مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1646|ئىنكاس: 20

تۈمەن : قىشلىق تەتىلدە بۇززۇۋانلار كۆپەيدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 561
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:24:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى قىشلىق تەتىل قىلىپ ئۆيلىرىگە قايىتتى ،ئۇلار تەرەققى قىلغان شەھەرلەرنىڭ، مەركىزى شەھەرلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ،ئۇيەرلەردە ئاڭلىغان ،كۆرگەن، بىلگەنلىرىنى يۇرۇتداشلىرىغا زوق شوخ بىلەن سۆزلەپ بىرىشتى . ئۇلارنىڭ  گەپ سۆزلىرىدىن بەزى يىڭىلىقلارنىمۇ ئاڭلىدۇق ،ئەمما ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ گەپ- سۆزلىرىدىكى ئەبجەش تىللارغا ،يىڭى مەدەنىيەت دىگەن مانا دەپ ،خۇددى ئۇنداق يۈرمىسە بىر كىم ئۇنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىمەيدىغاندەك ھەرەڭ -سەرەڭ ياسىنىۋىلىشلىرىغا، يىنىدىن ئۆتكەن توپا چىراي دىھقانلاردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ مىڭىشلىرىغا قاراپ ،تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.
بەلكىم ھەممىسى ئۇنداق ئەمەستۇ،ئەمما مىنىڭ دىققەت قىلغىنىم بۇ قىشلىق تەتىلدە يۇرۇتلىرىغا قايىتقان كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئۆزلىرىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيسىنى ئەل جامائەتكە نامايان قىلىشقا ئالدىراپ قالدىمۇ قانداق گەپلىرى تولىمۇ ئەبجەش ،ھەتتا مىنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىممۇ مىنىڭ ئالدىمدىلا شۇنداق ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ.
ئالدى بىلەن شەخسەن مەن ئۆزۈمنى ئەيىپلەيمەن ئۇلارنى ياخشى تەربىيلىيەلمىگەن گۇناھ ئۆزەمدە .
ئۇلارغا تەنە ئارلاش ،-خەنزۇچە سەۋىيەڭلار خىلى ئۆسۈپ قاپتۇ ،ھامىنى دىگەندىكىن مەن بىلمەيدىغانراق خەنزۇچە گەپلەرنى قىلمامسىلە؟!دەپ قويۇش بىلەن بولدى قىلدىم .ئۇلارمۇ مەقسىدىمنى چۈشەندى بولغاي سەل ئۆزىنى رۇسلىۋالدى.

بانكىلاردا ،پويىز ،ئاپتوبۇس بىلىتى سىتىۋالدىغان ،زاكاس قىلدىغان ئورۇنلاردىمۇ ھەم مۇشۇنداق بۇززۇۋانلارنىڭ بىلجىرلاشلىرى مىنى بىئارام قىلدى .ئەتراپتىكى كىشلەر ئۇلارغا  قاراپ -قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى ،
بۇ بىچارە بايقۇشلار كىشلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ قويۇشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئالامەت كىلىشكەن، چىرايلىقلىقىغا، قالتىس بىلىملىك ،سۆزمەن ،خەنزۇچىنى ژىتىۋىتىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىگە ھەۋەسلىنىپ ئەمەس ،ئۇلارنىڭ غەلىتە كىيىنىشلىرىگە ،گەپلىرىنىڭ ئوڭ تەتۈرلىكىگە نەپرەتلىنىپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كىرەك.

بازار ئارلاش ،كوچا كويلاردا يۈرۈش جەريانىدا بىز خىلى ۋاقىتتىن بۇيان رەددىيە بىرىپ كىلۋاتقان بىر تۈركۈم بۇززۇۋانلارنىڭ ئەكىسىچە بارغانسىرى كۆپۈيىپ قىلۋاتقانلىقىنى بايقىدىم .ئۇلارغا كىچىگىدىن ئانا تىلنى سۆيۈش ،ئانا تىلنى قەدىرلەش توغرىسىدا ئەتراپلىق تەربىيلەشنىڭ زۆرۈرلىگىنى تىخىمۇ تونۇپ يەتتىم.
قەدىرلىك ساۋاقداش !!! سىز بەلكىم مودا دەپ بىلگەن قىلشىپ يۈرگەن شۇ ئىككى توك-توك گەپلىرىڭلار ،مۇقەددەس ئانا تىلىڭىزنىڭ يوقۇلشىنى تىزلىتىۋىتىشى شۇنداقلا سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئەمەس باشقا بىر مىللەتنىڭ بالسىغا ئايلاندۇرۋىتىشى مۇمكىن ،«يىڭى مەدەنىيەت»نى يوپاشتۇرۇپ كەلگەن سىلەردەك زىيالىلارنىڭ شۇ بىر ئىغىز سۆزى شۇ بىر ھەركىتى ئىنى سىڭىللىرىڭلارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قىلشى مۇمكىن .
قوش تىل ئۈگىنىش ياخشى ئىش ،ئەمما خەنزۇچە سۆزلەشنى بىلىش ،ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ ئالدىدا خەنزۇچە بىلجىرلاشلىرىڭىز بۈگۈنكى كۈندە سىز ھىس قىلغاندەك بەك مودا ياكى چوڭ ئىش سانالمايدىغان بوپ قالدى .ئىززىتىڭىزنى ساقلاپ يۇرتىڭىزدا بولسىمۇ ئانىڭىزنىڭ تىلىدا سۆزلەڭ.شۇندىلا سىز ئانىڭزنىڭ بالىسى، بىزنىڭ بالىمىز بولالايسىز.
خەلقىڭىزنىڭ نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىغا جەمىيەتنىڭ نىمىگە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىۋاتقانلىقىغا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ .بۇ سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزدە نىمە ئىش قىلىشىڭىز قانداق ئادەم بولشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
قەدىرلىك ئاتا-ئانا !!! جەمىيەت ئەھلى!!!! باللىرىڭلارنى ياخشى ئوقۇتۇڭلار ،بۇ ئازغىنە تەتىلدە بولسىمۇ ئۇلارغا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنى  ئۈگۈتۈپ قويۇڭلار .ئۇلار ھىچ بولمىغاندا بىزدەك بىر زۇۋاندىكى كىشلەر ئارسىدا ،بىر كۈن بولسىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىۋالسۇن.



مەنبە :نۇرمۇھەممەت ئۆمەر
تۈمەن 0998

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91210
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-2-5
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 10:18:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي!!!!!!!!! ئانا تىىلىمىز خىرسقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ. ھەممىمىز ئانا تىلنى قوغدايلى

كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.  تۈركىيە يازغۇچىسى ؛ مۇھەممەد ئەكىف ئەرسوي

كارىڭ بولمىسۇن !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7272
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:00:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلساق بۇلىدۇ جۇمۇ مۇشۇ ئىشلارغا . مۇشۇنداق ئۆزىنى پەش قىلغانلارغا مەن يامان ئۆچ . يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دەپ نىمىگە ئۇنچە قىلىدۇ دەيمەندە !

مۇنبەردىكى بەزى ساراڭلاردىن زىرىكتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3931
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:35:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى!!

ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1546
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1274 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:00:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان مىلتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئۇغۇل -قىزلىرى خەلقنىڭ ئۈزدىن قانداق ئۈمۈدلەرنى كۈتۋاتقننى ئۇنتۇپ مانا مۇشۇنداق ئۈزنىڭ ئانا تىلىمۇ ئوخشاپ سۆزلىيەلمسە ئۇيغۇرچە سۆزلەشتىن نۇمۇس قىلسا كىيىن خىزمەتكە چىقسا تەربىيلىگەن ئۇقۇغۇچىلىرىمۇ قانداق بولماقچى ، توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولسا باللارىمۇ ئاشۇنداق ھىچ قانداق مىللەتنىڭ تىلنى بىلمەيدىغان ئادەم بۇلۇپ چوڭ بولسا .......................  
قوش تىل بىلىش شەرەپ، ئاناتىلنى ئۇنتۇش جىنايەتتۇر.

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1474
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما بوپتۇ .نەسىھەتنى قۇبۇل قىلايلى دوستلار

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80386
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:23:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز!
ئۆزلۈكنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك
===========================
بۇنىڭدىن 10 يىللار ئالدىدىكى بىر قىسىم ئىشلار ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
ھەممەيلەنگە مەلۇم، بۇنىڭدىن 10-20 يىللار ئالدىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، تەرەققىياتقا، بېيىشقا تىزلىكتە يۈزلىنىۋاتقان مەزگىللەردە تۈرلۈك يەرلىك مەھسۇلاتلار تىزلىكتە بازاردىن قېلىپ، ئورنىغا زاۋۇتنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرى چىقتى، ھەممەيلەن «زاۋۇتنىڭ» دەپ بىلىپ يىمەك- ئىچمەك، مېۋە- چىۋە، كىيىم- كىچەك..... قاتارلىقلاردىن سۈنئىي يىتىشتۈرۈلگەن بۇيۇملارغا چاقماق تىزلىكىدە ئولاشتۇق، لېكىن يەنىلا بۇلارنىڭ قىلچىمۇ يەرلىك بۇيۇملارغا يەتمەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتۇقيۇ، كىچىكتۇق، يەرلىك بۇيۇملارنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس بۇلۇپ قالدى، تېخى بەزىلىرىمىز قانچىلىك بەدەل، ھەق كەتسىمۇ يەرلىك بۇيۇملارنى مىڭ تەسلىكتە ئىزلەپ تېپىپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ.
مانا بۇ «ئۆزلۈك»نىڭ بىر دەلىلى ئەمەسمۇ.
===============================
مەقسەتكە كەلسەك:
تىل ئۆگىنىش، تىل بىلىش بولسا شەرەپ ئىش، بىراق ئانا تىلنى ئۇنۇتمىغان، تاشلىۋەتمىگەن ئاساستا بۇلۇش كىرەك.
شۇ مىللەتنىڭ پەرزەنتى بۇلاي دىسىڭىز ئامال بار ئانا تىلدا سۆزلەش، ئانا تىلنى ئىشلىتىش كىرەك، يات تىللارنى ئىشلىتىدىغان ئۇرۇنلاردا ئىشلەتسە بۇلىدىغۇ، ئانا تىلنى ئىشلەتسىمۇ بۇلىدىغان جايلاردا قارىغۇلارچە يات تىللارنى ئىشلىتىش ھەرگىزمۇ بىلىملىكلىكنى، مەدەنىيەتلىكلىكنى بىلدۈرمەيدۇ ئەكىسچە ئەڭ نادان، بىچارىلىقنى بىلدۈرىدۇ.
يات تىللارنى ئانا تىلدىن چوڭ بىلىشكە بولمايدۇ، شۇ يات تىلدا سۆزلەيدىغان يات مىللەتلەر ئارىسىدا ساپاسىز، بىلىمسىزلەر نۇرغۇن، شۇڭا سىزنىڭ يات تىلدا سۆزلىگىنىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنى بىلىملىك قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ.
باشقا تىللارنى قانچىلىك كۆپ ئۆگەنسەك شۇنچە ياخشى، لېكىن باشقا تىللارنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەمەس باشقا مىللەت، باشقا ئەللەرنى چۈشىنىش، باشقا مەدەنىيەتنى چۈشىنىش، ئالاقە ئىشلىرىدا ئىشلەتسەك بۇلىدۇ.

يۈرەكنى تىترىتىپ چىقىدىغان--- «ئانا» تىل.

ئەيىپ- نوقسانلارنى ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن ئىزلەڭ، غەيۋەت قىلماڭ، ئاچچىقىم كىلىپ قالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80386
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 12:22 PM
بۇلارنى مەسخىرە قىلشىتىن ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ نەچچە ۋا ...


ئۈزۈمتال بۇرادەر! دىگىنىڭىز يوللۇق ئەمەلىيەت.
لېكىن بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا سالغىلى بولمايدۇ، سىز دىگەندەك بىزگە چەت تىللاردىن كىرگەن سۆز- ئىبارىلەر ھەقىقەتەن بار، لېكىن ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئانا تىلىمىزغا قىلىۋاتقان خىرىسى ئاساسەن يوق دىيەرلىك. شۇڭا باشقىنى قۇيۇپ ھازىر كاللىمىزدا ۋە ئەتراپىمىزدا ئانا تىلىمىز بىلەن بىرلىكتە «ئالغا» ئىلگىرلەۋاتقان تىلنىڭ «يۇلىغا» نەزەر سالمىساق بولماس. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xirkat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 01:33 PM  


ئەيىپ- نوقسانلارنى ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن ئىزلەڭ، غەيۋەت قىلماڭ، ئاچچىقىم كىلىپ قالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4415
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:35:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xirkat يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 01:23 PM
بۇ تېمىنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز!
ئۆزلۈكنى ئۇنۇتماس ...

ئورتاق پىكىر!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87194
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 468
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 396 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:51:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانىلار باللىرىڭلارنى ئوبدانراق خەنزۇ مەكتەپكە بىرىڭلار،  شۇنداق قىلساڭلار تىزراق ئوڭشىلىدۇ ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش