|
|
|
|
بەزىلەرنىڭ ئېغىزى نىمە ئۇچۇن سېسىق پۇرايدۇ ( تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13) ئېغىز بوشلۇقى ئەسلىدىنلا پاكىز بۇلۇپ،سېسىق پۇراق بولمايدۇ.ناۋادا ئېغىز بوشلۇقىدا سېسىق پۇراق پەيدا بولسا،ئومۇمەن 3خىل ئەھۋالدىن بۇلىدۇ:بىرىنچى،تاماق قالدۇقلىرى ئېغىز بوشلۇقىدا تۇرۇپ چىرىپ كەتكەنلىكتىن؛ ئىككىنچى،بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى كېسەللىكتىن پەيدا بۇلىدۇ؛ ئۇچۇنچى،ئېغىز بوشلۇقىدىكى بەزى ئالاھىدە كېسەللىكلەر كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى ئادەم بەدىنىگە بارلىق ئۇزۇقلۇقلارنى قۇبۇل قىلىدىغان ئىشىك،يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى چىشنىڭ چاينىشىدىن ئۆتىدۇ.ئادەمنىڭ ئاستى،ئۇستىدە جەمئى 32تال چىشى بۇلۇپ،چىش بىلەن چىشنىڭ ئوتتۇرسىدا چىش ئارلىقى بۇلىدۇ،جەمئى 28ئارلىق بار.بەزى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.بۇلۇپمۇ،تۇخۇم،گۆش قاتارلىق يۇقۇرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر چىش ئارلىقىدا تۇرۇپ قېلىپ،ئۇزاق ئۆتمەي،ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتىريەلەر زور مىقداردا كۆپىيىپ،يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى چىرىتىپ پارچىلايدۇ.پارچىلىنىشتىن كىلىپ چىققان ھىدۇرۇ-سۇلفىد،مېتىل مېركاپتان قاتارلىق ماددىلار سېسىق پۇراقنى پەيدا قىلىدۇ.بۇلۇپمۇ چىرىگەن چىشنىڭ تۆشۇكچىللىرىگە جۇغلىشىپ قالغان يېمەكلىكلەر چىرىگەندىن كىيىن چىققان سېسىق پۇراق تېخىمۇ چوڭ بۇلىدۇ.بۇ خىل سەۋەپتىن كىلىپ چىققان ئېغىز پۇراشنى داۋالاش قىيىن ئەمەس،پەقەت ئەتتىگەن كەشتە چىش چوتكىلاپ،تاماقتىىن كىيىن ئېغىزنى چايقاپ،دائىم ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىنى ساقلىسا،ئېغىز پۇراشنى يۇقاتقىلى بۇلىدۇ. ئەمما،ئەمما بەزىلەر گەرچە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلسىمۇ، ئېغىزى يەنىلا سېسىق پۇرايدۇ،بۇ ۋاقىتتا دوختۇرغا كۆرۇنۇش كېرەك.ئۇمۇمەن ئېيىتقاندا،ئېغىز بوشلۇقىدا كېسەللىك بۇلۇشى مۇنكىن،مەسىلەن:ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى،چىش مىلىكى ياللۇغى،چىش چىرىش،چىش ئۇقۇرى ئىششىش،ئېغىز بوشلۇقى راكى قاتارلىقلار.باشقا كېسەللىكلەر كەلتۇرۇپ چىقارغان بۇلىشىمۇ مۇنكىن،مەسلەن: بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى،ئۆپكە كېسەللىكى،ھەزىم قىلىش يۇلى كېسەللىكلىرى،جىگەر كېسىلى،دىئابىت كېسىلى،سۇيدىكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى قاتارلىقلار.پەقەت دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىنچە كېسەلگە قاراپ دۇرا بەرسە،ئېغىز پۇراشنى ئۇزۇل-كېسىك يۇقاتقىلى بۇلىدۇ. مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-8 01:55 PM
|
|
|
|
|
|