مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2169|ئىنكاس: 11

جانغا زامىن ئىس تۈتەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3786
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:22:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جانغا زامىن ئىس تۈتەك(1)
تاماكا ۋە راك



ئىلاۋە: تاماكىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك ئالۋاستى ئىكەنلىكى ھەتتا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ ھاراقتىنمۇئېغىر ئىكەنلىكى پۈتۈن دۇنيا تەرپىدىن ئېتراپ قىلىنغان،زور كۆپ قىسىم ئىسلام ئالىملارتەرپىدىن "ھارام" ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ قېرىنداشلىرىمىزئارىسىدا بۇ رەھىمسىز قاتىلغا نىسبەتەن سۈكۈت قىلىش تۇيغۇسى مەۋجۇد. ھازىرجەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تاماكا چېكىش بىر ئادەتتىكى ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ،ھاراق چەكلىنىدىغان نۇرغۇن ئاشخانا،رىستۇران ۋە ئولتۇرۇشلاردىمۇ تاماكاچېكىش ھېچقانداق ئەيىپ سانالماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.قېرىنداشلارنىڭ تاماكىنىڭ رەھىمسىز قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمى پاكىتلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مەزكۇر بىر يۈرۈش تېمىنى يوللىماقچىمەن. بۇ بىر يۈرۈش تېمىلاردا تاماكىنىڭ سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى بەش-ئالتەيىل مابەينىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار  تۇنۇشتۇرىلىدۇ.

خەلىقئارا راك تەتقىقات ئاگېنىتلىقىنىڭ يەكۈنى
گايا ۋىنس(2002-يىلى)6-ئاي



تاماكا چىكىشنىڭ راك بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلىقى توغۇرلۇق ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى بەش خىل ئاساسلىق  راك كېسىلىنىڭ بىۋاستەھالدا ئاكتىپ ۋە پاسسىپ(يەنە تاماكا چەككۈچىلەر ئەتراپىدا ياشاش) تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.بۇ بەش خىل راك ئاشقازان راكى،جىگەر راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى،بۆرەك راكى ۋە ئاق قان راكىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر يەكۈننى خەلىقئارا راك تەتقىقات ئاگېنىتلىقى دۇنيا سەھىيەتەشكىلات يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلىقئاراراك تەتقىقات ئاگېنىتلىقى ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تاماكا چېكىش ۋە راك كېسىلى توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسىدىن جەمئى  3000دىن ئارتۇقنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان بولۇپ،ئاگىنىتلىقتىكى جوناسان سامېتنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ خەلىقئارا تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم پاسسىپ تاماكا چېكىشنىڭمۇ ئىنسانىيەتكەناھايىتى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىكەن.

خەلىقئاراراك تەتقىقات ئاگېنىتلىقى ۋە راك تەتقىقات ئىنىستۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى داۋىدفىلىپپىس مۇنداق دەيدۇ:"بۇ يەكۈن مۇشۇ تۈردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ زور مىقداردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جۇغلاش نەتىجىسىدە چىقىرىلغان بولۇپ،ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى،تاماكا چېكىش ھەقىقەتەنمۇ 20-ئەسىردىكى تەسىرى زور بولغان ئىجتىمائى ساغلاملىق ئاپەتلىرىدىن بىرى."  خەلىقئارا راك تەتقىقات ئاگېنىتلىقىنىڭ بۇقېتىمقى تەكشۈرۈشىدە تاماكا چېكىشنىڭ سۈت راكى ۋە مەزى بېزى راكى بىلەن بولغان باغلىنىشى توغۇرلۇق ھېچقانداق ئىلمى پاكىت بايقالمىغان.

تاماكاچېكىشنىڭ ئىششىق قايتۇرغۇچ گىنلارغا بولغان تەسىرى
نىك فلەمىڭ



تەتقىقاتچىلار راكقا قارشى تۇرغۇچى گىنلارنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تاماكا چېكىشكە باغلىنىدىغانلىقى توغۇرلۇق پاكىتقا ئىگە بولدى.بۇخىلدىكى ئۆزگىرىشنى كەينىگە قايتۇرۇش راكنى تىزگىنلەشتىكى يېڭى يۈزلىنىش بولۇپقالغۇسى.

بالىياتقۇبوينى راكى بولغان ئاياللاردا يۇقىرى دەرىجىدىكى گىن ئۆزگىرىشى بولىدىغانلىقىنى   كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىشى مۇمكىن. يەنى ئۇلارنىڭ دې ئىن ئەي سىنىڭ بەزى قىسىملىرىغا چاپلاشقان مېتىن گۇرۇپپىسىP16دەپ ئاتىلىدىغان بىرگىنغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇ گىن دەل ئىششىق پەسەيتىشكە قاتنىشىدىغان گىندۇر.

بۇيەكۈننى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن،ئەنگىلىيە بېرمىڭخام ئونۋېرستىتىدىن يۇكتىڭ ماتۆت يىلدىن بىرى توپلىغان 1075 نەپەر ئايالنىڭ بالىياتقۇ بوينىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىنى قايتا ئانالىز قىلدى.ما بالىياتقۇ بوينى ھۆجەيرىسىدىكى P16نىڭ مېتىنلىشىش ھادىسىسىنىڭ تاماكا چەككۈچىلەردە37%،تاماكا چەكمەيدىغانلاردا 9.3%بولىدىغانلىقىنىبايقىدى.دېمەك تەكشۈرۈش جەريانىدا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ بالىياتقۇ بوينىدىكى P16نىڭ مېتىنلىشىش ھادىسىسى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 3.7ھەسسە يۇقىرى بولغان.

تەكشۈرۈش جەريانىدا تاماكا تاشلىغان 19نەپەر تاماكا چەككۈچىنىڭ 13 نەپىرىدىكى مېتىنلېشىش ئۆزلۈكىدىن يوقالغان.بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى،تاماكا چېكىش راك پەيداقىلىپلا قالماي،تاماكا تاشلاش ئارقىلىق راك ھۆجەيرىلىرىنى راك پەيدا قىلىشتىن بۇرۇنلا يوقاتقىلى بولىدۇ.
تاماكاچېكىش 15مىنۇت ئىچىدىلا دې ئىن ئەيگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.
مۇقىم تاماكا چېكىدىغانلار بىر نەچچە مىنۇت شوراش جەريانىدا ئىشلەپ چىقارغان خېمىۋىي ماددىلار راك بىلەن باغلىنىشى بولغان گىن ۋەيرانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماكائىسىدا مەۋجۇد بولغان پولى ھالقىلىق ئاروماتىك ھېدروكاربونلار ئۆپكە راكىنىڭ پەردەئارقىسىدىكى ئاساسلىق جىنايەتچىدۇر.بۇ ماددىلار بەدەندە دې ئىن ئەي بىلەن رىئاكسىيلىشىدىغان رادىئاكتىپ مادداھاسىل قىلىپ،راك ھۆجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە كېڭەيتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مىنىسسوتائونۋېرستىتىدىكى ستېفىن خەچت ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى تاماكا چېكىش تارىخى بار12 نەپەر پىدائىينىڭ ھالقىلىق ئاروماتىك ھېدروكاربوننىڭ بىر تۈرى بولغان، دې ئىن ئەيگە باغلىنىدىغان ئەمما راك پەيدا قىلمايدىغان فېنىنتېرىن ناملىق خېمىۋىي ماددا ئورالغان تاماكاچېكىشنى تەلەپ قىلغان.
تاماكاچېكىش داۋامىدىكى ۋە تاماكا چېكىپ بولغاندىن كېيىنكى قان ئەۋرەشكىلىرىنى يىغقاندىن كېيىن،تەتقىقاتچىلار فېنانتېرىن رادىئاكتىۋى مەركەزلەشكەن ئورۇننى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ دېئىن ئەيگە قېتىلىپ كېتىش ۋاقتىنى ئېنىقلىغان.
تاماكا چېكىشنى باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلاپ 15~30مىنۇتقىچە بولغان ئارلىقتا فېنانتېرىن رادىئاكتىۋى مەركەزلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن.بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى تاماكا چېكىپ ئون نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا گىنلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.:


3-خىل راك پەيدا قىلىش ۋاستىسى
جەسىكا ھەمزىلوۋ



ئۆي ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەن تاماكا ئىسلىرى ھاۋا تەركىبىدىكى خىمىۋىي ماددىلار بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ راك پەيدا قىلىدىغان ئامىلغا ئايلىنىدۇ.كالفورنىيەلوۋرېن بېركىي خەلىقئارا تەجرىبىخانىسىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۈلۈمىدىكى ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى بولغان خۇگۇ دەستەيللاتسنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ 3-خىل ۋاستە سالامەتلىككە، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر تاماكا چېكىش بۈلىمىدىن بىر قىسىم خېمىۋىي ماددىلارنى تاپقان بولۇپ ،بۇ ماددىلەر ئىچىدە راك پەيدا قىلىدىغان خېمىۋىي ماددا NNKمۇبار ئىكەن .گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە،NNKتاماكىدىكى نېكوتىن ھاۋادىكى نىترىت كىسلاتا بىلەن رىئاكسىيەلىشىشتىن ھاسىل بولىدىكەن.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيەسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىككى قۇتىغائايرىم-ئايرىم تاماكا ئىسى ۋە نىكوتىن ئىسى قاچىلاپ،ئاندىن ئۇلارنى نىترىت كىسلاتابىلەن ئۇچراشتۇرغان. نەتىجىدە ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئوخشاش بىر خىل ماددايەنىNNKھاسىل بولغان.
دەستەيللاتسنىڭ ئېيتىشىچە،نېكوتىن يېپىق مۇھىتتا نەچچە كۈن،نەچچە ھەپتە،ھەتتا نەچچە ئاي مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىكەن. كىچىك بالىلار بۇ خىل مۇھىتتا ئۇزۇن مەزگىل ياشاش داۋامىدا ،بۇ خېمىۋىي ماددا ئۇلارنىڭ تېرىسىدىن ئۆتۈپ، بەدەنگە سۈمۈرىلىدۇ.شۇڭا تەتقىقاتچىلار بۇ يەكۈنىدىن قارىغاندا،كىشىلەر ئۆيدە،ماشىنىدا،ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىكى، ئۆيگە نىكوتىن سۈمۈرىدىغان گىلەم-كىگىزلەرنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك.(ئەلۋەتتە تاماكاچەكمەيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا)
ئەلۋەتتە بۇ يەكۈننى ئېنىق قىلىپ جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ.




جانغا زامىن ئىس تۈتەك(2)

ئەيدىس بەڭگىگە ئامراق



يېقىنقى يىللاردىن بىرى ،تىببى مۇتەخەسسىسلەر كۆپ تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە،ئوخشاش شارائىتتا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئەيدىس ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ يوقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
تىببى تەتقىقاتچىلار تاماكا چېكىدىغانلار بىلەن تاماكا چەكمەيدىغانلار ئارىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ،ئەيدىس ۋېروسىنىڭ تارقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىت،تۇرۇشلۇق ئورۇن،جىنسى ئالاقە قاتارلىق ئامىللارنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن چىقىرىلغان نەتىجە ئارقىلىق تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئەيدىس ۋېروسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا3.4ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.بۇ ئەلۋەتتە ئىككىسى ئارىسىدا زور پەرق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالىملار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تاماكا چېكىشنىڭ ئاسانلا ئەيدىس ۋېروسىنىڭ تارقىلىشىنى ھەمدە ئەيدىس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.ئۇلارنىڭ قارىشىچە تاماكا تەركىبىدىكى نېكوتىن قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار تاماكا چەككۈچى ئايالنىڭ بالىياتقۇ بوينى ئاجراتقۇ ماددىسى ئىچىدە يېغىلىپ،قىسمەن خاراكتىرلىق ئىممونىت ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،تۇغۇت قىسمىنىڭ ۋېرۇسقا بولغان سېزىمچانلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.تاماكا چېكىشنىڭ يەنە ئۆپكە چوڭ ھۆجەيرىسىگىمۇ تەسىرى بولۇپ،ۋېروسقا قارشى ھۆجەيرىلەرنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ ۋە نەپەسلىنىش ھۆجەيرىلىرىنىڭ ۋېروس بىلەن يۇقۇملىنىشىنى ئاشۇرىدۇ.تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىس ۋېروسى بىلەن يۇقۇملىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب_تاماكا چېكىشنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىسىغا بولغان تەسىرىدۇر،تاماكا چېكىش ئاكتىپ ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرىنىڭ ۋە زەھەر يۇتۇش ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇنداقلا ئىممۇنىت سېستىمىسىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلتۈرۈش ىقتىدارىغا ئىگە ھۆجەيرىلەرنىڭ ئازىيىشىنى ۋە ئاكتىپچانلىقىنىڭ تۈۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماكا قارا يول،بالىياتقۇ بوينى،ئىممۇنىت سېستىمىسى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ئوخشاش ئەھۋالدا تاماكا چەككۇچىلەر تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئاسانلا ئەيدىس ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.


جانغا زامىن ئىس-تۈتەك (3)

تاماكا  ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى


مىريام فرەنكېل



      تاماكا چېكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى،تاماكا چېكىش سىزنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىڭىزغا زىيانلىق بولۇپلا قالماي،يەنە سىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىڭىزنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىغىمۇ زىيانلىق.
بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە،تاماكا چەككۈچى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنىدا ئىسپىرما ئىشلەشكە ئاساس بولىدىغان ئاقسىلنىڭ توپلىشىشى ناھايىتى شالاڭ بولغان،يەنە بىر تەتقىقات ھامىلدارلىق مەزگىلدە تاماكا چەككەن ئاياللارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى يوق بالىلارنى تۇغۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان.
بۇ ئىككى تەتقىقاتنىڭ بىرىدە تەتقىقاتچىلار ھامىلە شەكىللەنگىنىگە 37_68كۈن بولغان ھامىلىدىن 24 ئۇرۇقداننى (ياكى تۇخۇمداننى) ئايرىۋالغان بولۇپ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چەككەن ئاياللارنىڭ ھامىلىسىدىكى تۇخۇم ياكى ئىسپىرما شەكىللەندۈرىدىغان كۆپىيىش ھۆجەيرىلىرىنىڭ 55% ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئادەتتىكى ھۆجەيرە ۋە تەن ھۆجەيرىلىرىنىڭمۇ 37% ئازىيىپ كەتكەنلىكى بايقالغان!
دانىيە كوفېنخان ئونۋېرستىتى دۇختۇرخانىسىدىكى كلوس ئاندېرسون مۇنداق دەيدۇ:"بىز تاماك چېكىشنىڭ كۆپىيىش ھۆجەيرىلىرىنىڭ سانىغا بولغان تەسىرىنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا بۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇق."
بۇ تەتقىقاتچىلار گەرچە بۇخىل كۆپىيىش ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىش-داۋاملاشماسلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىسىمۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېكىشنىڭ بۇ ھامىلىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەۋلاد قالدۇرۇشىغا ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
كوفېنخان ئونۋېرستىتىدىكى يۇقارقى تەتقىقاتقا قاتناشمىغان تىنا كولد جېنسېننىڭ ئېيتىشىچە تاماكا چېكىش بىلەن ئەۋلاد قالدۇرۇش ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش ئىلگىرىكى بىر تەتقىقاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان، بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئۇنى يېتەرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.
يەنە بىر تەتقىقات گېرمانىيە سارلاند ئونۋېرستىتىدىكى مۇھەممەد ھەممادە ۋە ئۇنىڭ ئىشداشلىرى تەرپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇلاردەپ P1ۋە  P2ئاتىلىدىغان، ھۆجەيرە بۈلۈنگەندە خېرومىسۇم شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى خىل ئاقسىلنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ چىققان.  چۇنكى بۇ ئىككى خىل ئاقسىلنىڭ مەزكەزلىشىش دەرىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئەرلەرنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
تەتقىقاتتا ئۇلار كۈنلىكى 20دىن كۆپ تاماك چېكىدىغان 53ئەر بىلەن تاماكا چەكمەيدىغان 63 ئەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ،تاماكا چەككۈچى ئەرلەردە P2 نىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 14%تۈۋەن ئىكەنلىكىنى ، P1بىلەن P2 نىڭ نىسبىتىنىڭ بەكلا يۇقىرى بوپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە تاماكا چەككۈچىلەردە ئىسپىرما گە زىيانلىق بولغان ئوكسىدلىنىش بېسىمىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەرلەر چوقۇم بالدۇرراق تاماكا تاشلىشى كېرەك.

«يېڭى ئالىملار»ژورنىلى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئېنگىلىسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇتتەقىين
مەنبە:مۇتتەقىين تور خاتىرسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salih133 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 11:25 AM  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3786
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 12:04 PM
مەن مۇشۇ ھاراق ،تاماكا ،قىمار............. قاتارلىق كۆپلىگ ...

قىرىندىشىم ؛ئەبۇ بەكرى ھارامغا يىقىن يولىمىغانلىق سەۋەبىدىن ئىسلامغا ھىدايەت قىلىنغان

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز يىگەن ناندىمۇ كۆمۈر گازى بار ھىلىمۇ ھەممىز بىر كۈندىلا ئۆلۈپ كەتمەي ياشايدىكەنمىز ...شۇڭا ھازىر ياش ئۆلۈپ كىتىدىغانلار ئاۋۇپ كەتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7878
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:53:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندا ماتىرياللارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سەل قورقىسىكىلىدىكەن دىسە.....

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3049
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30493
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3451 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 07:50:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تاماكىنىڭ ئىسى يالغۇز چەككەن كىشىنىلا ئەمەس ئەتراپتىكى كىشىلەرنىمۇ زەھەرلەيدۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3049
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30493
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3451 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 09:56:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 12:04 PM
مەن مۇشۇ ھاراق ،تاماكا ،قىمار............. قاتارلىق كۆپلىگ ...

  سىزگىمۇ ئىشەنگىلى بولمامدۇ نىمە ، « ھىچكىمگە دىمەڭ » دىگەن گەپنى مۇنبەردە دەۋەتكىنىڭىزنى قاراڭ ، سىزگە ئالتۇن بار يەرنىڭ ئورنىنى دەپ بەمىدىمۇ ؟

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3049
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30493
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3451 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 10:33 PM
ھىچكىمگە دىمەك دىگەن ئادەم ئۆزى ھەھممە گەپنى دۆلە ...

   بەك ئۇلۇغ ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدىكەنسىز ، ئۇ كىشىنىڭ سىزگە ئالتۇن بار يەرنى دەپ بەرمىگىنىمۇ ياخشى بوپتۇ ، بولمىسا سىز مۇنبەردىن چىقىپ كەتسىڭىز  مىسرانىم  ئۈزۈمتال دىگەن بىر ئەزاسىدىن ئايرىلىپ قالاركەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3049
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30493
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3451 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:24:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 11:21 PM
خەپ بىششىڭنى يەيدىغان دوختۇر  .   ھەجەپ بىي تەبىيئىتى ...

   تازا كەلتۈرۈپتىمەن  - دە  
ئۇلۇغ ئاللاھ دوس - دۈشمەنلەرنىڭ دىگىنىدەك قىلمىسۇن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3049
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30493
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3451 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 11:29 PM
دوختۇرخانىڭىزنىڭ تاقىلىپ قىلشى ئۇچۇنمۇ بولسا ،  ئۇ ...

  ماۋۇ تىلىكىڭىز بولغۇدەك ،  كىشىلەر ساغلام بولسا ياخشى ئەمەسمۇ ؟   ئۇ چاغدا بىزمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئارام ئالدىغان گەپ ، تىلىكىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1936
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:47:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 09:56 PM
سىزگىمۇ ئىشەنگىلى بولمامدۇ نىمە ، « ھىچكىمگە دىمەڭ » ...


پاراڭ قىزىغىلى تۇردىغۇ ئەمدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokbora520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 11:48 PM  


يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش