مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3878|ئىنكاس: 96

نورۇزبايرىمىنى قانۇنلاشتۇرساق بولاتتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1360
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 نورۇزبايرىمىنى قانۇنلاشتۇرساق بولاتتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تىلداش، دىنداش، قېرىنداشلار. نورۇز بايرىمىنى قانۇنلاشتۇرساق بولاتتى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ بىر قەدىمى بايرىمىنى قانۇنلۇق دەم ئېلىش قىلىپ تەبرىكلىيەلمىسەك ئادەمگە غەلىتىلىك تۇيغۇسى بىرىدىكەن. سىلەرچە چۇ؟!... ئۈچ يىل ئالدىدا ( مىراج دا نورۇز مەشرىپى ) ناملىق كىچىلىكتە يۈسۈپ ئەيسا ئاكا سۆزقىلىپ نورۇز مەشرىپىنى قانۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆز بولاۋاتاتتى. ئۇگەپلەرنىڭمۇ قۇيرۇقىنى قۇم بېسىپ قالدى.
ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىز ئاجايىپ خاسىيەتلىك بايرامدۇر. چۈنكى  نورۇز بايرىمى تەبىئەت بايرىمىدۇر . ئەمگەك بايرىمىدۇر.چىچەك چوكان پەسلىدە كىلىدىغان  ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمىدۇر. شۇنداقلا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ  ئەڭ قەدىمى، خاسىيەتلىك ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمىدۇر. بىز بۇبايرامنى نىمە ئۈچۈن خاسىيەتلىك دەيمىز؟
  چۈنكى بۇبايرام ئەڭ قەدىمىدۇر. قۇربان ھېيت ۋە روزاھېيتىمىز تارىخىغا 1000يىللار ئەتراپىدا بولغان بولسا، نورۇز بايرىمى قەدىمىلىكىدىن ئالەمنىڭ يارىتىلىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. مەسىلەن؛ تارىخى ماتىرياللاردا،( ئالەم ئالتە كۈندە يارىتىلدى،ئالتە كۈننىڭ بىرىنچى كۈنى دەل نورۇز كۈنىدۇر. نورۇزكۈنى ھەم قۇياش يارىتىلغان كۈندۇر. يەنەجەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنڭ تېپىشقان كۈنىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى خاقانى ئوغۇزخان كۆك بۆرىنى ئۇچرىتىپ يورۇقلۇققا چىققان، ھەمدە ئادەم يەيدىغان  بىرمۈڭگۈزلۈك«قىئات»دىگەن ئادەمخور ھايۋاننى ئۆلتۈرۈپ غەلىبە قىلىپ خەلىقنى ئاپەتتىن قۇتقازغان كۈندۇر. شۇنداقلا قىش زىمىستان ئاخىرلىشىپ، ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىپ، قۇترىغان كىچە ئۇزىراشتىن توختاپ، كۈندۈزكۈن ئۇزىراشقا باشلاپ، باھار باشلىنىدىغان تۇنجى كۈندۇر)  دىيلگەن. دىمەك بىر ئادەمنىڭ   بالىلىق، ياشلىق، قىرانلىق ، قېرىلىق مەزگىلى بولغاندەك، بىريىلنىڭمۇ باھارى، يازى، كۈ زى، قىشى بولىدۇ. «باھار» دىمەك باشلىنىش  ، يېڭى بىر يىلنىڭ تەبىئىلا  باشلىنىش كۈنلىرى دىمەكتۇر.   نورۇزكۈنلىرى يەنە بارلىق جانۇ-جانلىقلار ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ئۆز ھاياتلىقى ئۈچۈن ئىش ئەمگىكىنى باشلايدىغان، كۈز سوغۇقتىن قورقۇپ كۆمۈلگەن مىۋىلىك دەرەخلەر ئېچىلىشقا باشلىنىپ ئۆزىنى ياشلايدىغان،   بارلىق تەبىئەت دۇنياسى ھاياتلىقنىڭ پاسىبانى بولغان يېشىللىق تونىنى كىيىشكە ئاتلانغان، ئاجايىپ خاسىيەتلىك كۈنلەردۇر. شۇڭا ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز  3-ئاينى« نورۇزئېيى» نورۇز كۈنىنى، «باھار بايرىمى»، يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنى قىلىپ بىكىتىپ، نورۇز كۈنىدىن باشلاپ ئالتەكۈن ھەرخىل  تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ۋەقىزىقارلىق ئويۇن مەشرەپلەرنى قۇرۇپ، نورۇز ئاشلىرىنى ئىتىپ خوشاللىقىنى پەلەككە ياڭراتقان. دىمەك بۇبايرام قەدىمى زامانلاردىن باشلاپلا خەلقىمىزنىڭ ھاياتىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن. بىراق شىڭسسەي دەۋرىدە بۇبايرام چەكلەنگەن، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا يەنە بىرقېتىم تۇنجۇقتۇرۇلغان. 1980-يىللاردىن كىيىن يەنە يورۇقلۇققا چىققان. خەۋەرلەرگە  قارىغاندا  2011-يىلى تۈركىيە ، ئۆزبىكىستان،  قازاقىستان،تۈرىكمەنىستان،قىرغىزىستان،   ئەزەربەيجان، ئىران،تاجىكىستان... قاتارلىق  بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن نورۇزبايرىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ« غەيرى ماددى-مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش» تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ خەلقارالىق بايرام قىلىپ بىكىتىلىپتۇ.  بۇ ئەلۋەتتە ھەممىمىزنى خوشال قىلىدىغان كاتتا ئىش !

دۇنيادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق نۇرغۇن مىللەتلەر يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنى بولغان نورۇز كۈنىنى  بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايرام مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن.
ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت – گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن . قۇياشنىڭ ھەمەل بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى يىل بېشى قىلغان . دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹يىل بېشى›› ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››دەپ ئاتىغان بولسا ، 10- ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نورۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلىپ ، باھار بايرىمىنى ‹‹نورۇز›› دەپ ئاتايدىغان بولغان . ‹‹نورۇز›› دىكى ‹‹نو›› يەنى ‹‹نەۋ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹يېڭى››، ‹‹ئېرىغ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹رۇز›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ ، دېگەنلىكتۇر . دېمەك ، نورۇز يېڭى كۈن ، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن ، دېگەندىن ئىبارەت .
نورۇز ئالتاي تىللىرى ۋە ھىندى- ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل سىستېمىسىغا تەئەللۇق بولغان ، بىرقانچە خىل تىل ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بايرىمى.
نورۇز – باھار بايرىمى ، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن باشلىنىپ ، خەلقىمىز ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرام. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، نەسىرىدىن رەبغۇزى ، ئەلشىر نەۋائىي قاتارلىق ئىلىم ئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە نورۇز تەسۋىرلىرى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ . نورۇز يالغۇز دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭلا ئەمەس ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بايرىمى . خەلقنىڭ قىش – زىمىستاندىن ئامان چىقىپ ، ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى ، ئۆز ئارا ھىممەت – ساخاۋىتىنى ، ئىناقلىقىنى ، بەخىتلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر .
خەلقىمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق ، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچلىرى بويىچە ، كىمكى يىل بېشىدا ، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان . مەسىلەن: ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش ، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش دېگەندەك. يەنە مۇقەددەس كىتابلارنى كۆچۈرۈش ياكى كۆچۈرگۈزۈش قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇنداق چوڭ ساۋابلىق ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى . ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادەت داۋاملاشقان. شۇنداقلا نورۇز ئەيياملىرى تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ ، گۈل – گىياھ ناملىرىنى قويغان.
بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ساۋابلىق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . ئۆزئارا يوقلاشقاندا ، سەيلە – تاماشىلاردا ، مەشرەپ – سورۇنلاردا ، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت – قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىستە – مەكتەپلەردە موللىلار تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.
نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا . بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹تۇققۇز توقۇ›› يەنى ‹‹تۇققۇز مەرىكە – مۇراسىم›› دېيىلگەن.ئۇلار:
1 . نورۇز ناغرىسى: نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا قىر – يېزىلاردا نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ ناغرا – سۇناي چېلىنىدۇ ، ئەل – يۇرت نورۇزغا جابدۇنىدۇ. ھەممە جاي تەنتەنىلىك ھېيت – بايرام تۈسىنى ئالىدۇ .
2 . نورۇز تازىلىقى: نورۇز ئالدىدا باشلىنىدىغان تازىلىق ھەرىكىتى نورۇزنىڭ ھارپا كۈنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ . ئېرىق – ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلاش، ئېغىل – ئارانلارنى ئېرىغداش، كوزا – ئىدىشلەرنى ئوبدان تازىلاپ، تازا باھار سۈيى بىلەن توشقۇزۇش، ھويلا- ئارام، يول – خامانلارنى سېرىپ – سۈپۈرۈش دېگەندەك.
3 . سوغۇق قوغلاش: ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ- توپ بولۇشۇپ ، ‹‹ساغانغۇ›› يەنى ياغ قاچىلاپ پىلىك چىقارغان قاپاقنى كۆيدۇرۇپ ، يۇرت-مەھەللىدىن چىققىنىچە قىر-سەھراغا يۈزلىنىپ سۇغۇق قوغلايدۇ. سۇغۇقنى ھەجۋى قىلىپ قوشاق-بېيت ئېيتىشىدۇ . گۈلخان يېقىپ ، ئەتراپىدا قۇيۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بۇنىڭدا بىر – بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان تۇققۇز داپ چېلىنىدۇ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ ، باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتاردا سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىگە يانغانلىرىدا، ھەربىر ئۆيلۈك ئۆزھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سۇغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى، دېيىلىدۇ. نورۇز ھارپىسى سۇغۇقنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن سۇغۇق يېمەكلىكلەر يېيىلىدۇ.

4 .يوقلاش: نورۇز كۈنى چۈشكىچە ئاتا- ئانىلارنى ، قېرى – ئاجىز ، مىيىپ ، يېتىم – يېىسرلەرنى ، قەبرىلەرنى يوقلاش بولىدۇ .
5 . نورۇز ئېشى يېيىش: نورۇزدا ھەممەيلەن نورۇز ئېشى يەيدۇ. نورۇز ئېشىنى ئېتىشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يۇسۇنلىرى بولىدۇ .


6 . نورۇز سەيلىسى: نورۇز كۈنىدىكى يوقلاش ئاخىرلىشىپ ، چۈشتىن كېيىن ئۇلۇغ – ئۇششاق ھەممەيلەن سەيلە – تاماشا قىلىشىدۇ ، بۇنىڭدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئويۇن – تاماشا بولىدۇ.
7 . نورۇز يارىش: نورۇزنىڭ يالدۇرقى كۈنى ‹‹يارىش›› يەنى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ ئاساسەن تەنھەرىكەت پائالىيىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن: چېلىشىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئوقيا ئېتىش، سالغۇ تاشلاش، ئىت-قوچقار، خوراز-كەكلىك سۇقۇشتۇرۇش دېگەندەك.

                                                 چېلىش

ئات بەيگىسى

ئوغلاق تارتىشىش

دارۋازلىق

ئىت تالاشتۇرۇش

قوشقار سوقۇشتۇرۇش

توخۇ سوقۇشتۇرۇش

8 . نورۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۇرت- مەھەللە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدۇ.
9 .نورۇزنىڭ تۆتىنچى كۈنى ‹‹زاراخەتمە›› ئۆتكۈزۈلىدۇ .
نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خۇسۇسىيىتى شۇكى، بۇ بىرلىك ، ئىناقلىق بايرىمى. ئۆچ – ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سۇغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار يارىشىدۇ ياكى ياراشتۇرۇلىدۇ .
دېمەك ، نورۇز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك ھاياتىدا ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، يىپەك يولى خەلقلىرى ئالاقە تارىخىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ گەرچە يىراق ئۆتمۈشتە تەبىئەت ئىلاھچىلىق ۋە ئاتەشپەرەسلىك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بولسىمۇ، داۋاملق راۋاجلىنىش ئاساسىدا ئەنئەنىۋى ئېتنىك مەدەنىيىتىدە تۆۋەندىكىدەك كۆپ قىرلىق، رەڭگارەك فولكلور قاتلىمى ھاسىل قىلغان :
(1) .ئۇ بايرام سۈپىتىدە ‹‹زاراخەتمە››، ‹‹نورۇز ئايەم››، ‹‹سۇمۇلە زاغان››، ‹‹نورۇز كالىندارى››، ‹‹نورۇز كۆكى››، ‹‹نورۇز تامىقى››، ‹‹ سۇمۇلەك ››، ‹‹ نورۇز بۇلاق ››، ‹‹ نورۇز بوۋاي ›› قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن.
(2) مەشرەپ سۈپىتىدە ‹‹سۇمۇز بەزمىسى››، ‹‹نورۇز مەشرىپى›› ،‹‹ كۆك مەشرىپى››، ››نورۇز بايات››، ‹‹نورۇز بۇرزۇك››، ‹‹نورۇز ناۋا››، ‹‹نورۇز ھۈسەينى››، ‹‹نورۇز خارە››، ‹‹يىپەكچىلەر نورۇز مەشرىپى››، ‹‹نورۇز مۇقامى›› قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن .
(3) . ئۇ شېئىرىي ماھارەت سۈپىتىدە ‹‹بالىلار نورۇزنامىسى››، ‹‹نورۇز قوشاقلىرى››، ‹‹باھارىيات قەسەملىرى›› قاتارلىق بېيت – بېغىشلىما، ئىجادىيەت سېكىلىنى شەكىلەندۇرگەن .
(4). ئۇ تەنھەركەت سۈپىتىدە كۆپلىگەن ئويۇن- تاماشا ۋە بەيگە پائالىيەتلىرى تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن . بۇلارنىڭ ھەر قايسىسى خۇسۇسىيدا مەخسۇس يېزىش مۇمكىن.
شۇڭا نورۇز-ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى .

2013-يىلى 2


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mator + 97

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87194
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 462
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياق بولمايدۇ ، بۇ بايرام بىزنىڭ ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن ئەمەس،  بۇ بايرام بۇرۇنقى ئاتەشپەرەس كىشىلەر تەرىپىدىن كېلىپ چىققان بايرام ، بولدى قۇربان ھېيت بىلەن روزا ھىيت ، شۇ ئىككىسى يىتىپ ئاشىدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 285
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرۇز بايرىمىغا ئىسلام قانداق قارايدۇ؟پەيغەمبەر ياكى ساھابىلەرنىڭ قىلغانلىرى بولسا چوقۇم بىرنىمۇ قويماي قىلىمىز.مۇسۇلمانلار بىلەن نۇرۇزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا نۇرۇز بارمىتى؟بۇنىڭغا ئىسلام رەھبىرى قانداق پۇزىتسىيە تۇتقان  بىلىدىغانلار بولسا ئېنىقراق جاۋاپ بەرسەڭلار.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە  تالاش  تارتىش  چىقىدىغان بولدى

يەزر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3998
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورۇز بايرىمىنى قانۇنلاشتۇرۇش؟

      بۇ گەپنى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشىدۇ  دەپ ئويلىماڭ قېرىندىشىم!  «نەزىر قىلىش ئۆرپ-ئادىتىمىز يوقۇلۇپ كەتمىسۇن » دەپ بىر تېما يوللىسام باشتىلا ھاقارەتكە كۆمۈلۈپ كەتتىم!......مۇنازىرىنىڭ ئاخىرى ھازىرغىچە تۈگىمەيۋاتىدۇ...سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز «دۇنيادا مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىلا مىللەت بار » دەپ قارايدىغان تورداشلار تەرپىدىن بىدئەت،گۇناھ دېگەن ھۆكۈملەرگە كۆمۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن.....

ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91321
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ شۇ شۇ شۇ    تىزراق قىلساق بولىتى  

Www.KsBaZa.Com  زىيارەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۇت قىلىمەن !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90732
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي سادىغان كىتەي قىرىنداشلىرىم بۇ بايرام ئاتەشنىڭ بايرىمىما؟توۋا !
ھە بوپتۇ ئاتەش دىنىنىڭمۇ دەيلى !لىكىن ئۇنۇڭ ئىگىسى بىز!ھازىرقى ئۇيغۇرلار!
ھازىر ئۇيغۇرلار قايسىدىنغا ئىتىقاد قىلىدۇ؟ئاتەش دىنىغىما؟ياق ئۇيغۇر ئىسلامغا ئىتىقاد قىلىدۇ!دىمەك نورۇزنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمانلار!
بۇنۇڭغا قارشى گەپ ئەھمىيەتسىز!چۈنكى نورۇزنى تەبرىكلىگەن بىرەر ئۇيغۇر مەن ئاتەش دىنىغا ئىتىقاد قىلىمەن دەپ نورۇزنى ئۆتكۈزمەيدۇ.پەقەت مەن ئۇيغۇر،نورۇز بىزنىڭ مىللىي بايرىمىمىز ئۇ پەقەت باھارنىڭ كەلگىنىنى،قۇشلارنىڭ جەنۇبتىن قايتىپ كەلگىنىنى،دىھقانلارنىڭ يەر تىرىشقا تۇتۇنغىنىنى بىلدۈرىدىغان بايرام دەپ ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ ئۆتكۈزىدۇ.بۇنۇڭغا باشقىچە تەبىر بەرمەڭلار .مىنىڭ بۇ بايرامنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن چاتتىقىم يوق. كارىم بولىدىغانى بۈگۈنى.مەھمۇد قەشقەرىدىن تارتىپ پۈتۈن ئۆلىمالىرىمىز ئۇلۇغلاپ كەلگەن بايرامنى ئىسلامدىن كەلگەن بايرام ئەمەس دەپ ئىنكار قىلىش تۇزكورلۇق.
نورۇز بولمىسا بىزگە بولمايدۇ.چۈنكى ئۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئارۇستورنومىيە بىلىمنىڭ تاكامۇللاشقىنىنىڭ مەھسۇلى.ئۇ بىرخىل بىلىم.ئۇ بىرخىل تەلپۇنۈش خالاس.
زىيادە دىننىي ئاشقۇنلۇق بىزنى بىركۈنى ھالاكەتكە ئاپىرىدۇ .سەپسەتىنى كۆرگەن ھەقىقەت چاقنايدۇ.ھەقىقەتنى كۆرگەن سەپسەتە ھاڭرايدۇ.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mator + 10
h.n.uyghur + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90859
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇۋا  بۇ نىمىشقا   مۇسۇلمانلارعا  ماس  كەلمىگۇدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4061
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4608 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فورمـات يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 12:01 AM
ما تېمىدا جىدەل چىقىدۇ ، بىز قانداق خەقتۇرمىز دەيمەن ،  ...

كۈڭلۈمدىكى گەپنى دەپسىز قېرىندىشىم، ھازىر دۇنيادا بىزدىنمۇ بىچارە خار-زەبۇن مىللەت بادىمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇنداق ئاجىز ھالتىمىزبىلەن باشقىلارنىڭ بىزگە بىرۋاتقان ئازار يىتىپ ئاشقاندەك ئۆز ئۆزىمىزگە ئازار بېرىپ نىمىمۇ قىلامىز دەيمەن

(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇتتۇرغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن تۇسۇيدىغان اللە غا ئىمان ئېتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت سىلەر،   
سۈرە ئال ئىمران (109- ئايەت)       ماشا اللە...............

  
  


سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش