كۆزۇمدىن ياشلار ئاقتى سىزنى ئەسلىسەم،
بۇ يۇرەگىم دەرتكە تولدى سىزنى ئەسلىسەم،
تۇنلىرى ئۇيقۇ قاچتى سىزنى ئەسلىسەم،
كۇنلىرى ئازاپ بولدى سىزنى ئەسلىسەم.
بىلىمەن بىلىشنى خالىمايمەن ھەم،
بۇ پەلەك ماڭا بەخىت نىسىپ ئەتمەيدۇ،
يىللارغۇ ئۆتىدۇ كۆزۇمدىن سەنەم،
سىنىڭ ئايدەك رۇخسارىڭ كەتمەيدۇ،
نىمە ئۈچۇنكى ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى شىرىن چۇشتەك ھېس قىلىپ ئۆتۇپ كېتىشنى خىيال قىلغىنىمدا جىسمىمنى بىر خىل سوغۇق سېسىم بېسىپ ئۆتىدۇ. مەن قىتئىيلا ئۇمۇتسىزلىنىپ باقمىدىم . سىنىڭ باشقا بىرى بىلەن يۇرگىنىڭنى كۆرسەممۇ كەينىگە يېنىشنى ، ساڭا بەختى تىلەشنى ئويلاپ باقمىدىم . چۇنكى مىنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدەم بار .
شۇنى ئېسىڭدە تۇت ئەزىزىم ئەگەر سەندىن ۋاز كېچىش چەم ساڭا مەڭگۇلۇك بەخىت تىلەش توغرا كەلسە بىزنىڭ دىنىمىز بولغان ئەشۇ ئىسلامنىڭ نۇرلىرىدىن بىرى بولغان <<نىكاھ>> ئىككىمىزنى ۋە ياكى سىنى باشقا بىرى بىلەن باغلىمىغۇچى سەندىن ۋاز كېچىش ماڭا ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ھەر كىشىنىڭ بەختى ئەنە شۇ <<نىكاھ>> بىلەن باشلىنىدۇ.
سەن مىنى ئۇنۇتساڭمۇ مەن سىنى ئەسلا ئۇنۇتمايمەن.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيەت