مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4788|ئىنكاس: 53

قەشقەرلىككە ئۇياد ئەمەسمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90454
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-22
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەردىكى يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى خارلانمىسۇن!


تور يۈزىدە، گۈلەن ئەپەندىمنىڭ <قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى> ناملىق ماقالىسىدىن:  "ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتىلىدىغان قەشقەر تولىمۇ سىپايە بىر شەھەر. قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسىغا مەشھۇر"....دىگەن قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشىكى، مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاسھاجىپلاردەك ئالىم، ئەدىپ، مۇتەپەككۇر، پەيلاسۇوپ، تىلشۇناسنى دۇنياغا تەقدىم ئەتكەن، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەزىزلەپ پەخىرلەنگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتقان خاسىيەتلىك يۇرت-قەشقەردىكى يەر-جاي ئۇيغۇرچە نامىنىڭ بۈگۈنكى قەشقەرلىكلەر تەرىپىدىن خارلانغىنىدەك ئەمەلىيەت مېنى ئىختىيارسىز ئويغا سالدى.


دۆلەتنىڭ غەربى رايۇننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سىتىراتىگىيىسى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، تەرەققىيقىلغان قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە، قەشقەر شەھرىنى مىللىي ئالاھىيدىلىككە ئىگە، ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى مەرۋايىت شەھەر قۇرۇش نىشانى، قەشقەر شەھرىنىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. قەشقەر شەھرىنىڭ شەھەر قۇرلۇشى تەرەققى قىلىپ، شەھەر كۆلۈمى كەڭىيىپ، شەھەر يوللىرى تۆت تەرەپكە ئۇزۇراپ، ئىلگىركى نۇرغۇن كەپە ئۆيلۈك مەھەلە، يېزا-قىشلاق، بوز-بىنام، كۆل-ئېدىرلار كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىپ، بۈگۈنكى قەشقەر شەھرىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ قەشقەر شەھرىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى شاتلاندۇرۇپ، تەرققىياتقا بولغان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.


ئەپسۇسلىنارلىقى، قەشقەر شەھرىدىكى ئەسلى ئۇيغۇرچە يەرلىك نامى بار، يېڭىدىن تەرەققى قىلدۇرۇلغان نۇرغۇن يەر-جايلارنىڭ نامى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خاھىشى ياكى ئۆز نامى بىلەن ئاتىلىپ، بۈگۈنكى قەشقەر شەھرىدە: نەنجەنسى، خۇئەنجاڭ، داشىزا، كەييۇەن بازار، دۇڭخۇ، يۇئەنفاڭ بازار، سانيۈنسى بازار، شىنيىفا، دوڭخۇ شىئاۋچۇ، خۇيچىڭ شىئاۋچۈ، ياڭگۇاڭ شىئاۋچۈ...... دىگەندەك يېڭىچە يەر-جاي نامى بارلىققا كەلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە خەنزۇ يولداشلارنىڭ قەشقەرنى كاشى، توققۇزاقنى شۇفۇ، يېڭىشەھنى شۇلې، يەركەننى ساچې، قاغىلىقنى يېچېڭ، قەشقەردىكى يارباغ كۆۋرۈكىنى بېيداچاۋ، يېڭى بازارنى دۇڭ بازا دەپ ئاتىغىنىدەك يەرلىك يەر-جاي نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىدۇر. لېكىن قەشقەر شەھرىدىكى بۇ يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى خېلىدىن بېرى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نەزەرىدىن ساقىت قىلىنغاچقا، بۇ يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى قەشقەرشەھرىگە يەرلىك ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۇرلەرلا ئەمەس، بەلكى چىكىسىگە ئاق سانجىلغان مەندەك ئوتتۇرياشلىق ئۇيغۇرلارمۇ دەپ بېرەلمەي، خەنزۇچە ئاتايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.


كەڭ ئۇيغۇر تورجامائىتى، زىھنى ئويغاق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سىياسىئۇنى، ئالىمى، ئەدىپى، تىلشۇناسى، ئارخىلوگى.... ۋە قەشقەرنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر پۇخراسى سىللەرچە: قەشقەرشەھرىدە نەنجەنسى، خۇئەنجاڭ، داشىزا، كەييۇەن بازا، دوڭخۇ، يۇئەنفاڭ بازا،سانيۈنسى بازا، شىنيىفا، دوڭخۇ شىئاۋچۇ، خۇيچىڭ شىئاۋچۈ، ياڭگۇاڭ شىئاۋچۈ...دىيىلگەن يەر-جايلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرچە نامى يوقمۇ؟ قەشقەردىكى ئۇ يەر-جايلارنى ئۇيغۇرچە ئەسلى نامدا ئاتاش، خەنزۇچە مېيگۇو، رىبېن، خەنگۇو دىگەننى ئۇيغۇرچە ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە دەپ ئاتاشتىنمۇ تەسمۇ؟ بۇ ئەھۋال، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئەزىزلەپ پەخىرلەنگەن، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتقان قەشقەرنىڭ گۈزەل بۈگۈنىگە داغچۈشۈرمەسمۇ؟ ئەگەر قەشقەر شەھرىدىكى يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى نامى ئىستىمالدا قوللۇنۇلسا، قەشقەر شەھرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىغا قايسى دەرىجىدە دەخلە يىتەر؟....بۇئەھۋال ئۆزگەرتىلمىسە، يېقىن كەلگۈسىدە بىز قەشقەرلىكلەر ئۆز زۇۋانىمىزدا "كاشى"لىق بوپكەتمەسمىزمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   birtugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 06:56 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
قەدىر + 39 دەلىللەر يېتەرلىك
mator + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
dostum. + 11 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 89   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1006 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتايدىغاندۇ ؟ دوڭخۇ كۆلى دېگەننىڭ ئۇيغۇرچىسى ‹‹ تۈمەنكۆل ›› دەيدۇ . بولسا ئۇيغۇرچە ئاتاشقا كۆنسەك ياخشى بولاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4821
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9052
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-2-8 08:04 PM
راس ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتايدىغاندۇ ؟ دوڭخۇ كۆلى دېگەنن ...

شەرقى كۆل باغچىسى دەيدۇ

دىلى كور ئادەم ن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5079
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9835
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 2723 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر جاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتىغانلارغا ھۆرمىتىم بار! ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولمىغان تەقدىردىمۇ ئىزدىنىپ كۆرۈش كېرەك، بەزىدە ئۇيغۇرچە ئاتاپ ھېرىپ كېتىمەن، «كۆچمە خەۋەرلىشىش دېسە ياق يىدۇڭ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش دېسە ياق لىيەنتۇڭ !» دەپ ئادەمنى بىئارام قىلغان، ئاسلىماتسىيە دېگەن تىلدىمۇ ئەكىس ئېتىدۇ! «كۆزىمىزنى ئاچمىساق ئۈسۈيدىغىنىمىز ئەلۋەتتە ئەجەللىك مۇش»!

بابۇر بىر مەشھۇر پادىشاھ ۋە ھەربى قۇماندان،  ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ،   1483 - ﻳﯩلى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91319
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ،مەنمۇ بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ئۇيغۇرچە ئاتلشىنى........خۇەنجاڭ ، نەنجەنسى دىگەننى ئۇيغۇرچە نېمە دەيدىغانمىز راس؟؟؟؟

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5819
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوچا ئاپتۇبۇسغا چىقساق ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىككى خىل تىلدىكى يەر ناملىرىنى دەپ بىرىدىكەن!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mihrim88 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-8 08:23 PM
راس ،مەنمۇ بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ئۇيغۇرچە ئاتلشىنى ...

شۇنىمۇ بىلەلمىدىڭىزمۇ؟ نەنجەنسى دىگەننى 6-بىناكارلىق ياكى جەنۇبى شىنجاڭ قۇرلۇش شىركىتى دەپ ئاتىساق، خۇەنجاڭنى بولسا غەربى يۇرۇتنى قورشىغان سودا شەھەرچىسى دەپ ئاتىساق بولىدىغۇ.

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22601
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6752
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭ ئۇچۇن باللىرمىزغا  توغرا ئاتىلىشىنى  كىچىك ۋاختىدىن باشلاپ  ئۇگۇتىشىمىز لازىم

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى بار...؟؟؟؟؟؟؟
سەنقىلارسەن 9 خۇدايم قىلار30.؟؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4479
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەڭ خەلىققە گۇناھ ئارتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ،بۇ يەردە زۆرۈر بىرگەپنى دەپ قويماي بولمايدۇ مەسىلەن بىزنىڭ تىل تەتقىق قىلدىغانلىرىمىز بىرەر جاي يىڭى بەرپا قىلىنغاندا شۇ يەرگە ئىچام مەنىلىك قىلىپ سۆز تۈزۈپ بەرگەن ئەمەس.مەسىلەن شەرقى تۈمەنكۆل باغچىسى دىگەننى دۇڭخۇ دەپ ئاتاش سۆز تاللاشتا كىشىلەرنىڭ قىسقا سۆز ئىشلىتىشكە مايىللاشقانلىقىدا ئۇيغۇرچە سۆزىمىز 8بوغۇم دۇڭخۇ سۆزى ئىككى بوغۇم گەپ مۇشۇ يەردە مەسىلەن ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى بىزگە كۆپ قالدۇرغان مەسىلەن نان ،ئاش ،تاغ دىگەندەك مىساللار كۆپ بۇ سۆزلەرنى باشقا تىلدا مەڭگۈ دىيەلمەيمىز سۆزلىرىمىز قانچە قىسقا ئىخچام بولسا كىشىلەر شۇنچىكى تىز ئۆزلەشتۈرىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91319
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
KUTALQESI يوللىغان ۋاقتى  2013-2-8 09:06 PM
شۇنىمۇ بىلەلمىدىڭىزمۇ؟ نەنجەنسى دىگەننى 6-بىناكارلىق ...

ئەمدى بىلۋالدىم ..............رەخمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش