مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3689|ئىنكاس: 50

جۈمە نامىزى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 01:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            جۈمە(يىغىلىش) نامىزى   

    ئەسسەلەمۇ ئەلەيكوم ! بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلار ! جۈمە دىگەن  بۇ سۆز ئەرەپچە  بولۇپ مەنىسى  يىغىلماق  توپلانماق دىگەنلىك بولىدۇ !   بۇ يازمام  مەدىنە پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ  ئىمامى  ئۇستاز ۋە ئالىم ئەبۇبەكرى جابىرىئىل  جەزائىرىنىڭ "مۇسۇلمانلار يولى" دىگەن شەرھىي كىتابىدىكى يازمىسىدىن ئېلىندى !  كەڭ  مۇسۇلمان  قىىرىنداشلارنىڭ  ئىختىلاپىغا چوقۇم پايدىسى تىگىپ  قالار دەپ يوللىدىم  !


1-جۈمە نامىزىنىڭ  ھۆكىمى :
  جۈمە نامىزى ۋاجىپ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:"ئى مۆمىنلەر!جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئىيتىلسا،ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ! يەنى جۈمە خۇتىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا ئالدىراپ بىرىڭلار ! ئىلىم -سىتىمنى قۇيۇپ تۇرۇڭلار !" سۈرە بەقەرە 239-ئايەت . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"كىشىلەر ياكى جۈمەلەرنى تەرك ئىتىشتىن يانىدۇ ياكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىگە مۆھۈر باسىدۇ دە! ئۇلار غاپىللاردىن بولۇپ قالىدۇ."بۇخارى رىۋايەت قىلغان! پەيغەمبىرىمىز يەنە مۇنداق دىگەن:" جۈمە نامىزى :قۇل، ئايال كىشى ، كىچىك بالا ،كىسەل كىشىدىن باشقا ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپ ھەق !"2-جۈمە نامىزىنىڭ قانۇنلۇق بۇلۇشتىكى ھىكمىتى:
جۈمە نامىزىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشتىكى ھىكمەتلەردىن بىرى:
يىزا -شەھەر ئاھالىلىرىدىن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان كىشىلەرنى ھەر ھەپتىنىڭ بېشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىن ۋە دۇنياسىغا ئالاقىدارلىق ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمام ۋە خەلىپىسى چىقارغان  قارارلارنى ئاڭلاش !ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەم مەجبۇرىيەتلەرنى ھەپتە ئىچىدە ئاكتىپلىق ۋە قەتئىي ھالدا ئۆتەشكە ياردەم بىرىدىغان ، رىغبەرلەندۈرۈش ،قۇرقۇتۇش ۋە كايىشلارنى ئاڭلاش ئۈچۈن يىغىشتۇر!
بۇھىكمەتلەر جۈمەنى شەرتلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئويلۇنۇش جەريانىدا نامايەن بولىدۇ! چۈنكى جۈمەنىڭ شەرتلىرى كەنىت،مەسچىت ،بىر ئورۇن،خەلىپە ياكى ۋالىينىڭ خۇتبىسى بولۇش ، خۇتبە ئارلىقلاردا سۆزلەشنىڭ ھاراملىقى مەسچىتتە ئۇتتۇرىغا قۇيۇلغان تەكلىپ ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالالمايدىغان قۇل،ئايال، كىچىك بالا ،ۋە كىسەل ئادەملەردىن ساقىت بولۇشى قاتارلىقلاردۇر!-----------(ئويلىنىڭ)
3.جۈمە كۈننىڭ پەزىلىتى:
جۈمە كۈنى دۇنيادىكى ياخشى كۈنلەر ئىچىدىكى  پەزىلەتلىك ۋە بۈيۈك كۈن بولۇپ، بۇ ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:" قۇياش چىققان ۋە يۇرۇغان كۈنلەرنىڭ ياخسىشى جۈمە كۈنىدۇر ! بۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان!شۇ كۈندە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ! شۇ كۈندە جەننەتتىن چىقىرىلغان! شۇ كۈندە قىيامەت بولىدۇ!" مۇسلىم رىۋايت قىلغان!   
4-جۈمەنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى ۋە جۈمە كۈنى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
1)جۈمەگە قاتناشقان ھەربىر كىشىنىڭ غۇسلى قىلىشى-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇش ھەربىر بالاغەتكە يتكەن كىشىگە  ۋاجىپ" بىرلىككە كىلىنگەن ھەدىس!
2)پاكىز كىيىم كىيىش،خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش!پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"ھەربىر مۇسۇلمان جۈمە كۈنى يۇيۇنۇشى ، پاكىز كىيىملەرنى كىيىشى ،خۇشپۇراق نەرسىلەربولسا ئىشلىتىشى لازىم !"!
3)جۈمەگە بالدۇر بىرىش ، يەنى جۈمە ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن بىرىش : پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"جۈمە كۈنى پاكىز غۇسلى قىلىپ  مەسچىتكە ئەۋۋالقى ۋاقتىدا بارغان ئادەم بىر تۆگە سەدىقە قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ! ئىككىنىچى سائەتتە  يەنى كىيىنرەك بارغان ئادەم بىر كالا سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ ! ئۈچىنچى سائەتتە يەنى ئۇنىڭدىن كىيىنرەك كەلگەن ئادەم بىر مۈڭگۈزلۈك قوشقار سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ ! تۆتىنچى سائەتتە كەلگەن ئادەم يەنى ئۇنىڭدىنمۇ كىيىن كەلگەن ئادەم بىر توخۇ سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ ! بەشىنچى سائەتتە كەلگەن ئادەم  بىر تۇخۇم سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ ! ئەگر ئىمام خۇتبىگە چىقسا پەرىشتىلەر قاتنىشىپ خۇتبىنى ئاڭلايدۇ !"مالىك رىۋايەت قىلغان !
4)مەسچىدكە كىرگەندە نەفلە نامازدىن 4رەكئەت ياكى قىراق،ئۆزىگە ئاسان  بولغانلىرىنى ئوقۇش ! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"بىر ئادەم جۈمە كۈنىسى غۇسلى قىلىپ ،قادىر بولغىنىچە پاكىزلىنىپ ئۆيدىكى ماي ياكى خۇشبۇي نەرسىلەردىن ئىشلىتىپ، ئاندىن مەسچىتكە بىرىپ ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەي ئۆزىگە تەقدىر قىلىنغان نامازنى ئوقۇپ ،ئىمام سۆزلىسە جىم تۇرسا ئۇنىڭ جۈمە كۈنىدىن يەنە بىر جۈمە كۈنىگىچە بولغان گۇناھىلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ! ئەگەر گۇناھى كەبىرە ئۆتكۈزمىسە !"بۇخارى رىۋايەت قىلغان!
5)ئىمام خۇتبىگە چىققاندا بىكار ئىش ۋە گەپ سۆزلەرنى توختۇتۇش ! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"جۈمە كۈنىسى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقىنىدا يىنىڭدىكى ئادەمگە : جىم تۇر دىسەڭ بىھۇدە ئىش قىلغان بولىسەن !"مۇسلىم رىۋايەت قىلغان !
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"تاش سىلاپ ئولتۇرغان ئادەم بىھۇدە ئىش قىلغان بولىدۇ ! بىھۇدە ئىش قىلغان ئادەم جۈمە ئوقۇغان بولمايدۇ !"
6) مەسچىتكە كىرگەندە ئىمام خۇتە سۆزلەۋاتقان بولسا يەڭگىل ئىككى رەكئەت تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزى ئۇقۇيدۇ!پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"بىرىڭلار جۈمە كۈنىسى مەسچىتكە كىرسە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقان بولسا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالسۇن !" مۇسلىم رىۋايەت قىلغان !
7)ئولتۇرغانلارنىڭ گەدىنىدىن ئاتلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش مەكرۇھ بولىدۇ ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ دولىسىدىن ،گەدىنىدىن ئاتلاۋاتقان كىشىنى كۆرۈپ:" ئولتۇر چوقۇم سەن ئەرزىيەت يەتكۈزدۈڭ!" دىگەن !"ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان ! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"ئىككى ئادەمنىڭ ئۇتتۇرىسى ئايرىلمايدۇ!"بۇخارى رىۋايەت قىلغان !
8)جۈمەگە ئەزان ئىيتىلغاندا ئىلىم -سىتىم ھارام بولىدۇ !ئاللاھ مۇنداق دىگەن:"ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئىيتىلسا ، ئاللاھنى ياد ئىتىشكە ئالدىراپ  بىرىڭلار ! ئىلىم سىتىمنى قۇيۇپ تۇرۇڭلار !"سۈرە جۈمىە9-ئايەت
9)جۈمە كىچىسى ياكى كۈندۈزى سۈرە كەھىفنى ئوقۇش مۇستەھەپ ! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"كىمكى جۈمە كۈنى سۈرە كەھىفنى  ئۇنىڭغا ئىككى جۈمە كۈنى ئارىسىدا نۇر يىغىپ تۇرىدۇ !"ھاكىم بايان قىلغان!
10)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت ئوقۇش ۋە تىنىچلىق تىلەش ! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"جۈمە كۈنى كىچىسى ماڭا كۆپ دۇرۇد ئوقۇڭلار ! مۇشۇنداق قىلغان كىشىگە مەن قىيامەت كۈنى  گۇۋاھچى ۋە شاپائەتچى بولىمەن !"بەيھەقى بايان قىلغان !
11)جۈمە كۈنىسى كۆپ دۇئا قىلىش ! چۈنكى بۇ كۈندە دۇئا ئىجابەد بولىدىغان بىر ۋاقىت بار ! ئالاھ بۇ ۋاقىتقا توغرا كىلىپ قالغان كىشىنىڭ  دۇئاسىنى قۇبۇل قىلىپ سورىغان نەرسىسىنى بىرىدۇ !پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"جۈمە كۈنىدە ئەلۋەتتە بىر ۋاقىت بار ! بۇ ۋاقىتقا بىر مۇسۇلمان بەندە ئۇدۇل كىلىپ قىلىپ  ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە دىن ياخشىلىقنى سورىسا ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى بىرىدۇ !"مۇسلىم رىۋايت قىلغان !( بۇ ئىمام جۈمە نامىزىدىن  پارىغ بولۇپ چىققان  چاغلار بولۇپ ، ئەسىردىن كىيىن دىيىلگەن ! )-ئەھمەد ئىبنى ماججە بايان قىلغان!
5-نامازنىڭ ۋاجىپ بولۇش شەرىتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ئەر بولۇش، ئايالغا ۋاجىپ بولمايدۇ!
2)ئەركىن بولۇش، قۇلغا  ۋاجىپ بولمايدۇ!(تەپەككۈر!!! )
3)بالاغەتكە يەتكەن بۇلۇش سەبىي بالىغا ۋاجىپ بولمايدۇ!
4)ساغلام بولۇش كىسەل كىشىگە ۋاجىپ ئەمەس ! ئۇ كىسەل بولغانلىقتىن نامازغا قاتنىشالمايدۇ !
5)يۇرتىدا تۇرغان كىشى بولۇش .مۇساپىرغا ۋاجىپ بولمايدۇ ! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:" جۈمە  :قۇل، ئايال كىشى ، سەبى بالا ،ياكى كىسەل كىشىدىن باشقا ھەممە مۇسۇلمانغاھەقىقى ۋاجىپتۇر!"    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دىگەن:" كىسەل ياكى مۇساپىر ياكى ئايال ياكى سەبىي بالا ياكى قۇلدىن باشقا ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان كىشى  چوقۇم جۈمە ئوقۇشى كىرەك !"دارىقۇتى ۋە بەيھەقى بايان قىلغان !  
جۈمە ۋاجىپ بولمىغان كىشىلەر جۈمەگە قاتنىشىپ ئىمام بىلەن جۈمە نامىزىنى ئوقۇسا توغرا بولۇپ ئۇنىڭدىن جۈمەنىڭ ۋاجىپلىقى ساقىت بولىدۇ ! ئۇنىڭدىن كىيىن پىشىننى  ئوقۇمايدۇ !

6-جۈمە نامىزىنىڭ دۇرۇس بولۇش شەرىتلىرى:
1) يىگانە كەنىت، تاغلىق رايون ياكى سەپەردە جۈمە نامىزى ئوقۇش توغرا ئەمەس! تاغلىق يالغۇز كەنىتتىكى ئادەملەرنى جۈمە نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇلمىغان ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سەپەرگە كۆپ چىققان بولسىمۇ سەپەردە جۈمە نامىزى ئوقۇغانلىقى ئىسپاتلانمىغان !
2)مەسچىت بولۇش ! مۇسۇلمانلار ئىسىق ياكى سوغۇقتىن زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن جۈمە نامىزىنى  مەسچىتنىڭ ئىچى ياكى سەينالىرىدىن باشقا ئورۇندا ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ !
3) خۇتبە(تەشۋىقات) بولۇش ! خۇتبە ئۇقۇلمىسا جۈمە نامىزى ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس ! چۈنكى جۈمە نامىزى خۇتبە سەۋەبىدىن يولغا قۇيۇلغان !
7-جۈمە نامىزى كەنىتتىن يىراق كىشىلەرگە ۋاجىپ  بولمايدۇ!  جۈمە نامىزى ئۇقۇلىدىغان شەھەردىن 3 مىل دىن جىقراق يىراققا جايلاششقان كىشىگە جۈمە نامىزى ۋاجىپ بولمايدۇ ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:" جۈمە نامىزى ئەزاننى  ئاڭلىغان كىشىلەرگە ۋاجىپ "  ئادەتتە مۇئەززىننىڭ ئاۋازى ئۈچ مىل  يەنى تۆت يىرىم كىلومىتىر ئارىلىقتىن ئىشىپ كەتمەيدۇ!
8-جۈمە نامزىدىن بىر رەكئەت  ياكى ئازراقىغا ئۈلگۈرگەن كىشى جۈمەدىن بىر رەكئەتكە ئۈلگۈرسە ئۇنىڭغا  ئىمام سالام بىرىپ بولغاندىن كىيىن  ئىككىنچى رەكئەتنى قوشۇپ ئوقۇيدۇ ! بۇ ئۇ ئادەمگە كۇپايە قىلىدۇ ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"نامازدىن بىر رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن ئادەم  ھەممىسىگە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ !"بىرلىككە كەلگەن ھەدىس! ئەمما ئىمام سەجدىگە برىپ بولۇپ بىررەكئەتتىن يىرىمى ۋە ئازراقىغا ئۈلگۈرسە  پىشىنگە نىيەت قىلىپ  ئىمام سالام بىرىپ  بولغاندىن كىيىن  تۆت رەكئەت پىشىننىڭ پەرز نامىزىنى تولۇقلايدۇ !
9-جۈمە نامىزىنى بىر شەھەردە كۆپ يەردە ئوقۇش :
ئەگەر پەقەت :مەسچىت كىچىك كىلىپ قىلىپ كىڭەيتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا ئاندىن  ئىھتىياجغا ئاساسەن  شەھەردىكى باشقا بىر ياكى  بىر قانچە مەسچىتلەردە جۈمە نامىزى ئوقۇلسا دۇرۇس بولىدۇ !()

10-جۈمە نامىزىنىڭ كەيپىياتى :
ئىمام كۈن قايرىغاندا مۇنبەرگە چىقىپ ئولتۇرغاندا مۇئەززىن پىشىنگە ئوقۇغان ئەزاننى توۋلايدۇ ! مۇئەززىن ئەزاننى تۈگەتسە ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا دۇرۇد ۋە سالام يوللاپ كىشىلەرگە خۇتبە(تەشۋىقات) قىلىشقا باشلايدۇ ! ئاندىن ئۈنلۈك ئاۋازدا كىشىلەرگە ۋەز نەسىھەت قىلىپ ،ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  بۇيرۇق ۋە توسۇشلىرىنى يەتكۈزىدۇ! ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ! قۇرقۇتىدۇ! ۋەدە كايىشلارنى ئەسلىتىدۇ! ۋە ئازراق ئولتۇرۇۋىلىپ ،ئورنىدىن تۇرۇپ  خۇتبىسىنى يىڭىدىن  باشلاپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇپ ئۆز تىلى بىلەن خۇتبىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ! بۇ ئاۋاز قوماندان  ئەسكەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئاۋازغا ئوخشايدۇ !  ئىمام خۇتبە ئوقۇپ بۇلۇپ چۈشسە  مۇئەززىن نامازغا تەكبىر ئوقۇيدۇ ! ئىمام جامەئەت بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا  قىرائەت بىلەن ئىىككى رەكئەت جۈمە نامىزىنى ئوقۇيدۇ ! بىرىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھە بىلەن سۈرە ئەئلانى، ئىككىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھە بىلەن  سۈرە غاشىيەنى ئوكۇش ياخشىراق !


                               جۈمە نامىزىدىن ئالدى ۋە كەينىدەئوقۇلىدىغان قۇشۇمچەنامازلار ھەققىدە


ئەسسەلەمۇ ئەلەيكوم مۇسۇلمان قىرىنداشلار ! جۈمە نامىزىنىڭ ئالدى كەينىدەئوقۇلىدىغان  نامازلار توغرۇلۇق ! ئىسلام ئەسلىيەتچى ئالىملىرى تەرىپىدىن يىزىلغان "بىدئەت ۋە سۈننەت " دىگەن كىتابتىن  بۇنىڭغا ئىنىقلىما بىرەي !
1.جۈمە نامىزى ئەسلى ئىككى رەكئەت پەرىز بولۇپ ، بۇ ئىككى رەكئەت نامازنىڭ ئالدىدا تۆت رەكئەت سۈننەت دىيىلىدىغان بىر نامازبار ! لىكىن بۇ نامازنى ئوقۇش شەرىت ئەمەس !  ئىبنى مۇئەججە خاتىرلىگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  جۈمەنىڭ ئىىككى  رەكئەت پەرىزىدىن  بۇرۇن  تۆت رەكئەت سۈننەت ئۇقۇدى دىگەن ھەدىسنى  ھەدىس ئالىملىرى بىردەك زەئىپ ھەدىس ،غىرىب ھەدىس  ! كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ قارايدۇ ! ئەمما تۆت ئىماملارنىڭ ھەممىسى بىردەك خۇتبىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەتنى شەرت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ دىگەن ! شۇڭا  بۇ مەشھۇر ھەدىس ئالىملىرى ۋە ئىماملارنىڭ ئىنىقلىمىسىغا كۆرە  جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرىزىدىن بۇرۇن چوقۇم تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇش شەرت ئەمەس !ئىككى رەكئەت پەرىز نامازغىچە خالىغانچە ئوقۇسا بولىدۇ !
2.جۈە نامىزىدىن كىيىن تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇشقا كەلسەك :
ئاللاھ مۇنداق دىگەن :" ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئىيتىلسا ئاللاھنى ياد ئىتىشكە ئالدىراپ بىرىڭلار ئىلىم سىتىمنى قۇيۇپ تۇرۇڭلار ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر ! ناماز ئوقۇپ بولغاندا زىمىنغا تارىلىپ  ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەپەل قىلىڭلار . مەقسىتىڭلارغا يىتىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئىتىڭلار !"سۈرە جۇمۇئە 9-10-ئايەت ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :" سىلەردىن بىرىڭلار پەرىز  نامىزىنى ئوقۇسا  پەرىزدىن كىيىن تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇسۇن !"ئىمام مۇسلىم توپلىغان ! ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دىگەن :"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەنىڭ پەرزىدىن كىيىن ھىچ قانداق ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ ئۆيىگە قايتىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيىتتى !" ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن !  
بۇنىڭغا  كۆرە جۈمەنىڭ پەرزىدىن كىيىن  مەسچىتتە قىلىپ تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇسىمۇ  بولىدۇ  ياكى مەسچىتتە جۈمەنىڭ پەرىزىدىن كىيىن ھىچ قانداق ناماز ئوقۇماي ئۆيگە قايتىپ بىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك  ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش تىخىمۇ توغرا  ياخشى  ! چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  دائىم  شۇنداق قىلىاتتى ! ئۆيى يىقىن  بولمىغان كىشىلەر پەرىزدىن بىرئاز كىيىن  ئورۇن يۆتكۈلۈپ ياكى سۆز قىلىپ ئارىلىقنى ئۈزۈپ ئاندىن تۆت رەكئەت ياكى ئىككى رەكئەت سۈننەت ئۇقۇسا بولىدۇ !
3..جۈمە نامىزىدىن كىيىن پىشىن ئوقۇش بىدئەتچىلىك!
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ۋە ساھابىلەر بۇنداق ناماز ئوقۇپ باقمىغان ! ۋە كۆرسەتمىگەن !   بۇنداق قىلىش ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەر گە بويسۇنمىغانلىق ! چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر مۇسۇلمانلارنى جۈمەدىن  كىيىن پىشىن  ئوقۇشقا بۇيرىمىغان  ! ئۆز ۆكز قارىشى  بويىچە شۇنداق قىلىش  ياخشى  دىيىش بىدئەتچىلىك  پەيدا قىلغانلىق ! ئىسلام دىى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئاساس  قىلمايدۇ !  

تامام  ......ئەزىز  قىرىنداشلىرىم  ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن بولسا تۈزۈتۈپ  پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن !  
جۈمە مەسىلىسىگە  شەخسىي كۆز قارىشىم  بويىچە  ئازراق  بىر جۈملە قۇشۇمچە  قىلسام  !  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەككىدىكى ۋاقتىدا تىخى  مەدىنىگە ھىجرەت قىلمىغان  دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا جۈمە ئۇقۇش بۇيرۇلغان  ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مەككىنى مۇشرىكلاردىن ئازات قىلىپ بولغۇچە مەككىدە جۈمە ئوقۇمىغان  ! ئىسلامىيەتتىكى بىرىنچى  جۈمە نامىزى مەدىنىدە قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتىدە ،مەدىنىدە ئوقۇلغان  ! (چۈنكى -------------------)
....................................................تەدبىقلاپ تەپەككۇر  قىلىڭلار قىرىنداشلىرىم.................................................
بۇ يازمامنىڭ سىلەرگە جۈمە ھەققىدى ئەڭ توغرا چۈشەنچە ئەڭ توغرا تاللاش ئاتا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن !



مەنبە: "مۇسۇلمانلار يولى " ۋە  "بىدئەت ۋە سۈننەت" دىگەن كىتاب !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-10 02:15 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1769 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 03:44:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۈمە كۈنى مۇنداق يېڭىلىقنى ئاڭلىدىم . مەسچىت باققىلى كەلگەنلەر مۇنداق دەپتۇ .‹‹ ئامىن ›› دېگەننى ئىچىدە دىسۇن .تېشىدا دېسە مەسچىتنىڭ سىرتىغا چىكىتىپ ، ياخشى تەسىر بەرمەيمىش .  ئۇلار دەيدۇ : ئىچىڭلاردا دىسەڭلەرمۇ خۇدايىم بىلىۋېردۇ ، ئاڭلايدۇ دەيدۇ .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق ! بۇنداق مىللەتنىڭ ئاقىۋىنى ، ئۈزىدىن پەس پىسەندە مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كىتىشتىن ئىبارەت ! ئويلان ، ئويغان ، ئۇيۇش ئەتراپقا باق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72463
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 03:46:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت مەنمۇ جىق ئىشلانى بىلۋالدىم اللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90896
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 03:58:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 04:44:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TERORQE يوللىغان ۋاقتى  2013-2-10 03:58 PM
بىل مىسىڭىز سوزلىمەڭ دوس ـۇم

كىمنى دەيسىز ؟

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83671
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3271
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 04:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم « ئاردا »  ،جۈمە نامىزى ۋاجىپمۇ ياكى پەرزمۇ ؟ مەن جۈمە نامىزىنى پەرز دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 04:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bozyigit0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-10 04:44 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم « ئاردا »  ،جۈمە نامىزى ۋاجىپمۇ ياك ...


ۋەئەلەيكوم ئەسسالام !جۈمە  نامىزىنى ئوقۇش  ۋاجىپ  !  چۈنكى  پەرىز  بولۇپ  قالسا  يۇقىرىدىكى  بەزى
  بىر جۈمەنىڭ ئادا قىلىش تىگىشلىك بولغا شەرتلىرىنى ئادا قىلالمايدىغان  ئادەملەرگىمۇ    پەرىز بولۇپ  قالىدۇ  !  
مەلۇم  چەكلىمىلەر تۈپەيلى قىرىندىشىم بۇنى  بەك  كىڭەيتىپ دىيەلمەيمەن  !  شۇڭا مىنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن !  تىمىدىكى  جۈمە نىڭ  قانۇنلۇق  بولۇشتىكى ھىكمىتى  ۋە  شەرتلىرىنى ياخشى  تەپەككۇر  قىلسىڭىز  ۋە  مەن  قالدۇرۇپ  قۇيغان  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  نىمە ئۈچۈن  مەككىدە  بۇيرۇلغان جۈمەنى  مەدىنىدە  ئوقۇغانلىقىنى  ھەققىدە  ئىزدىنىپ  بۇلارنى  باغلاپ  چۈشەنسىڭىز
  جاۋاب  تاپالايسىز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-10 06:28 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90896
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 05:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91163
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-2-4
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 05:12:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت مەنمۇ جىق ئىشلانى بىلۋالدىم اللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 06:05:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاردا يوللىغان ۋاقتى  2013-2-10 04:53 PM
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام !جۈمە  نامىزىنى ئوقۇش  ۋاجىپ  !  چۈ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قېرىندىشىم ئاردا. مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ خەلقىمىزنىڭ بىدئەتلەردىن يىراقلىشىپ،  ھەقىقى سۈننەت بويىچە مېڭىشىغا كۈچ چىقىرىۋاتقىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللا چوقۇم ئەجرىڭىزنى بىرىدۇ. ! ....مۇشۇنداق تىمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي!!!!.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش