|
|
|
|
نىمە ئۇچۇن بەزىلەر ئۇخلاۋاتقاندا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ (تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13) بەزى ئادەملەر ئۇخلىغاندىن كىيىن،ئىختىيارسىز چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ،بۇ ياش-ئۆسمۇرلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان مەۋجۇت فىزولوگىيەلەك ھادىسە. چىش غۇچۇرلاشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان سەۋەپ ئاساسلىقى ئىككى تۇرلۈك:بىرىنچى،ئۇچەي يۇلىدىكى پارازىت قۇ ۇت(سازاڭ مەددە) نىڭ رېفلىكىسىنىڭ تەسىرى.كەچتە ئۇخلىغاندىن كىيىن،قورساقتىكى پارازىت قۇرۇت ئۇچەي يولىدا توختىماي ھەركەتلىنىدۇ،بۇ ئارقىلىق نېرۋىدا رېپلىكىس تەسىرىنى پەيدا قىلىپ،ئادەمنىڭ چىشىنى غۇچۇرلىتىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ؛ئىككىنچى،كۈندۇزى ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن بۇلىدۇ.بۇلۇپمۇ ھازىرقى ياش-ئۆسمۇرلەرنىڭ ھەركەت مىقدارى يۇقۇرى بۇلۇپ،نېرۋا سېستىمىسى ئۇزۇن ۋاقىت يېتەرلىك ئارام ئالمىغانلىقتىن،دەرىجىدىن تاشقىرى غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ،كەچتە تېنىچ ئۇخلىيالماي،چىشنى غۇچۇرلىتىش ھادىسسى پەيدا بۇلىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا،چاينىغۇچى مۇسكۇللار تولىمۇ جىددىلەشكەنلىكتىن،ھەركەتنىڭ مۇقۇم ھالىتىنى تەڭشىيەلمەسلىكنى ياكى ئاستى-ئۇستى چىشنىڭ قانۇنىيەتسىز ئۆسۇشىنى پەيدا قىلىپ،« بالدۇر تىگىشىش نۇقتىسى»مەۋجۇت بۇلىدۇ.بۇ ئەھۋاللار ئۇخلىغاندىن كىيىن چىشنى غۇچۇرلىتىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. چىشنى غۇچۇرلىتىش زىيانلىق.ئەگەر چىشنى غۇچۇرلىتىش قېتىم سانى بەك كۆپ،ۋاقىت بەك ئۇزۇن بۇلۇپ كەتسە،چىش تۇقۇلمىللىرىنى زەخمىلەندۇرۇپ،چىشنىڭ كەمتۇك بۇلۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.ئەگەر چىشنى غۇچۇرلىتىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش قىيىنغا توختىسا،دوختۇردىن يارىدەم سۇراپ،چىش زەخمىلىنىشنىڭ ئۇنۇملىك ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-9 11:28 AM
|
|
|
|
|
|