مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1470|ئىنكاس: 25

ئىسراپچىلىق توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ باقامدۇق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:03:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قەدىرلىك تورداشلار ، مەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى "كۆڭۈلدىكى سۆز" ۋە بۈگۈنكى "ئىستىمال ۋە ساغلاملىق" پروگراممىلىرىدىكى ئاچ يالىڭاچلىقتا قېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئېچىنىشلىق سۆرەتلىرىنى كۆرۈپ بەك ئىچىم سىيرىلدى . ئەتراپىمىزدىكى ئىسراپچىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن . بىزنى ئەڭ ئويغا سېلىشقا تىگىشلىكى يىمەكلىك ئىسراپچىلىقى ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم . ئارىمىزدا تاماقنى ئارتۇق ئىتىپ قۇيۇپ ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئاشقان تاماقنى ئەخلەتكە تاشلايدىغانلار بار . ھەرخىل توي تۈكۈن ، نېزىر چىراقلارنى رىستۇراندا ئۆتكۈزۈپ ھەم خەقنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ ، ھەم نۇرغۇن قورۇمىلارغا زىيادە پۇل خەجلەپ بەك ئىسراپچىلىق كەلتۈرىۋاتىمىز . ئاشۇ تۈكۈلۈۋاتقان تاماقلارنى بەزىلىرىمىز ھەتتا ئۈمرىمىزدە يەپ بېقىشقىمۇ مۇيەسسەر بۇلالماسلىقىمىز مۇمكىن .
    بىز ئۇيغۇرلار مىھماننى بەك چوڭ بىلىدىغان مىللەت . مىھمان كەلدىمۇ ئۇنىڭغا نەچچە خىل تاماق قىلىپ ھارمايمىز ياكى رىستۇرانغا ئەكىرىپ قانچە جىق پۇللۇق مىھمان قىلىۋالساق شۇنچە مەغرور يۈرىمىز ، تاماقنىڭ ئېشىپ قېلىۋاتقىنى ، ھەم يانچۇقىمىزغا زىيان ھەم زىيادە تاماق ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاشمايمىز . مىھمانغا ئۈستى ئۈستىلەپ بەش ، ئالتە خىل تاماقنى بېرىشنىڭ ئۆزى ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ قېرىنداشلار ! بىر قېتىم باشقىلارنى مىھمان قىلساق بىر نەچچە ئاي ھالىمىزدىن كىتىمىز ، شۇنداق بولسىمۇ يەنە زىيادە ئىسراپخورلۇقتىن ھالقىپ كىتەلمەيۋاتىمىز . بىز ئابرۇيىمىزنى مانا مۇشۇنداق مەنىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتىمىز . مىنىڭچە ، يىسەك يەيلى ، لېكىن لايىقىدا يەيلى . بىر كۈنلۈك ئىستىمالىمىزدا كېرەكلىك بولغان ئاقسىل ، ماي ، ۋىتامىن ، كراخمال ، سۇ ، كاربون بىرىكمىلىرى دىگەندەك ئۇزۇقلۇقلارنى ئويلىشىپ تۇرۇپ ئىستىمال قىلايلى ! بىز ئۇنداق جىق يەۋالىدىغان ئات ، كالا ئەمەس . تاماقنى سىڭدۈرۈش مەسىلىسىنى ئويلىشايلى ! ھازىر ئەتراپىمىزدا سىمىزلىك ، قان بېسىم ، يۈرەك قان تۇمۇر دىگەندەك نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ مەنبەسى مانا مۇشۇنداق يىمەكلىك ئىسراپچىلىقىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ !
  مۇشۇنداق شارائىتتا يەنە بەزىلىرىمىزنىڭ كۆزى كور بۇلۇپ قالغاندەك ھەدىسە كۇچىدىكى ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە خۇددى " ......قا چىۋىن ئۇلاشقاندەك " ئۇلىشىۋاتىمىز . نىمىشقا ھالال بىلەن ھارامنى ، يىمەكلىك بىلەن ئەخلەتنى ئىلغىيالمايمىز؟؟؟؟؟؟
  قەدىرلىك تورداشلار ، مەن يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلماقچى ئىدىم . ھازىرقىنىڭدەك ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەتتە ، بۇ تىمىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئەزانىڭ بۇ تىمىغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن . يەنە گەپلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق دىيىشىۋالارمىز . ھەرگىزمۇ مىنى بىھۇدە تىللاپ كەتمەڭلار ! گەرچە بۇ ئىشلار ھەممىمىز بىلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ يادىمىزغا كەلتۈرۈپ ئويلىنىشىمىزغا تىگىشلىك دەپ قارايمەن .

مەنبە : ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79886
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3687
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:19:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ھازىر ئسراپچىلىقلار كۆپىيىپ قالدى،ياخشى تېما بوپتۇ

ئانا تىلىم ئەگەر سەن ئەتە يوقالماقچى بولساڭ،مەن بۈگۈن ئۆلۈشكە رازى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87194
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 773 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:24:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان كەرىمدە يەڭلار ئىچىڭلار ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ ، سۈرە ئەئراف31- ئايەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كېچە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-11 12:26 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 898
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:28:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  مۇشۇ تېمىدا ئەسەر يوللاي دەپ ئويلىغان ئىدىم.شۇنداق جەمىيىتىمىزدە ھازىر ئىسراپچىلىق بەك ئېغىرلىشىپ كەتتى.ھەممىمىز بۇنىڭغا قارشى تۇرساق بولاتتى.تېمىڭىزغا رەھمەت.مەنمۇ ئەتىلەردىن بىر تېما يوللاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90482
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:35:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەقىقەتەن ياخشى ئويلاپسىز،دىمىسىمۇ ھازىر ئىسراپچىلىق چىكىگە يەتتى، بۇنى ھەر قانداق بىر ئەقلى -ھوشى جايىدا ئادەم چوقوم ئويلىنىشقا تىگىشلىك  .


         ئۇنتۇما كۆكتات يەپ چامغور قاينىتىپ،

        ئوماچقا زار بولوپ ئۆتكەن كۈنىڭنى.

       ئالتۇنغا بىر بۇردا زاغرا تاپالماي،

       ھاياتتىن قول ئۈزگەن ئەجداتلىرىڭنى.


سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ،
ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىنى ئاتا قىلسۇن .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:36:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:39:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:50:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:51:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:54:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش