مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3192|ئىنكاس: 67

نەزىر ۋە ئۇنىڭ شەرىئەت ئالىملىرى كۆرسەتكەن تۈرلىرى ۋە بىدئەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 04:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكوم مۇسۇلمان قىرىنداشلار! جەمىيىتىمىزدە ئىغىر ئىختىلاپ قىلىۋاتقان ئۆلۈم نەزىرى يەنى (ئۆلگۈچىگە ئاتاپ ئاللاھدىن دۇئا قىلىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغان3-7-40-يىلى) قاتارلىق  بىر قاتار ئىسلامدا يوق ، دىن دۈشمەنلىرى ۋە بىرقىسىم ئۆرىپ -ئادەتنى ئىسلام ھۆكۈملىرىدىن  ئەلا بىلىدىغان  مىللەتداشلىرىمىز پەيدا قىلىۋالغان ياكى ھازىرغىچە  ساقلاپ كىلىۋاتقان نەزىرلەر، ھەقىقەتەن زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا !  ئاللاھنىڭ قانۇنى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىدە ۋە ساھەبەلەرنىڭ ھاياتىدا ئۆلۈككە ئاق باغلاپ قارىلىق تۇتۇش،3-7-20-40كۈنلىرىنى ۋە يىلىنى خاتىرىلەپ نەزىر ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ !  ئەگەر  بۇ ئەرەپلەرنىڭ ئادىتى بولمىسا بىزنىڭ  ئادىتىمىز دەپ قارىساڭلار ،ئورخۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن  بىز بىلەن  شىنجاڭ ۋە  ئۇتتۇرا غەربىي ئاسىياغا  بىرلىكتە كۆچكەن تۈرك قىرىنداشلىرىمىزغا نەزەر سىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىپ بىقىڭلار ! ئەسلى بىز بىر مىللەت بىر قىرىنداش ئىدۇق  ئەمما  ھازىر مەلۇم دۈشمەن كۈچلەر سەۋەبى تۈپەيلى تىلىمىز يىراقلىشىپ  بۆلۈنۈپ كەتتۇق  !  ئەرەبلەر  مىسىر لىۋىيە  سۈرىيە ئىراق دەپ  بىر قاتار  10 نەچچە دۆلەتكە  پارچىلىنىپ بۆلۈنۈپ كەتكەنگە  ئوخشاش  !  ئەمما شۇنى ئەستىن چىقارماڭلاركى،ئاق باغلاپ قارىلىق تۇتۇش 3-7-20-40-يىلى قاتارلىق  كۈن ساناپ نەزىر ئۆتكۈزۈش  !  ئورخۇن دەريا ۋادىلىرىدا ئىدىقۇت خانلىقىدا، كۈسەن خانلىقىدا،ئۇدۇن خانلىقىدا  ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى شامان ۋە بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان  جاھالىيەت دەۋرىدىكى كاپىر ۋە مۇشرىىك  ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ شامان ۋە بۇددا دىنىدىكى دىننىي نەزىر قائىدىلىرىدۇر! تۈركلەر بۇ بىدئەت  نەزىرلەرنى قىلچە قىلمايدۇ ھازىرغىچە ! ئەمما ئىسلامىيەتكە  تۇنجى بولۇپ سۇلتان سۇتۇق  بۇغراخان كىرگەندىن بىرى  تاكى ئاپئاق غوجا دىگەن  مۇناپىق ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىققۇچە  بۇنداق  مۇشرىك نەزىرنى ئىسلامغا يىڭى كىرگەن ئاتا بوۋىلىرىمىز ئۆتكۈزۈپ باقمىغان !  ئەسلىي نەزىر قىلىشنى ئاللاھ تائالاھ بەندىلەرگە بەلگىلىمىگەن ئەمما  چەكلىمىگەن ! لىكىن  ئەمما چۇقۇم ئىسلام دىكى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان كۆرسەتكەن  بەلگىلىمە ئىچىدە ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرمىگەن يۇسۇندا بولۇشىنى شەرت قىلغان ! ئىمراننىڭ ئايالىنىڭ يەنى ھەزرىتى بۈۋى مەريەم ئانىنىڭ  ئاپىسىنىڭ قىلغان نەزىرسى پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۈلگە بولالايدۇ! نەزىرنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا  ئاللاھ مۇنداق دىگەن:"ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيىتتى : پەرۋەردىگارىم مەن قورسىقىمدىكى بالىنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن)ئازات قىلىنغان ھالدا  چوقۇم سىنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم. بۇ نەزىرىمنى قۇبۇل قىلغىن  سەن ھەقىقەتەن  ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن  بىلىپ تۇرغۇچىسەن ". سۈرە ئال ئىمران 35-ئايەت  
ئاللاھ تائالاھ  نەزىر قىلغۇچىلارغا ئىمراننىڭ ئايالىىنى  مىسال قىلىپ  گۈزەل بىر ئۈلگە قىلغان  !  ئىمراننىڭ ئايالى نەزىر قىلغان  بالا بولسا،دەل ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى  بۈۋى مەريەمدۇر! ئىسلامدىنىدا  ئىكەنسىز باشقا دىندىكى نەزىر ئادەتلىرىنى ئەقىدىلىرىنى مۇسۇلمانلار  ئارىسىغا ئىلىپ كىرمەڭ  بولمىسا بىدئەتچى  بولۇپ  دوزىخى بولۇپ كىتىسىز ! نىيىتىڭىز قانچىلىك ياخشى بوپ كەتسىمۇ ئىسلامدا يوق ئىشنى ئىلىپ كىرسىڭىز ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ!
خۇلاساكالام مەن بۇ مەسىلىگە ئىسلام  ئالىملىرى قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ شەرھىيلەپ كىتاب يىزىپ  يەكۈن چىقىرىپ  نەزىر ۋە نەزىرنىڭ ئىسلامدىكى تۈرلىرىنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇپ بولغان !  ئەمما بۇ نەزىرلەر ئىچىدە ئاق باغلاش  3-7-20-40 يىلى دىگەندەك نەزىر قىلىش  لار قىلچە يوق !  مەن بۇ ئىسلام ئالىملىرىدىن  ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە  ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان ئۇستاز ۋە ئالىم  ئەبۇ بەكرى جابىرىئىل جەزائىرىنىڭ مۇسۇلمان لار جەمىيىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەردىن شەرھىيلەپ  يزىپ چىققان "مۇسۇلمانلارنىڭ يولى " دىگەن كىتابتىن  بۇ تىمىنى يوللىدىم ! ئۇستاز ئەبۇبەكرى جابىرىل جەزائىرى مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىدە  ھەركۈنى ئاۋام مۇسۇلمانلارغا دەرىس بىرىدىغان ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھۆرمەت قىلىدىغان مەشھۇر ئالىم بولۇپ، ئىسلام دۇنياسى ۋە  ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىمۇ مەشھۇردۇر! تۆۋەندە بۇ زاتنىڭ شەرھىيلىگەن نەزىر تۇغرۇلۇق  شەرھىيسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ! بۇنىڭدا پەقەت ئىسلام ئىتراپ قىلىدىغان نەزىرلەرلا شەرھىلەنگەن  ئىنكار قىىلپ يا كاپىر بولۇڭ يا  تەستىقلاپ مۇسۇلمان !  چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر دىگەن -ئالىملارنىڭ كۈچلۈك ئىسلام دەلىلى بىلەن ئۇتتۇرىغا قۇيغان دەلىلى  پەتىۋاسىغا قارشى چىقىش  پەيغەمبەرگە ۋە ئاللاھقا قارشى چىقىشقا ئوخشاش كاپىرلىقتۇر !
                                                   
                                                                         نەزىر
1.ئىسلامدىكى نەزىرنى تونۇشتۇرۇش: نەزىر دىگىنىمىز - مۇسۇلمان نەزىرسىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلالمىسا ، ئۆزىنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىشىدۇر!
مەسىلەن : ئاللاھ بىلەن قەسەم بىر كۈن روزا تۇتىمەن ! ياكى ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيمەن دىگەنگە ئوخشاش !
2.ئىسلامدىكى نەزىرنىڭ ھۆكمى : نەزىرنىڭ ھۆكمى تۆۋەندىكىچە:
روزا تۇتۇش،ناماز ئوقۇش ياكى سەدىقە بىرىش قاتارلىق  نەزىرلەرنى قىلىشقا ئوخشاش ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن كۆزدە تۇتۇلىدىغان مۇتلەق نەزىرلەرنى قىلىش توغرا ۋە  بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش  ۋاجىپ !
شەرتلىك نەزىر قىلىش مەكرۇھ(خاتا) مەسىلەن :ئەگەر ئاللاھ كىسىلىمگە  شىپالىق بەرسە مۇنداق روزا تۇتىمەن ! ياكى مانچىلىك سەدىقە بىرىمەن  دىگەندەك !  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن :" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  نەزىر قىلىشتىن  توسىغان ۋە  نەزىر قىلىش ھىچنىمىنى قايتۇرالمايدۇ.پەقەت  ئۇنىڭ ئارقىلىق بىخىللارنىڭ (پىخسىق) مىلى سەرىپ قىلىنىدۇ  "دىگەن !  بۇ  بىرلىككە كىلىنگەن  ھەدىستۇر  ! ئەگەر نەزىر ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن غەيرىيگە  قىلىنسا بۇ ھارام بولىدۇ!  مەسىلەن : پالانى غوجام ،ئەگر ئاللاھ كىسىلىمگە شىپالىق بەرسە  سىنىڭ قەبرەڭگە مۇنداق  قوي  ئۆلتۈرەتتىم ياكى ساڭا ئاتاپ مۇنداق  سەدىقە قىلاتتىم  ! دىگەندەك ! چۈنكى  بۇ  ئىبادەتنى ئاللاھتىن  باشقىغا قىلغانلىق بولىدۇ !
بۇ قىلمىش ئاللاھ قۇرئاندا ؛" ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ، ئۇنىڭغا ھىچ  نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەڭلار"دەپ ھارام قىلغان شىرىكتۇر ! سۈرە نىسا 36-ئايەت!
3-نەزىرنىڭ تۈرلىرى: نەزىرنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.مۇتلەق نەزىر: بۇ توغرا مەنبەدىن چىققان نەزىر بولۇپ،مەسىلەن : بىر مۇسۇلمان  .ئاللاھ بىلەن قەسەم ئۈچ كۈن روزا تۇتىمەن !ياكى ئون مىسكىنگە تاماق بىرىمەن دىگەندەك ! مۇسۇلمان بۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا يىقىنلىشىشنى ئويلايدۇ !
بۇخىل نەزىرنىڭ ھۆكمى: بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ئورۇنداش  ۋاجىپ ! ئاللاھ تائالا  مۇنداق دىگەن ؛"سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەنلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار "سۈرە نەھىل91-ئايەت   ۋە  "ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن" سۈرە ھەج 29-ئايەت !
2.مۇئەييەن بولمىغان مۇتلەق نەزىر :مەسىلەن  بىر مۇسۇلماننىڭ قانداق نەزىر قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي  ئاللاھ  بىلەن قەسەم مەن نەزىر قىلىمەن دىگىنىگە ئوخشاش!
ئۇنىڭ ھۆكمى: بۇنى ئىجرا قىلىش ۋاجىپ ، ئەگەر ئىجرا قىلىنمىسا قەسەمنىڭ كاپارىتى  بويىچە كاپارەت ئىلىنىدۇ ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"نەزىرنىڭ كاپارىتى ئەگەر ئىسمى ئاتالمىسا(يەنى نەزىرنىڭ خىلى ئاتالمىسا) قەسەمنىڭ كاپارىتى بويىچە بولىدۇ !مۇسلىم رىۋايەت قىلغان !
ئىيتىلىشىچە بۇنىڭغا ئىككى رەكئەت ناماز ياكى بىر كۈن روزا تۇتۇشقا ئوخشاش نەزىر دەپ ئاتالغان ئەڭ ئاز نەرسە كۇپايە قىلىدىكەن !
3-ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە نىڭ بىر ئىش قىلپ بىرىشىنى  شەرىت قىلىپ نەزىر قىلىش، بۇ شەرىتلىك خىراجەت  !   مەسىلەن : بىر مۇسۇلمان ئەگەر ئاللاھ  كىسىلىمگە شىپالىق بەرسە ياكى  يوقاپ كەتكەن نەرسەمنى قايتۇرۇپ بەرسە مانچە مىسكىنگە تاماق بىرىمەن  ياكى مانچە كۈن روزا تۇتىمەن دىگەنگە ئوخشاش !
ئۇنىڭ ھۆكمى :شەرتلىك نەزىر مەكرۇھ (خاتا) نەزىر بولۇپ  بۇنى ئىجرا قىلىش ۋاجىپ ! ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بەرسە  ئۇ ئاتىغان ئىبادىتىنى قىلىپ بىرىشى  ۋاجىپ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن ؛"كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا نەزىر قىلىدىكەن  ئىتائەت قىلسۇن "بۇخارى رىۋايەت قىلغان ! ئەگەر ئاللاھ  ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بەرسە ئۇ  نەزىرنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ چۈنكى بۇنداق  نەزىر مەكرۇھ !
4.مەخلۇقاتنىڭ بىر ئىش قىلىپ بىرىشىنى شەرىت قىلنغان نەزىر ! بۇتەرسانىڭ قەسىمى! مەسىلەن : مۇنداق  ئۇنداق قىلىپ  بەرسەڭ ياكى مۇنداق بولسا بىر ئاي روزا تۇتىمەن ! ياكى مۇنداق قىلساڭ مانچىلىك مال خىراجەت قىلمەن  دىگەنگە ئوخشاش !
ئۇنىڭ ھۆكمى :نەزىرنى باغلاپ قۇيغان ئىشنى بۇزسا ، نەزىرنى قىلىش ياكى  قەسەمنىڭ  كاپارىتىنى بىرىش ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن ؛"ئاچچىقلىنىشقا نەزىر قىلىش يوق  ئۇنىڭ كاپارىتى  قەسەمنىڭ كاپارىتىدۇر "سەئىيىد رىۋايەت قىلغان !
چۈنكى تەرسانىڭ نەزىرىسى كۆپىنچە ئاچچىقلىنىش بىلەن بولىدۇ ،بۇ نەزىر بىلەن قارشى تەرەپنى بىر ئىشنى قىلىشتىن توسۇش ياكى تەرك ئىتىشتىن توسۇش مەقسەت قىلىنىدۇ !
5.گۇناھ قىلىشنى نەزىر قىلىش: يەنى ھارام قىلىنغان ئىشنى قىلىشنى نەزىر قىلىش  ياكى ۋاجىپنى تەر ئىتىشنى نەزىر قىلىش !  مەسىلەن  مۆئمىنىنى ئۇرۇشنى ياكى نامازنى تەرك قىلىشنى نەزىر قىلغاندەك !  
بۇ نەزىرنىڭ ھۆكمى: بۇنەزىرنى قىلىش ھارام ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن ؛" كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى نەزىر قىلسا ئىتائەت قىلسۇن ، كىمكى ئاللاھغا ئاسىي بولۇشنى نەزىر قىلسا ئاسىي بولمىسۇن "ئەھمەد ،تىرمىزى،ئەبۇداۋۇد، ئىبىن ماجە، نەسەئى رىۋايەت قىلغان !لىكىن بەزى ئالىملار بۇنداق ھارام نەزىرنى قىلغۇچىغا قەسەمنىڭ كاپارىتى كىلىدۇ  دەپ قارايدۇ !
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"ئاللاھقا ئاسىي بولۇشقا نەزىر قىلىش يوق . ئۇنىڭ كاپارىتى قەسەمنىڭ كاپارىتىدۇر "ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان !
6.مۇسۇلماننىڭ ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەزىرىنى ياكى ئىشنى نەزىرقىلىش . مەسىلەن ؛" پالانى قۇلنى ئازاد قىلىمەن !ياكى نۇرغۇن پۇل سەدىقە قىلىمەن دىگەنگە  ئوخشاش .
بۇ نەزىرنىڭ ھۆكمى ؛بۇنىڭغا كاپارەت كىلىدۇ، ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن؛" ئىگە بولالمايدىغان ئىشتا نەزىر قىلىش يوق " ئابدۇرازاق ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان !
7.ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىشنى نەزىر قىلش . ئىستىمال قىلىش توغرا بولغان  يىمەكلىك ياكى ئىچىملىكنى  ھارام قىلىشنى نەزىر قىلىش .
بۇنىڭ ھۆكمى: ئۇ ئادەم ئايالىدىن باشقا، ئاللاھ ھالال قىلغان نەزىرنى ھارام قىلالمايدۇ ! كىمكى ئۆز ئايالىنى ھارام قىلىدىكەن  ئۇنىڭ بۇ  نەزىرىگە  زىھارنىڭ كاپارىتى كىلىدۇ !  ئەمما ئايالىدىن باشقىسا  قەسەمنىڭ كاپارىتى كىلىدۇ !
دىققەت قىلىدىغان  ئىشلار : كىمكى مىلىنىڭ ھەممىنى نەزىر قىلغان بولسا ئۇنىڭ نەزىرىسى  مۇتلەق نەزىر بولسا  مىلىنىڭ ئۈچتىن بىرى كۇپايە قىلىدۇ !  ئەگەر نەزىرىسى تەرسانىڭ نەزىرىسى بولسا ئۇنىڭغا پەقەت قەسەمنىڭ كاپارىتى كىلىدۇ  !
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى نەزىر قىلغان ئادەم ئۆلۈپ كەتسە  ئۇنىڭ ئىگەىسى ئۇنىڭ ئورنىدا ئىتائەت قىلىش نەزىرىنى ئادا قىلىدۇ ! سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن :"بىر ئايال  ئىبنى ئۆمەرگە ئۆز ئانىسىنىڭ  مەسجىدى قۇبادا ناماز ئوقۇشنى نەزىر قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىيىتقان ! ئىبنى ئۆمەر ئۇ ئايالنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا  مەسجىدى قۇبادا ناماز ئوقۇشقا بۇيرىغان  !
تامام .......................................

مەندىن قۇشۇمچە :
يۇقىرىدا مەشھۇر ئىسلام ئالىمى ئابۇبەكرى جابرىئىل جەزائىرىنىڭ ئىسلامدىكى  نەزىر ئىبادىتى توغرۇلۇق بەرگەن شەرھىي چۈشەنچىسىنى كۆردۇق !  دىيارىمىزدىكى نەزىر بىلەن  ئىسلامدىكى بۇ نەزىرنى سىلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بىقىڭلار ئەي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار  ! سىلەرنەدە  ئىسلام  نەدە !
بىزنىڭ نەزىرلىرىمىز يۇقىرىدا ئىسلام ئالىمى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتكەن مۇتلەق نەزىر ۋە مۇئەييەن بولمىغان مۇتلەق نەزىر  ھۆكمگە زەررىچىلىك چۈشەمدۇ  !  بىزنىڭ ئۆلۈكلەرگە پايدىسى يىتەر دەپ قىلغان 3-7-20-40  ۋە يىلى دىگەندەك نەزىرلىرىمىز ئىسلامدا بارمىكەن ياكى  يۇقىرىقى بىرەر نەزىرنىڭ تۈرىگە كىرەلەمدىكەن  !  ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن  بۇ شەرھىي ھەقىقەتەن ئوچۇق دەلىلدۇر !  بىدئەت يەكۈنىنى چىقارغان بۇ ئەسلى دىن تەرغىباتچىلىرىنى  سىلەر  ۋاھابىي دەپ باقتىڭلار، خاۋارىجلار دەپ باقتىڭلار  !  ئەمما سىلەر ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ توغرا يەنى دىننى  ئەسلى  پاك ئەقىدىگە قايتۇرۇپ  ئارىلاشما بىدئەت ۋە خۇراپاتچىلىقلارنى  يوقاتماقچى بولغانلىقىنى بىلىسىلەر !  ئەمما سىلەر  كۆنۈپ قالغان ئىسلامدا بولمىغان ناچار ئادەتلىرىڭلارنى تاشلاشنى ئىغىر كۆرۈپ دەلىل تەلەپ قىلىسىلەر  !  بۇ ئالىملىرىمىز دەلىل كەلتۈرسە  ، ئۆزى خالىغانچە پەتىۋا بەردى دەپ  پەتىۋاسىنى ئىنكار قىلىسىىلەر !  شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى !  ئاللاھۋە پەيغەمبەر دىگەندەك  ھەقىقىي توغرا يولدا ماڭغۇچىلار ۋە بۇ توغرا يولنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئۆزىنى  مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالغان بۇ ئۈممەت ئىچىدىكى ئاز سانلىقلار خالاس !
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈكنىڭ كەينىدىن ساۋابى يەتسۇن دەپ نەزىر قىلىڭلار دىگىنى يوق  !  بەلكى  شۇ ئۆلگۈچى  ئۆلۈشتىن بۇرۇن ياخشى بىر پەرزەنىت تەربىيىلەپ قويسۇن !  نامىزىڭلاردا ئۆلگۈچىگە دۇئا قىلىڭلار ! ئۇنىڭ نامىدا سەدىقە ئىھسان قىلىڭلار دىدى  !  ئەگەر بولسا ئىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  نەزىرنىمۇ  بۇ بىرتال خەتنى سۆزنى  بۇ ھەدىسىگە قىتىپ قۇيغان بولاتتى  !  يۇقىرىقى ئالىمىمىزنىڭ شەرھىيسىدە مۇ  ئىسلامدىكى ئەڭ مەقبۇل توغرا بولىدىغان نەزىر دائىرىسى  ۋە نەزىرنى ئورۇنلىيالمىغانلارغا ۋە خاتا نەزىر قىلغانلارغا كىلىدىغان كاپارەت ئاددىي  ئاممىباب  قىلىپ  شەرھىيلەنگەن  !  3نەزىر 7نەزىر 40 نەزىر  يىللىق نەزىر دىگەنلەرغۇ  ئىسلام دىنىغا يىقىنمۇ كىلەلمەيدۇ ! بۇلار دەل شامان ۋە  بۇددا دىنىىنڭ  نەزىر ئادىتىدۇر !  ئىشەنمىگۈچىلەر بولسا ھۆكۈم قىلىشتا  تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ  ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ باتىل دىنلارغا چوقۇنغاندىكى  نەزىر چىراق ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ ! ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ  ئەنھۇنىڭ سۆزلىگەن بۇ ھەدىسى ھەقىقەتەن  مۇسۇلمان دىگەن كىشىنى ئويغا  سالىدۇ  ! ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن :" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  نەزىر قىلىشتىن  توسىغان ۋە  نەزىر قىلىش ھىچنىمىنى قايتۇرالمايدۇ.پەقەت  ئۇنىڭ ئارقىلىق بىخىللارنىڭ (پىخسىق) مىلى سەرىپ قىلىنىدۇ  "دىگەن ! بىرلىككە كىلىنگەن ھەدىس !
شۇڭا ئەي مۇسۇلمان قىرىنداشلار  !  نەزىر ئەسلى ئىسلامدا ئاللاھ بۇيرىغان ئىش ئەمەس  !  بەندە ئۆزىگە ئارتۇقچە بىر ئىبادەت يۈكىنى ئارتىۋالغان !  شۇڭا ئىختىيارى ئىبادەتنى قىلغانىكەنسىز ! ئاللاھنىڭ رىزالىقىدا قۇبۇل قىلىشىنى كۆزلىسىڭىز  !  يۇقىرىدا ئالىمىمىز شەرھىيلىگەندەك  ئىسلامغا  ئۇيغۇن  بىر شەكىلدە قىلىڭ  !  ھەرگىزمۇ  شامان ۋە بۇددىسلارغا ئوخشاش كۈن ساناپ قىلماڭ !  قول ئىلكىڭىزدە بولسا كۈمدە قىلىڭ  ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن  ئەمما  ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز پەتىۋا بىرىپ  نەزىر شەكلى ۋە  نەزىر يىگۈچى  ئوبىكتىپ ئىسلام  بەلگىلىگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتمىسۇن  ! مۇسۇلمان تۇرۇپ  پەيغەمبەر ۋە ئاللاھ  كۆرسەتمىگەن  بىدئەتنى قىلغۇچى لاردىن  پەيدا قىلغۇچىلاردىن بولمايلى !
ئىسلامنى ئەسلىگە قايتۇرغۇچىلار تەرەپدارى بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييۇم  نىڭ تۈزگەن بىدئەت ۋە سۈننەت دىگەن كىتابىدا  نەزىر ۋە ئۆلۈكلەر ئۈچۈن نەزىر قىلىش توغرۇلۇق مۇنداق پەتىۋا بىرىلگەن!
نەزىر دىگەن نىمە ؟ئۆلۈكلەر گە ئاتاپ نەزىر بىرىش توغرىمۇ؟

ج: نەزىر دىگەنلىك ئەھدى قىلىش ياكى نىيەت قىلىش دىگەنلىك .

نەزىرنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا  ئاللاھ مۇنداق دىگەن:"ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيىتتى : پەرۋەردىگارىم مەن قورسىقىمدىكى بالىنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن)ئازات قىلىنغان ھالدا  چوقۇم سىنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم. بۇ نەزىرىمنى قۇبۇل قىلغىن  سەن ھەقىقەتەن  ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن  بىلىپ تۇرغۇچىسەن ". سۈرە ئال ئىمران 35-ئايەت.

نەزىر دىگەنلىك يۇقارقىغا  ئوخشاش ياخشى ئىشلارغا نىيەت قىلىش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش  نەزىر دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈكلەرگە نەزىر قىلىشنى چەكلەپ مۇنداق دىگەن:"نەزىر دىگەن تەقدىر نى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ،ئۇپەقەت بىخىللارنى بىخىللىقتىن قۇتقۇزىدۇ".ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.

ئۆلۈكلەر گە ئاتاپ نەزىر بىرىش ۋە  ئاق باغلاپ قارلىق تۇتۇش  3-7-20-40-كۈنى  ۋە  يىلى  بولدى  دىگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار بىلەن  نەزىر بىرىش بۇددا دىنىنىڭ ئادىتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن؛"كىمكى كاپىر قەۋىملەرگە ئوخشاش بىر ئەمەلنى قىلسا  ئۇ كىشى شۇ  قەۋىمدىن بولىدۇ ."ئىمام ئەھمەد خاتىرلىگەن.


                                   قۇشۇمچە: بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەرنىڭ ھۆكمى

بىدئەت دىگەن نىمە؟

ج:بىدئەدت دىگىنىمىز ئىسلام دىنىدا ھىچقانداق ئاساسى يوق،كىشىلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ساختا ئىشلاردۇر!

"ئاللاھ" قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:" ا ل ر   بۇ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ھەممىدىن خەۋەردار ، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا (يەنى ھەممە ئىشلار)تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتاپتۇر".----سۈرە ھۇد 1-ئايەت...

"ئاللا"يەنە مۇنداق دىگەن :"بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم ، سىلەرگە نىئىمىتىمنى تاماملىدىم،ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم ".سۈرە مائىدە   3-ئايەت

"ئاللاھ " يەنە مۇنداق دىگەن :"پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئىلىڭلار ، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار ".سۈرە ھەشىر 7-ئايەت.

"ئاللاھ" يەنە مۇنداق دىگەن:"ئى مۆمىنلەر سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق بىر سۆزنى ۋە ئىشنى ئالدى بىلەن قىلماڭلار ". سۈرە ھۇجۇرات 7-ئايەت

"ئاللاھ"يەنە مۇنداق دىگەن :"ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا ئەر - ئايال مۆئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ".سۈرە ئەھسىزاپ 36-ئايەت .

ئاللاھ يەنە مۇنداق دىگەن :" ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (بۇ ھالال بۇ ھارام)دىمەڭلار،چۈنكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئۇيدۇرۇپ چىققان بولىسىلەر . ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئۇيدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ". سۈرە نەمىل 116-ئايەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ، سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلارنىڭ خاھىشى مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگەشكەن بولماي تۇرۇپ مۆئمىن بولالمايدۇ "تىرمىزى خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى قۇرئان كەرىمنىڭ سۆزىدۇر . يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر . ئىشلارنىڭ يامىنى دىندا ئەسلى يوق بولۇپ ، كىيىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر ، ئەسلى دىندا يوق بولۇپ كىيىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر . بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر . ەۇمراھلىقنىڭ ھەممىسى دوزاقتىندۇر !"ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"كىمكى ھىدايەتكە چاقىرسائۇ ئادەمگە شۇ ھىدايەتكەئەگەشكەن ئادەمنىڭ ئەجرىدى نھىچنىمە كىمەيتىلمەستىن، ئەگەشكۈچىگە ئوخشاش ئەجىر بولىدۇ. كىمكى گۇمراھلىققا چاقىرسا چاقىرغۇچى ئادەمگە شۇ گۇمراھلىققا ئەگەشكۈچى كىشىنىڭ گۇناھىدىن ھىچنەرسىە كىمەيتىلمەستىن ئۇنۇڭغا گۇناھ بولۇپ تۇرىدۇ " ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :" كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئىشنى قىلسا ، ئۇ ئەمەل قۇبۇل قىلىنمايدۇ ". ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.

ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ :" ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەردىن دىن قىلىپ بىكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ ؟" سۈرە شۇرا 21-ئايەت .

"ئاللاھ"قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"ئى مۇھەممەد ئۇلارغا ئېيىتقىنكى ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوسىت تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى ئاللاھ سىلەرنى دوسىت تۇتىدۇ" . سۈرە ئال ئىمران 31-ئايەت

"ئاللاھ"قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار ، پەيغەمبەر چەكلىگەندىن چەكلىنىڭلار ".سۈرە ھەشىر7-ئايەت.

"ئاللاھ"قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"كىمكى پەيغەمبەر گە ئىتائەت قىلىدىكەن ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ "سۈرە نىسا 80-ئايەت .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"ماڭا ئەگەشكەن كىشى ئاللاھقا ئەگەشكەن بولىدۇ.ماڭا ئاسىي بولغان كىشى ئاللاھقا ئاسىي بولغان بولىدۇ ." ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مىېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس" . بۇخارى خاتىرلىگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كىتىدىغان بولدۇم . بىرى ئاللاھنىڭ كالامى يەنە بىرى مىنىڭ سۈننەتلىرىم . سىلەردىن كىمكى مۇشۇ ئىككى نەرسىنى چىڭ تۇتالىسا زادىلا ئازمايدۇ " ئىمام مالىك خاتىرلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"ئاراڭلاردىن كىمكى ئۇزۇن ياشىسا كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ.سىلەر مىنىڭ سۈننىتىمنى ۋە راسىتچىل توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلەرنىڭ   سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار . ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر " ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى خاتىرلىگەن!


                           بىدئەتچىنىڭ ھۆكمى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى بىدئەتچىلىك قىلسا ياكى بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇ ئاللاھنىڭ، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ.»(ئىمام بۇخارى12:41؛ ئىمام مۇسلىم9:140)
*ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«..ئاللاھ بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى.»(ئىمام مۇسلىم:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىدئەتنىڭ ھەرقاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر؛ ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسىنىڭ جايى دوزاختۇر.»(تىرمىزى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس)



شۇڭا ھەق نى  كۆرگەندىن كىيىن ئۇنى ئىنكار قىلماي  !  يا ئىسلامغا  تولۇقى بىلەن ئەمەل قىلىڭ  ياكى  ئىسلام چىگرىسىدىن چىقىپ كىتىپ  خالىغىنىڭىزنى قىلىڭ !  مىنىڭ بۇ ئۆلۈكلەر ئۈچۈن قىلىنغان 3-7-40-يىلى دىگەندەك نەزىر توغرىسىدىكى تالاش تارتىشىم ۋە جاۋابىم  مۇشۇ تىمىدا ئاخىرلاشتى  !  باتىل ئۆرىپ ئادەتنى ئەمەس  ،ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ يولىنى سۆيگەنلەر قۇبۇل قىلسۇن  !   ئۆرىپ ئادەتنىڭ مەستانىسىگە ئايلىىنپ ، ئاللاھنىڭ يولىغا ئۆرىپ ئادىتنى شىرىك  قىلىۋالغانلار  خالىغىنىچە كاپىر ۋە مۇشرىك بولسۇن  !  ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ  !






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 04:46 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-10 09:24 AM):
سۈرە نەمىل 116-ئەيەت ئەمەسكەن -سۈرەنەھىل 116-ئايەت  !  بىر ھەرىپنى خاتا  يىزىپتىمە

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 08:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھېلىغىچە  ۋاقىت چىقىرىپ ئۇقاي.....

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50023
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3163
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1942 سائەت
تىزىم: 2011-8-1
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 08:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 09:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى ئۆلۈككە 3-7-40  نەزىر ۋە  يىىل  نەزىرى  قىلغۇچى  بىدئەتچىلەر ؟   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 09:22 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 09:56:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قېرىندىشىم ئاردا. سىز ھەقىقەتەن. مەن بىلەن بىر ئويدىكى ھەقىقى ئىسلام روھى بويىچە مېڭىشنى ئىزدەۋاتقان ئىسىل دىيانەتلىك مۆئمىن ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ يەتمەكتىمەن. بولۇپمۇ سىزنىڭ ھەقىقەتنى ياقىلاپ ئەل بەختىنى كۆزلەپ يازغان ئىنكاسلىرىڭىز، ۋە بۇيازغان يازمىڭىز مىنى شۇنداق رازى قىلدى. مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلارنى، ياخشى ئىنكاسلىرىڭىزنى مۇنبەردىن ئايىمىغايسىز. بىزنىڭ كەنىتتە سىز تىمىڭىزدا دىگەن بىدئەتلەرنى كەنت خاتىپىمىزنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئوڭۇشلۇق يوقاتتۇق. سىز دىگەن بىدئەتلەرنى يوقىتىشنى قەشقەر شەھرىدىكى ئابلىمىت داماللام ئوتىرىغا قويغان ئىدى. بىچارە ئادەم ھازىر رېجىمدا ئىمىش. ئاللا خەلقىمىزنىڭ بىدئەتلەرنى تاشلاپ ھەق يولنى تېپىشىنى، نىسىپ قىلسۇن!.     .....ئامىن"!!!!....

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:01:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2013-2-8 09:56 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قېرىندىشىم ئاردا. سىز ھەقىقەتەن. م ...


ۋەئەلەيكوم ئەسسالام ! قىرىندىشىم  ئاللاھ  ھەممىمىزگە  رەھمەت قىلسۇن  ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 10:02 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15374
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8595
تۆھپە نۇمۇرى: 422
توردا: 555 سائەت
تىزىم: 2010-10-27
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 11:38:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏  مانائىسلام بىلەن  ئۆرىپ ئادەتنى ئايرىيالماي ئىزىقىپ كەتكەنلەر. ماتىمىنى ئوبدان ئوقۇڭلا.
ئۇيغۇر جەمىيتىدە  مىللى ئەنئەنە بىلەن دىننىڭ ماھىيتىنى ئېنىق ئايرىپ بەرگەن ئەڭ  ياخشى تىما نوپتۇ‏
‏قېرىندىشىم  ھەقىقەتەنمۇ ياخشى قەلەم تەۋرىتىپسىز
‏اللە بۆيۈك ئەجىر ئاتا قىلسۇن
‏جىمى ھەمدۇسانە ئالەملەرنىڭ  پەرۋەردىگار اللە غا خاستۇر

رەخ ئالتۇندىنمۇ كەم تېپىلىدۇ ، شۇڭا ھازىرقى دەۋىر قىزلىرمىزنىڭ كىيمى ھەم نىپىز ھەم كالتا . . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:18:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز قېرىندىشىم بۇ رىسالىنى بەك ئىسپاتلىق تەييارلاپسىز،ئاللە سىزگە ئجىر بەرسۇن. ئۆتكەندە نەزىر توغرىسىدا ساۋاتسىز ،نادانلارچە تىما يوللىغان كىشى بۇ مۇنبەردە ئىلمىي چالما-كىسەككە قىلىپمۇ يەنە ئەقلىنى تاپماي ئەلكۈيى مۇنبىرىگىمۇ يولالاپتۇ، مىنىڭ ئەپسۇسلانغان يېرىم ، قايتۇرىلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىدە دىگىدەك رەخمەت،ماختاشلار قاپلاپ كىتىپتۇ،  اللە غا مىڭ شۈكىرى مەن مىسرانىمدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنىي بىلىمىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم! بۇ تىمىنى  يوللىغان قېرىندىشىمىزنىڭ سەزگۈرلىكىگە     رەببىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئىلىم بېرىشىنى تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4156
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 07:46:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە ئۈچۈ مۇشنداق ياخشى تىمىنى ئۇقۇيدىغانلار ئاز.

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 07:47:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
蓝狼-0947 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 07:46 PM
نىمە ئۈچۈ مۇشنداق ياخشى تىمىنى ئۇقۇيدىغانلار ئاز.

چۈنكى  ئۇلار  ھەممىسى  بىدئەتنى  قىلغۇچىلار !

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش