مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1185|ئىنكاس: 13

قىزىل بۆك (پارول خەلق چۆچەكلىرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22717
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6842
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 02:42:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇ ھاھاھاھاھا مەن يەنە كەلدىم....ئازراقلا كۆنىۋالساقلا ، ھەددىمىزدىن قان بېسىمدەكلا ئاشىمىزدە...يەنە شۇ سەلكىندىكى كونا مىجەز بويىچە، بىي دەم بىر بالىلار ھېكايسى يازمامدۇق... ئىچىڭلارنى يەنە بىر پۇشىراي... كۆنەپ قاپتۇق ئەمدى شۇ...

ئەمسە باشلامدۇق.....

قىزىل بۆك

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىىسدا ،بىر گۈزەل ئورمانلىقتا ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشايدىكەن،ئۇيەردە شۇنداق بىر ئوماق قىز بار بولۇپ،ئۇدائىم ئۇچىشىغا ياپيىشىل چاپان،ئىشتان،پايپاق،ئاياق كىۋىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ،كىشلەر بىكار بىكاردىنلا ئۇنى ئەركىلىتىپ"قىزىل بۆك "دەپ چاقىرىدىكەن،ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق چاقىرىۋەرگەچكە،كىچىك ئوماق قىزبالىمۇ ئامال يوق بېشىغا چوڭ كېلىپ قالسىمۇ،ئاپىسىنىڭ قىزىل بۆكىنى كىيىپ يۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ..(ھەي پاناق،يوق گەپ قىلماي،بولە داۋامىنى دە....)

بۈگۈن ئاجايىپ بىر چىرايلىق كۈن بولغان ئىدى،ھاۋا ئوپئوچۇق بولۇپ،قويۇق بۇلۇتلار ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى (پارول پاناق،چىشىمىزغا تەگمە..)،ھى ھى ، قىزىل بۆكنىڭ ئاپىسى قىزىنى ئويغاتتى:
-قىزىل بۆك،ھەي قىزىل بۆك،ھۇيت قىزىل بۆك..توختاڭلا..بۇ مىنىڭ قىزىم تۇرسا "قىزىم "دەپلا چاقىرسام بولمىدىمۇ،توۋا..مەنمۇ ئەخمەق..قىزىم..ھەي قىزىم.
-ئىڭ~~~~ نىمە بولدى ئاپا-قىزىل بۆك كۆزىنى ئاچالمىغان ھالدا
-قوپىڭە قىزىم..قۇياش نەيزە بويى ئۆرلىدى،ئەمدى ئويغىنىڭ..
-ئۆيدە نەيزە بولمىسا،قانداق ئۆلچىدىڭىز ئاپا..-قىزىل بۆك كۆزىنى ئاران ئېچىپ..
-ئوھوش ئىچىمنى پۇشۇرماي قوپە ئاچا....باش پېرسوناژئىكەن دەپ سىزلەپ قويسام نىمانداق قىلىدۇ ماۋۇ گەزلىمە قۇرۇت..قوپە..تۇرە ئورنۇڭدىن...
ئاپىسى قاتتىق رەنجىگەن ھالدا ،يوتقان كۆرپىنى سىلكىپ،قىزىنى ئويغىتىۋەتتى...
-تۇرىڭە ھە...يۈز كۆزىڭىزنى يۇيۇپ،چىيىڭىزنى ئىچىپ بولۇپ،ماڭا بىر ياردەم قىلڭ
-نىمە ئىش ئاپا،ئەتتىگەندىلا تېرىكىپ قاپسىزغۇ،-قىزىل بۆك كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ
-بولىڭە ھە..ئاۋۋال يۈزلىرىڭىزنى سۇدا يۇيۇڭ،ئاندىن تاماق بىلەن غىزالىنىپ بولۇپ،چوڭ ئاپىڭىزغا تاماق ئاپىرىپ بېرىڭ.ئاڭلىسام مېنى تاماق ئېتىدۇ دەپ،نەچچە ئاي بوپتۇ بىرنىمە يىمىگىلى...دۈمبىسى مەيدىسىگە چاپلىشىپ قالمىسۇن ئۇ قېرىنىڭ-ئايال قېيىنئانىسىغا شۇنداق ئۆچ ئىدى..
-ھو ھو ھو...چوڭ ئاپامنى كۆرۈپ كېلىدىغان بولدۇم...قېنى ئاۋۇ يۈزۈمنى يۇيىدىغان تاماقلار، يۇيۇپ بولۇپ سۇنى ئىچىۋىتەي...
-بولە خېنىم نايناقشىماي..چىيىڭنى ئىچە...

ئالاھەزەل بىرەر سائەت ئۆتۈپ،قىزىل بۆك غىزالىنىپ بولدى،ئاپىسى تەييار قىلغان تاماقلارنى چىرايلىق قىلىپ سېۋەتكە سېلىپ بەردى..
-ھوي ئاپا،بۇ نىمە تاماقلار، چوڭلار دىگەن مانداق پولو ،پىتىر مانتا،لەغمەن،گۆشنان دىگەندەك قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يىسە ئاندىن ساغلام بولمامدۇ-دىدى قىزىل بۆك ئاپىسىغا قاراپ تۇرۇپ
-ھوي قىزىم،ئۇ سىز دىگەن جاپاكەش،ئىشچان،باتۇر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تائاملىرى بولۇپ،تەمى ياخشى ،قۇۋۋەتلىك،يىيىشلىك بولۇپ.ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ،بىراق بىز چەتئەللىك تۇرساق،شۇڭا بىر مانداق كالباسا،تۇرۇپ قالغان بولكا،سوغۇق سۈت،ئادەم يىمەيدىغان قېيزا دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن يوقلايمىز چوڭلارنى...
-بىراق سىز باياتىندىن بېرى ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتىسىز،نىمىشقا تاماقلىرىنى ئىتەلمەيسىز..-قىزىل بۆك ھەيران بولۇپ-قاراڭ مەنمۇ بىر مۇنچە ئۇيغۇرچە سۆزلىۋەتتىم..
-ۋوي بۇ دىگەن ماۋۇ ئاپتور باشقىلارنى ئۇقسۇن دەپ قەستەن بىزنى سۆزلەتكىنى..بولىڭە چاققان..ھېلى باكا...
-مانا  ....مانا....-قىزىل بۆك ئوقتەك چىقىپ كەتتى..
ئايال ۋارقىرىدى:
-ھەي ئاپتور...ماۋۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى ..قېنى سىز..
-ھە مانا-دىدى ئاپتور
-ئاۋۇ بىرنىمىنى ماۋۇ جاڭگالدا چاقماق سوقۇپ ئۆلىدىغان قىلىپ يېزىڭە.ھەجەپ چىشىمغا تەگدى.
-قىزىل بۆك ئۆلۈپ قالسا،ھېكايە تۈگىمەمدۇ...مەن قانداق پۇل تاپىمەن..-ئاپتور رەنجىگەن ئاھاڭدا سۆزلىدى
-كارىم يوق..ئىشقىلىپ چاقماق سوقامدۇ،توك سوقامدۇ،ماشىنا سوقامدۇ كارىم يوق..ئىشقىلىپ كۆزدىن يوقىتىڭ..-ئايال چاچلىرىنى تارىغاچ ئاپتورغا بۇيرۇق قىلدى..\
-ۋۇ رەزىل ئايال،قارانىيەت،سىنى ھېكايىدە جىق تۇرغۇزسام بولمىغۇدەك،ئاۋۋال سىنى يوقىتىۋىتەي..چىقە ماۋۇ ھېكايىدىن..
-نىمە؟؟؟-ئايال ئېچىنىشلىق نالە قىلدى-ئەمدى ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا مەن يوقما...ياق`~~ ياق~~~
ئاپتور ئايالنى ھېكايىدىن چىقىرىۋەتتى...

ئىككىنچى كۆرۈنۈش

ئەلۋەتتە،ھەرقانداق ئەتتىرگۈلنىڭ بىر تىكىنى بولغاندەك،ياخشى ئەرنىڭ بىرلا ئايالى بولغىنىدەك،بۇ كۆڭۈللۈك ھېكايىنىڭمۇ بىر قورقۇنۇچلۇق پىرسوناژى بار ئەلۋەتتە. ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ ئورماننىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە،ياشايدىغان،رەزىل،قانخور،تويماس،ئەسكى،رەھمىسىز،سەت،قورقۇنۇچلۇق،بەدبەشرە..
-ئاغزىڭنى يۇم-بۆرە ئاپتورغا قاراپ ۋارقىرىدى-نىمە گەپ قىلمىسام تىللاۋىرىسەن،ئۆزۈڭ سەلبىي پىرسوناژ قىلىپ يارىتىپ، ئۇنداق تىللاۋەرسەڭ،ئالمايمەنە ۋا بۇرولنى، ئەۋۇ پىل كېلىپ رول ئالسۇن...كۆتە قاسقىنىڭنى..
-ھى ھى چاقچاق قىلىپ قويدۇم-دىدى ئاپتور كۈلۈپ تۇرۇپ-بولە ،نۆۋەت ساڭا كەلدى..

شۇنداق،بۇ ئورماندا شۇنداق بىر بۆرە ياشايتتى..
-ھاي ھاي كۆپچىلىك ،مەن مۇشۇ ھېكايىدىكى ئەڭ چوڭ سەلبىي پىرسوناژ بۆرە بولىمەن،ھەرگىزمۇ ئاۋۇ ئاپتور دىگەندەك،ئۇنداق ئەمەس،ئەمەلىيەتتە مەن بىر ھېسىياتقا باي،شېئىر يېزىشقا ھەۋەسكار،ناخشا ئېيتىشقا ئۇستا ،تىنىم ساغلام،بويۇم ئىگىز،ناچار ئادىتىم يوق،چەكمەيمەن، ئىچمەيمەن. ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا ،تىلىفون نۇمۇرۇم،،،،..
-ئىم ئىم~~-ئاپتور گىلىنى قىرىپ قويدى-بولامىكىن..
بۆرە ھى ھى ھى دەپ ھېجىيىپ قويدى..

قىزىل بۆك مومىسىغا تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى يولدا كېتىۋاتقاندا چاغدا،دەل بۇ يىرتقۇچ بۆرە ئورمانلىقتا ئوزۇق ئىزدەپ يۈرەتتى..
-ئاھ.. كەڭ تەبىئەت ..سەن نىمىدىگەن گۈزەل..سىنىڭ قوينۇڭدا ئۆسكەن بارلىق مەۋجۇدات ساڭا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايدۇ،سىنىڭ گۈزەل باغلىرىڭ،ھەيۋەت تاغلىرىڭ،زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرىڭ،ئوتقاشتەك باغرىڭ...ئادەمگە گۈزەل ئىستتىك زوق بېغىشلايدۇ..مەن نىمە ئۈچۈن بۆرە بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان..كىپىنەك بوپ قالسام،گۈلدىن گۈلگە قونسام...شادلانسام،كۈلسەم..مەندەك مۇشۇنداق رومانتىك جانلىقنى نىمە دەپ بۆرە قىلىپ يارىتىپ قويغانسەن...ئاھ...
"ئىم ئىم~~ نايناقشىما،سەن شېكىسپىر ئەمەس،بۆرە لاۋزا گۇي.."
-ئوۋ راسست. مۇشۇ كەڭ تەبىئەتنى ھوزۇرلۇنۇپ ،كۆڭلۈمنى تازا بىر خوش قىلايچۇ-بۆرىنىڭ قورسىقى غورۇلداپ كەتتى-ئاھ..يەنە قورساق ئاچتى،يەنە شۇ توشقان ،قوي تۇتۇپ يەمدىم..مۇشۇ ئېسىل ،ئالىي تىرناقلىرىم بىلەن ئاشۇ ھاڭۋاقتى ھايۋانلارنى يەيمەن دەپ شالۋاقلىرىمنى ئېقىتىشتىن نۇمۇس قىلىمەن..مۇشۇ ئېسىلزادىلەرگە خاس چىرايىم بىلەن ئاشۇلارنىڭ قىغ پۇرايدىغان يۇڭلىرىغا مىلىنىپ،قاشتىشىدەك چىشلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ سامان پۇرايدىغان گۆشلىرىنى يىسەم....ھۆ~~~~~~~
بۆرىنىڭ قورسىقى يەنە بېر قېتىم قاتتىق غورۇلدىدى
-پاھ ماۋۇ قورساق يەنە ئاچتى..ئاپتور..مېنى مانداق قورسىقى ئاچمايدىغان بۆرە قىلىپ تەسۋىرلىسەڭ بولمامدۇ..
-بولە جىق گەپ قىلماي-ئاپتورنىڭ ئاچچىقى كەلدى.-نىمانداق نايناق،تاۋى نازۇك نىمە بۇ.ھېلى باكا ئىشەك قىلىپ تەسۋىرلىۋىتىمەن جۇمۇ..
-ھوي ياق ياق...بولدى..ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن..
بۆرىنىڭ قورسىقى بۇ قېتىم قاتتىق غۇرولداپ كەتتى.
-كاساپەت بولمدى،بىرەر ئوزۇق ئىزدەپ يىمىسەم..نىمە يىسەم بولا...تۈنۈگۈن قوي يىگەن،ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى پادىچىدىن تاياق يىگەن..ئەتتىگەن بىر توشقان يەۋالدىم...نىمە يىسەم بولا..
بۆرە مۇشۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرغاندا،ئوماق قىزىل بۆك بالىلار ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئۆتۈپ قالدى.بۆرىنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى..
-ۋاھ..~~~!!! كىچىك قىزچاق ئىكەنغۇ...مانا غىزا دىگەن...ۋاھ ۋاھ  كەمپۈت كەمپۈت...مانا مەن كەلدىم....
دەل شۇچاغدا ھاۋادا كۈچلۈك مۇزىكا ياڭرىدى،،،،.....

"بۆرىجان ان ان ان ان ان ان ان ان ان"

بۆرە قىزىل بۆكنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپلا چىقىپ ناخشىسىنى باشلىۋەتتى...

ئۇچراشتۇق بۈگۈن مانا،قىزىل گۈللەر ئارا،ئاپىرىپ قويايمۇ سىزنى
يول بويى بىللە ماڭغاچ،ھەمدە پاراڭ سالغاچ، چايناپ يەۋىتەيمۇ سىزنى
سىز كۆڭلۈمدىن بىخەۋەر،سېلىپ قويۇڭ نەزەر،ئېيتسام سۆزۈم تۈگىمەس.....
مەھكەم يىپىشىپ سىزگە،كانيىڭىزدىن چىشلەشكە،باھانەم جىق تۈگىمەس....

سىزدىن ئەنسىرەپلا يۈرىمەن...
(قىزىل بۆك) نىمىشقا؟؟
باشقا ھايۋانلار يەپ قويامدىكى دەپ..
(قىزىل بۆك) ۋاي مىڭىڭە..
سىزنى ئەمدى چايناپ يۇتىمەن..
(قىزىل بۆك)راستما؟؟
ھەرگىز رەھىم قىلىپ يۈرمەيمەن..
(قىزىل بۆك)ۋەدە بېرىڭ..

ۋەدە بېرەي،چوقۇملا سىزنى چايناپ چايناپ يۇتىۋىتىمەن...

ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم..مېنى شەيدا قىلىۋالدىڭىز...~~
ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم،مەھلىياقىلىۋالدىڭىز..
ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم مىنى شەيدا قىلىۋالدىڭىز...
ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم.......ما...

مۇزىكا شاپلا قىلىپ توختىدى..بۆرە قىزغا قاراپ رەھىمسىزلەرچە تىكىلىپ تۇراتتى،قىزىل بۆك بولسا سەبىيلەرچە كۈلۈپ تۇراتتى....
ئارىدىن بىرھازا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن،قىزىل بۆك بارلىق كۈچى بىلەن بۆرىگە قاراپ ئېتىلدى..
-ھو~~~~ ئىشەك!!!!!
ئەندىكىپ كەتكەن بۆرە قىزىل بۆكنى يىراققا ئىتتىرىۋەتتى..
-ھوي خانقىز،سىز قايسى ئىشەكنىڭ گەپ قىلغىنىنى كۆرگەن..
قىزىل بىر ئاز ئويلىنىۋىلىپ،يەنە بۆرىنىڭ قۇچاقلىماقچى بولۇپ ئېتىلدى:
-ھو~~~گەپ قىلالايدىغان ئىشەك!!!!
بۆرە غەزەپ بىلەن قىزىل بۆكنى يەنە ئىتتىرىۋەتتى،،
-كۆزىڭىز تورلىشىپ قالغانمۇ سىزنىڭ...نەرىم ئىشەك مېنىڭ..مەن دىگەن بۆرە!!يىرتقۇچ بۆرە~~!!!!!(ئاۋاز شۇنداق ياڭراق،ئەكس سادالىق چىقتى)
قىزىل بۆك يەنە بىر دەم تۇرىۋىلىپ،يەنە بۆرىنى قۇچاقلىماقچى بولدى:
-ئۆزىنى بۆرە دەۋالغان ئىشەك!!!!!

بۆرە قاتتىق سىلكىپ،قىزىل بۆكنى يىقىتىۋەتتى..
-يوقال!!! ۋۇ بۆرە كۆرۈپ باقمىغان ئالۋاستى...مەن دىگەن ئورمانلىقتىكى ئەڭ ياۋۇز بۆرە...ئىشەك ئورمانلىقتا نىمە قىلىدۇ...سىلەر ئىنسانلار ئۇنى مىنىڭ دۆت قىلىۋەتكەن تۇرساڭلار،ئورمانلىققا كىرىپ قالسا،ئاللىبۇرۇن ئۆلمەمدۇ..ئىشەك قانداقمۇ مەندەك ئېسىلزادە،چىرايلىق،كېلىشكەن ،بۆرە بىلەن بەسلىشەلىسۇن....
قىزىل ئورنىدىن تۇرۇپ ،كىيىملىرى قېقىپ تۈزەشتۇردى
-مەيلى كىم بولسىڭىز،ئىككىمىز دوست بولايلىچۇ،سىز ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتىدىكەنسىز...
بۆرە ئېرىپ يۇمشاپلا كەتتى:
-ھى ھى ھى ھ ئۇغۇ راست،سىزنىڭ دوست بولغىڭىز بارمۇ؟
-بەكمۇ دوست بولغۇم بار...سىز بەك تالانتلىق ئىكەنسىز،ئىشەك..ھوي ياق..بۆرە ئەپەندى...
-ئوبدان گەپ  ئوبدان گەپ..سىزنەگە ماڭدىڭىز ئاپئاق قىز...ئۆزىڭىز يالغۇز ماڭسىڭىز قورقمامسىز..
-مەن مومامغا تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى كېتىپ بارغان...نىمىدىن قورقىمەن
-بۆرىدىنچۇ..بۇ ئورمانلىقتا بەك ياۋۇز بۆرە بار جۇمۇڭ..ئېھتىيات قىلىڭ..
-ماقۇل..-قىزىل بۆك بۆرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ-بولمىسا ماڭا ھەمرا بولىڭە..مېنى ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ..
-چاتاق يوق...مۇمىڭىزغا قانداق تاماقلارنى ئىلىۋالدىڭىز....مۇماينىڭ ئۆيى قەيەردە-بۆرە باشقىچە پىلان سوقۇشقا باشلىدىئ
قىزىل بۆك سېۋەتنى ئېچىپ،تاماقلارنى چىقىرىپ بۆرىگە كۆرسەتتى،بۆرە ھېيلە ئىشلىتىشكە باشلىدى:
-قىزچاق ،بۇلار بەك ئاددىي بولۇپ قاپتۇ،ماۋۇ ئورمانلىقتا ياخشى يىمەكلىكلەر بەك كۆپ..بىز بىللە تېرىپ كىلەيلى...بولۇپمۇ..
قىزىل بەك خوش بولۇپ كەتكەچكە ،سەكرەپ كەتتى:
-سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز،،مەن ھازىرلا تېرىپ كىلەي..
قىزىل بۆك ئورمانلىققا قاراپ يۈگۈردىدە،بىردەمدىلا بىرنەرسە كۆتۈرۈپ كەلدى..
-مانا،ماۋۇنى تېرىپ كەلدىم..
-نىمە بۇ؟؟-بۆرىنىڭ كۆزى چەكچەيدى..
-كالا تېزىكى!!!!
بۆرىنىڭ بېشىدىن سۇ ئېقىپ كەتتى...
-خانقىز،چوڭ ئاپىڭىز تېزەك يەمدا؟؟؟؟
قىزىل بۆك خاتالىقىنى ھېس قىلىپ ،يەنە ئورمانلىققا قاراپ يۈگۈردى،بىردەمدىلا قايتىپ كەلدى
-مانا ماۋۇ بولامدۇ..
-بۇ دىگەن تەشۋىقات قەغىزى..
..
-ماۋىچۇ؟
-ئاھ خۇدا،بۇ دىگەن كونا ساپما كەش..
...
-ماۋۇچۇئ؟
-ھۆ~~~~
.....
-ماۋۇچۇ
-توۋا..بۇ ئىنسانلار مۇھىتنى نىمانداق بۇلغىۋەتكەن...بۇ دىگەن گىلەمدىن چىققان قىل...ھەي كالۋا قىز..مانداق موگو،ئالۇچا،گىلاس دىگەنلەرنى تەرمەمسىز....بولىڭە ،ئاۋۇ ئىچكىرى كىرسىڭىز كۆرەلەيسىز..

قىزىل بۆك ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى..بۆرە ھېجىيپ تۇرۇپ،ئۇنىڭ چاپانلىرىنى كىيدىدە،ئۇنىڭ مۇمىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى..ئادرىسىنى باياتىن بىلىۋالغان....ئۇ شۇنداق ئىلدام يۈگۈردىكى، پۇتى بىلەن ئىككى قولى شۇنداق ماسلىشىۋاتاتتى...
بۆرە تۇيۇقسىز توختىۋالدى:
-توۋا..مەن دىگەن بۆرە تۇرسام،تۆت پۇتلاپ يۈگۈرسەملا بولمىدىمۇ،كاللام نىمە بولغان،تېخى ئىنسانلاردەك مارافونچە يۈگۈرۈپ كېتىپتىمەن...ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ..
بۆرە قىزىل بۆكنىڭ مۇمىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ،ئۇچىۋەتتى.....

ئۈچىنچى كۆرۈنۈش

بۆرە قىزىل بۆكنىڭ چاپانلىرىنى كىيىپ ،مۇماينىڭ ئىشكىنى چەكتى.
تاك تاك تاك
ئىشىك ئېچىلمىدى
تاڭ تاڭ تاڭ
ئىشىك يەنە ئىچىلمىدى
دۇڭ دۇڭ دۇڭ
ئىچىلمىدى،
جاڭ جاڭ جاڭ
.....
-ھەي ئاپتور..نىمانداق ئىشكىنى ئاچقۇزمايسەن،،.ئادەمنى توڭلىتىپ ..-بۆرە نالە قىلدى
-ماڭەۋە ،سەن نەدە ئادەم..سەن دىگەن بۆرە..مانداق ئۈچلا چەكسەڭ كىم ئاچاتتى..جىقراق چىكىپ باقمامسەن ئىشىك دىگەننى...-ئاپتور رەنجىپ تۇرۇپ بۆرىگە رەددىيە بەردى
بۆرە ئىشىكنى قايتىدىن چەكتى
تاك تاك تاك تاك
ئىشىك غىچ قىلىپ ئىچىلدى.بۆرە ئۆيدە ئاستا دەسسەپ كىردى..ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق پاكىز تازلانغان،شۇنداق رەتلىك ئىدى..
-ئۆيگە كىرگەن كىم-بىر مۇلايىم ئاۋاز كارىۋات تەرەپتىن كەلدى
-مەن~~~~~~-بۆرە قويدەك مەرەپ سالدى.
-ھوي..قويما سەن.
-ۋوي ياق چوڭ ئاپا، بۇ مەن،قىزىل بۆرە..ۋوي ياق..قىزىل بۆك..
-كىلە ساقام،يىنىمغا كىلە..كۆزلىرىم ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى،يېقىنراق كىلە..
بۆرە موماينىڭ كارىۋىتىنىڭ يىنىغا كېلىپ ئولتۇردى..
-پاھ پاھ .ئاۋاز لىرىڭ توملىشىپ،تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ،ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىتىرىتىدىغان بوپتۇ جۇمۇ،ئادەمگە بىرخىل جەڭگىۋار روھنى ئەسلىتىدۇ..
موماينىڭ تەسىۋىرىنى ئاڭلاپ،ماختانچاق بۆرە ئۆزىنى تۇتالماي قالدى:
-توغرا ھاھاھاھا توغرا..ئېسىل تەسۋىر بولدى..يەنە يەنە.
-ھوي قىزىم ..تېخى قويۇق ساقال قويۇۋاپسەن..ئادەمگە بىرخىل قوپاللىق ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەدىئيلىكنى ئەسلىتىدۇ..
-ئېسىل !!! ئېسىل!!!!!يەنە  ھە ،،يەنە..
-پاھ قارىغىنە چىشلىرىڭغا،قىلىچتەك تۇرىدۇ،ئادەمگە بىرخىل قەدىمىي باتۇرلارنىڭ جەڭلەردە .ئۆز مۇھەببىتىنى قوغداش ئۈچۈن ،ياۋغا قاراتقان ياراقلىرىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ..
-راھەت!!!بەك راھەت!!! ياخشى..يەنە ..يەنە...ھو ھاھاھاھاھا
-قارا پۇت قوللىرىڭغا،،تاپانلىرىڭ قېلىن،تىرناقلىرىڭ ئۇزۇن...كونىلىقتىن ئۇرغۇپ چىققان يېپيېىڭى ھېسىيات..
-راھەت~~~!!ھاھاھاھ بەك راھەت..موماي..تەسىۋىرگە ئۇستىكەنسىز..يەنە..
-تىللىرىڭ،كۆزلىرىڭ قىپقىزىل قىزىم..ئادەمگە ئوتقاش مۇھەببىتىنى ئەسلىتىپ،ياشلىق جىلۋىسى ھەدىيە قىلىدۇ
-يارايسىز!!!ھو ھاھاھاھاھا..ۋاي قېرى...سىزلا مېنى چۈشىنىدىكەنسىز جۇمۇ..راھەت!!بەك راھەت!!!
بۆرە تەرىنى بۇزدى:
-بىراق ..سىزنى يىمىسەم بولمايدۇ..ئاۋۇ نەۋرىڭىز كېلىپ قالسا،پارىڭىمىزنى بۇزۇپ قويىدۇ...
بۆرە ھاپلا قىلىپ، موماينى پۈتۈن يۇتىۋەتتى...موماي بۆرىنىڭ قورسىقىغا تۇرۇپمۇ گەپ قىلىشىنى توختاتمىدى:
-ھوي چىراقنى ئۆچىرىۋەتتىڭلارغۇ..پاھ بۇ سىنىڭ قورسىقىڭ ئىكەندە،،قارىغىنا ئۇچەيلىرىڭگە،شۇنچىلىك توم،شۇنچىلىك ئۇزۇن،ئادەمگە ھەقىقىي يات ئەل مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ..ئاۇۋ يۈرەك...

بۆرە موماينىڭ مەدھىيەلىرىگە مەس بولۇپ،قىزىل بۆكنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى،...ئالاھەزەل ئىككى سائەتتىن كېيىن،ئۈچ تاغار موگۇ،ئىككى تاغار گىلاس ،بۆلجۈرگەننى سۆرەپ قىزىل بۆك كىرىپ كەلدى..
-مۇما مەن كەلدىم،سىزگە بىرمۇنچە نەرسە ئېلىپ كەلدىم...
بۆرە موماينىڭ ئاۋزىنى دوراپ گەپ قىلىشقا باشلىدى:
-كىلە قوزام كىلە،كۆزۈم ياخشى كۆرەلمەيدۇ،يىنىمدا ئولتۇر..سىنى كۆرۈپ قېنىۋالاي
-ۋوي موما-قىزىل بۆك ھەيران بولۇپ-كۆزلىرىڭ قىزىرىپ كېتىپتىغۇ..
-جىنىم ساقام ،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ..
-ۋوي موما،پۈتۈن بەدىنىڭ پارقىراق تۈك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟؟
-جىنىم ساقام،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ...
-ھوي موما،پۇت قوللىرىڭنىڭ تىرناقلىرى نىمانداق ئۇزۇن؟؟
-ھوي ساقام،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ..
-ھوي موما.تاملارنىڭ ھاكلىرى ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ كېتىپتىغۇ..
-جىنىم ساقام،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ..
-ھوي موما...
-بولدى بەس...تولا سوئال سوراۋەرمەي،يەيدىغان نەرسىلەرنى چىقارمامسەن..-بۆرەى ،ئاپتور ھەمدە بۆرىنىڭ قورسىقىدىكى موماي ئۈچەيلەن تەڭلا ۋارقىرىۋەتتى...
قىزىل بۆك قورقۇپ كېتىپ،ئەكەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۆرىگە بەردى...بۆرە قورسىقى ئىسىلىپ قالغۇچە يەۋالغاچقا،ئۇيقۇغا كەتتى..
قىزىل بۆك بۇ مۇمىسىنىڭ بېشىدا قاراپ،بەكمۇ زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ،"ھوي راست،مومامنىڭ قورسىقىنى بىر ئېچىپ كۆرۈپ باقايچۇ"دەپ شۇنداق كېسىۋىدى .ھەقىقىي مۇمىسى تاقلاپ چىقتى:
-ئۇھ ئەمدى توك كەلدى،،ھەجەپ ئىچىم سىقىلغان
-مۇما،بىردەمدىلا بايىقى ھەيۋەتلىك ھالىتىڭىزنى يوقىتىپ قويدىڭىزغۇ،يەنىلا شۇ تېرە يارىشىپتىكەن سىزگە-دىدى قىزىل بۆك.
-قىزىم،بۇياۋۇز بۆرە بىزنى يەۋىتىدىغان ئوخشايدۇ،ئۇنى بىر بابلايلى-موماي شۇنداق دىدىدە،بىر تاغار تاشنى بۆرىنىڭ قورسىقىغا قاچىلاپ،قايتىدىن تىكىپ قويدى،ئۇلار ئۆيدىن ئاستا قېچىپ چىقىپ كەتتى.

ئۇزۇنلارندىن كېيىن بۆرە ئويغىنىپ،قورسىقىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلپ:
-پاھ پاھ ئۇيقۇچىلىقتا ،ماۋۇ ئىككى لاۋزىنى يەپ قويۇپتىمەندە...بۇمۇ بوپتۇ.ئويغاق بولغان بولسام،كۆڭلۈم ئاينىپ چىدىيالماس بولغانتىم...ئەجەپ ئۇسساپ كەتتىم..بىرچاڭ سۇ ئىچەي..
بۆرە قۇدۇق بىشىغا كېلىپ ئەمدى سۇئىچمەكچى بولىۋىدى،قورسىقىدىكى تاشلار ئالدىغا سۈرۈلۈپ،موللاق ئېتىپ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى..
بۆرە قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈش جەريانىدا قاتتىق ۋارقىرىدى:
-ئاپتور...ۋۇ ئالدامچى..مېنى سەلبىي پىرسوناژ بولساڭ،بەك نوچى بولىدۇ دىگەنىدىڭ،بۇ نىمىسى ئەمدى.....!!!!!!
ئاپتورنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى..شۇنداق قىلىپ بۇ گۈزەل ئورمانلىقتىن بىر زىيانداش يوق بولدى،كىشىلەر ۋە جانۋارلار خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە بولدى...


ۋاھ ۋاھ ئەجەپمۇ ئۇزۇن بوپ كەتتى ھە...زېرىكمەي ئوقۇڭلار.ئەگەر تولۇق ئوقۇپ مۇشۇيەرگە كەلگەن دوستلار بولسا..سىلەرگە رەھمەت..ئەمدى چىشىڭلارغا تەگمەيمەن..قېنى تەنقىدچىلەر...ئالغا!!!!!

ھى ھى ھى سەت بولدى...ھۆرمەت بىلەن پارولدىن



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
dostum. + 11 ماختاشقا تېگىشلىك
huxqiray + 100 پاناقكا ئۈندىداردىن ب.
YAZR + 70 پاناق بۆرە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 181   باھا خاتىرىسى

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 10:42:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارول قايتىپ كەپسەندە ،  بوسا  جوكېرنىمۇ  چاقىرۋال  ،  قىزىل بۆكنى  شۇ كەيسۇن ، قارشى ئالىمىز ، دىدار غەنىمەت !

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:16:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندىن  كىيىن  قادىخاننىمۇ  قۇشۇۋال ھىكايەڭگە  .....بەك ئۇزۇن بىلىنىپ  قاچان ئۇقۇپ بۇلامەن دىسەم بىردەمدە ئۇقۇپ  بولدۇم ،  ئاغزىمغا  قوقاق چىقىپ  قاپتىكەن ، كۈلسەم ئاغرىپ كىتىپ  ئىچىمدە  كۈلىۋەتتىم






ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85232
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:26:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە....ھە....ھە.... تونۇغاندەك، تونۇغاندەك....
ماۋۇ ھېلىقى پارولكام دېگەن پاناق شۇما؟ جىڭپىرىمۇ يا زاپىرىمۇ؟
نەلەردىن پەيدا بولاپ قالدى مايەدە؟ نەچچە ژىل بولاپتىكەن كۆمىگىلى...

قىزىقارلىق يۇمۇرلار، شەخىسنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە كۈلدۈرگىلەر مانا بۇ جايدا!
بۈگۈن سىزگە تۆۋەندىكى سوۋغىلارنى ئېلىپ كەلدىم، ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلغايسىز
[كىتاپ بازىرى] [ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى تېمىلار جەمگاھى] [url=http://www

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:42:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىۋايەتلەردىكى يەيدىغان تاتلىق يىمىلىك پارول پاناق   قايتىپ كەپتۇدە ... ھاھاھا
تۈگىمەس ناخشا ناخشا ئيتسا جوكىر بىلەن قادىخان ئۇسۇل ئوينايدىغان يېرىلا كەم قاپتۇ بۇ تىماڭنى قىزىتىدىغانغا .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 12:07 PM  


خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11255
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:05:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈللۈگ  ھازىرمۇ بار.كىرىشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:26:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام قىزىل بۆك

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8547
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8484
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رھمەت سىزگە بەك ئاۋارە بۇلۇپ كىتپسز  قىزىل بۇكنىڭ داۋامى يەنە بارمۇ يا بۇلسا يۇللاڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25450
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5038
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 05:05:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە بۇ؟  تاقۇ تۇقا؟
ھاھا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22717
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6842
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 05:11:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
talat118 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 05:05 PM
نىمە بۇ؟  تاقۇ تۇقا؟
ھاھا

چوڭ ئاپامنىڭ ھويلىسغا يىقىلىپ چۈشتۈم توككىدە....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش