مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2037|ئىنكاس: 25

(پارول) بۇ قېتىم قېچىپ قۇتۇلالمايسەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22717
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6842
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 02:58:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىم~~ ئىم!~~
ئەمسە باشلامدۇق!! ئوماق  ئوماق ئوماق جانانىم...
(بولدى پاناق،،سەن ئابلاجان ئەمەس، تولا ناخشىنى بۇزما..گىپىڭ بولسا تېز قىل!!)
ھى ھى ھى بولدى بولدى..راستمىي باشلايلى..

شۇنىڭ بىلەن..مۇشۇ كۈنلەردە جان باقماق تەس بولغان كۈنلەر دە، مۇشۇ پارول بىر بۇلاڭچىلىق قىلىپ باي بولماقچى بولۇپتۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق قانۇنسىز ئىشلارغا كەلگەندە شۇنداق ئەتراپلىق پىلان تۈزۈيدۇ بۇ...بىر بايۋەتچىنى بىر ئادەم يوق خالتا كوچىغا ئېلىپ كىرىپ،بىشىغا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ،شۇنداق بىر بۇلاپتىكى، نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ ماڭغاننى ئازدەپ،بۇنىڭغا قانائەت قىلماي،ساقىلىنى يۇلىۋىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماپتۇ..ئەگەر بۇ دىلونىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار،مىسران دىلو پىروگىراممىسىغا نەزەر سېلىڭىلار..داڭ داڭ
(ھەي پاناق،تولا ئىچىمىزنى پۇشۇرماي،تېز دىمەمسەن...ھېلى باكا..)
بولدى بولدى..چاقچاق قىلىپ قويدۇم..پارول بۇقېتىملىق ئىشنى شۇنچىلىك پاكىز قىلدىكىن، ھېچقانداق ئىز قالدۇرمىغان ئىدى، ھەتتا بۇ ئىشنى كۆرۈپ قالغان بىر مۇ ئادەم يوق ئىدى..شۇڭا ئۇ ئۆيىدە خاتىرجەم ئۇخلاپ ياتقاندا،ئىشىك تۇيۇقسىز «جاڭ!!» ئاۋاز بىلەن تەڭ سۇنۇپ كەتتى،ئىككى ساقچى كېلىپ پارولنىڭ ئۇخلاۋاتقان يېرىدىنلا يۇلۇپ ئېلىپ قولىغا كويزا سالدى..
- ھوي ھوي..نىمە بولدى،تانسىغا زورلاپ تۇرغۇزغاندەكلا تارتتىڭلارغۇ مېنى..
-ھىڭ...قوپە ..بىز بىلەن ماڭ..
-ۋاھ ۋاھ، قالتىس گەپقۇ بۇ، مەن ئۇنداق يىنىك ،سۇيۇق ئادەم ئەمەس جۇمۇ،كىملا ماڭ دىسە كېتىۋىرىدىغان..كىشىلەرنىڭ «پارول سۇيۇق ئادەم ئەمەس،سۇيۇقلاشسا ئادەم ئەمەس،»دىگەن كوچا ھېكمىتىنى ئاڭلىمغانما،،...
-سەن قولغا ئېلىندىڭ،سىنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغان ئالىمىز، تۇر بىز بىلەن ساقچىخانىغا،..
-نىمە؟نىمە ئىسپاتىڭلار بار-پارول ھەيرانلىق ھەم قورقۇنچ ئىچىدە ئاران گەپ قىلدى
-ماڭە ئاداش،مۇشۇيەردىن سىنى ئۇدۇل سوتقىلا ئاپىرىمىز،ھەممەيلەن يىغىلىپ بولدى..ساڭىلا قاراپ قالدۇق..
شۇنداق قىلىپ ئىككى ساقچى توپا توزان چىقىرىپ،پارولنىڭ پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئۇدۇل سوت مەيدانىغىلا ئېلىپ كىردى..

ئەمدى ئېلان ئاڭلاڭلار..
(ھەي ھەي.تازا پەيزى يېرىگە كەلگەندە،تولا تېىلۋىزورنى دورىماي،تېز دىمەمسەن،تەمى يوق پاناق..)
(ئوبدان،ئوبدان)

سوت مەيدانىدا لىق ئادەم بار ئىدى،سوتچى قاپاقلىرىنى تۈرگەن ھالدا ئاسمانغا قاراپ تۇراتتى،قارىلىغۇچى ئادوۋكات نىمىلەرنىدۇ دىگىنىچە ،تەسۋىيسىنى سېيرىپ ئولتۇراتتى،ساقچىلار پارولىنى ئۇدۇللا جىنايەتچى ئوروندۇقىغا ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزدى،،
سوتچى:
-ھىم، بۇ قارىلىغۇچى ئادوۋكات،بۇ پاناقنى نىمە جىنايەت بىلەن ئەرز قىلغان؟
-سوتچى جاناپلىرى،بۇ پاناق ئۈلۈشكۈن ئاخشام ئادەم يارىلاندۇرۇش،ئادەم بۇلاش،پۇل بۇلاش،ساقال بۇلاش جىنايىتىنى سادىر قىلىپ،بىر ئادەمنىڭ تەن ساقىلىقىغا ئېغىر دەخلى تەرۇز قىلىپ،جەمئىىيەتتە قاتتىق تەسىر قوزغىدى..
سوتچى:
-نەق مەيداندا تاپقان دەلىل ئىسپاتلار تولۇقمۇ؟
-ياق
-جىنايەتچى بىر ئىز،بارماق ئىزى قالدۇرغانمۇ؟
-ياق
-ئۇنداق بولسا،ئۇ ئۆزىنى ئۆزى مەلۇم قىلغانمۇ
-ياق
-ئۇنداق بولسا،بۇيەرگە بەش تاش ئوينىغىلى كەلگەنما؟-سوتچى رەنجىدى-ئۇمۇ ياق بۇمۇ ياق بولسا،بۇنى قانداق سوتلايمىز.
پارول كۆرەڭلىگەن ھالدا «خىڭ خىڭ خىڭ»قىلىپ كەتتى.
-سوتچى ،جىنايەتچى ھەقىقەتەن قاتتىق پىلانلىق ئىش قىلغان،ھېچقانداق جىنايەت يىپ ئۇچى قالدۇرمىغان،ھەمدە ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭ جىنايەت قىلمىشىنى كۆرمىگەن ،ئاڭلىمىغان،ھېس قىلىمىغان،ھەتتاكى چۈشىگىمۇ كىرمىگەن،بىراق ئۇنىڭ جىنايىتى كۆرگەنلەر يەنىلا بار، ھەمدە ئۇلار گۇۋاھلىق بىرىشكە ماقۇل بولدى ھەمدە ئالدىرىدى،
-ئوبدان،قېنى ئۇلارنى بىربىرلەپ سوت مەيدانىغا تەكىلىپ قىلايلى.. قەنە.سەھىنىگە مەرھەمەت-سوتچى ئۆزبىكلەردەكلا ۋارقىرىۋەتتى...
قارىلىغۇچى ئادوۋكات يۇقىرى ئاۋازدا:
-بىرىنچى گۇۋاھچى مەيدانغا كىرسۇن..
پارول بويۇنلىرىنى تولغاپ كەينىگە قارىدى«زادى كىمدۇ،كىممۇ كۆرۈپ قالغاندۇ،بېخەستىلىك قىلدىممۇ نىمە»دىگەنلەرنى ئويلاشقا ئۈلگۈردى..
ساقچىلار سوت مەيدانىغا بىر ئسىتۇلبىنى سۆرەپ كىردى.
ئادوۋكات:گۇۋاھچى،ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ
ئىستۇلبا:مەن  شۇ خالتا كوچىدىكى بىر ئستولبا.
پارولنىڭ كۆزى چەكچىيىپ كەتتى.«توۋا نىمە جاھان بۇ..ئىستولبىمۇ گەپ قىلامدۇ ئەمدى..»
ئادوۋكات:ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەڭ.ئۇكوچىدا نىمە ئىش قىلغىلى بارغان؟نىمىنى كۆردىڭىز
ئىستولبا:مەن شۇ كوچىغا ئىشچىلار تەرىپىدىن بىلىمگىچە كۆمۈلگەن،تۆپۈمدە چىراق بار،شۇ كوچىنى يورىتىمەن،شۇكۈنى مەن خىيالى كوچىنى يورىتىپ تۇراتتىم،بىر چاغدا نەدىكى بىر لالما ئىت  بىر تۈۋۈمگە كېلىپ،كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى..شۇنداق ئاچچىقىم كېلىپ تۇرسام،تۇيۇقسىز ئاۋۇ بۇرنى يوق ئادەم،بىر باي ئادەمنى شۇ كوچىغا سۆرەپ كىرىپ،كاللىسىغا بىر كالتەك سالدى دە،ئاندىن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى بۇلاپ كەتتى...
ئادوۋكات: ھېلىقى لالما ئىت كىچىك تەرەپ قىلغىچە گەپ قىلماي،جىم تۇردىڭىزما.
ئىستولبا:توۋا دەڭە،مەن بىر ئىستولبا تۇرسام،قانداقمۇ گەپ قىلالايمەن..
پارول:ھەجەپ بۈگۈن زۇۋانىڭ چىقىپ قاپتىغۇ..(ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىدى)
سوتچى:جىم..سەن گەپ قىلما..جىنايەتچىنىڭ ئاغزىغا شىلىم سۈركەڭلار..
ئىستولبا:مەن ئەسلىدە خەلق ئۈچۈن ئۈن تىنسىز خىزمەت بىر ئىستولبا ئىدىم،باشقىلار قورسىقىمغا ھەرخىل ئېلان تەشۋىقاتلارنى چاپلاپ،تۈۋۈمگە كېلىپ كىچىك چوڭ تەرەپ قىلىپ،بەزىلەر پىچاق بىلەن تۈپەمگە ھەرخىل خەتلەرنى ئويۇپ يېزىپ،ھەتتا بەزى مەستلەر كېلىپ،ماڭا مۇشت پەشۋا ئاتسىمۇ،ۋايسىماي،قاقشىماي،ئاغرىدى دىمەي،ئىشلەپ كېلىۋاتقان..
سوتچى :بولدى،،مۇشۇ يىتەرلىك بولدى..كىينكى گۇۋاھچى..

ساقچىلار بىر توك سىمىنى سۆرەپ كىردى
ئادوۋكات:گۇۋاھچى ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ،
توك سىمى:مەن بايىقى ئىستولبىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى توك سىم،ۋەزىپەم توك يەتكۈزۈش.
ئادوۋكات:ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەڭ..
(پارولنىڭ بۇرنىدىن قان ئېقىپ كەتتى..)
توك سىمى:مەن بىر توك سىمى،ئۆزۈم مۇشۇ ئىستولبىنىڭ يۇقىرىسىدا تۇرۇپ،يۇقىرى بېسىملىق توكلارنى ئۇيەر بۇيەرگەيەتكۈزۈشكە مەسئۇل،ئۇ كۈنى كەچتە ماۋۇ ئىچىمدىكى توك قاچان سوقىۋىتىدىكىن دەپ ئەنسى____رەپ ئاران تۇرسام،تۇيۇقسىز بىر لالما ئىت كېلىپ ماۋۇ ئىسىتولبىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ،كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى،تازا ئاچچىقىم كېلىپ،تازا تېرىكىپ تۇرسام،تۇيۇقسىز ئاۋۇ پاناق ئادەم، بىر بايۋەتچىنى سۆرەپ ئەكىلىپلا،بېشىغا كالتەك بىلەن بىرنى سېلىپ،پۇل پىچەكلىرىنىڭ ھەممىسنى بۇلاپ كەتتى...
سوتچى:ئېنىق كۆردىڭىزمۇ ،..
توك سىمى:ئىنىق كۆردۈم،ئۇ پاناق ئادەم تېخى كالتەك بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئالدىدا دۈمبىسنى تاتىلاشقىمۇ ئۈلگۈردى..
ئادوۋكات:سىز بىرەر تەدبىر قوللانمىدىڭىزمۇ، مەسىلەن ۋارقىراپ ئادەم چاقىرىش دىگەندەك..
توك سىمى:چاقچاق قىلماڭە،مەن بىر توك سىمى تۇرسام،قانداقمۇ گەپ قىلالايمەن..
پارول:ھەجەپ بۈ گۈن سايراپ قاپسەنغۇ...!!!(چاپلىغان شىلىم ئاجراپ كەتتى)
سوتچى:ۋوي سەن جىم ئولتا دەيمەن.. مانىڭ ئاغزىنى تىكىۋىتىڭلار!!!
ئادوۋكات:بولدى رەھمەت سىزگە..ئەمدى ئۈچىنچى گۇۋاھچى..

ساقچىلار پاراسلاپ ئوت چاقنىتىپ تۇرغان بىرنىمىنى سوت مەيدانىغا سۆرەپ كىردى
سوتچى:گۇۋاھچى،ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىڭ،،سىز كىم..
پاراسلاپ جسىم ئۆزىنى تونۇشتۇردى
توك:مەن بايىقى توك سىمىنىڭ ئىچىدە ئەركىن ئۈزۈپ كېتىپ بارغان يۇقىرى بېسىملىق توك..
پارول ئاھ دەپ چاچلىرىنى قاماللاپ كەتتى«پاھ نىمە جاھان بۇ...»
ئادوۋكات:قېنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى سۆزلەڭ
توك:مەن ئەسلىدە خەلقلەرنىڭ چىراق تىلىۋىزورلىرىغا يېىتىپ بېرىپ ئۇلارنى تەمىنلەيدىغان ئۈچتە ياخشى توك ئىدىم..مۇشۇ سىمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ تازا ئىچىم سىقىلىپ تۇراتتى..قارىسام بىر يالاڭ سىم تۇرمامدۇ..تېچى سىرتى ئېچلىپ تالاغا قاراپ قاپتۇ..شۇنىڭ بىلەن شۇيەردىن سىرتتىكى دۇنياغا قاراپ،تازا ھوزۇلىنىۋاتسام.بىر لالما ئىت كېلىپ. ماۋۇ ئىستبولنىنىڭ تۈۋىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى..تازا خۇيۇم تۇتۇپ گەپ قىلىپ پاراسلاي دەپ تۇرسام. ماۋۇ پاناق ئادەم بىر بايۋەتچىنى سۆرەپ كېلىپ،كاللسىغا بىر سالدىدە،ھەممە نىمىسىنى بۇلاپ ئېلىپ كەتتى..
پىژ پاژ....
توك پاراسلاپ كەتتى.
سوتچى:خاتا تونۇپ قالمىدىم دەپ جەزملەشتۈرەلەمسىز..ئېنىق ئاشۇ ئادەممۇ..
توك:جەزملەشتۈرىمەن..دۇنيادا ئۇنىڭدىن پاناق ئادەم بولمىسا كېرەك..
پارول:ئۆزەڭ پاناق ...
سوتچى:پاھۇي،مانىڭ ئاغزى بىردەم جىم تۇرمايدىكەنغۇ..كېىڭلار پاناقنىڭ ئاغزىنى پاياتلىۋىتىڭلار،،،
ئادوۋكات:رەھمەت سىزگە،ئەمدى كېيىنكى گۇۋاھچى..

ساقچىلار بىر قۇتىغا قاچىلانغان قىپقىزىل نەرسىنى كۆتۈرۈپ كىردى.
سوتچى:قېنى ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ..
قۇتىدىكى قىزىل نەرسە زۇۋانغا كىردى
-مەن ھېلىقى بايۋەتچىنىڭ بېشىدىن چاچراپ چىققان قان..
پارول گۈپلا قىلىپ ھوشىدىن كەتتى
ئادوۋكات:قېنى ،ئۇكۈندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي سۆزلەڭ
قان:مەن ئەسلىدە بايۋەتچىنىڭ تىنىدىكى ئويناقشىپ ئېقىپ تۇرىدىغان قىپقىزىل قان ئېدىم،جىسمىم كۈچ قۇۋۋەتكە تولغان،تىنىم ھارارەتتە ئىدى..شۇ كۈنى تازا ئويناقشىپ ئېقىپ،بايۋەتچىنىڭ مىڭىسىگە بىر ئوزۇقلۇق بولايچۇ دەپ، باش تەرىپىگە شىددەت بىلەن ئېقىۋاتسام،تۇيۇقسىزلا بىر ئېغىز ئېچىلىپ،مەن تالاغا قاراپ چاچراپ چىقىپ كەتتىمدە،يەرگە پوكلا چۈشتۈم...شۇنداق قارىسام ماۋۇ پاناق ئادەم قولىدا كالتەك، بايۋەتچىنىڭ ئۈستى بېشىنى بۇلاشقا باشلاپ بوپتۇ...
ئادوۋكات:سىز ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدىڭىزمۇ
قان:توۋا  مەن دىگەن قان تۇرسام،ساقچى بولمىسام..
پارول:ھىم،،،ھىم...ھىم..
سوتچى:ھى ھى ھى ئەمدى گەپ قىلالمىغانسەن.ئاۋۇ ئىمپورت قىلىنغان ماتىرىيال،ئاسان ئاجرىمايدۇ..ئىم..رەھمەت سىزگە قان..ئەمدى كېيىنكى گۇۋاھچى..

ساقچىلار بىر كالتەكنى سۆرەپ كىدى
سوتچى:ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىڭ،ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەڭ
كالتەك:مەن ھېلىقى بايۋەتچىنىڭ كاللىسغا تەگكەن كالتەك شۇ..مەن ئەسلىدە بىر ھويلىنىڭ ئىچىدە تاشلىنىپ ياتاتتىم...تۇيۇقسىز بىر قول كېلىپ مېنى يەردىن يۇلۇپلا ئالدى،،توۋا بېشىم پېرقىراپلا كەتتى..سۈرئەت شۇنداق ئىتتىك،نىمە بولغىنىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا، بىرسىنىڭ بېشىغا ۋاسلا قىلىپ سوقۇلدۇم..بايىقى قان سەكرەپ تۆپەمگە چىقىۋالدى..ئەمدى پاراڭلىشاي دەپ تۇرسام. يەنە يەرگە تاشلىۋىتىلدىم..قارىسام،ئاۋۇ پاناق ئادەم ھېلىقى بايۋەتچىنى بۇلاۋىتىپتۇ..
پارول:ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ
سوتچى:ھى ھى ھى ھى ،،بولدى سىزگە رەھمەت ،كېيىنكىسى..

ساقچىلار بىرمۇنچە سان سېفىر ھەرپلەرنى ئەكىرىپ قويدى

سوتچى:ئۆزىڭىزنى مەلۇم قېلىڭ
ھەرپ:مەن بىر قىسقا ئۇچۇر ئېدىم..بىر يىگىت بىرقىزغا قارىتىپ ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇر..تېلىفوندىن چىقىپ يەنە بىر تېلىفونغا ئەمدى يېىتىپ باراي دەپ ھېلىقى خالتا كوچىغا كەلگەندە،قارىسام بىر لالما ئىت بىر ئىستولبىغا كىچىك تەرەت قىلىۋىتپتۇ..ئىچىدە«ۋۇ ئەدەپسىز»دەپ تۇرۇشۈمغا ،ئاۋۇ پاناق ئادەم بىر بايۋەتچىنىڭ كاللىسىغا بىر كالتەك سېلىپ،ئۇنى ئايلاندۇرۇپ،ئۈستى بېشىنى بۇلاشقا باشلىدى..ئاخىرىنى كۆرۈپ بولغۇچە، مەن تېلىفوننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم...
پارول ئۈستەلگە ئۈسۈشكە باشلىدى
سوتچى:ھى ھى رەھمەت ..قېنى كېيىنكىسى...

ساقچىلار بىرمۇنچە كىيىم كىچەكنى ئەكرىىپ قويدى

سوتچى:قېنى ئۆۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار..
كىيىم كىچەك:بىز ھېلىقى بايۋەتچىنىڭ ئۈستىدىك كيىم كىچەكلەر ئىدۇق..ئەسلىدە بىز بايۋەتچىگە شۇنچە يارىشىپ،ئۇنىڭ ئۈچىسىدا ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارىيى قىلدۇرۇپ،تازا نايناقشىپ كېتىپ بارساق،ئاۋۇ پاناق ئادەم بايۋەتچىنىڭ كاللسىغا بىر نى سېلىپ،بىزنى سالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تۆپىسىگە ئارتىۋالغانىدى..ھۆ!!ئۇ ئەزەلدىن يۇيۇنۇپ باقمىغانمۇ بىلمىدۇق...ئىچىمىز ئېلىشىپ،،قۇرۇق ھۆ تۇتۇپ ....
پارول چاچلىرىنى قاماللاپ كەتتى...
سوتچى:بولدى سىلەرگە رەھمەت...كېينكى گۇۋاھچى..

ساقچىلار بىر پاشىنى سۆرەپ كىردى
سوتچى:سەن كىمۇ؟
پاشا:مەن بىر پاشا ئىدىم. شۇ كۈنى بىر كۈن ئاچ قالغان.شورايدىغان قان يوق...(ھېلىقى گۇۋاھچى قان دەرھال مۆكىۋالدى)..قارىسام بىر بايۋەتچە غىڭشىپ كېتىپ بارمامدۇ..پاھ پاھ..مۇشۇ چوققىسىدىن بىر چىكىم قان سۈمۈرۈپ تازا ھوزۇرلىنايچۇ دەپ، كاللسىغا قونۇپ. ئەمدى نەشتىرىمنى سانجىي دەپ تۇرسام. بىر كالتەك 80دەپ مېىڭىپ كەلمەسما..ئاپام دەپلا ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم..قارىسام ئاۋۇ پاناق ئادەم ھېلىقى بايۋەتچىنى تازا بۇلا ۋىتىپتۇ...
خەپ دەپ ئۇچۇپ كەتتى،..
پارول ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى...
سوتچى:ھى ھى ھى ياخشى..گۇۋاھلىق سۆزۈڭ بەك مۇھىم..بىراق ئۆزۈڭ بىرزىيانداش..شۇڭا
پاشا ۋاي رەھىم قىلىڭلار دەپ بولغىچە ۋاسلا قىلىپ پالاقنىڭ ئاستىدا ئۆلدى..
سوتچى:يەنە بارمۇ..گۇۋاھچىلار.. بىراقلا كىرىڭلارچۇ..

گۇۋاھچىلار ئېتىلىپ كىرىشكە باشلىدى
-مەن بايۋەتچىنىڭ بۇرنىنىڭ يېنىدىكى بىر مەڭ..ئۇ كۈنى ئاۋۇ پاناق ئادەم بىر كالتەك سېلىپ، بايۋەتچىنى تازا بۇلىدى،،
-مەن ئۇياق بۇياققا چىقىۋاتقان شامال ئىدىم...ئۇ كۈنى ئاۋۇ پاناق بايۋەتچىنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ،تازا پۇخادىن چىققۇچە بۇلىدى..
-مەن شۇ ماۋۇ پاناق يۇلۇپ ئېلىپ كەتكەن بايۋەتچىنىڭ ساقىلى...
-مەن ھېلىقى كىچىك تەرەت قىلغان لالما ئىت..
-مەن ئىستبۇلبىغا چاپلانغان تەشىۋىقات قەغىزى..
-.............................
تەرەپ تەرەپتىن كەلگەن گۇۋاھچىلار ھەممسى پارولنىڭ جىنايەت قىلمىشىنى بايان قىلدى..ھەممەيلەن دىگەن جەريان، ۋاقت،ۋاستە،ھەرىكەت دىگەندەكلەر ئوپمۇئوخشاش چىقتى...
سوتچى غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى
-ۋۇ رەزىل پاناق.يەنە قانداق گىپىڭ بار..ئەمدىغۇ تىنىۋالالماسسەن..قېنى يەنە گۇۋاھچى بارمۇ..
ئادوۋكات:ئەڭ ئاخرىقى بىرسى قالدى..يەنى ئاۋۇ لالما ئىت ئىستولبىنىڭ تۈۋىگە بىرىپ... ھېلىقى كىچىك..
سوتچى:بولدى بولدى..ئۇ نەرسىلەرنى چاقىرىپ يۈرمەيلى...ئەمدى مەن ئاخىرقى سۆزنى قىلىمەن

-ھىم..پاناق سەن ئۆزۈڭچە تولۇق پىلانلاپ،ھېچقانداق قۇيرۇق تۇتقۇزماي.ھېچقانداق ئادەمگە بىلىندۈرمەي،رەزىل پىلانىڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم دەپ كۆرەڭلەپ كېتىۋىدىڭ..بىراق سىنى كۆرۈپ قالغان نەرسىلەر شۇنداق جىق بولۇپ چىقتى..نىمە ئۈچۈن ،،چۈنكى ھەققەنىيەتنىڭ،ئادىللىقنىڭ، ھەقىقەتنىڭ كۆزى ھامان يورۇق.رەزىللىك ھېچقاچان ئادالەتنى،ياخشىلىقنى،ھەقىقەتنى يەڭگەن ئەمەس،سەن ئۈزۈڭچە ھىلگەرلىك بىلەن بىزنىڭ ،خەلقنىڭ،ھەققانىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ،ئۆزۈڭنىڭ رەزىل قىلمىشىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەپ ئويلىۋىدىڭ،بىراق يەنىلا يېڭىلدىڭ،سەن بىر بىگۇناھنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ،ئۇنىڭ مال مۈلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلىپ،ئۆزۈڭنىڭ نەپسانىيەتچى ،قارا كۆڭلۈڭنى قاندۇرۇپ،رەزىل يۈرىكىڭنى يايرىتىپ،ئۆز ئۆزۈڭچە خوشال ياشىماق بولىۋىدىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولدى...بۇ رەزىل قىلمىشىڭدىن ھەتتا جانسىز نەرسىلەرمۇ چىداپ تۇرالمىدى...
سوتچى كۆپچىلىككە قاراىدى
- بىز ئۆزىمىزچە بەزى بىر قىلمىشلىرىمىزنى باشقىلار كۆرمىدى،باشىقىلار بىلمىدى دەپ، ئۆز ئۆزىمىزچە تايتاڭشىپ،ئۆزىمىزنى يوقىتىپ،يامانلىقنى ھەققانىيەت ئادالەت ئۈستىدىن يۇقىرى قويۇپ، بىپەرۋا يۈرىمىز،بىراق ھېچقايسىمىز بۇ قىلمىشلىرىمىز ئ ۈچۈن ھامان جاۋاپ بېرىدىغىنىمىزنى ئويلىمايمىز..ھامان ئىگىمىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ،ۋىجدان سوتىغا تارتىلىپ،قىلمىشلىرىمىزنىڭ جاۋابىنى بىربىرلەپ بېرىشنى كاللمىزغا كەلتۈرمەيمىز..بىزنىڭ مۇشۇ رەزىل قىلىمىشلىرىمىزنى كىشىلەر كۆرمىگەن ياراتقۇچى ئىگەم كۆرمەي قالارمۇ..ئۇ  بۇ رەزىل قىلمىشلارنى سوراقسىز قويارمۇ.بىزنى ۋىجدان ئازابى ئوتىدا كۆيدۈرۈپ،نومۇس سۈيىدە ئاقتۇرماسمۇ...ئۆزىمىزنڭ كىچىككىنە نەپسىمىزنى دەپ،ئۆزىنىڭ ئازراق خوشاللىقىنى دەپ،باشقىلارغا پۈتمەس ئازاپ، قايغۇ  ئېلىپ كېلىپ،خوشال يۈرۈشكە كۆڭلىمىز،ۋىجدانىمىز يول قويارمۇ...ھىم،  ھەممەيلەن ئوبدان ئويلاپ باقايلى...
گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزى ۋە باشقا دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق ئاخىرقى ھۆكۈمىمىز شۇكى
پارولنىڭ جىنايىتى بېكىتىلدى.. ئۇئادەم زەخمىلەندۈرۈش، باشقىلارنىڭ مال مۈلىكىنى بۇلاش دىلوسى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇددەتسىز قاماق ھۆكۈمى بېرىلىدۇ..
ئادوۋكات گەپكە ئارىلاشتى
-شۇنىڭ بىلەن قوشۇپ،پارول كۈندە بىر ۋاقلا سۇ بېرىلىدۇ..ئۈچ تامىقىغا تەييار چۆپ بېرىلىدۇ. تەييار چۆپ سوغۇق سۇدا تەييارلىنىدۇ،...
سوتچى:
-يوق گەپ قىلما...ھۆكۈم ھازىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ...
پارول گەپ قىلالماي بېشىنى ساڭگىلىتىپلا قالدى...
بۇ ھۆكۈمدىن بارچە خەلق ئاممسىى ئىنتايىن رازى...

تۈگىدى،،

(ۋاي ۋاي  قانداق پەيزى ھېكايىكىن دىسەم..كىچىك بالىنىڭ كىنوسىدەكلا تۇترۇقسىز نىمە ئىكەنغۇ بۇ...ماڭە پاناق..ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ..

ھى ھى ھى تېخى يەنە بىرسى بار...«قىزىل بۆك بىلەن رەزىل بۆرە»نىڭ ھېكايسى..ھەي  ھەي..توختاڭلار..يەنە بار..

(ئەمدى ئاڭلىساق. سىنى ئۇرۇپ قويىدىغان ئوخشايمىز...جىنايەتچى بولۇپ كەتمەيلى..ماڭە سەنمۇ..ئۆيۈڭگە كىرىپ ئۇخلا..)

ئەمدى راسىت تۈگىدى..ھى ھى ھى ھى.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 01:42 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
huxqiray + 100 يوقاپ كەتمەڭلا دەيمەن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 10:14:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 10:48:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىۋىي ئەۋمىيتى بار قۇرلارمۇ قىزقارلىق يەرلىرمۇ باركەن

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 10:50:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىزىقارلىق يېزىۋىتىپسىز،كىنو سىنارىيسى قىلسىمۇ بولغىدەك ئىكەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:01:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەھنە ئەسىرىمۇ بۇ ؟  قىزىقارلىق چىقىپتۇ !

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11138
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 5034 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:34:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكىم سىزنى كۆپچلىك كىشلەر تۇنىمايدۇ ، لېكىن مەن سىزنى تونىۋالدىم ، سىزنىڭ مۇشۇنداق قىزىقارلىق ئارلاش يېزىلغان تېمىڭىزنى ئوقۇشنى بەك ياقتۇراتتىم ، يەنە قايتىپ كەپسىز . مەرھابا .

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11138
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 5034 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:34:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكىم سىزنى كۆپچلىك كىشلەر تۇنىمايدۇ ، لېكىن مەن سىزنى تونىۋالدىم ، سىزنىڭ مۇشۇنداق قىزىقارلىق ئارلاش يېزىلغان تېمىڭىزنى ئوقۇشنى بەك ياقتۇراتتىم ، يەنە قايتىپ كەپسىز . مەرھابا .

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2118
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10370
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارۇل ئەپەندىم  مەرھابا . كەلگەنلىرىگە خېلى بوپتىكەندە  مەن ئەمدى  بايقاپتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25450
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5038
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 02:48:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمۇ بۇ؟ تاقا تۇقا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22717
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6842
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 03:01:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەنجىر ھالقا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش