بەلكىم كومپيوتېرنىڭ ئالدىغا كەلسىڭىزلا قولىڭىز قىچىشىپ دائىم Alt+Tab بىلەن مەلۇم يۇمشاق دېتالدىن تور كۆرگۈچكە، ئاندىن تورخەتكە، ئاندىن QQ غا، ئاندىن ۋورد ھۆججىتىگە، ئاخىرىدا يەنىلا تور كۆرگۈچكە ئالمىشىشقا كۆنۈپ كەتكەنسىز. (Alt+Tab نى ئىشلىتىپ باقمىغانلار ھازىر ئىككىلىسىنى تەڭ بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭلار). ياكى مائۇس بىلەن ۋەزىپە بالدىقىدىكى ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىنى بىر قۇر چېكىپ بېقىشىڭىز مۇمكىن.
قولىڭىزدا نېمە ئىش بولسۇن، قولىڭىزدىكى ئىشنى تاشلاپ قويۇپ خىزمەتدىشىڭىز سىزگە ئەۋەتكەن قىزىقارلىق رەسىم، ياكى چاقچاقنى QQ دا يەنە بىر دوستىڭىزغا ئەۋەتىش بەلكىم سىزگە مۇھىم بىلىنىشى مۇمكىن.
باشلىقىڭىز ئىشخانىڭىزدىن چىقىپ كەتكەندە تورغا چىقىپ بىر كىچىك ئويۇن ئوينىۋېلىش، ياكى مۇنبەرگە كىرىپ بىر تېما ئوقۇۋېلىش سىز ئۈچۈن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن.
بۇ دەل ئىنتېرنېت زېھىن چېچىلىش كېسىلىدۇر(Internet Attention Deficit). ھازىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى. ئازراقلا كۆرۈۋالاي (ئوينىۋالاي، پاراڭلىشىۋالاي) دېگەن خىيال سىزنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىلىرىڭىزگە قىسىلىۋالغان.
مەسىلەن: مىسرانىم (ئۇلىنىش، بىلىك، ئىزدىنىش ۋەھاكازا) غا چىقىپ ئەڭ ئاۋات تېمىلارنى كۆرۈۋېلىش. Youku غا چىقىپ باش بەتنى بىر مارىلاش. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە بىر قارېۋېتىش، QQ نى ياكى مىكرو بلوگنى ئېچىپ كەلگەن خەتلەرگە بىر جاۋاب بېرىۋېتىش،ۋەھاكازالار، بۇلار سىزنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى بىلىپ بىلمەي ئاستىلىتىۋېتىدۇ.
GTD ۋە باشقا ئاماللار زېھنىڭىزنىڭ چېچىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما قانداق قىلىپ يەنە بىر تېما كۆرەيچۇ، يەنە بىر ئۇچۇرغا جاۋاب يېزىۋالايچۇ، يەنە بىر مىكرو بلوگ يوللىۋالايچۇ دېگەن خىياللارنى پاك پاكىز يوقاتقىلى بولىدۇ؟ (ئەلۋەتتە خىزمەت ۋاقتىدىكى گەپ ، ئۆيىڭىزدە قانداق قىلسىڭىز ئىختىيارىڭىز.)
بىز بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىلدۇق، بۇ ماقالىلارنى كۆرۈش ئارقىلىق مۇھىم ئىشلارنى ئاۋۋال قىلىشنى ۋە ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىشنى ئۆگىنىۋالالايسىز. ئەمدى بىز نان تېگىدىغان يەرلەرنى يىغىنچاقلاپ چىقايلى.
1.ئىسراپ بولغان ۋاقتىڭىزنىڭ پېيىغا چۈشۈڭ.توردا قانچىلىك ۋاقتىڭىزنىڭ ئىسراپ بولغانلىقى كاللىڭىزغا كەلمەسلىكى مۇمكىن. تورغا چىقىش ئادىتىڭىزنى كۆزىتىڭ ۋە ۋاقتىڭىزنىڭ ئىسراپ قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەڭ-دۈشمىنىڭىزنى چۈشىنىڭ!
پروگرامما ئىشلىتىشىڭىزنى خاتىرىلەڭ:مېنىڭچە ئەڭ ياخشى دېتال :ۋاقىت خاتىرىسى (time snapper). گەرچە كەسپىي نۇسخىسى ئازراق پۇل خەجلەش لازىم بولسىمۇ،لېكىن ۋاقتىڭىزنى نېمىگە سەرپ قىلغانلىقىڭىزنىڭ تەپسىلىي نەتىجە دوكلاتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ھەم سىزگە ئۈنۈمىڭىزنى ھېسابلاپ بېرىدۇ، ھەقسىز نۇسخىسىمۇ ياخشى ئەلۋەتتە، شۇغىنىسى چىقىرىپ بەرگەن دوكلاتى تازا تولۇق ئەمەس.
ئىنتېرنېت ئېقىمىڭىزنى تىزگىنلەڭ:ئەگەر يۇقىرىقى دېتالنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا ئۇنداق مۇنۇ دېتالنى ئىشلىتىپ بېقىڭ: ئۆزىڭىزنىڭ firefox تور كۆرگۈچىسىدە قانچىلىك ۋاقتىڭىزنىڭ ئىسراپ بولغانلىقىنى بىلەلەيسىز. Lifehacker.com دا بىر كىچىك قىستۇرما TimeTracker تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىقتىدارى پەقەت سىزنىڭ تور بەتتە قانچىلىك توختىغىنىڭىزنى خاتىرىلەيدۇ. ئەگەر تېخىمۇ تەپسىلى قىستۇرما لازىم بولسا MeeTimerنى ئىشلىتىپ بېقىڭ. تور بەتكە چىققىنىڭىزغا قاراپ تەپسىلىي دوكلات چىقىرىپ بېرىدۇ، ھەم Group تۈرلىرىگە ئايرىپ ۋاقىتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يەنە بىر قىستۇرما Pageaddict ؛ ئۇ سىزنىڭ زىيارەت قىلغان تور بېكەتلىرىڭىزنى خاتىرىلەپ تەپسىلىي رەسىملىك دوكلات چىقىرىپ بېرىدۇ. سىز ئوخشىمىغان تور بېكەتلەرگە tags قوشۇش ئارقىلىق قايسى توربېكەتتە قانچىلىك ۋاقتىڭىزنىڭ كەتكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.
نەتىجىدىن چوقۇم ھەيراق قالدىڭىز، بىردەم تورغا چىقىپ قويغىنىڭىزغا نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولۇپ كېتىپتۇمۇ؟ ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك. تور پەقەتلا بىر قورال، ناھايىتى قولايلىق، ئەمما چەك ئىچىدە ئىشلىتىش كېرەك، مەيلى ئەتراپىڭىزدا يېڭى تېما ئۇچۇرلىرى،QQ غا ھازىر كەلگەن ئۇچۇر ياكى تورخەتكە كەلگەن يېڭى خەت بولسۇن، سىز ئۇلارغا قارىماي ئەسلىدىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىزنى قىلىۋېتىڭ، مەيلى ئۇ قانچىلىك زېرىكىشلىك بولسۇن. ئېسىڭىزدە بولسۇن: تىزگىنلەشنى ئۆگىنىڭ ، پەرۋا قىلماڭ، ساقلاپ تۇرسۇن.
2.تورسىز بىر كۈنھەر ئايدا بىر كۈن تورسىز ياشاڭ، تورغا ئازراقمۇ يېقىنلاشماڭ. ئەتىگەن تۇرغاندىن تارتىپ كەچتە ئۇخلىغۇچە ھەر قانداق ۋاستىدىكى توردىن يىراق تۇرۇڭ. تاختا كومپىيوتېر ئىشلەتمەڭ، تور خەت بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، تېلىفوندىكى QQ بىلەن msn نىمۇ ئويلىماڭ، بلوگىڭىزنى خىيالىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ.(تېلىفون قىلىش، ئېلىش ۋە تېلىفوندا ئۇچۇر يوللاشتىن باشقا ھەر قانداق ئالاقە قوراللىرىنى ئىشلەتمەڭ.)
3.تورسىز خىزمەت ۋاقتىخىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، بېرىلىپ ئىشلەڭ. تورغا چىقمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ. تىزگىن تاختا – تور-تورنى ئۈزۈش نى تاللاڭ. دېققەت: بىرىنچى قېتىم ناھايىتى تىتىلداپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما مۇشۇ ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭ. كام دوكلاتلىرىڭىز بولسا پۈتتۈرۈۋېتىڭ. ppt دا نۇتۇق قېلىپى تۈزۈڭ، خۇلاسە يېزىڭ ۋە ھاكازا. ئەگەر خىزمەتتە تورغا چىقىشقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ، خوپ ، تورغا چىقىپ قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى تىزىملىك قىلىپ يېزىۋېلىپ سەل تۇرۇپ ئورۇنداڭ. جان چىقىپ كەتسىمۇ تورسىز خىزمەت ۋاقتىدا ھەرگىز تورغا يېقىن كەلمەڭ. ئۇزاق بارماي ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەي قالىسىز. ئاجايىپ ئۈنۈملۈك بولۇپ كېتىسىز.
4.ئىنتېرنېت ئېقىمىنى تىزگىنلەڭ بايام تىلغا ئالغان Pageaddict تورغا چەكلىمە قويۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. دائىم كۆرىدىغان تور بەتلىرىڭىزنى تۈرگە ئايرىغاندىن كېيىن كەتكەن ۋاقتىڭىزنى تەكشۈرۈڭ. ھەر بىر بەتكە ۋاقىت بېكىتىڭ. شۇ ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە بۇ قىستۇرما سىزگە: ۋاقتىڭىز ئېشىپ كەتتى، خىزمەتكە قايتىڭ دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.ھەم بەت يۈزىنى تاقاپ قويىدۇ. قانداق؟ ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز باشقۇرالمىسىڭىز سىزگە ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بەرسىغۇ بولار.
5.خىزمەت ۋاقتىدا مىكرو بلوگنى (renren, alkuyi,guduk,facebook,twitter) ئاچماڭ.
ئىشلەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا تېلىفونىڭىزغا كەلگەن ئۇچۇر ياكى مىكرو بلوگتىكى يېڭى خەتتىنمۇ بىزارلىق ئىش بولمىسا كېرەك. بەلكىم دوستىڭىز سىزنىڭ باغىقىڭىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ بەرگەندۇ، ياكى سىزگە ۋاكالىتەن بىرەر ئىشنى قىلىپ قويغاندۇ، ئەمما بۇنىڭ خىزمەت بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ مىكرو بلوگنى (رېنرېن تورىنى) خىزمەت ۋاقتىدا ئۇچۇر كەلمەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇڭ.
6.ھازىر جاۋاب پاراڭلىشىش دېتاللىرىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىڭھازىر جاۋاب دېتاللار(مەسىلەن QQ، msn دىگەندەك) نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا بارغانسىرى مۇھىم بولماقتا. مەيلى ئۆيىڭىزدە خىزمەت قىلىڭ، مەيلى شىركەت خادىمى بولۇڭ، ھازىر جاۋاب ئالاقە دېتاللىرىغا ئېھتىياجىڭىز چۈشىدۇ. ئەگەر خىزمىتىڭىز بۇ خىل دېتاللارسىز ئورۇنلانمايدىغان ئەھۋالدا، دېققەت بىلەن ئىشلىتىشىڭىز لازىم.
شەخسى نومۇرىڭىز بىلەن خىزمەت نومۇرىڭىزنى ئايرىڭ: ئاڭلىماققا ئاۋارىچىلىق ، لېكىن دەل مۇشۇ ئۇسۇلدا چوڭ ئەۋزەللىك بار. باشلىقىڭىز سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرغان ۋاقىتتا، "ئاداش ، يوقاپ كەتتىڭغۇ ، ئۇنتۇپ قاپسەندە بىزدەك ئاغىنىلەرنى. " دىگەندەك گەپلەر تاسسىدە ئېكرانغا چىقىپ قالمايدۇ. ھەم "خىزمەت دوكلاتىنى تۈگەتتىڭىزمۇ؟ " دىگەن ئۇچۇر شەنبە كۈنى ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن تاماق يەۋاتقاندا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ.
يوشۇرۇن چىقىڭ! QQ ۋاقتىڭىزنى بەك ئېلىپ كەتتىمۇ؟ يوشۇرۇن چىقىڭ، باشقىلارنىڭ جىددى ئىشى بولۇپ سىزگە خەت يازسا يەنىلا كۆرەلەيسىز.
ئۇچۇر ئاۋازىنى ئۆچۈرۈڭ ھەم ئۆزلىكىدىن سەكرەپ چىقمايدىغان قىلىڭ: شۇنداق ئىلھامىڭىز كېلىپ دوكلاتنى يازاي دەپ تۇرسىڭىز تاسسىدە بىر خەت ئېكرانغا چىقىۋالسا پۈتۈن دېققىتىڭىز چېچىلىپ كېتىدۇ. ئامال: ئاۋازىنى ئۆچۈرۈڭ، ھەم سەكرەپ چىقىۋالمايدىغان قىلىپ تەڭشەڭ. QQ دا توپ(群) قا ئەزا بولسىڭىز توپنىڭ ئۇچۇر كېلىدىغان يېرىنى توختىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ۋاقتىڭىز چىققاندا ئاندىن ئالدىرىماي كۆرۈڭ.
7. تورخەتنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىشىدىن ساقلىنىڭدەل QQ غا ئوخشاش ئىككى تورخەت ئىلتىماس قىلىڭ، بىرسى شەخسى، يەنە بىرسى شىركەتتىكىسى بولسۇن.
ئەخلەت خەتنى سۈزگۈچنى تەڭشەڭ. ھەقىقى خەتنى كۆرەلەيسىز.(ئېلان ئاۋارە قىلمايدۇ.) Gmail دىكىدەك سۈزگۈچ (filters) ياكى باشقا تورخەتتىكىدەك خەتكۈچ(labels) نى تەڭشەڭ، خەتلەرنى تۈرگە ئايرىڭ، بۇنداق بولغاندا بىۋاستە تۈرگە ئايرىلغاننى كۆرسىڭىزلا بولىدۇ.
8.پەقەت بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنىلا تەكشۈرۈڭتوختىماستىن يېڭى تورخەت كەلدىمۇ دەپ تەكشۈرۈش بىر ناچار ئادەت. ۋەزىپە بالدىقىدىكى تورخەت كۆرۈنىدىغان يەرنى يوشۇرۇن قىلىپ تەڭشەڭ، ئاندىن ھەر كۈنى مۇقىم بىر ۋاقىتنى بەلگىلەپ كەلگەن تورخەتلەرنى تەكشۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. تورخەت تەكشۈرىدىغان ۋاقىت، تورغا چىقىپ خەۋەر، تېما كۆرۈۋالىدىغان ۋاقىت ۋە QQ ياكى مىكرو بلوگدا دوستلىرىڭىز بىلەن بىر ئاز ئۇچۇر يوللىشىدىغان ۋاقىت دەپ، تېلىفونىڭىزغا ياكى كومپيۇتېردىكى كالېندارىڭىزغا ئەسكەرتمە كىرگۈزۈپ قويۇڭ، ۋاقتى كەلگەندە سىزگە ئەسكەرتىش بەرگەندە ئاندىن بۇ ئىشلارنى قىلىڭ. لېكىن ئالدىنقى شەرتى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىشلارغا چوقۇم رىئايە قىلىڭ.
يۇقىرىدا توردىكى ئىسراپ بولغان ۋاقتىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا ئاماللار كۆرسىتىلدى.ئەلۋەتتە سىز جىددى خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا تور كۆرگۈچنىڭ Flash، Java ۋە رەسىم ئىقتىدارىنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز زېھنىڭىزنىڭ چېچېلماسلىقىغا ياردىمى بولىدۇ. مىسال، بىز ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا مۇنداق قىلاتتۇق، ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا ھەممەيلەن دىيىشىپ، كومپيوتېرنىڭ توكىنى ئوپچە ئۈزۈۋېتەتتۇق. ئەلۋەتتە بۇ قىززىقتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. مۇكاپات ئۈچۈن ئىمتاھان تۈگىگەندە بىرەر ئىككى سائەت تورغا چىقىۋېلىش ياكى ئويۇن ئوينىۋېلىش بەلگىلىمىسى تۈزەتتۇق. بۇ خىل ئامال شۇنداق ياخشى ئۈنۈم بەرگەن.
ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئەركىن
توردىكى زېھىن چېچىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ~ Live Topic
http://www.live-topic.com/2013/02/internet-attention-deficit-disorder.html