مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2198|ئىنكاس: 11

مۇسۇلمان بولسىڭىز باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن قول يېغىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 11:34:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇسۇلمان بولسىڭىز باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن قول يېغىڭ

مۆمىننىڭ خاراكتېرى مۇلايىم، ئالاقىسى غەرەزسىز، مۇئامىلىسى ياخشى، ھەممە تەرىپى يېقىملىق، ھېسداشلىقى يۇقىرى بولۇپ، باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىدۇ، ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش بولسا ئىسلامدىكى ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «يا رەسۇلۇللاھ! ئىسلامدا قايسى ئىشنى قىلىش ئەۋزەل؟ دەپ سورىساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇسۇلمانلارغا قولى ۋە تېلى بىلەن ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلانغانلىق» ياخشى دەپ جاۋاب بەردى. ئىمام بەغەۋىي مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلغان، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى ساقلىغان كىشىدۇر.
شەرىئەت پرىنسىپى سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ھەرقانداق يول بىلەن مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز ئازار يەتكۈزۈشنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلاردىن ئازار كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى ۋاجىپ قىلىپ بېكىتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر ۋە مۆمىنلەرگە قارا چاپلاپ قىلمىغان ئىشلارنى قىلدى دەپ  ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار، شۇ بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ». ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى كىشى يەنە بىر كىشىنى ئايرىپ قويۇپ پىچىرلاشمىسۇن، بۇ ئۇ كىشىگە ئازار بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە ئازار قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ».
مۇسۇلمانغا ئازار يەتكۈزۈش، ھىيلە ئىشلىتىش، يامانلىققا دۇچار قىلىش، ئورۇنسىز تۆھمەت قىلىش، يالغاندىن بوھتان قىلىش، كەمسىتىش، كۆزگە ئىلماسلىق، ئەيىبلەش، يۈزىنى چۈشۈرۈش، غەيۋىتىنى قىلىش، تىللاش، دەشنام قىلىش، تەنە قىلىش، لەنەت قىلىش، قورقۇتۇش، چۆچۈتۈش، بىئارام قىلىش، ئەيبىنى كوچىلاش، خاتالىقىنى، مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشنى، رەسۋا قىلىشنى مەقسەت قىلىش، كاپىر، بىدئەتچى، پاسىق دېيىش، ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، قورال تەڭلەش، بۇلاپ-تالاش، نەرسىسىنى ئوغۇرلاش، ئالداش، ساختىپەزلىك قىلىش، ھەققىنى بەرمەستىن كېچىكتۈرۈش، قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن ئازار يەتكۈزۈش ياكى زۇلۇم قىلىش قاتارلىق ئىشلار چوڭ جىنايەت ۋە دۈشمەنلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ئىشلارنى پەقەت مۇتتەھەم، پەسكەش، رەزىل، ئىپلاس، نومۇسسىز، شەرمەندە، ئىچى ئۆچ-ئاداۋەتكە، كۆكسى باشقىلارنى ياقتۇرماسلىق ۋە دۈشمەن تۇتۇش زەھەرگە توشقان، جېدەلخور، ئۇرۇشقاق، باشقىلارنى بوزەك قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان، قېرىندىشىنى بىئارام قىلىدىغان، ئازار يەتكۈزۈدىغان، باشقىلارنى ھالاكەتكە ئىتتىرىش ۋە ئېگىزدىن غۇلۇتۇشتىن ئىبارەت ئىشلارنى مەقسەت قىلىدىغان كىشىلەرلا قىلىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ گۇناھى ئۇ كىشىلەرگە يىتەرلىكتۇر.
ناپىئ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىر كۈنى مۇنبەرگە چىقىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «ئى تىلىدا مۇسۇلمان بولۇپ ئىمان قەلبىدىن ئورۇن ئالمىغان جامائەت! مۇسۇلمانلارغا ئازار يەتكۈزمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭلار، ئەيىبنى كولىماڭلار، كىمىكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيبىنى ئىچىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئەيبىنى ئاچىدۇ، ئاللاھ ئەيبىنى ئاچقان كىشى ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆيىدە بولسىمۇ رەسۋا بولىدۇ». ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، يا رەسۇلۇللاھ! بىر ئايال بار  كۆپ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، سەدىقە قىلىدۇ لېكىن قوشنىلىرىغا تىلى بىلەن ئازار قىلىدۇ دېگەنتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ ئايال دوزاختا بولىدۇ دېدى، ئۇ كىشى: يەنە بىر ئايال بار بەلگىلەنگەن نامازنى ئوقۇيدۇ، روزىنى تۇتىدۇ، ئاشقان نەرسىلىرىنى سەدىقە قىلىدۇ،  تىلى بىلەن قوشنىلىرىغا ئازار يەتكۈزمەيدۇ دېگەنتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايال جەننەتتە بولىدۇ دېدى».
ئىسلام دىنى، كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈدىغان، ئەيىبلەش بىلەن تاجاۋۇز قىلىدىغان، باشقىلارنى غەيۋىتىنى قىلىشنى، قارا چاپلاشنى، قۇسۇر تېپىشنى، باشقىلارنى چۈشۈرۈشنى، كۆز ئالايتىشنى، جاسۇسلۇق قىلىشنى، يالاقچىلىق قىلىشنى ۋە باشقىلارغا نەشتەر ئۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالغان كىشىلەرنى مۇسۇلمانلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشقا، باشقىلارنىڭ ئەيبىنى كولىماستىن ئۆزىنىڭ ئەيبىنى يېپىشقا چاقىرىپ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىدىغان بىر كۈننى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئەزىيەتسىز جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بولسا ئۆز-ئارا بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئۇيۇشۇش، ھەمكارلىىشىش، دۇنيا -ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا بىر-بىرىگە ياردەمچى بولۇشتەك ئىنسانىيلىقتىكى يېتۈك ئەخلاقنىڭ بارلىققا كىلىشىنىڭ كاپالىتىدۇر.
يەھيا ئىبنى مۇئاز مۇنداق دەيدۇ: سەندىن مۇسۇلمانلارغا ئۈچ تۈرلۈك مەنپەئەت يەتسۇن: سەن باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلمىسەڭمۇ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمە، ئۇلارنى خۇرسەن قىلالمىساڭمۇ غەمكىن قىلما، باشقىلارنى ماختىيالمىساڭمۇ ئۇلارنى سۆكمە.
جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلەندۇرسۇن.

مەنبە ...تەۋپىق تورى


خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90025
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 543
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 344 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 11:43:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېما بوپتۇ، جەمئىيتىمىزدە بۇنداق ئىشلار كۆپىيىپ كەتكەن پەيىتتە مۇشۇنداق ماقالىلەرنى يىزىش زۆرۈر ئىدى.

يۈتۈپ كەتسە ئەگەر بىر كالاڭ،
سوراپ كىتىسەن كالام قەيەردە.
سەندىن ئىمان يۈتكىلى نەۋاق،
سوراپ قويمايسەن ئىسلام قەيەردە.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 12:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىل ئازاردىن ،خۇدا بىزار.
باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەن كىشىنى اللاھمۇ كەچۈرمەيدۇ....
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىكەن..

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84308
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 01:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسللامۇ ئەلەيكۇم، ئەھمىيەتلىك تىما يۇلاپسز ، مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۇزىلمىسۇن مۇنبەردىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 01:28:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز ...

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 03:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..
TERORQE بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 09:10:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 09:12:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى كۆرۈپ مىنىڭ بىر خىزمەتدىشىمنى ئويلاپ قالدىم ، ھە دىسىلا باشقىلارنى يامان گەپ بىلەن چىقىۋالىدۇ ، باشقىلارنىڭ كۆڭلى ئازار يىسە ئىچىدىن خۇشال بولۇپ كۈلىدۇ ، بەزىدە ئۇنىڭغا قاراپ توۋا دەپ قالىمەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89921
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 09:30:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلار ساڭا قانچىلىك چېقىلغان  بولسا سەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىل  ،  

ئانا تىلىمىز بىزدىن يىراقلاشقىنى يوق ، بەلكى بىز ئانا تىلىمىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 898
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 12:08:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز.بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىلىشكە تېگىشلىك ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش