا كەلگۈسىدە قايتا ھەربىي دۆلەت بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ چىقماقچى بولسا، ئىقتىدارىغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىغا باغلىق. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى بىرىنچى ئارمىيە قۇرۇپ چىقماقچى بولسا، ياپونىيە پەقەت بىر كەسكىن قارار چىقارسىلا دەرھال قىلالايدۇ» دەپ يازغان ئىدى. (تامام)
مەنبە: شىياڭگاڭ «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» دىن نەپرەت تەرجىمە2009 قىلدى.
بىرىنچى بۆلىكىنىڭ ئادرىسى:https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98599-1-1.html بىرىنچى بۆلىكىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=19176 ئىككىنچى بۆلىكىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=19658
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-11 10:19 AM
|
|
|
|
|
|