ئۇيغۇر زەرگەرچىلگى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇر مەدىنيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولغان قەشقەردە زەرگەرچىلىك سەنئىتى ئەڭ تەرەققى قىلغان بولۇپ قول ھۈنەر سەنئىتى ئەڭ تەرەققى قىلغان .
قەشقەر زىبۇ -زىننەت ئۇستىلىرى ئەڭ مۇرەككەپ ، قىيىنلىق دەرجىسى يۇقۇرى ، نەفىس مىللى زىبۇ -زىننەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر زىبۇ -زىننەت مەدىنيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان .
بۇ زىبۇ -زىننەتلەر ئۆزىنىڭ نەفىس كۆركەملىگى بىلەن ئۇزاق ئەسىرلەردىن بىرى يۇقالماي ساقلىنىپ ھەم ھازىرمۇ خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئىرىشكەن .
بۇ نەمۇنە مىراس زىبۇ -زىننەتلەردىن ئاساسلىقى ---قەشقەر زىرىسى .
زىرە - ئەڭ مۈرەككەپ ياسىلىش جەريانىغا ئىگە بولۇپ نەفىس جەريانلار كۆپ .
ئادەتتە زىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ياسالغىنى 1.5 مىسقال ئەتراپىدا بولۇپ نۇرمال ياسالغىنى 2 مىسقال ، 2.5 مىسقال ،3 مىسقال .
2000 يىلدىن باشلاپ يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن تەييار زىبۇ -زىننەتلەر مىللى خاسلىقنىڭ جۇلاسى بولغان قەدىمى ئۇسلۇپتىكى زىبۇ -زىننەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ بىر مەھەل ئىستىمالدىن قىلىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەن بولسىمۇ لىكىن زىرىنىڭ مىللى خاسلىقى ، كۆركەملىگى ، نەفىسلىگى يەنىلا ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىدىن ياقتۇرشىدىن ئايرىلىپ قالمىدى .
ھازىر يەنە بۇ قەدىمى مىراس يەنىلا خىرىدارلىرىمىز تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلمەكتە .
مىللى خاسلىقنىڭ نامايەندىسى بولغان ئەنئەنىۋى مىراسلار تىخىمۇ گۈللەنسۇن !!!
تەييارلىغۇچى . ئىرپانى
www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا www.1miskal.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-10 11:41 AM