مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6039|ئىنكاس: 124

(مەن ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ)(كۆك ھىلال)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 04:22:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(مەن ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ)(كۆك ھىلال)

ماقالە

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تور ئەھلى يىقىننىڭ ياقى توردا دىن بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مەلۇم ئۇقۇشماسلىقلار بولۇپ ئۆتتى.پىقىرنىڭ مەقسىتى بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ سەلبىي يۆنىلىشىدە بۆلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش.(ساددا خىيال)

1:مىللەت نىمە؟بۇنۇڭ رولى نىمە؟

2:دىن نىمە؟ئۇنۇڭ رولى نىمە؟

3:مىللەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا زىغىرلاش

4:(مەن ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟)غا رەدىيە.

5:مىللىي ئاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تەكلىپ

6:دىننىڭ تەرەققىياتىغا تەكلىپ


1:مىللەت نىمە؟بۇنۇڭ رولى نىمە؟

مىللەت مۇئەييەن خاسلىققا ئىگە ئىجدىمائىي توپ.ئۇ ئۆرۈپ-ئادەت،كۈلتۈر،تىل ....قاتارلىق مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنى جىسمىغا مۇجەسسەملىگەن توپ بىرلىگى.مىللەت دىمەك ئائىلە دىمەكلىكتۇر.دىمەك مىللەت ئۇلۇغ بىرلىك.

مىللەت مىللىي ئاڭنىڭ مەھسۇلى.مىللىي ئاڭ مىللەتتىن ئىبارەت ئىجدىمائىي توپنىڭ يادرولۇق ئىدولوگىيە سىستىمىسى،مىللىي توپنىڭ تۈپ ئەقىدىسى.مىللىي ئاڭ(مىللىي روھ)-بىر خىل غورۇر،بىرخىل ئەندىزە.ئۇ ئۆز توپىدىكى كىشىلەرنى ياشاشقا،(ئائىلە)نى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان ھەركەتلەرنى  ئىدىيە بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.ئۇ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئۇ ۋەتەننى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ،قانداشلىق مۇناسىۋەتنى ئاساس قىلىپ توپ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.ئۇ بۈگۈنكى زامان تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئىدىيە تەرەققىيات يۆنىلىشى.

ئۇ مىللىي ئاڭنى دەسمايە قىلىپ،مىللەت ئەزالىرىنى ئويغۇتۇپ مىللەت ئەزالىرىدا يۈكسەك ئاڭ ئىتىقادىنى ھاسىل قىلىدۇ.

پىسخۇلوگىيە نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىتقاندا ئادەم ئىڭى ئۈچ قاتلامغا بۆلىنىدۇ.

1:ئاڭ

2:پوتىنسائال ئاڭ

3:يوشرۇن ئاڭ

يەنى:


幻灯片1.jpg

دىققەت:بۇ رەسىم چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاددىي تىخنىكا ئارقىلىقلا ياسالدى.يىزىق شەكلىنىڭ كونا يىزىقچە بولماسلىقى تىخنىكىلىق سەۋەب.

بىرىنجى قاتلامدىكى ئاڭدا بىز دەۋاتقان دىن،ئىتىقاد،مىللىي روھ...قاتارلىقلار بولىدۇ.مۇشۇ خىل فىزولوگىيىلىك ھەم ئىدولوگىيىلىك شارائىت ھازىرلانغاچقا  ئىنسان دىگەن ئاڭغا ئىگە مەخلۇق پەيدا بولغان.

يوشۇرۇن ئاڭ بارىلىق ھايۋانچە تەپەككۈر ۋە ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ جايى.

پوتىنسىئال ئاڭ مۇشۇ ئەسەبىيلىكلەرنى چەكلەيدىغان قاتلام.پىسخۇلوگىيە نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىتقاندا مىللىي ئاڭ دەل بىرنجى قاتلامدىكى ئاڭنىڭ مەھسۇلى.ئۇ ئىنسان ئىجدىمائىي تەپەككۈر كۈچىنىڭ يۇقرى پەللىسى.

مىللىي ئاڭ بولغاچقا مىللەتتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدىنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە مەۋجۇتلۇق كۈچى بولغان.ئۇنۇڭ رولى يۈكسەكلىكتە ئارام تاپىدۇ.مىللىي ئاڭ مىللىي غورۇر قانائەت قىلغاندا قانائەت قىلىدۇ.

2:دىن نىمە؟ئۇنۇڭ رولى نىمە؟

دىن -ئىلاھىي ئىدولوگىيە سىستىمىسى.ئۇ ئوبىيكتىپ رىئالىزىملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.دىن مۇكەممەل ئىتىكا قاراشىغا،سىستىمىلىق ئىستىتىكا بايلىقىغا ،تىماتىك پىدوگوكىكا ئاساسىغا ئىگە نەزىرىيە.دىن قانداقتۇر ئىتىقاد، ياكى كۆز قاراشلا ئەمەس ،ئۇ بىر خىل مەدىنيەت.خاس ئۇسلۇپ ياراتقان مۇنەۋۋەر كۈلتۈر بايلىقى.

ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە نۇرغۇنلىغان چوقۇنۇش دەۋىرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن.تۇتىم،كۆپ خۇدالىق دىن ...قاتارلىق بىر قاتار ئىلاھىيەت سەرگۈزەشتىللەر بىشىدىن ئۆتكەن.

دىن مۇكەممەل كىشىلىك جەمىيەت قۇرۇشتىكى ئىدولوگىيىلىك نەتىجە.دىندىن ئايرىلغان جەمىيەت قارا قۇيۇندا قالىدۇ.ئۇنۇڭ ئاساسى ئامۇرالىستىك تەھدىتنىڭ داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەۋرىنىپ تۇرىدۇ.

دىىننىڭ رولى ئىجدىمائىي تۇرمۇش ۋە جەمىيەت خارەكتىرىدە كەسكىن ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالايدۇ.ئۇ بىر قەدەر ئۈستۈن جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.دىن مەنىۋىي جەھەتتە كىشىلەرنى ئادالەت،پاكلىق،مىھىر مۇھاببەت ...قاتارلىق ئىزگۈ روھلارغا ئىرىشتۈرسە،ماددىي جەھەتتە ھالال-ھاراملىق ،پاكىزلىق ،ئىبادەت قىلىش  قاتارلىق ھەركەت پائالىيەتلىرىدە كىشىلەرگە پۈتمەس ساغلاملىق نۇرلىرىنى سىپىپ ئۆتىدۇ.

3:مىللەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا زىغىرلاش

ئاۋۋال ئىككى كۈلتۈرنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە ئوخشىماسلىقىنى سۆزلەي:

1:ئىككىلىسى سىڭىشچانلىققا ئىگە. مىللەت ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللىي روھ بىلەن دىىننىي ئىدولوگىيە ئىنتايىن تىز بىر بىرىگە سىڭىشىپ كىتەلەيدۇ.بىر-بىرىگە يول قويىدۇ.

2:مىللىي ئاڭ بىلەن دىننىي ئاڭ ھەر ئىككىلىسى ئىجابىي خارەكتىرگە ئىگە.ئىككىلىسى ياخشى پەزىلەت ۋە كۈچلۈك غورۇرنى (ئىجابىي مەنىۋيەتنى)تەشەببۇس قىلىدۇ.

3:ئىككىلىسى ئىنسانغا نىسبەتەن يۈكسەك دەرىجىدىكى ئالغا ئىلگىرلەش كۈچى ئاتا قىلىدۇ.

ئوخشىمايدىغان يىرى

1:مىللەت خاسلىققا ئىگە توپنى مەركەز قىلىدۇ،ئۇ بەلگىلىنىپ بولغان دائىرە.دىن ئۆز ئىدىيىسىنى قۇبول قىلغان ھەرقانداق شەخىسنى ئوبىكىت قىلىدۇ ئۇ ئەركىن دائىرە.

2:مىللەت قانداشلىق مۇناسىۋەتنى ئىدىيىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىدۇ.دىن ئىلاھىي ئىدىيىنى تۈپ ئىدىيىسىنىڭ كۈچى قىلىدۇ.

دىن بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى بىرلىككە ئىگە.كىشىدە ئاۋۋال قانداشلىققا نىسبەتەن كۈچ ھاسىل بولىدۇ.مانا بۇ مىللىي روھ.مىللىي روھ قانداقتۇر بىدئەت نەرسە ئەمەس.ئۇ دىننىي ئىتىقادنىڭ مۇقەددىمىسى.مىللىي روھ شەكىللەنگەندىن كىيىن ئاندىن دىننىي ئاڭ كىشى قەلبىدە كۆكلەيدۇ.شۇڭا ئىككىسى بالدۇر كىيىنلىكتە پەرىق قىلسىمۇ لىكىن ئىككىسى مىنىڭچە بىر.ئىككىلىسى ئىتىقاد(دىىنىي ئوخشاشلىق دائىرىسىدە).

مۇئەييەن سەلبىي شارائىت ئىچىدىكى مىللەتكە نىسبەتەن مىللىي روھنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى چوڭ بولىدۇ،مىللىي روھ ئۇ مىللەتكە نىسبەتەن مۇئەييەن ئىدىۋىيى ھازىرلىقلارنى ھازىرلىغان بولىدۇ.يەنەشۇ شارائىت ئىچىدىكى دىننىي روھ ئۇ مىللەتكە نىسبەتەن ئىتىقاد يۆنىلىشى،مەۋجۇتلۇق چىرىغى بولىدۇ.مىللىي روھ دىىنىي روھنىڭ مەۋجۇتلۇقنى قوغدايدۇ.دىننىي روھ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداش يولى بىلەن مىللىي روھنى قوغدايدۇ.

خۇلاسە؛

مىللىي روھ ۋە دىننىي روھ مۇناسىۋىتىدە مىللەت بىلەن دىن مۇئەييەن شارائىتتا يىمىرىلمەس گەۋدە ھاسىل قىلالايدۇ.ئىككىسى بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى خالاس.


4:(مەن ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟)غا رەدىيە.

ئۇيغۇر كىشىسى - مىللىي ئەزا يەنىي مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى قانداشلىق بىرلىك.مۇسۇلمان-ئىسلام دىنىدىكى ئىسلامغا ئىتىقاد قىلغان كىشى.

دەپ ئۆتتۈم ئۇيغۇر دىگەن قانداشلىقنىڭ بەلگىسى.مۇسۇلمان دىگەن ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان كىشىنىڭ بەلگىسى.يۇقارقى ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم.بۇ ئىككى ئۇقۇم ئىككى خىل سۇبىيكتىپ مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدۇ.بۇ مۇناسىۋەتنىڭ بىرنى ئۈزۈش بەدىلىگە يەنە بىرىنى ئورنىتىش قانۇنىيەتتىن يىراق.

بۇ سوئال خۇددى :

ئانا مەن سىنىڭ بالاڭ بولامدىم ياكى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىمۇ ؟دىگەندەك سوئال.ئۇ ھەم ئانىنىڭ پەرزەنتى ھەم مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى.ئوقۇغۇچى ھەرگىزمۇ ئانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.

دىمەك بۇ سوئال سوئال جەھەتتىنلا مەنتىقىي سىغىشالماسلىققا پىتىپ قالغان.بۇ سوئال ياكى دىىنىي ئاشقۇنلارنىڭ ياكىي مىللىي رادىكاللارنىڭ بىردىن ۋاز كىچىپ بىرگە ئىرىشىشتەك ئۆزىنى-ئۆزى قۇربان قىلىدىغان ھالاكەت يولى.

5:مىللىي ئاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تەكلىپ

مىللىي ئاڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ يىلتىزى.مىللىي ئاڭ بولمىسا مىللەتمۇ بولمايدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن پەرزەنىت تەربىيلەشتە ئائىلىدە چوقۇم مىللىي ئاڭ يىتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.دىن ئارقىلىق ئىتىقادنى مۇستەھكەملەش،ھىدايەتكە ئىرىشىش،مىللىي ئاڭ ئارقىلىق غورۇرىنى ۋەتەننى قوغداش كىرەك.

مىللىي ئاڭنىڭ تەرەققىياتى تەبىئىيلا مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن مىللىي روھقا ئىرىشىش ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئۆلمەس مەسئۇلىيىتى، بۇرچى.

دىننىڭ تەرەققىياتىغا تەكلىپ

ئىسلام دىنى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھنى خالايدىغان،تەپرىقچىلىققە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان دىن.ئۇ ئىلمىيلىكى بىلەن ھەق دىندۇر.

يىقىننىڭ ياقى دىيارىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا مەزھەپچىلىك تۇمانى كۆك ئاسمىنىمىزنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغىماقتا.ئىسلام دىنىدا شىئە مەزھىپى ۋە سۈنئىي مەزھەپ دەپ ئىككى مەزھەپ بار.بۇ مەزھەپلەرنىڭ چاۋىسىنى يايغاندا بىرى ئەرەپلەرنىڭ ھوقۇقىنى بىرى پارىسلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ مەزھەپ ئەرەپ بىلەن پارىسلارنىڭ ھوقۇق كۈرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.دىن مەزھەپچىلىكنى خالىمايدۇ.ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئۇنۇڭ دەردىنى كۆپ تارىتقان.شۇڭا مەن ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ مەزھەپچىلىك قىلىشىغا قارشى.(گەرچە بۇ قارىشىم باشقىلارغا ئىدىيىمنى زورلاپ تاڭغانلىق بولسىمۇ).

بىزدە مەزھەپ يوق ،بۇندىن كىيىنمۇ بولمايدۇ.

شۇنۇڭ ئۈچۈن بىز دىنىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قوغلىشىدىغىنىمىز مەزھەپسىزلىك بولىشى كىرەك.ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز قەۋمىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.بىز ئىسلامدا چىڭ تۇرىمىز.ئۇ بىزنىڭ ھىدايەت يولىمىز.چىقىش يولىمىز.

ۋاقتىم قىس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تىمىنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىلا يىغىنچاقلاپ سۇندۇم.

تورداشلاردىن ئۆتىنىدىغىنىم:

داۋاملىق تىرىشىڭ،ياخشى يىزىپسىز دىگەندەك گەپلەرنى قىلمىساڭلار.مومكىن بولسا تىرەن تەپەككۈرۇڭلارنى ئايمىساڭلار.بولمىسا ئىنكاس يازماڭلار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-11 11:30 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 11:56:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچىمۇ دىن باشقا گەپ ، مىللەت باشقا گەپ . بۇ ئىككىسىنى توقۇنۇشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ . بۇ تېمىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم . رەھمەت .

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1402 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:30:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ، ئىتىقاد مىللەتتىن ئۈستۈن . ئاللاھ مىنى مەيلى خەنزۇ ، زاڭزۇ ، قازاق ، قىرغىز ، روس ، نىگىر ھەتتا يەھۇدى قىلىپ ياراتسۇنكى مىنىڭ دىلىمنى ئوچۇق قويۇپ ئاللاھنى تونۇيدىغان مۇسۇلمان قىلىپ ياراتسىلا مەن ئۈچۈن ئەڭ زور شان - شەرەپ ۋە بەخىت ! ئۇيغۇر مىللىتى تولىمۇ سۆيۈملۈك بۇنىسى راست ، ئەمما ياراتقۇچىمىز نەزىرىدە ئەڭ توغرا دىن دەپ قارىلىپ بىزلەرگە پەيغەمبەر ئەپەندىمىزدىن نازىل قىلىنغان ئىسلام دىنىدا مىللەت ئۇقىمى يوق . بىر كۈنى كىشىلەردىن بىرسى ھەزرىتى بىلالنى قارا خوتۇننىڭ بالىسى دەپ ھاقارەت قىلدى ، پەيغەمبىرىمىز ( س ئە ۋ ) بۇ ۋاقىئەدىن خەۋەر تىپىپ دىدىلەركى « ئاق تەنلىك قارا تەنلىكتىن ، قارا تەنلىك ئاق تەنلىكتىن ئۈستۈن ئەمەس . ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشى ئىنسانلار  رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقمايدىغان ، توسقان ئىشتىن يانىدىغان ۋە بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىدىغان ، رىيادىن خالى ، ئاللاھتىن ھەقىقى قورقۇدىغان كىشىلەردۇر » . داۋاملىق مىللەتنى دىندىن ئايرىش مەقسىتىدە ھەركەت قىلىدىغان كىشى ، ئىسىت ئۇنداقلارنىڭ ھالىغا ! ئىنكاسىمنى دىلى ئويغاق دىنداش قىرىنداشلىرىمنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلىمەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ياتلارنىڭ ۋە بىزدىن ئەمەسلەرنىڭ قالايمىقان جۆيلىمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن ~ مۇبادا قالايمىقان نەقىل  ئىلىنسا جاۋاپ قايتۇرۇلمايدۇ ! تامام ۋەسسالام ~

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kurax114 + 59

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

زىيادە كۈلكە ۋە خۇشاللىقتىن قورقىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇم ئىككى بولغان بىلەن مىللى ھىسىياتتن دىن ئۈستىن تۇرىدۇ،بەزى تاللاشقا كەلگەندە مىللەت مەنپەتىدىن دىن مەنپەئەتى ئۈستۈن تۇرىدۇ،مىللەت مۇسۇلمانغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ لىكىن بىر پۈتۈن مىللەت ئىسلامغا ئىتقاد قىلىنىدىكەن شۇ مىللەتنىڭ ئىسلامغا يات بولغان ئىللەتلىرى مۇسۇلمانغا داغ تەككۈزىدۇ چۈنكى شۇ يامان ئىللەتنى قىلغۇچى مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان بولمىغان مىللەتلەرگە نىسبەتەن مۇسۇلمان دەپ قارىلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىتىم ياكى ئەجداتىم دەپ ئىسلامنىڭ يۈزىگە قار سۈركىسەك بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5696
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:39:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ مىسرانىم توربىكىتىدىنمۇ كۆپ ئۇچىرتىپ قالدىم ...مىللىتىم مۇسۇلمان دەيدىغانلارنى مۇسۇلمان ئاتالغۇسى دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئومومى ئاتالغۇسى تۇرسا،،،،،،،،،،ھەي بەزەنلەر ... ئارلاشتۇرۋەتمىسە بولاتتى ،،،،،،،،،،،،ئەقلى كورلۇقتە بۇ.........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86068
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 01:34:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sebr@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-11 02:25 PM  


پەي يەڭگىل بولغاچقا ئۇچارھاۋادا،
تاش ئېغىر بولغاچقا تۇرار قىيادا.
پەيدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ ئىنسان،
يەڭگىللىك ئىللىتى بولسا ناۋادا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89921
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 01:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىن ئەڭ مۇھىم ، مىللەتمۇ مۇھىم بىراق ئەڭ ئاۋال دىننى ئويلىشىمىز ، بۇ دىگىنىم مىللەتتىن ۋاز كەچ دىگىنىم ئەمەس ، بەزى بىرلەرنىڭ قالايمىقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم ، دىننى قويۇپ تۇرۇپ ئازراق مىللىتىمىزگە كۆڭۈل بولىلى دەيدۇ ؟؟؟ بۇ قانداق گەپ ئەمدى ، دىننى قويۇپ تۇرساق كاپىر بولساق بولىدۇ ، دىننى ھەرگىز قويۇپ تۇرساق بولمايدۇ ، دىن بىزنىڭ ھەربىر تال ھۈجەيرىمىزگە سىڭىپ كىتىشى كىرەك ، دىن بىلەن مىللەتنى قارشىلاشتۇرۇپ قويساق بولمايدۇ ، ئىككىسى سىغىشماس ھادىسە ئەمەس ، بىر بىرىسىنى يەكلىمەيدۇ ، ئۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئىككىلىسىنى تەڭ ئېلىپ بارماي ھەدىسىلا بىرسىنىلا دەپ يەنە بىرسىنى چەتكە قايرىپ قويىمىز  ، دىننى قويۇپ تۇرساق مەڭگۈ مىللەتنى مىللەت قىلالمايمىز ، بىلىۋېلىڭ دوستۇم مىللىتىمىزنى مىللەت قىلىپ تۇرۇپ تۇرۋاتقىنى باشقا بىر نەرسە ئەمەس  بەلكى مۇشۇ گۈزەل ئىسلام دىنىمىزدۇر ،  دىنىمىز بولمىسا بىز ئۆمىرىمىزدە بىرەر قېتىم ھەممىمىز بىر يەرگە جەم بولالامتۇق ، ھېلىمۇ دىنىمىز بولۇپ قاپتۇ ھەر جۈمە كۆرشىۋاتىمىز ... ئىنشا ئاللاھ ، شۇڭا دەيدىغىنىم مىللەت بىلەن دىننى زىدىيەتلەشتۈرۈشكە قەتتى بولمايدۇ ، ئىككىلىسى مۇھىم دىن ئەڭ ...ئەڭ ...ئەڭ مۇھىم ، مىللەتمۇ مۇھىم ئۇنى تاشلاپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ ، تەڭ قەدەمدە ئېلىپ ماڭساق بولىدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
IMAM99 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئانا تىلىمىز بىزدىن يىراقلاشقىنى يوق ، بەلكى بىز ئانا تىلىمىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 01:47:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Sebr@ يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 01:34 PM
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بىلۋالدىم.....

سەبرى قىرىندىشىم نىمىنى بۈلىۋالدىڭىز ؟ بۇتىمىغا تەنقىدى پۇزۇتسىيە تۇتمىسىڭىز بولمايدۇ،بۇ تىمىنىڭ قاراشتا ئىككىسىنى بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشتەك تۇرغان بىلەن كىشىدە خاتا ئىدىيە شەكىللىنىپ قالىدۇ،سىزمۇ يۇقۇملىنىپ قالماڭ ئىنكاسىڭىزدىن باشقىچە پۇراق كىلىۋاتىدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Sebr@ + 10 مانا تەھرىر لىۋەتتىم

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90669
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 01:52:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلگە شەرەف بولمادى جاھۇ-نەسەف ،
لىك شەرەف كەلدى ھەياۋۇ-ئەدەب .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90669
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 01:53:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا بۇ ئىنكاس خاتا چىقىپ قاپتۇ ! ھەي ............

ئەلگە شەرەف بولمادى جاھۇ-نەسەف ،
لىك شەرەف كەلدى ھەياۋۇ-ئەدەب .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش