|
|
|
|
شۇنداق بىر مۇھەببەت بار ..
شۇنداق بىر مۇھەببەت بار .قاقشاپ تۇرۇپ سەن سېغىندىغان ، تىللاپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغان . ئالىدىڭدا ئىنتايىن قەيسەر كۆرۈنسىمۇ كەيىنڭدىن ئىزىلىرىڭغا باقىدىغان ... يەنە شۇنداق مۇھەببەت بار .ئۇنتۇشقا ئامالىسىز بولسىمۇ ئۆزىنى ئالداپ ، كۆز -ياشلىرىنى يۇشۇرۇپ تۇرۇپ ئۇنۇتتۇم دەيدىغان ، شۇنداق مۇھەببەت بار ، تۇيدۇرماستىن مەھەللڭنى چۆرگىلەيدىغان ، ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ تۇرۇپ بىر كۆرۋېلىشىنى ئارزو قىلىدىغان ، كوچىلاردا ، يوللاردا ھەممە ھەممە سېنىڭ سىمايىڭ ئىزدەيدىغان ، قېشىڭغا بېرىشنى خالىسىمۇ يەنىلا قېچىپ تۇرىدىغان ، قالدۇرغان تاتلىق ئەسلىمىلىرىڭنى تاتلىق كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ ئەسلىۋېتىپ كۆزلىرىگە ئاچچىق ياش ئالىدىغان ....چىن يۈرەكتىن سۆيسىمۇ يانلىرىڭغا قايتالمايدىغان لېكىن سېنى دائىم سېنى ئەسلەيدىغان ..........
سەن يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن دېدىڭ ،
لېكىن يامغۇر ياغقاندا كۈنلۈكنى ئاچتىڭ ...
سەن قوياشنى ياخشى كۆرىمەن دېدىڭ ،
لېكىن قوياش پارلىغاندا سايە ئىزلىدىڭ ...
سەن شامالىنى ياخشى كۆرىمەن دېدىڭ ،
لېكىن شامال چىققاندا دېرىزەڭنى ياپتنىڭ...
مانا بۇ دەل مېنى ئەنسېرەتكىنى...چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرىمەن دېدىڭ ...
_________ ۋېلىيام شېكىسپىر
پەقەتلا بىر قېتىم
ھايات پەقەت بىرلا قېتىم بولغىندەك ،ھاياتىمىزدا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ بەخىت ، خۇشاللىق ، ئارزو - ئامەت پەقەت بىر قېتىم شۇڭا ئۆز ئالدىڭىزغا كەلگەن ئاشۇ بىر قېتىملارنى قانداق قېلىشنى ئويلىنىپ بېقىڭ .پەقەت بىر قېتىم كېلىدىغان ئەڭ ياخشى ،بىر قېتىملىقلار ئاسان قولغا كەلمىگەن ...
ئۆزۈمگە خىتاپ
قەدىرلىك : ئۆزۈم
بۈگۈندىن باشلاپ مەغرۇر ياشىغىن ، ئۆزۇڭنى قەدىرلىگىن ، ئۆزۈڭنى سۆيگىن ، چۈنكى ھېچكىم سېنى ئۆزۈڭ سۆيگەندەك سۆيمەيدۇ .قەدىرلىك ئۆزۈم بەزى ئىشلارغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمە . ھەممە ئىشنىڭ تەبئىي بولغىنى ياخشى .ھەممە ئىشتا تەبىئىي مۇئامىلە قىلغىن ،چۈنكى بۇ دۇنيا مۇشۇنداق تەڭشەلمىگەن ......
دېمە .......
سارغايغاننى يوقسىزكەن دېمە،
ئۈن چىقمىسا كەم سۆزكەن دېمە .
تالاي سەۋدا كېلىدۇ باشقا ،
تەنھا يۈرسەم يالغۇزكەن دېمە.
جۇدۇنى بار كۆكلەم باھارنىڭ ،
سەن ئالدىراپ تۇمۇزكەن دېمە .
خۇي پەيلىنى بىلمەي بىرۋانىڭ ،
كۆيدۇم ھەجەپ قويكۆزكەن دېمە.
ئەجىر بىلەن پەسلەيدۇ تاغلار ،
چىقماي تۇرۇپ ئېگىزكەن دېمە.
بىزنى پايلاپ يۇرىيدۇ ئەجەل ،
بۇ ئالەمنى چەكسىزكەن دېمەن.
مەنبە : ئۈندىداردىكى دوستلۇرۇمنىڭ دوستلۇق چەمبىرىكىدىن ئېلىندى ....قېنى دوستلار بىرلىكتە يېزىشايلى.
|
|
|
|
|
|