|
|
|
|
نىمە ئۇچۇن ئادەم چارچىغاندىن كېيىن كۆز ئەتراپى قارىيىپ كىتىدۇ (تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13) كۆپلىگەن كىشلەر ھەر قېتىم چارچىغاندا،بۇلۇپمۇ ئۇخلاش يېتەرلىك بولمىغاندا ياكى ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغاندا،ئىككى كۆزنىڭ ئەتراپى قارىداپ كىتىدۇ،بۇ نىمە سەۋەپتىن؟ تەكشۇرۇشتىن بايقىلىشچە،ئادەم چارچىغاندىن كىيىن كۆز ئەتراپى قارىيىپ كىتىشنىڭ سەۋەبى ئىككى تۈرلۇكبۇلىدىكەن: 1.ئېغىر چارچاپ كەتكەنلىكتىن ياكى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن بۇلۇدۇ،بۇنداق بولغاندا كۆز قاپىقىنىڭ جىددى تارىيىشىنى پەيدا قىلىپ،كۆز ئەتراپى تېرىسىدىكى قىل قان تۇمۇرلار قانغا تۇلىدۇ.شۇنداقلا كۆز ئەتراپى تېرىسىنىڭ تېرە ئاستىدىكى يۇمشاق تۇقۇلمىلار بۇشىشىدۇ،قىل قان تۇمۇرلارغا تولغان قاننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ،قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە كۆز ئەتراپى تېرىسى ناھايتى نېپىز بۇلغانلىقتىن،كۆز ئەتراپى قارىيىپ كىتىدۇ.بۇ كېسەللىكتىن كىلىپ چىققان ئەھۋال ئەمەس.پەقەت ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ،قانغۇدەك بىر ئۇخلىۋالسا،كۆز ئەتراپىدىكى قارىداش تېزلا يۇقۇلىدۇ.ئەگەر بارماق بىلەن كۆز ئەتراپى تېرىسىنى يەڭگىل ئۈۋۈلاپ بەرسە، قىل قان تۇمۇرلاردىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋانلىشىپ، كۆز ئەتراپى قارىيىش ھادىسسى ئازىيىدۇ ياكى يوقاپ كىتىدۇ. 2.بەدەننىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى مەلۇم ئەزادا كېسەللىك بولغانلىقتىن بۇلىدۇ،بۆرەكتە كېسەللىك بارلىقى ئىھتىمالغا ئەڭ يېقىن.بۆرەك ھۇجەيرىللىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر خىل قارا پىگمىنىت بۇلىدۇ.بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەندىن كىيىن،قارا پىگمىنىت ئاشكارىلىنىپ،كۆز ئەتراپى قارىدايدۇ.يەنە بىر ئىھتىماللىق ئىچكى ئاجراتمىلار ياكى يۈرەك قان تۇمۇرلىرىدا كېسەللىك بۇلۇشى مۇنكىن.بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشى نۇرمالسىزلىشىپ،كۆز ئەتراپى تېرىسىدىكى قىل قان تۇمۇرلاردا ئۇزۇن ۋاقىت قان تۇلۇپ قېلىپ،قارا پىگمىنىتنىڭ چۆكىشىنى پەيدا قىلىدۇ.ئۇمۇمەن،كۆز ئەتراپنىڭ قارىيىشى بىر « سېگىنال» بۇلۇپ،چارچىغاندىن كىيىن ياخشى ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك؛ئۇ يەنە بىر خىل «ئاگاھلاندۇرۇش» بۇلۇپ،سىزنىڭ مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنى،تىزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ بەدەب تەكشۇرتشى لازىملىقىڭىزنى ئېيتىپ بىرىدۇ. مەنبە: خەنزۇچە «يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-9 01:13 PM
|
|
|
|
|
|