مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1784|ئىنكاس: 57

بىلىمخۇمار ئەپەندىگە ئوچۇق خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3998
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئەپەندىگە ئوچۇق خەت


ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۈم بىلىمخۇمار ئەپەندىم !
    بىز  تونۇشمىساقمۇ  ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان يۈرىكىمىز تونىشىدۇ!سىزنىڭ «يەھۇدىلارنىڭ 3000 يىل ساقلىنىپ قېلىشىدىكى سىر»ناملىق  ماقالىڭىز  كەڭ ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا تويۇنغان ئېسىل ماقالە بولۇپ چىقىپتۇ.سىز  بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ چوڭقۇر ۋە دۇنياۋى نەزەردىكى بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىغا سۆيۈنۈشۈم ئېشىپ ھەسسەت قىلغۇممۇ كەلدى...ئوچۇق خەت  يېزىشتىكى مەخسىدىم قۇرۇق ماختاش  ئەمەس.مەخسىدىم تۆۋەندىكىچە:
     مەن ئۇيغۇر تور مۇنبەرلەرىدە جۈملىدىن مىسرانىم مۇنبىرىدە ساپ ئىسلام ئەقىدىسى مۇسۇلمانچىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ %70 نى ،مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن تارىخ،مەدەنىيەت،دىن قۇرۇلمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغانلارنىڭ %30 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى،سىزنىڭ يۇقۇرقى ماقالىڭىزغا باشقىچە قارايدىغانلار بولغاندىن باشقا نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى بايرامىنى ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلارغا دۇرۇس ئەمەس دەپ قارايدىغانلارنىڭ %70 دىن كەم ئەمەسلىكىنى سېزىپ يەتتىم.ئىككى خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چۈشىنىش پەرقى ناھايىتى چوڭ.بۇ ئەھۋال ،بۇ خىل بۆلۈنمە ئېقىم مىللىتىمىز ئىچىدىكى يېڭى مەنىۋى كىرزىس بولۇپ شەككىللىنىشى مۇمكىن.مەن بۇ ھەقتە «ئۇيغۇر مىللىتى ۋە دىن» ماۋزۇلۇق ماقالە يېزىپ مىللىتىمىز تارىخىدا ئېتقاد قىلغان دىنلار،ھەم ئىسلام دىننىڭ ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تارىخى چوڭقۇرلۇق ۋە دۇنياۋى كەڭ نەزەردىكى بىلىم بىلەن يورۇتۇپ بېرەي دېسەم ئارزۇيۇم بولغان بىلەن شۇنىڭغا چۇشلۇق دەرمانىم،بىلىمىم ناھايىتى كەم كېلىپ قالدى! مەن سىزنىڭ بۇ جەھەتتە قەلەم تەۋرىتىشكە ۋاقتىڭىز بار-يوقلىقىنى بىلمەيمەن،ناۋادا ۋاقتىڭىز يەتسە ئۆزىڭىز،يەتمىسە تونۇش زىيالىلارغا (چەتئەلدىكى،ئىچكىرىدىكى،ئۈرۈمچىدىكى ) ھاۋالە قىلىشىڭىز بىلەن قەلەم تەۋرىتىشىنى، ئۇنىڭغىمۇ مۇمكىن بولمىسا يۇمشاق دېتاللارغا كىرگۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنى كەسىپداشلىرىڭىزنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.مەن ئۆزۈممۇ بۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ ۋە تونۇشلارغا ھاۋالە قىلىش نىيىتىدەمەن.بىز مىللىتىمىز بىلەن دىننىڭ ،تارىخنىڭ،مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تونۇتۇش ،چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئىشىنى ئېلىپ بارمىساق دىن تەرەپدارلىرى باشقا قۇتۇپ،مىللەت تەرەپدارلىرى باشقا قۇتۇپ بولۇشتەك ئىدىيە بۆلۈنۈشى كېلىپ چىققۇدەك.ھازىرمۇ يېنىك ئەمەسكەن.مىللىتىمىز تارىختا نادانلىقنىڭ دەردىنى ئاز تارتىمىغان!
يەنە يېڭى نادانلىققا پېتىپ قالساق بولمايدۇ! مېنىڭ يۇقۇرقى تەۋسىيەرىم بىلىم خۇمار ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزغا قىلىنغان تەۋسىيەدۇر! مىسرانىم مۇنبىرىدە بولىۋاتقان ئورۇنسىز تالاش-تارتىشلار،ئۆز-ئارا تىل ياغدۇرۇشلار مەزكۇر مۇنبەر گە بىر ھەپتە كىرگەن ئادەمگە خېلى وبدانلا ئايان بولىدۇ.....پىكىردىكى،كۆز قاراشتىكى بۆلۈنۈش نۇرغۇن زىياننى پەيدا قىلىدۇ.مىللەت بىلەن دىننى قارشى قىلماسلىق،تارىخ،مەدەنىيەت ،دىننى بىر پۈتۈن مىللەت ئۇقۇمىنىڭ ئىچىگە قويۇشنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش زىيالىلىرىمىزنىڭ ئورتاق بۇرچى! ئاخىرىدا بىلىم خۇمار ئەپەندىگە ۋە بارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا سەمىمىي سالام يوللايمەن،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 11:29 AM  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

كىتابۇللاھ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3347
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن ئۈزۈكنى يەنىلا زەگەر سوققىنى تۈزۈكمىكى؟ !
بولىۋاتقان ھەممە مۇنازىرىلەرنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن.
          ئەركىن مۇئەللىمنى بىزنى يەنىلا تېخىمۇ كۆپ دۇنيا ڧىزىكا يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار قىلىشىغا ئۈمىدۋارمەن. ئىشىنىمەنكى بۇ يەردە پەنگە ئېھتىياجلىقلار ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس.

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10371
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 747 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ ھېلىھەم ۋاقىت چىقىرىپ ئاۋام ئۈچۈن يۇرۇق نۇقتىلار ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمىكىمۇ ئاسان ئەمەس،
بىر مىللەت بىر قەۋىمنىڭ ئىچكى نىزالىرىنى ئورتاق پىكىر يۆنۈلىشىگە خۇلاسلاشتەك  چوڭ ئىشنى  (بىزنىڭ ھازىرقى بىلىش دائىرىمىزدە)  بىر ئادەمدىن بولۇپمۇ نوپۇزلۇق زاتلىرىمدىن قاراتمىلىقى كۈچلۈك ھالدا تەلەپ قىلىش ، ئۇلارنىڭ نوپۇزىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارايمەن.
پىچاق دوختۇرنىڭ قولىدا ئادەم ئادەم قۇتقازسا ، قاتىلنىڭ قولىدا ئادەم ئۆلتىرىدۇ..........
ئۇنداقتا مۇنبىرىمىزدىكى بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ جاۋاپ يازمىسىنى ئىلمى تەپەككۈر قىلالايدىغانلار زادى قانچىلىك؟؟؟؟
مانا بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئاتامانلىرىمىزدىن مەسىلىدە  تەلەپ قىلغاندا ئاۋۋال ئويلىشىدىغان كەلىمىمىز بولىشى كېرەك.....
سىز ئوتتۇرىغا قۇيغان قىسمەن مۇنازىرە قىسمى- بولسا رىئاللىق داۋامىدىكى دولقۇنلار مەۋجىدە ئىستىخىيلىك ھالدا بىرلىشىشكە يۈزلىنىشى  مۇمكىن.......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 02:09 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3900
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1595 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2013-2-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق بۈلۈنمىچىلىك تارىختىن بار لىكىن كەڭىيىپ كەتسە بولمايدۇ ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغاندىكىن بۇنداق بۇلىشى تەبى لىكىن ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ پايدىلىق بولغان قاراشلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئوتتۇردىكى ئۇقۇشماسلىقىنى پۈتۈنلەي تۈگۈتەلمىسەكمۇ ئازايتالىساق بۇمۇ بىر غەلبە بۇلىدۇ،بۇنىڭغا يىزىش قابىلىيىتى بارلار ئىزدىنىپ بىقىشىنى مەنمۇ قوللايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىنتايىن ئەمەلىيەتچان تىما بولۇپتۇ!يەنە بۇ مىسرانىمدا دىننىي ئاشقۇنلارنى يوق دىسەك خاتالاشقان بولىمىز!شۇڭا نىگىزلىك قىلىپ مىللەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرىھلەيدىغان بىرەر ماقالە يىزىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالدى!

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىنتايىن ئەمەلىيەتچان تىما بولۇپتۇ!يەنە بۇ مىسرانىمدا دىننىي ئاشقۇنلارنى يوق دىسەك خاتالاشقان بولىمىز!شۇڭا نىگىزلىك قىلىپ مىللەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرىھلەيدىغان بىرەر ماقالە يىزىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالدى!

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3998
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alpamix:aziz يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 01:45 AM
بىلىم خۇمار ئەپەندىگە ئوچۇق خەت
ھۆرمەتلىك alpamix:aziz ئەپەندىم،

ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ ماڭا ئىشىنىپ، يۇقىرىقى ئىلتىماسنى سۇنغىنىڭىزغا چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن. مېن ئىجتىمائىي-پەن بىلەن شۇغۇللانمايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كېتىدىغان ماتېرىياللارنى تېپىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا ئۆزەمنى بۇ تېما ئۈستىدە بىر نەرسە يېزىشقا مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئىجتىمائىي-پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغانلار چوقۇم بار. مەن ئاشۇنداق ماقالىلارنى ئىزدەپ تاپالىغانلىرىمنى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي. باشقا قېرىنداشلاردىنمۇ ئاشۇنداق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3998
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك بىلىم خۇمار ئەپەندىم !

قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ جاۋاپ خەت يازغانلىقىڭىزغا ،ئۆزىڭىزنىڭ تەبىي پەنشۇناس ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتكەنلىكىڭىزگە،شۇنداقلا  مۇختار قادىر ھونزادىنىڭ «ئىسلام دىننىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشى » ناملىق ماقىلىسىنى «يەھۇدىلارنىڭ 3000يىل مەۋجۇت بولۇشىدىكى سىر » ناملىق ماقالىڭىزنىڭ ئىنكاس بوشلىقىغا يوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر! مەن ئوتتۇرغا قويغان تېمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ  بولۇپمۇ سىز ئېيتقاندەك ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ موھىم بۇرچى.ئاخىرىدا سىزگە سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


  

ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1608
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8688
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-2-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پىكىر! ھەقىقەت ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەنلەرگە ياراتقۇچى زات ئۆزى يار بولسۇن!

ياراتقۇچى پۈتۈن قىلغان دىندىن قۇسۇر ئىزدۈگۈچىلەرگىمۇ يار يۆلەك بولىدىغان يارەنلەر چىقىدۇ!

ئوچۇق خېتىڭىزدە مەنىۋى كىرزىس شەكىللىنىشىنى تىلغا ئاپسىز.توغرا، مۇشۇ مەنىۋىي كىرزىسنىڭ قانداق شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋرى بولسىمۇ  ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماي، ياكى تېرىشۋاتقان بولسىمۇ تاللىغان ئۇسۇلى ناتوغرا بولۇش  سەۋەبىدىن  ئەكىسىچە ئوت پىلتىسى بولۇپ بېرىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئېسىمىزدە بولسۇن،، ئوت تۇتاشسا زىيان تارتىدىغى يەنىلا بىز خەق. ئۆزىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرى. شۇڭا قەلەمنى بىردەملىك ئۇرغۇغان ھېسياتنىڭ مەيلىگە قويماي، ئەقىل-پاراسىمىزنىڭ مەيلىگە قويۇپ يورغۇلاتقىنىمىز تۈزۈك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   seven تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 05:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1914
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىدا ئېيتىلغاندەك، مىللەت بىلەن دىننى قارىمۇ قارشى قىلىۋېلىش بەكلا نادانلىق، بۇ نادانلىقتىن قۇتۇلىمىز دەيدىكەنمىز ، مىللىتىمىزنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىىمىز دەيدىكەنمىز، بىلىمخۇمار  ئاكىمىز يوللىغان »يەھۇدىلارنىڭ 3000 يىل ساقلىنىپ قېلىشىدىكى سىر« دىكى بىزگە مەدەت بەرگۈچى يېتەكلىگۈچى كۈچ بىلەن ئۆزىمىنىڭ باسماقچى بولغان نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز ۋە ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرغان ئاساستا ئىلىم-پەننى يېڭى زاماندىكى يېڭى-يېڭى پەننى تېخنىكىلارنى كۆپلەپ ئۈگۈنۈپ، ۋە تەشۋىق قىلىپ، ھەممە ئۇيغۇرلار بىر ياقىدىن باش چىقارسا،  ھورۇنلۇقنى تاشلىسا، ئىش قىلىش تەس كەلسە، ئۆزىگە دىننى قورال قىلىۋالىدىغان ، دىننىڭ ھەقىقى پايدىلىق بولغان ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ، خاتا قوبۇل قىلىپ، ۋە بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىدىغان ئىشلار بولمىسا، جاپاغا چىداپ قېتىقىنىپ ئىشلەپ، كۆپلەپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەتقىق قىلىپ، يېڭى كەشپىيات يارىتىپ، ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرسا، شۇندىلا ئۆز مەدىنىيىتى، ئۆز دىنىي-ئېتىقادى، ئۆز مىللىتى، ئۆز مىللەت تارىخى...ۋاھاكازالار، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقلاپ قالالايدۇ ۋە تېخىمۇ مۇستەھەكەم تەرەققى قىلالايدۇ.
دىنىي بىلىمدە ئادەم بولۇشنى ئۈگۈنىمىز، پەننىي بىلىمدا، ئىقتىساتنى ياخشىلاپ، كۈچلۈك بولىمىز، ھەم مىللىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، مىللىتىمىزنى دىنىي ئېتىقادىمۇ كۈچلۈك، ئىقتىسادىمۇ كۈچلۈك، پەننىي كەشپىياتلىرىمۇ مول بولغان ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇيۇشقاق ئۇيغۇر مىللىتى قىلىپ چىقالايمىز.
شىمالىي كورىيەنىڭ بېكىنمە سىياسىتى، سىرتقى دۇنيا بىلەن ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش قىلماسلىقى مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىزگە پەننىي بىلىمنى ئۈگەنمىسەك قانداق كۈنگە قالىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ ئەمەلىي ئىسپات بولالايدۇ.
شۇڭا رادىكال ئىچىگە بېكىنمەي، ھورۇنلۇقنى تاشلاپ، كۆزىمىزنى يىراققا تىكىپ، جېنىمىزنىڭ بېرىچە  كۆپلەپ پەننىي بىلىم ئېلىشقا، پەننىي كەشپىيات، پەننىي تېخنىكىلارغا ئېرىشىشكە، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى ياخشىلاشقا ئاتلىنىشىمىز كېرەك، كۈچلۈك بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
بۇلار مەن بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ  »يەھۇدىلارنىڭ 3000 يىل ساقلىنىپ قېلىشىدىكى سىر« دىگەن تېمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئويلىغانلىرىم، مېنىڭمۇ دەيدىغىنىم، نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشىمىز، مۈمكىن بولسا تېخى يېڭى يىل باھار بايرىمى قىلىپ قانۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك.
بۇلار ھەممىسى شەخسى پىكرىم، پىكىردە ئوخشاشلىق بولمىسا ھەممىمىز ئۆز پىكرىمىدە قالساق دىگەن ئۈمىتتىمەن.
ئاخىرىدا ئۆتكۈر پىكىرلىك ئىلغار ئىدىيەلەك، يىراقنى كۆرەر تورداشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىغا تىلەكداشمەن، شۇنداقلا شۇنداق كىشىلەر كۆپەيسە، ئۈمىت چىراقلىرى چوڭ-چوڭ يېنىپ، بەزى نادانلىمىزنىڭ يولىنى يورۇتسا، كېيىن بۇ چىراقلارنى تېخىمۇ چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىشىدا گەپ يوق.
ھەم شۇنداق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!
بىلىدىغىنىم كۆپ بولمىسىمۇ كۆپ سۆزلەپ ۋاقتىڭىزلارنى ئالغىنىمنى كەچۈرۈڭلار.

نوپۇس كوپ، ئەمما ئادەم ئاز بولىۋاتقان ھازىرقى جاھاندىمۇ، ئادەملەر يەنىلا ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم بولالايدۇ دىگەننىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش