مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2006|ئىنكاس: 18

قەھرىمانلىق مۇنارى تىكلەنگەن چىۋىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8800
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4802 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 06:02:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    ئەسكەرتىش،- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بۇ تېمىنى بىرقانچە كۈندىن بۇيان تەرجىمە قىلىۋاتقان. تۈگىگىچە ۋورت قا يازغان ئىدىم. تەييارلاپ كۈچۈسەم تىرە بىرەڭ بولۇپ كەتتى. بەكمۇ تەستە مۇشۇنچىلىك تۈزۈيەلىدىم. ئەگەر بولماي قالغان يەرلىرى بولسا خاپا بولماي، ئېغىر كۆرمەي تەھرىرلەپ قۇيارسىلە. ئۇندىن كېيىن بۇ ئەسكەرتىشنى ئۆچۈرۈۋىتەرسىلە. رەخمەت.


                    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە                                


                                   قەھرىمانلىق مۇنارى تىكلەنگەن چىۋىن

azız nesin        

                                                (تەرجىمە ئەسەر)


                                         


چىۋىنلەر ئارىسىدىكى بۇ ۋەقە، ئۇ چوڭ شەھەرنىڭ، بەكمۇ زىچ ئىگىز بىنالارنىڭ قەد كۆتەرگەن قىسمىدا بولۇپ ئۆتتى. ئۇ بىنالار ئىچىدە كۆپ قاتلىق، ئىگىز بىر بىنا بولۇپ، ئۇ بىنانىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ئۆي ناھايىتى ئاز كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئۆي ئىدى. يەنى بۇ ئۆينىڭ يېرىمى زېمىننىڭ ئاستىدا بولۇپ، تار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىگىز بىنالارنىڭ كۆپ بولۇشى بۇ ئۆيگە كۈن نۇرىنىڭ چۈشىشىنى تۇسۇپ تۇراتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆيگە ئەتتىگەندە كىچىكىپ يۇرۇق چۈشسە، كەچتە بالدۇر كەچ بۇلاتتى.

  ئۇ ئۆيدە ئەر، ئايال ۋە يېڭىلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ئوغلى بىلەن قوشۇلۇپ ئۈچ كىشىلىك بىر ئائىلە ياشايتتى.
  بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە ئەرمۇ، ئايالمۇ تېخى ئىشتىن قايتىپ كەلمىگەن ئىدى.بالا بولسا مەكتەپتىن كېلىپ مۇزاكىر قىلىپ ھېرىپ قالدى. دەرس كىتاۋىنى شىرەنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇق پېتى تاشلاپ قويۇپ ئاتا- ئانىسى ئىشتىن كەلگىچە بىردەم ئوينىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۆيدە ئىنسان قالمىغان ئىدى، ئەمما چىۋىنلەر بار ئىدى.
  بۇ كۈنى كەچ سائەتلىرىدە تاشقىرى يۇرۇق بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچى خىرە شىرە يۇرۇق ئىدى.بىلگىنىمىزدەك چىۋىنلەر قاراڭغىلىقتا ئۇچالمايدۇ. كۈن يۇرۇق بولغىچە ياكى چىراقلار يېقىلغىچە تۇرغان يەرلىرىدە قالىدۇ. ئۆينىڭ ئىچى يېرىم قاراڭغىلىق بولغاچقا چىۋىنلەر قونغان يەرلىرىدە ئۇچماي ئولتۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يالغۇز بىر ياش چىۋىن بار ئىدى. ئۇ تۇرماستىن سىرتتىكى يورۇقلۇققا چىقىش ئۈچۈن ئۇچاتتى، ئەمما پەنجىرە ئەينىكىگە سۇقۇلۇپ چىقالمايتتى. لېكىن يەنىلا ئەينەكنىڭ ئۇ تەرىپىگە چىقىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. ئەينەككە ئۈسۈۋالسىمۇ پەقەت ۋازكەچمەيتتى. ئارزۇسى كۈچلۈك بىر چىۋىن ئىدى. ئۇچۇپ، ئۇچۇپ پەنجىرە ئەينىكىگە سۇقۇلسىمۇ، ئەينەكنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئۇ يەرلەرنى كۈزىتەتتى، قانداق قىلغاندا ئەينەكنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقى توغۇرلۇق ئىزدىنەتتى.
  باشقا چىۋىنلەر بولسا، قېرى، بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە ھاياتىدا نۇرغۇن تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن تەجرىبىلىك چىۋىنلەر ئىدى. ئۇلار ئۇچۇپ، ئۇچۇپ ئۆزىنى ئەينەككە ئۇرۇۋاتقان ياش چىۋىنگە،
-بىكاردىن بىكار ئەۋارە بولما، سىرتقا چىقالمايسەن... دېيىشتى. ياش چىۋىن،
-ئەمما مەن بۇ قاراڭغىلىق يەرگە سولۇنۇپ قېلىشنى خالىمايمەن. قاراڭلار، تاشقىرى يۇپيۇرۇق. مەنمۇ ئۇ يۇرۇقلۇققا ئېرىشىشىم كېرەك... دېدى. بىر قېرى چىۋىن دېدىكى:
-ھە دېگەندە ئۈسۈۋېلىۋاتقان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى تېخىغىچە بىلەلمىدىڭمۇ؟ ئۇنى ئەينەك دەيدۇ. ئەينەك دېگەن نەرسە ئاشۇنداق سۈزۈك بولىدۇ. بىر تەرىپىدىن قارىساڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ كۆرىنىدۇ. بىر تەرەپتىن قارىسا يەنە بىر تەرىپىمۇ كۆرۈنگىنى ئۈچۈن ساڭا ئوخشاش ياش چىۋىنلەر ئۇنى يوق نەرسە دەپ ئويلاپ قالىدۇ- دە ئاشۇنداق ئۈسۈۋالىدۇ دېدى.

ياش چىۋىن قېرى چىۋىنلەرگە شۇنداق جاۋاپ بەردى:

بۇرۇن ئەينەكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ئەمما بېشىم بىلەن تولا ئۈسۈپ، قاناتلىرىمنى تولا ئۇرۇپ ئەينەكنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلىۋالدىم.

ياش چىۋىن سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يېرىم يۇرۇق ئۆيدە ئۇچۇپ ئۆي ئىچىنى بىرقانچە قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن بىردىنلا ئوقتەك ئۇچۇپ يەنە پەنجىرە ئەينىكىگە ئۆزىنى ئۇردى.

قېرى چىۋىنلەردىن بىرسى ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى:

-ئەينەكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىسەنۇ، نىمە دەپ ئەينەككە ئۈسۈۋېپ يۈرۈيسەن؟ ھەرقانداق قىلساڭمۇ ئەينەكنى تىشىپ چىقالمايسەن، بىكاردىن بىكارغا ئۆزەڭنى تۈگەشتۈرىۋالما دېدى.

باشقا چىۋىنلەرمۇ ئۇ ياش چىۋىنگە ئەينەكنى تىشىپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشقا باشلىدى:

ئۆزەڭگە ئۆزەڭ قىلىۋاتىسەن... سۇقۇلۇپ يۈرمە، بىر يېرىڭنى زەخمىلەندۈرىۋالىسەن. كەل، سەنمۇ بىزگە ئوخشاش    شۇيەرلەردە خالىغان بىر يەرلەرگە قون، تاڭ ئاتقىچە ئۇ يەردە ئارام ئال. ياش چىۋىن، يەنە،

-مەن تاشقىرى ئايدىڭ ئىكەن بۇ قاراڭغۇلۇقتا ياشىيالمايمەن... دېدى. يەنە بىر قېرى چىۋىن،

-نىمە دېسەڭ دە، كۈن پاتقاندىن كېيىن ھەممە يەر قاراڭغۇ بولىدۇ، بەرىبىر قاراڭغۇلۇقتا قالىسەن دېدى. ياش چىۋىنمۇ،

-شۇنداق لېكىن ھەممە يەر قاراڭغىلىققا چۆمگەن ۋاقىتتا باشقا ئۈمۈدىمىز قالمايدۇ، ئەمما ھازىر تاشقىرى يۇرۇق دېدى.

ياش چىۋىن سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن بەلكىدە يۈزۈنچى قېتىم ئۆزىنى ئەينەككە ئۇردى.

قېرى چىۋىنلەرنىڭ ئىچىدىن بۇ ۋاقىتقىچە پەقەتلا گەپقىلمىغان بىرسى ياش چىۋىنگە،

-ساڭا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، ئەينەكنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا ئۆزەڭنى ئەينەككە ئۇرىۋىرىسەن؟ دېدى. بۇ ۋاقىتتا ياش چىۋىن.

-ئەمما ئۈمۈدۈم بار دېدى. مېنىڭكىسى بىر ئۈمۈت، تاشقىرىسى يۇرۇقلا بولىدىكەن مەندىكى بۇ ئۈمۈت ئۆچمەيدۇ دېدى.

-ئەمما ئەينەكنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلمەيسەن. بۇ مۇمكىن ئەمەس.

-بىلىمەن، ئۆتكىلى بولمايدۇ... ئەمما بىر يولىنى تېپىپ ئۆتسەم... بەكمۇ ئاچچىغى كەلگەن بىر قېرى چىۋىن،

-ئۆتكىلى بولمايدۇ، قاپاقباش! دەپ ۋاقىردى. ياش چىۋىن،

-ئۇنداق بولسا كۈن نۇرى ئەينەكتىن قانداق ئۆتىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ قېرى چىۋىن،

-ھۇ ئەقىلسىز، سەن دېگەن بىر چىۋىن، سەن قۇياش نۇرى بولمىساڭ، ياكى بولمىسا ئۆزەڭنى قۇياش نۇرىغا ئوخشاتماقچىمۇ، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان! دەپ ۋاقىردى. ئۆزىنى بىلىملىك ھېساپلايدىغان باشقا كۆپلىگەن چىۋىنلەرمۇ كۈن نۇرى ئەينەكتىن ئۈتەلەيدۇ، ئەمما ئەۋاز ئۆتەلمەيدۇ... دېيىشتى. ياش چىۋىن يەنە قارشى چىقتى:

-نىمە بولسا بولسۇن مەن يەنىلا ئەركىنلىككە چىقىشنى سىناپ كۆرىمەن دېدى.

ياش چىۋىن بۇ سۆزىنى ھاۋادا تۇرۇپ سۆزلەپ تۈگەتكەندىن كېيىن ئەينەككە شۇنداق تىزلىك بىلەن ئۇچۇپ كىلىپ سۇقۇلدىكى، سۇقۇلىشنىڭ تەسىرىدە پەنجىرىنىڭ ئاستى قىسمىدىكى پەرۋازىغا كېلىپ چۈشتى. ئۇيەردە ئىنچىكە پۇتلىرى بىلەن بەدىنىنى تۇتۇپ، سىلاپ، قاناتلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۆزىنى داۋالىدى. ئەسلىگە كېلىۋالغاندىن كېيىن ئۇچتى، ئۇچتى يەنە ئۆزىنى ئەينەككە ئۇرۇشقا باشلىدى. بىر قېرى چىۋىن،

-ئاخىرقى قېتىم ساڭا ئېيتىپ قۇياي، سىرىتقا چىقالمايسەن، بىكاردىن بىكار ئەۋارە بولما، ئۆزەڭنى ئۆزەڭ يارىلىما، جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن دېدى. ياش چىۋىن،

سىز يورۇقلۇققا چىقىش ئۈچۈن ھىچقانداق ھەركەت قىلمايسىز، كۈنۈم ئۆتسىلا بولىدىغۇ دەپ شۈكۈر  قىلىپ، قونغان يېرىڭىزدە مۈگدەپ ئولتۇرىسىز. مەن سىزدەك مۈگدەپ ئولتۇرغىچە ھىچ بولمىسا بىر چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن ئۈمۈت بىلەن تىپىرلاپ ياشاۋاتىمەن. سىزدەك مۈگدەپ ئولتۇرغىچە مېنىڭدەك ئۈمۈت بىلەن ياشاش تېخىمۇ ياخشى. سىز مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشماڭ...   

قېرى چىۋىنلەر بۇنداق گەپ ئاڭلىمايدىغان، ئۆز بېشىمچى ياش چىۋىنگە نەسىھەت قىلىشتىن ۋازكەچتى. چۈنكى نىمە دېگەن بىلەن بۇ جاھىل چىۋىن گەپ ئاڭلىمايتتى. ئۇ چىۋىنلەردىن بەزىلىرى بۇ ياش چىۋىننى قاپاقباش دېسە يەنە بەزىلىرى ساراڭ دەيتتى. ئۇلار، نىمە قىلسا قىلمامدۇ، ئۇ قاتتىق ئەينەككە ئۆزىنى ئۇرۇپ ئاشۇنداق ياشىسۇن دىيىشەتتى.

ياش چىۋىن ھىچ تۇرماستىن ئەينەكنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى يۇرۇقلۇققا ئېرىشىش مەخسىدىدە بىر چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتاتتى. ئۇ پەقەتلا ھارمايتتى، ئۈمۈتسىزلەنمەيتتى.ئۇ بىر قېتىم ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېلىپ ئائىلىنىڭ يالغۇز ئوغلى دەرس مۇزاكىر قىلغان شىرەگە كېلىپ قوندى. بالىنىڭ مۇزاكىر قىلغان كىتاۋى ئوچۇق تۇراتتى. بۇ ياش چىۋىن ھەممە نەرسىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان بولغاچقا ساۋادىنىمۇ چىقىرىۋالغان ئىدى. ئۇ كىتاپنىڭ ئۇچۇق تۇرغان ۋارىقىنى ئوقۇشقا باشلىدى. كىتاپنىڭ ئۇ ۋارىقىدا قۇياش نۇرى توغۇرلۇق ئېيتىلغان بولۇپ، نۇرنىڭ قانداقلىغى يېزىلغان ئىدى. ئەمما بۇ چۈشەندۈرۈش بەكمۇ قىزىقارلىق قىلىپ يېزىلغان ئىدى. ئۇ ۋاراقتا:

-"بىر مۈشۈكنىڭ قۇيرىقىغا بىر كانسىرۋا قۇتىسى باغلاپ قويۇلسا، مۈشۈك ئۇ قۇتىدىن چىققان ئەۋازدىن قورقۇپ، ئۇ ئەۋازدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ناھايىتى تىزلىكتە يۈگۈرۈپ قېچىشقا باشلايدۇ. مۇشۇنداق بىر مۈشۈك ئۇ ئەۋازدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى پەنجىرە ئەينىكىگە ئۇرۇپ ئەينەكنى چېقىۋەتمەي، يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟" دەپ يېزىلغان ئىدى. ئۇ ۋاراقتا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىمۇ بار ئىدى. جاۋابى مۇنداق ئىدى:

-"مۈشۈك ناھايىتى تىزلىكتە يۈگرە، يۈگرە، تىزلىكى نۇرنىڭ تىزلىكىگە يەتسە، ئۇ ۋاقىتتا ئەينەكنى چېقىۋەتمەي، ئەينەكنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتەلەيدۇ. چۈنكى نۇر تىزلىكى سىكىنۇتتا ئۈچيۈزمىڭ كىلومېتىر بولغاچقا ئەينەكنىڭ بۇ تەرىپىدىن ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلەيدۇ. ئەمما بىر مۈشۈكنىڭ ئەينەكنى چېقىۋەتمەي، ئۆزىنى ئۇرغان ئەينەكنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مۈشۈك نۇر تىزلىكىدە يۈگۈرەلمەيدۇ. بۇ بىر مۇنداقچە ئېيتىلغان گەپتۇر."

ياش چىۋىن كىتاپتىن بۇ غەلىتە بىلىمگە ئېرىشكەندىن كېيىن بەكمۇ سۈيۈندى. دېمەك، نۇر تىزلىكىدە ئۇچالىسا ئەينەكنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتەلەيتتى. ياش چىۋىن بۇ قېتىم نۇر تىزلىكىدە ئۇچۇشنى سىناپ بېقىشقا كىرىشتى.

ياش چىۋىن ئۇچۇش تىزلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەينىگە تاكى ئۆينىڭ ئەڭ يىراق يېرىگىچە كېتەتتى، ئۇ يەردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇچۇپ پەنجىرىگە ئۆزىنى ئۇراتتى. پەنجىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتەلمىگەندىن كېيىن تىزلىكىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ھىس قىلاتتى. كېيىنكى قېتىم تېخىمۇ تىزلىكتە ئۇچۇپ ئۆزىنى پەنجىرىگە ئۇراتتى. ئۇ ناھايىتى كۆپ قېتىم سىناق قىلدى. ئاخىرقى قېتىم ئۇچۇشىدا ھەقىقەتەن تىزلىكىنى ئاشۇرغان ئىدى. ئۇ ئەينەككە شۇنچىلىك قاتتىق سۇقۇلدىكى، ئىينەكنىڭ ئۈستىدە ئىزى قالدى. پۈتۈن بەدىنى ئېزىلىپ، تېرىسى پارچىلىنىپ،  قانلىرى ئەينەككە چاچراپ كەتتى. ياش چىۋىن ئۆلگەن ئىدى....

ئۆيدىكى باشقا چىۋىنلەر ياش چىۋىننىڭ ئۆلۈكىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى ۋە يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇ كۈنگە قەدەر ناھايىتى كۆپ چىۋىنلەرنىڭ ئۆگەنلىكىنى كۆرگەن بولسىمۇ ئۇلاردىن ھىچ بىرسىگە بۇ ياش چىۋىنگە ئېچىنغاندەك ئېچىنمىغان ئىدى، ھىچ بىرسى ئۈچۈن يىغلاشمىغان ئىدى. بۇ ياش چىۋىن ھىچقانداق چىۋىنگە ئوخشىمايتتى.

چىۋىنلەر بۇ ياش چىۋىننىڭ ئۆلۈگىنىڭ ئەتراپىدا نۇتۇقلار سۆزلەشكە باشلىدى. سۆزلەنگەن نۇتۇقلارنىڭ بەزىلىرى مۇنداق ئىدى:

- ئۇ چىۋىنلەرنىڭ باشلامچىسى ئىدى، ھەممىمىز ئۈچۈن بىر چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن ئىدى.

- ئۇ بىر ئۈمۈت نۇرى ئىدى. ھەممىمىزنى ئۇمۇتۋار بولۇشقا چاقىرغان ئىدى.

- ھەي ئىسىت! دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان پىداكار ئېدى، بىزلەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى.

- ئەڭ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنى مۇمكىن بولىدىغان ئىشقا ئايلاندۇرۇش غايىسى بىلەن ئۆلدى.

- بىز سېنى ھىچ بىر زامان ئۇنۇتمايمىز...

- سەن بىز چىۋىنلەرنىڭ تارىخ بەتلىرىگە ئالتۇن ھەرىپ بىلەن يېزىلىسەن ۋە سېنىڭ جاسارىتىڭ تارىققا ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلىدۇ.

- چىۋىنلەر يىغلىشاتتى، ياش چىۋىننىڭ ئۆلىكىنىڭ ئەتراپىدا ھۆرمەتتە تۇرۇشاتتى.

ئۇ يەرگە توپلانغان چىۋىنلەرنىڭ ئەڭ بىلىملىك ۋە ئەڭ قېرىسى،

- بۇ قەھرىمان چىۋىننىڭ ئەينەك ئۈستىدىكى ئۈلىكى ئۇنىڭ بىر خاتىرە مۇنارى بولۇپ بۇ يەردە قالسۇن. چۈنكى ئۇ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى دېدى.

باشقا بىر چىۋىنغا ئەينەك ئۈستىدىكى ياش چىۋىننىڭ ئۆلىكىنىڭ خاتىرە مۇنارى بولۇپ قېلىش تەكلىپى بەكمۇ ياراپ كەتتى. چۈنكى بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ياش چىۋىننىڭ ئۆلىكى ئەينەككە چاپلىشىپ قالغان يېرىدە قۇرۇپ قالاتتى ۋە بەكمۇ چىرايلىق بىر خاتىرە مۇنارى تىكلىنەتتى. ئەڭ قېرى چىۋىن،

- ئۇ بۇ يەردە ئەبەدىل ئەبەت ياشايدۇ، ئۇنى چىۋىنلەر ھىچ بىر ۋاقىت ئۇنۇتمايدۇ، دېدى.

تاشقىرسىمۇ ئەمدى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى. كەچ كىرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن چىۋىنلەر تۇرغان يەرلىرىدە مۈگدەپ قېلىشتى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى ئايال ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كېلىپ چىراقنى ياختى. كېيىن پەنجىرىنىڭ پەردىسىنى يېپىۋېتىش ئۈچۈن بارغاندا ئەينەكتىكى چىۋىننىڭ ئۆلىكىنى كۆردى ۋە بىر پارچە تازىلىق لاتىسى بىلەن ئۇ يەرنى پاكىز ئېيتىۋەتتى. ئەمدى ئەينەكتە چىۋىننىڭ ئۆلىكىمۇ قالمىغان ئىدى.

قېرى چىۋىن توغرا سۆزلىگەن ئىدى. ياش چىۋىننىڭ خاتىرە مۇنارى مەڭگۈلۈك قالغان ئىدى. چۈنكى مەڭگۈلۈك دېگەن نەرسە مەخلۇقاتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا چەكلىك بولىدۇ. كېپىنەك ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۈچ سائەت بولسا، ئىنسانلار ئۈچۈن  ئوتتۇزمىڭيىلدۇر. بىر چىۋىن ئۈچۈن بولسا، بولسا، ماقۇلە بىرقانچە سائەت بولسۇن...

قەھرىمانلىق مۇنارى تىكلەنگەن ياش چىۋىن چىۋىنلەرنىڭ تارىخىدا بىر قەھرىمان بولۇپ قالدى. ئەمما بەزى بىرقىسىم چىۋىنلەر بولسا ئونىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى بىر دۆت ياكى بىر ساراڭ دېگەن سۆزلىرىنى ھازىرمۇ تەكرارلاپ كەلمەكتە.

قايسىسى توغرا ئىدى؟ بۇنى چىۋىنلەر ئۆز ئىچىدە ئۆزلىرى قارار قىلىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەينەككە ئۆزىنى ئۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىكى ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، تىرىشىۋاتقان، بۇ غايىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىۋاتقان چىۋىنلەر ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ ھەركەتنىڭ ساراڭلىق ياكى بولمىسا قاپاقباشلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ قونغان ئۇ يېرىم قاراڭغۇلۇق يەرلەردە مۈگدەۋاتقان چىۋىنلەرمۇ مەۋجۇت. قايسى چىۋىننىڭ يولىنى تاللاش كېرەكلىگىنى ھەر بىر چىۋىن ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ. ئەمما شۇ بىر ھەقىقەتكى، چىۋىنلەرنىڭ تارىخى قاراڭغۇلۇقتا مۈگدەپ ئولتۇرۇشقا رازى بولغانلىقلىرى ئۈچۈن تارىختا ھىچ بىر چىۋىنگە خاتىرە مۇنارى تىكلەنگەنلىكى يېزىلمىغان.


مەنبەسى، aziz nesin نىڭ anıti dikilen sinek ئىسىملىك كىتاۋىدىن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ümütqilimen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-10 06:34 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uysoda + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85232
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 11:52:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىشقىدۇر ئەزىز نەسىننىڭ ھىكايىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن، بۇنىڭ «پىت بەيگىسى»، «ھاۋادىن، سۇدىن، قۇرۇقلۇقتىن»، «ئۆچىرەت»، «ئاھ بىز ئېشەكلەر»، «سىلەرنىڭ مەملىكەتتە ئېشەك يوقمىدى؟» دېگەن ھىكايىلىرىكى چىرىكلىك، ساختىپەزلىك ۋە ئىنسانىي ئەخلاقتىن چەتنەپ كەتكەن قىلىقلارغا قىلغان بىۋاستە ھۇجۇمى مېنى بەك قايىل قىلىدۇ.
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن. مەنمۇ قاچان سىزدەك تۈركچىدىن ئەسەر تەرجىمە قىلغۇدەك بولارمەن، ئوقۇسامغۇ خېلى چۈشىنىمەن، ئەمما پەقەتلا ئاڭلاپ چۈشىنىش دەرىجىسىگە بارالمايۋاتىمەن.

قىزىقارلىق يۇمۇرلار، شەخىسنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە كۈلدۈرگىلەر مانا بۇ جايدا!
بۈگۈن سىزگە تۆۋەندىكى سوۋغىلارنى ئېلىپ كەلدىم، ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلغايسىز
[كىتاپ بازىرى] [ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى تېمىلار جەمگاھى] [url=http://www

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 12:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن . ئىككى قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6357
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9440
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 02:12:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن بۇ ئەسەردىن بەك بەك بەك سۆيۈندۈم ، ئۇقۇسام ئۇقۇغۇم كېلىۋاتىدۇ ... بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا چوڭقۇر ھۆرمەتلەر بولسۇن .. ئاللاھ ئەجىرىنى بەرسۇن ..
بىز ھەقىقەتەن ئەنە ئەشۇنداق چىۋىنلەرمىز ...

دەۋزەخ ئازابى ۋە گۆر ئازابىدىن باشقا ئازاپ ، كىتابىمىزدا يوق  -نۇرشات نۇرمۇھەممەد (نۇرشاھ) ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90672
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 02:43:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسىل ئەسەركەن. تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن...

!!!افۇرقان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 03:21:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
merwayit يوللىغان ۋاقتى  2013-2-10 11:52 AM
نېمىشقىدۇر ئەزىز نەسىننىڭ ھىكايىلىرىنى بەك ياقتۇرىمە ...

تۈركچە كىنو لار  بىلەن  تۈركچە  ناخشىنى كۆپ  ئاڭلاپ  بىرىڭ  !  ئاڭلاش  ئىقتىدارىغا بەك  پايدىسى  بار  !

تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر !

!!!افۇرقان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 03:34:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل  يازمىكەن  تىما  ئىگىسىنىڭ  ئەجرىگە  تەشەككۈر  ئىيتىمەن!

تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 11:04:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى ۋاقىتتا مەرھۇم تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم نەسىنننىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغانىدى 。。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 10:32:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7187
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 10:47:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز نەسىننىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. ئۆزگىچە تەپەككۇر، ئۆزگىچە يېزىش ئۇسلۇبى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش