غەيۋەتچى بازارنى قاچان تاقايسەن؟
ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ.كىچىكىمدە بازارنىڭ تاقىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم.ئۇچاغلاردا ئائىلە تۇرمۇشىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.ھازىرقى بالىلار يەيدىغان،ئوينايدىغان نەرسىلەر بىزدە نىمە ئىش قىلسۇن.لىكىن ھەر يەكشەنبە كۈنى دادام بازارغا كىتىپ بىزگە ئالما،كەمپۈتلەرنى ئالغاچ كىلەتتى.بۇ بىزگە ئادەت بۇلۇپ قالغاچقىمىكىن،يەكشەنبە بولسىلا ئۆيدە ئولتۇرالماي قالاتتۇق.ئۇكىللىرىم بىلەن دادام تېخى ئەككەلمىگەن نەرسىلەرنى بۈلۈشۈپ كىتەتتۇق.بىراق قېرىشقاندەك دادامنىڭ قارىسى كۈرۈنمەيتتى.بىز جىددىلىشىپ تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە ئىشىك ئالدىدا دادامنى ساقلايتتۇق.دادامنى كۆرۈپلا قۇش باللىرىدەك چۇۋۇرلىشىپ كىتەتتۇق.دادام ئەكەلگەن نەرسىلەرنى بىزگە بۈلۈپ بىرەتتى،بۇ چاغدا كىچىككىنە ئۆيىمىز ھېيىت بولغاندەك قىزىپ كىتەتتى.شۇنداق ۋاقىتلاردا دادامدىن:
-بالدۇرراق كەلسەڭ بولمامدۇ؟سىنى بەك ساقلاپ كەتتۇق ›-دەپ سۇرايتتىم.دادام كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بازارچىكام بازارنى تاقىغاندا ئاندىن كىلدىغان گەپ بالام›-دەيتتى.
ئىچىمدە ئاشۇ بازارچىنى تەسەۋۇر قىلاتتىم،‹‹ئۇ نىمشقا بازارنى بالدۇر تاقىمايدىغاندۇ؟››دەپ ئويلايتتىم.شۇنىڭدىن كىيىن ھېلىقى بازارچىغا ئۆچ بۇلۇپ قالدىم.دادام بازاردىن كەچ قالسىلائۇكىللىرىم بىلەن ھېلىقى بازارچىدىن رەنجىيتتۇق.بۇنداق ۋاقىتلاردا دادام:‹‹بالام كىشىنىڭ يامان گىپىنى قىلسا ئېغىزغا يارا چىقىپ قالىدۇ،دەرھال تۇكۇرىۋىتىڭلار››دەيتتى.بىز ئاغزىمىزنى سىلىغىنىمىزچە‹‹تۇف،تۇف››دەيتتۇق.نەچچە كۈنگىچە ئاغزىمىزنى سىلاپ ئەندىشە ئىچىدە يۈرەتتۇق.شۇنىڭدىن باشلاپ ئاشۇنداق ئىشلارغا يۇلۇقۇپ قالسام كىچىكلىكىمدىكى ئاشۇ ئەخمەقلقىم ئىسىمگە كىلىدۇ.دادامنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنى سۈيۈنۈش ئىچىدە ئەسكە ئالىمەن.ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
بىراق ھازىرقى كىشىلەرچۇ؟ئۇلار ئاتا-ئانا،ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭمۇ يامان گىپىنى قىلىدۇ،ھەتتائاللاھقىمۇ شەك كەلتۈرىدۇ.ئاپتۇبۇستىكى ئىككى ئايالنىڭ سۆزلىرى مىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.ئۇلار ئېغىزلىرىنى پۈرۈشۈپ،چىرايلىرىنى تۈرۈپ كىملەرنىڭدۇ گىپىنى قىلۋاتقان ئىدى.
-قارا ئاداش نوركا كەيسىلا يۇغان ئادەم بۇلۇپ كىتەمدۇ،ئاۋۇ نايناقنىڭ يولۋاس تىرىسىدەك بىر نەرسىنى كىيىۋىلىپ تىرىسىگە پاتماي قالغىنىنى كۆرگەنسەن؟
-مەنمۇ ئىرىمگە دەپ نوركىدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنىڭ كۈزىدىن ئوت چىقىرۋەتمىسەم.
-شۇ ئەمەسمۇ سەن يا بەشتە كاپالەتلىك بولمىساڭ نوركا دىگەن نىمىدى ئۇ!ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بەكلا كۈلگۈم كەلدى.
ھەي بىز ئاياللار نىمە دىگەن ئەخمەق-ھە!ھەدىسىلا كىيىم -كىيىم دىگەن،ياخشى بىزنى شۇ كىيىم بىلەن يەرلىكىگە قويمايدىكەن،بولمىسا كىيىم ۋەسۋىسىدە سەرسان بۇلۇپ يۈرەرمىدۇق.شۇخىيال بىلەن بىكەتكە كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ ئۈيۈم تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.گەرچە قىش ۋاقتى بولسىمۇ ھاۋا شۇنداق ياخشى ئىدى.قورۇ ئىچىدىكى تاش ئۇرۇندۇققاقىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئۇيغانغان چۈمۇلىلەردەك بىر توپ ئەرلەر توپلىشىۋالغان ئىدى.ئۇلار كىمنىڭدۇر ماشىنىسى،قەرزى،ئائىلىسى توغرىسىدا بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلەۋاتاتتى.ئارىدىن بىرى:<<ئاللاھنىڭ كۆزى يوق ئىكەن،شۇنداق ھارام-تاماق گۇيلارغا بەرگەن مال دۇنيانى نىمە دەپ بىزدەك مۆھمىن بەندىللىرىگە بەرمەيدۇ؟>>دەپ ئاۋازىنىڭ بارىچە توۋلاشقا باشلىدى.بۇنى كۆرۇپ تېخمۇ ھەيران قالدىم.كىشىلەر ئاياللارنىغۇ ئەزەلدىن<<غەيۋەتنىڭ ئانىسى>>دەپ قارايدۇ.شۇڭا كونىلار:<<ئۇچ ئايال بىر بولغان ئۆيدە قازان ئېسىلمايدۇ>>دەپتىكەن.ئاڭلاشلارغا قارىغاندائاياللار ئاغزى ئىتتىكلىكى سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ <<گۆرىنىمۇ>>چوڭقۇر كولارمىش.
بىراق ئەرلەرچۇ؟بۇلارنى ئويلاپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم.بىزنىڭ مەرت،سېخى،قاۋۇل ،قەددى تاغدەك ئەرلىرىمىزبۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا تۈگۈلۈپ ئاياللاردەك غەيۋەت قىلىپ يۈرسە بۇنىڭدىن نۇمۇس قىلمامدىغاندۇ؟
بىزنىڭ ئەشۇ ئەرلىرىمىز ئۈزىنىڭ باتۇرلىقى بىلەن تىللاردا داستان بولغىدەك قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىگى بىلەن چۆللەرنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغان.ئۈزىنىڭ ئاقىل ئۇرۇنلۇق سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولغان ئەمەسمىدى؟
بىراق بايقىدەك ئەرلەرچۇ؟ئۇلارنى ئەردىيىشكە تىلىم كۈيىدۇ.
<<كونىلار ئالدىغا كەلگەننى يىيىش ھايۋاننىڭ ئىشى،ئاغزىغا كەلگەننى دىيىش ناداننىڭ ئىشى >>دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان ئىكەن.<<شۇكرى قانائەت،تىرىشچانلىق بەختنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى>>بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن شۇكرى قانائەتچان،تىرىشچان، مىھرىبان مىللەت.
بىراق ھازىرچۇ؟شەخسىيەتچىلىك كۆزىمىزنى تۇسۇپ كۈرەلمەس قىلىپ قۇيۇۋاتىدۇ.ھەممىدە ئۈزىمىزنىلا ئويلاپ باشقىلار بىلەن كارىمىز بولمايدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانىمىز ئۆلمەي تۇرۇپلا مىراس بۇلۇشكە ئالدىرايمىز،ئالدىدا ماڭغانلارنى پۇتلايمىز،خوش-خوش دىگەنلەرنىڭ مەيدىسىگە مۇشلاپ،بېشىنى كۈتۈرەلمەس قىلىۋىتىمىز.ئۇرۇق تۇغقانلارمۇ ئۆز-ئارا مەنمەنچىلىك تالىشىپ گەپ تارقىتىپ يۈرىمىز.
غەيۋەت-ئەقىل،ئىماننى بۇلغايدۇ،ئادەمنى شەخسىيەتچى،كۈرەلمەس قىلىپ قۇيىدۇ. ئۇشەيتاننىڭ قىلقىدۇر.بىراق بىزچۇ؟ئەشۇ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ،سورۇن تاللىماي غەيۋەت قىلىپ يۈرىمىز.بەزىدە دوسلىرىمنىڭ<<ئۇگەپنى دىمە دىسەم باشقىلارغا دەپ قۇيۇپتۇ>>دەپ ئاغرىننغىنىنى ئاڭلايمەن،باشقىلار ئۇقمىسۇن دىگەن ئادەم باشقىلارغا دىمەسلىك كىرەك.ئادەمنى ئۆزسىرىنىڭ شىرى ئۆلتۈرىدۇ.ئۈزىڭىزنىڭ قەلبىگە پاتمىغان سىر قانداقمۇ باشقىلارنىڭ قەلبىگە سىغسۇن؟سىز باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا سىرلىرىڭىزنى قەلىپ قەپىزىڭىزگە مەھكەم سولاپ،ئېغىز ئىشىكىنى ئىتىپ تاشلاڭ!شۇندىلا باشقىلاردىنمۇ رەنجىپ يۈرمەيسىز.
كونىلار<<پۇت يۇگۈرۈگى ئاشقا،ئېغىز يۈگۈرۈگى باشقا>>دەپ توغرا ئېتقان.بىر ئېغز گەپ تۇپەيلى،نۇرغۇن سورۇنچىلىقلارنى تارتىپ،بىر ئۈمۈر ھەسرەت-نادامەتتە ئۈتىدىغانلارمۇ ئازئەمەس-ئەلۋەتتە.مىللىتىمىز ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ يامان گىپىنى قىلىشىنى يامان ئادەت دەپ قاراپ كەلگەن.
بىراق ھازىرچۇ؟غەيۋەت خۇددى ۋىروستەك تەرەپ تەرەپلەردە يامراپ يۈرمەكتە.ئۇنۇڭغا نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللار ئىشتىراك قىلىپ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنى ئاۋات بازارغا ئايلاندۇردى.شۇڭا بىز بەك گۇمانخور بۇلۇپ كەتتۇق.<<قارىساڭ كۆزۈڭنى ئويىمەن،سۆزلىسەڭ تىلىڭنى كىسىمەن>>دەپ بىر-بىرمىزدىن گۇمانلىپ،ئۆزئارا غەيۋەت،بوپىسىنى كەيدۈرۈپ كىلىۋاتىمىز. <<گۇمان-ئىماننى قاچۇرۇپتۇ>>دىگەندەك بارا-بارا بىر-بىرمىزدىن يىراقلىشىپ.ئادىمىلىكتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز.
ھازىرقى دەۋرىمىز پەن-تېخنىكا،رىقابەت دەۋرى.بىز ئۆز-ئارا مەنمەنچىلىك تالىشىپ،غەيۋەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ يۈرگەن كۈنلەردە باشقىلار ئىلىم دۇلدۇلىغا مىنىپ سەييارىلار ئارا كىزىپ يۈرۈيدۇ.بىز قۇرۇق گەپ مەنمەنچىلىك بىلەن ئەمەس،بەلكى ئىلىم پەن ئارقىلىق ئۈزىمىزنى نامايەن قىلالايمىز.غەيۋەتكە سەرىپ قىلغان زىھنىمىزنى ئىلىم-پەنگە بېغىشلايلى!باللىرىمىزغا مەرتلىك ،ۋاپا،مىھرىبانلىقنى تەكىتلەيلى!غەيۋەت بىلەن قىسىلغا كۆزلىرىمىزنى يۇغان ئېچىپ،ئەتراپقا نەزەر سالايلى!
مەن ھازىر چوڭ بولدۇم،بۇرۇنقىدەك ئەخمەقلەرچە بازارنىڭ تاقىلىشىنى كۈتمەيمەن.بىراق غەيۋەت قۇرۇق سۆز-تۆھمەتلەرنىڭ ئارىمىزدىن يۇقۇلىشىنى،مىللى ئەنئەنە ۋە خاسلىقىمىزنى ساقلاپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ رىقابەت،خرىس دەۋرىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشىنى ئۈممۇت قىلىمەن. ھەممىز دوسىت-قېرىنداش،ھەرگىزمۇ دۈشمەن ئەمەس.ئىشەنچ ئادەمنى ياشنىتىدۇ.بىز بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىپ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەيلى !گۈزەل كەلگۇسى بىزنى كۈتمەكتە....
مىنىڭ يەنە شۇنى بىلگۈم كىلىدۇ.غەيۋەتچى بازارنى زادى قاچان تاقايسەن؟.......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akida888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-10 11:55 PM