مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1645|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىككى كاتتا شائىرىنى ئەسلەيمىز! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11001
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8451
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 895 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 06:10:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىككى كاتتا شائىرىنى ئەسلەيمىز!






ئەلشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 572 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز!


ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 112 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز



بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋايى (1441-1501)


ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر(1901-1933)

  


    پۈتۈن تۈ*رك دۇنياسىنىڭ شەرەپ يۇلتۇزى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق قۇياشى، مۇتەپەككۇر شائىر نىزامىدىن مىرئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى نەۋايى ھەزرەتنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 572-يىلى باشلاندى.  شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئوت يۈرەك شائىرى، ئىنقىلابچى، جەڭچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىغىمۇ دەپمۇ -  دەل 112 يىل بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ شائىرلىرىمىزنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمىز ۋە ئۇلارغا ئىھتىرام بىلدۈرىمىز!ئۇيغۇرنىڭ ئۇلاردەك جاھان قايىل بولغان كاتتا شائىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز ۋە تەنتەنە قىلىمىز!
  ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇر مەۋجۇت بولسىلا ئۇلارنىڭ نامى ئەدەبىي يادلىنىپ، ئارمانلىرى ئەزىزلىنىپ تۇرغۇسى!  ئۇيغۇردىن مۇشۇنداق ئىلىم ئوغلانلىرىنى، پەزىلەت ساھىبلىرىنى، ئەل ئوغلانلىرىنى كەم قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە تىلەيمىز!


نەۋايى ھاياتىغا دائىر ئەستىلىك:


  
ئەلىشىر نەۋايى ھاياتىنىڭ ۋە ئىجادىنىڭ قىسقىچە سالنامىسى

(1) 1441-يىلى 9-فېۋرال: ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان ۋاقىت
(2) ھىرات: ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان شەھەر، خۇراسان دۆلىتىنىڭ پايتەختى.
(3) غىياسىدىن باھادىر(كىچكىنە): ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئاتىسى، تىمۇرىيلەر خاندانلىقىغا يېقىن ئەمەلدارلاردىن.
(4) ئانىسىنىڭ ئىسمى ھىچبىر تارىخىي مەنبەلەردە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما، ئاتا-ئانىسى ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەتلىك كىشىلىرىدىن بولغان، تىمۇرىيلەر سارىيىدا خىزمەت قىلغان. «ئاتام بۇ ئاستانىنىڭ خاكبېزى،
ئانام بۇ ساراي بوستانىنىڭ كەنىزى»
(«بەدايىئۇل-بىدايە»دىن)
(5) مىرسەئىد كابۇلىي، مۇھەممەد ئەلى غەرىبىي: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تاغىلىرى، ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەتلىك كىشىلىرى، شائىرلىرى.
(6) 1445-يىلى: تۆت ياشلىق ئەلىشىر نەۋايى ئالىينەسەب ئائىلىلەرنىڭ پەرزەندلىرى تەلىم ئالىدىغان مەكتەپكە بارغان. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يېزىشنى، ئوقۇشنى ئۆگەنگەن.
(7) «قۇرئان كەرىم»، سەئىدىي شىرازىينىڭ «بوستان»، «گۈلىستان»، فەرىدىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت-تەيىر» داستانلىرى: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تۇنجى ئوقۇغان كىتابلىرى. «مەنتىقۇت-تەيىر»نى تولۇق يادلىغان.
(8) ھۈسەيىن بايقارا: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مەكتەپداش دوستى. كېيىن خۇراسان دۆلىتىگە ھۆكۈمدار (1469-يىلدىن 1506-يىلغىچە) بولغان.
(9) 1447-يىلى: نەۋايىلار ئائىلىسى ئىراققا كۆچۈپ بارغان. ئىراقنىڭ تەفت شەھرىدە مەشھۇر تارىخچى ئالىم شەرەپىددىن ئەلىي يەزدىي ۋە ياش ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تارىخىي ئۇچرىشىشى يۈز بەرگەن. ئەللامە ياش شائىرغا «ئۆمرۈڭ ئۇزاق، باشىڭ ئامان بولسۇن، ئالىم، فازىل بولۇپ ياخشى ئابرويغا ئېرىشكەيسەن» دەپ بىشارەتلىك دۇئا قىلغان.
(10) 1450-يىلى: نەۋائىيلار ئائىلىسى يەنە ھىراتقا قايتقان. ئاتىسى غىياسىددىن باھادىر سەبزەۋار ۋىلايىتىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن.
(11) 1452-يىلى: نەۋايىلار ئائىلىسى ھىراتقا قايتىپ كەلگەن.(كەتمەنباينىڭ ئىزاھاتى: بۇ يەردە بىر ئېنىقسىزلىق بار.)
(12) خوجا يۈسۈف بورھان: ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر مۇسىيقاشۇناسى، ئەلىشىر نەۋايىغا مۇسىقا(مۇزىكا) سىرلىرىنى ئۆگەتكەن تۇنجى ئۇستازلاردىن.
(13) مىرشاھىي: ئەلىشىر نەۋايى 10-12 ياشلىرىدا بۇ شائىر بىلەن ئۆزئارا شېئىر يېزىشىپ تۇرغان.
(14) لۇتفىي: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئۇستازى. ياش ئەلىشىر نەۋايىنىڭ
«ئارەزىن ياپقاچ كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش،
بويلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلتۇز نىھان بولغاچ قۇياش.»
دەپ باشلىنىدىغان غەزىلىگە، ئەگەر ئىلاجى بولسا ئۆزىنىڭ ئون-ئون ئىككى مىڭ تۈركىيچە ۋە فارىسچە يازغان شېئىرلىرىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان شائىر.
(15) «نەۋائىي»(«نەۋا» سۆزىدىن): تۇركىي تىلىدىكى شېئىرلىرىنىڭ تەخەللۇسى. «فانى»(«فەنا» سۆزىدىن): ئەلىشىر نەۋايىنىڭ فارىس-تاجىك تىلىدىكى شېئىرلىرى ۋە «لىسانۇت-تەيىر» داستانىدا قوللانغان تەخەللۇسى.
(16) 1457-يىلى: ئەلىشىر نەۋايى 16 يېشىدا ئاتىسى غىياسىددىن كىچكىنە ۋاپات بولغان، شۇ يىلى ئوبۇلقاسىم بابۇر خىزمىتىگە كىرگەن. مەشھەد شەھرىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. سەييىد ھەسەن ئەردەشىر، كامىل تۇربەتىيگە ئوخشاش مەشھۇر شائىرلار بىلەن تونۇشقان ۋە يېقىن دوستلاردىن بولغان.
(17) 1459-يىلى: تىمۇرىيلەردىن ئەبۇسەئىد خۇراسان تەختىنى ئىگەللىگەن. ئەلىشىر نەۋايى ۋە ئۇنىڭ يېقىن قېرىنداشلىرى تەقىپكە ئۇچرىغان. خۇسۇسەن، تاغىلىرى مىرسەئىد(تەخەللۇسى: كابۇلىي) ۋە مۇھەممەد ئەلى(تەخەللۇسى: غەرىبىي)لار قەتلى قىلىنغان.
(18) 1465-يىلى: ئەلىشىر نەۋايى سەمەرقەندكە كەلگەن. ماۋرائۇننەھىرنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى بىلەن تونۇشقان.
(19) فەزلۇللاھ ئەبۇلەيىس سەمەرقەندىي، ئەلايى شاشىي: ئەلىشىر نەۋايىغا سەمەرقەنددە تەلىم بەرگەن مەشھۇر ئالىملار.
(20) مىرزا ھاجى سوغدىي، سەييىد قۇتۇب سەمەرقەندىي، يۈسۈف سەفائىي، شەيخىم سۇھەيلىي: ئەلىشىر نەۋايى تونۇشقان ۋە سۆھبەتتە بولغان سەمەرقەندلىك شائىرلار.
(21) 1469-يىلى: ھىرات تەختىنى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئىگەللىگەن، ئەلىشىر نەۋايى ھىراتقا قايتقان، مۆھىردارلىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن، كېيىن (1472-يىلدا) ئەمىرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.
(22) 1476-يىلى: ئەلىشىر نەۋايى بۈيۈك مۇتەپەككۇر، شائىر ئابدۇراھمان جامىي بىلەن ئۇچراشقان. ئۈنى ئۆزىگە «ئۇستاز ۋە پىر» دەپ بىلگەن.
(23) 15-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئوتتۇرىلىرىدا بىرىنچى دىۋانى - «بەدايىئۇل-بىدايە»نى تۈزگەن.
(24) 1476-1483-يىللار ئارىسىدا ئىككىنچى دىۋانى - «نەۋادىرۇن-نىھايە»نى ياراتقان.
(25) 1483-1485-يىللار ئۆزىنىڭ 51 مىڭ 230 مىسرادىن ئىبارەت مەشھۇر «خەمسە»سىنى ياراتقان.
(26) 1487-يىلى: ئەلىشىر نەۋايى ئاستىرابات ۋىلايىتىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن.
(27) 1482-1489-يىللار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ «ۋەقفىيە»، «تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما»، «تارىخى مۈلۈكى ئەجەم» ناملىق ئەسەرلىرىنى يازغان.
(28) 1490-يىلى: «ھالەتى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر» ناملىق ئەسىرىنى ياراتقان.
(29) 1491-يىلى: «رىسالەئى مۇئەمما» ئەسىرىنى ۋە «مەجالىسۇن-نەفايىس»نى يېزىپ پۈتتۈرگەن ۋە كېيىن قايتا تولۇقلىغان.
(30) 1492-1494-يىللار ئارىلىقىدا ئابدۇراھمان جامىي ھەققىدە «خەمسەتۇل-مۇتەھەييىرىن»(«بەش ھەيرانلىق») ئەسىرىنى ياراتقان.
(31) 1492-1498-يىللار ئارىلىقىدا «مۇنشەئات»، «مىزانۇل-ئەۋزان»(«ۋەزىنلەر ئۆلچىمى»)، «ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد»، «نەسايىمۇل-مۇھەببەت» ئەسەرلىرىنى يېزىپ تۈگەتكەن.
(32) 1491-1498-يىللار ئارىسىدا «خەزايىنۇل-مەئانىي»(«مەنالار خەزىنىسى»)، «دىۋانى فانىي»نى تۈزگەن.
(33) 1498-1499-يىللاردا «لىسانۇت-تەيىر» پەلسەپەۋىي داستانىنى، «مۇھاكىمەتۇل-لۇغەتەيىن»(ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە»)نى يازغان.
(34) 1500-يىلى: ئاخىرقى يىرىك ئەسىرى - «مەھبۇبۇل-قۇلۇب»(كۆڭۈللەرنىڭ سۆيگۈنى»)نى يازغان.
(35) 1501-يىلى 3-يانۋاردا ئەلىشىر نەۋايى ۋاپات بولغان.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى:

(1) «بەدايىئۇل-بىدايە»
(2) «ناۋادىرۇن-نىھايە»
(3) «چاھار دىۋان»(«خەزايىنۇل-مەئانى»):
›1‹ «غەرايىبۇس-سىغەر»
›2‹ «نەۋادىرۇش-شەباب»
›3‹ «بەدايىئۇل-ۋەسەت»
›4‹ «فەۋائىدۇل-كىبەر»
(4) «خەمسە»(«خەمسە نەۋائى»):
›1‹ «ھەيرەتۇل-ئەبرار».
›2‹ «پەرھاد-شېرىن».
›3‹ «لەيلى-مەجنۇن».
›4‹ «سەبئىي سەييارە».
›5‹ «سەددى ئىسكەندەرىي».
(5) «مەجالىسۇن-نەفائىس».
(6) «نەسايىمۇل-مۇھەببەت».
(7) «رىسالەئى-مۇئەمما».
(8) «مىزانۇل-ئەۋزان».
(9) «مۇھاكىمەتۇل-لۇغەتەيىن».
(10) «مۇناجات».
(11) «ئەربەئىن»
(12) «نەزمۇل-جەۋاھىر».
(13) «لىسانۇت-تەيىر».
(14) «سىراجۇل مۇسلىمىن».
(15) «مەھبۇبۇل-قۇلۇب».
(16) «تارىخي ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما».
(17) «تارىخي مۈلكىي ئەجەم».
(18) «زۇبدەتۇل-تەۋارىخ».
(19) «ھالاتى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر».
(20) «خەمسەتۇل-مۇتەھەييىرىن».
(21) «ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەد».
(22) «ۋەقفىيە».
(23) «مۇنشەئات».
(24) «دىۋان فانى» (پارسچە شېئىرلار توپلامى).
(25) «مۇفرەدات»(پارسچە ئىلمىي ئەسەر)
( مەنبە: كەتمەنباي بىلوگى، ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە ئەستىلىك:

   تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بەش يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان.
1916- يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللە بېرىپ، روسىيىنىڭ شەمەي (ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل-يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ. تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭى شەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل يېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپنى تاماملايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇ مۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ. ئەينى دەۋىردە ئۇ دوست بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ «سۇ بويىدا»، «قىزىلراۋاقتىكى چۈش» رومانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇن جوڭشەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېمۇكراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۆستۈرگەن. ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدال كونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسى توغۇلغان.
   1923 – يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2- قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە ئۈچ يىل ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇنداقلا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. 1926- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا يېڭىچە ئىلىم-پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت ژۇرنال نەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن ئەكسىيەتچى، مىللىتارست ياڭ زىڭشىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خۇجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن 1927- يىلى «ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» نامىدا بىر مەرىپەت جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قوروسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يىلى يېڭىشەھەر ئاقسارايدا «ھۆرىيەت مەكتىپى»، كونا شەھەر جەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ.
   بۇ دەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زورئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ھەتتا ئەينى دەۋىردىكى مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ.
    1932- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 – يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى دەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگە تاشلايدۇ. جاللات شىڭشىسەي 1933- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭ ئالدىدا قەتلى قىلىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ كۆرەشچان ئەركپەرۋەر شەجەرىسىنى يازىدۇ. خەلقىمىز ئۇنى دائىم سېغىنىش بىلەن ئەسلەيدۇ.



مەنبە:ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرى (http://www.uypoem.com)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 06:22 PM  


يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 08:21:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يازغان شېئىرلارنى بەك ياقتۇرىمەن . مىللەت توغىرسىدا يازغان شېئىرلىرى بەك ئىسل .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90688
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 09:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روناق تاپقان مىلەتنىڭ شاىرى جىق ، ھالاكەتكە يۈزلەنگەن مىلەتنىڭ ھاكىمىجىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90729
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 09:39:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شائىرلىرىمىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز .رەھمەت سىزگە !!!!

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 10:43:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشنىڭدەك يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 10:46:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوت يۈرەك شائىرلرىمىز مىللىتىمىزنىڭ پەخرى

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35326
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3247
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:30:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم شائىرنىڭ :
تۆت تەرەپ ھۇ-ھۇلىشىپ ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە ،
ئىلىشىپ قانغا بويال نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل
  بۇ شئېرى  ماڭا بەكمۇ يارايدۇ.  نىمە دىگەن يۈكسەك ۋىجدانى غۇرۇر بۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87645
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:46:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ‹‹ ئويغان ›› ناملىق شىئېرىنى ھەرقېتىم ئىسىمگە ئالسام ،مەرھۇم ئوت يۈرەك شائېرىمىزغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ .

ياخشىلىق قىل ، قولۇڭدىن كەلسە .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:48:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11001
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8451
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 895 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 12:07:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى مېنىڭچە «تەۋسىيە» ياكى «جەۋھەر» قاتارىغا ئۆتكۈزۈپ تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سەگەكلىكىنى، دىققىتىنى تارتىش كېرەك ئىدى. چۈنكى بۇ ئىككى شائىر ئۇيغۇر قانچە كۆتۈرسە، قانچە ماختانسا، پەخىرلەنسە، قانچە ئىلھاملانسا بولغۇدەك زاتى مۇبارەكلەر ئىدى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش