مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1726|ئىنكاس: 6

تاتار سابان توي بايرىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82341
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاتار سابان توي بايرىمى




مەنبە: 56 ۋە بەرەڭگە تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 12:54 PM  


ن.س ئۇرال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82341
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاتارلاردا سابان توي




خەپىز ساتتار سالىھ


  تاتارلار ئىلىدا شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى - سابان تويىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.تاتارلار روزى ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى سابان تويىنى ئۆتكۈزىدۇ. سابان تويى ئۆتكۈزۈش ئادىتى ساپان (سوقا) نى ئىجاد قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈگەندىن تارتىپ باشلانغان.

  سابان تويى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن كېيىن كۈزلۈك يىغىمغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. سابان تويى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى مۇقىم بەلگىلەنگەن بولماستىن، بەلكى ھەر قايسى جايلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتنى بەلگىلەيدۇ. سابان تويىنىڭ كۆلىمى ئوخشاش بولمايدۇ، مەھەللە، يېزا - قىشلاق، ناھىيە(شەھەر)لەر، بىرلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  سابان تويى باغۇ - بوستان، ئورمان - توقاي، دالىلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەرىكە ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى كىشلەر كۈن كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا جەم بولىدۇ. ئاندىن چوڭلار تەرىپىدىن ئەدەب - ئەخلاق، ئۆرپ -ئادەت ۋە ئىناقلىق – ئىتتىپاقلىق ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ، كۆپچىلىككە بەخت - سائادەت، يۇرتقا باياشادلىق، ئەمىنلىك تىلەيدۇ. تائاملار تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق سەھنە ھازىرلىنىپ، ناخشا - ئۇسسۇل، جىر - مۇزىكىلار، لەتىپە - شېئىرلار، تېپىشماق، بالىلار ئويۇنلىرى ئورۇنلىنىدۇ، ئاندىن مىللىيچە تەنھەركەت تۈرلىرى باشلىنىپ، كەيپىيات يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ئەتراپنى قىيقاس - چۇقان، بارىكالا ئاۋازى قاپلايدۇ. بۇ مۇسابىقە تۈرلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قايتا داستۇرخان سېلىنىپ، ئاش تارتىلىدۇ ھەمدە ناخشا - مۇزىكا ياڭراپ، بەزمە قىلىنىدۇ، كەچ كىرگەندە بەزمە ئاخىرلىشىپ سابان توي تارقايدۇ.

  ھازىر ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمغۇرلۇقى بىلەن ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا ھەر يىلى سابان تويى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. تاتار خەلقى ئەنئەنىۋى بايرامى سابان توي بايرىمى شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيىنى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى، ئىناق - بەختىيار تورمۇشىنى مەدھىيىلەپ، سوتسىيالىستىك دەۋرىمىزگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.

  سابان توي بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆز قەدىر - قىممىتىنى يۇقاتماي، مەزمۇنى ساغلام، شەكلى رەڭدار بولۇشتەك خاسلىقى ۋە خۇسۇسيىتى بىلەن ھازىر تېخىمۇ ئالقىشلانماقتا. چۈنكى، سابان توي بىرىنچىدىن ئىتتىپاقلىق بايرىمى. بۇ كۈنى تاتارلاردىن باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ بۇ سۇرۇنغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىتتىپاقلىق كۈچىيىدۇ؛ ئىككىنچىدىن ئۇ مەدەنىيەت بايرىمى. سابان تويىدا تاتار خەلقىنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، قول ھۈنەر مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن ئۇ گۈزەللىك بايرىمى. سابان تويى تەبىئەت قوينىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، كىشىلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى قوغدا، گۈل - گىياھ تىكىش، باغۇ - بوستان، ئورمان بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ تۆتىنچىدىن ئەمگەك بايرىمى. سابان توي ساپان بىلەن تەڭ بارىلىققا كەلگەن بولغاچقا، كىشىلەرنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشقا، ئەمگەك ئارقىلىق بەختىيار تۇرمۇش يارىتىشقا ئۈندەيدۇ؛ بەشىنچىدىن ئەدەبىيات - سەنئەت بايرىمى. سابان تويىدا تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىپ، كىشىلەر بولۇپمۇ ياشلار ئۆزلىرىنى بۇ سورۇن ئارقىلىق تاۋلايدۇ ۋە تەربىيىلەيدۇ؛ ئالتىنچىدىن تەنھەرىكەت بايرىمى. سابان تويىدا تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ روھى ۋە جىسمانىي ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ يەتتىنچىدىن ئەنئەنە تەربىيىسى بايرىمى. سابان تويىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرلاشقىچە ياشلار - ئۆسمۈرلەر پائالىيەتكە تولۇق قاتنىشىش ئارقىلىق مەدەنىيەت، ئەنئەنە، ئۆرپ - ئادەت تەربىيىسى ئالىدۇ.

  سابان تويى بايرىمى تۈرلۈك مەدەنىيەت - سەنئەت بايراملىرىغا ئوخشاش دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئالاھىدىلىكى ھەم خاسلىقىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزنىسىنى تېخىمۇ بېيىتقۇسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 01:04 PM  


ن.س ئۇرال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82341
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 06:22:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاتارخەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەرىكىسى سابان توي


غىززەتوللا ئەنۋەر


  تاتارخەلقى باشقامىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكەئىگە،تاتارلار ياراتقان ئاشۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى_ئەجىر-مېھنەت ئارقىلىق بايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان(سابان توي)دۇر.يازما ماتىرياللاردا (سابان توي)تاتارلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى بىلەن بىللە پەيدا بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
تاتارخەلقى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىشچان، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئەمگەك بىلەن ئىگىلىك تىكلەشنى، مىھنىتىگە يارىشا ھالاۋەت كۆرۈشنى ھەمدە ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشنى چىقىش قىلغان ھالدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن كېيىن،كۈزلۈك يىغىمدىن بۇرۇنقى بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ،ئاممىنى بىردەستىخانغاجەم قىلىپ،ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەم بۇ توينى خاتىرلىگەن ،ھەم كىشىلەرنى،بولۇپمۇ ياشلارنى جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە ئۈندەپ،كۈزلۈك يىغىم-تېرىمدىن مول-ھوسۇل ئېلىشقا يېتەكلىگەن.سابان توينى تاتارخەلقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ،يەنى ھەريىلى تاتارخەلقى زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە،تارقاق ئولتۇراقلاشقان رايونلاردابىرنەچچە ئائىلە بىرلىشىپ كىچىك كۆلەمدەداغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان،مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى مەرىكە.
سابان سۆزى ساپان سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ،ئۇبۈك-باراقسان باغلاردا،ئورمان-توقايلىقلارداۋەچىمەنلىكتە چوڭ-كىپىك،ئەر-ئايال،قېرى-ياش ھەممە بىريەرگە يىغىلىپ،تەشكىللىك،پلانلىق،تەرتىپلىك ھالدائۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكە،شۇنداقلاجىر-جىرلاپ،سازچىلىپ،ناخشا ئېيتىپ،دوستلۇقنىڭ،خوشللىقنىڭ،چىدامچانلىقنىڭ سىمۋوللۇقىنى نامايەن قىلىدىغان مەرىكە،بۇتوينىڭ قانداق توي ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى سابان توي جىرلىرىدىن چۈشىنىۋىلىشقا بولىدۇ:
سابان توي ئەمگەك توي،
شادلىق ھەم بەخت تويى.
ئويناپ-كۈلۈپ،جىرجىرلاپ،
توي تويلايمىز كۈن بويى.

دىمەك سابان توي كىشىلەرنى مەدەنىيەتلىك،ئەخلاقلىق بولۇپ،مىللەتلەربىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ،كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن زامانغا ماسلىشىشقا،كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ،ئورتاق ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ.
تاتار خەلقى ئەزەلدىن تەنىئەتنى ئاسرىغۇچى،تەبىئەتنى قوغدىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقتىن سابان توينى تەبىئىي كۆرۈنۈشى گۈزەل بولغان دەريا-كۆل بويلىرىدا،بۈك-باراقسان ئورمانلارداۋە چىمەنزارلىقلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.مۇشۇمەرىكە ئارقىلىق توي ئەھلىگە بولۇپمۇياشلاربىلەن ئۆسمۈرلەرگە تەبىئەتنى سۆيۈش،تەبىئەتنى قوغداش تەربىيىسى بىرىلىپ،يىشىلزارلىقلارنى بۇزماسلىق ،مۇنبەت يەرلەرنى قوغداش تەكىتلىنىدۇ.
مەرىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى
1.    پاكىزلىق ئاتا قىلىدۇ.سابان توينى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن خۇددى روزاھېيىت،قۇربان ھېيىتقا ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك تازلىق ئېلىپ بىرىلىپ،مىھمانلارغا شادلىق ،ئازادىلىك ۋە مېھرىبانلىق بېغىشلىنىدۇ.
2.    ياكلىق ئاتاقىلىدۇ.بۇ توي ئارقىلىق دوستلۇق،پاك-دىيانەتلىك ،باراۋەرلىك تەكىتلىنىدۇ.ئەگەرئىلگىرى ئۆزئارابىر-بىرىدىن رەنجىشكەنلەربولسا،بۇتويدابىر-بىرىنى ئەپۇقىلىشىدۇ،دوستلىشىدۇ.شۇنداق قىلىپ،كۆڭۈلدىكى تۈگۈنلەريىشىلىپ ،دوستلار كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ.
3.    جاسارەتلىك ئاتا قىلىدۇ.ئىشلىمەي چىشلەيدىغانلاردىن،بىكارتەلەپ،ھورۇنلاردىن بولماسلىق،ھالال ئەمگىكى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تەكىتلىنىدۇ.جاپا–مۇشەققەتتىن قورقماي،جاسارەت بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
4.    شادلىق بېغىشلايدۇ.تويدا ئاتاقلىق جىرچىلارنىڭ جىرلىرىنى ،سازەندىلەرنىڭ جەلپكار،جەزبىدار مۇزىكىلىرىنى تىڭشاپ،نازكەرەشمىلىك،قىزىقارلىق ئۇسسۇللارنى كۆرۈپ ھوزۇرلانسا،ئۇرۇق–تۇغقان،دوست–بۇرادەر،يارەنلەرشادلىققاچۆمۈپ،يىقىملىق توي تەنتەنىسىگەجۆربولۇپ،كەڭ–كۇشادەپىكىرئالماشتۇرىدۇ.بۇ ئارقىلىق توي ئەھلى روھى جۇشقۇن،كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ قايتىدۇ.
سابان تويىنىڭ تەييارلىقى
مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر ئاي بۇرۇن تۈرلۈك تەييارلىقلار جىددى باشلىنىدۇ.
1.    بىبى جامال رومالىنى يىغىش(بىبى جامال-چىۋەر،ئىشچان،ئەقىللىق ئايال زاتىغا قارىتىلغان).بۇ،مەرىكىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر،ئالدى بىلەن بايان،دوخىراتكا،ئادىناراتكا،ئاكاردىئون،ماندالىن قاتارلىق چالغۇ-ئەسۋاپلارنى كۆتۈرۈشۈپ،ھەركوچىدىن بىردىن ئاقساقال باش بولۇپ،بالىلارنى،ياشلارنى،ئوتتوراياشتىكىلەرنى تەشكىللەپ،توپ-توپ بولۇپ گارمون تارتىپ،جىرجىرلاپ ،توختىغان يەردە ئۇسسۇل ئويناپ،كوچا-كوچىدىن بىبى جامال رومالىنى يىغىدۇ.بۇنىڭدىن ھەممە ئائىلىەرنىڭ خەۋىرى بولغانلىقتىن ئالدىن تەييارلىقى بولىدۇ.ئەگەر بىرەر ئائىلىدىن بىلمەي ئۆتۈپ كەتسە،ئۇئائىلە قاتتىق رەنجىيدۇ.چۈنكى بىزدىن يوللۇق ئالمىدى دەپ قارايدۇ.
2.    سابان توينىڭ مەرىكە كۈنىنى خەۋەرلەندۈرۈش.مەرىكە كۈنىگە ئاز قالغاندا بالىلارغا ئالاھىدە بېزەپ جابدۇنغان ئات مىنگۈزۈلۈپ،كوچا-كوچىلارغا خەۋەر قىلىشقا ماڭدۇرۇلىدۇ،بالىلارسۆيۈنچە ئالىدۇ.ئەھلى-جامائەت ئائىلىرىدىن رومال ياكى رەختلەرنى ئېلىپ چىقىپ،بالىنىڭ بېلىگە،ئاتنىڭ نوختىسى ۋە ئىگەر-توقومىغا ئايلاندۇرۇپ باغلاپ،يويغا ئاق يول تىلەيدۇ.
3.    مەرىكىلىك كىيىم تاللاش.مىللىي ئەنئەنىۋى پاسوندىكى كىيىمى بارلارئۇنى يۇيۇپ تازىلاش بىلەن بولسا،كىيىمى يوقلار ھەرخىل كەشتىلەنگەن كىيىملەرنى تىكتۈرىدۇ.
4.    كونسېرت تەييارلاش.سابان تويىدائوينىلىدىغان كونسېرتنى تەشكىللىك ،پلانلىق تەييارلاشتىن سىرت يەنە ھەرقايسى ئائىلىلەر ئائىلىۋى ناخشا-ئۇسسۇللارنى تەييارلاپ كېلىدۇ.
5.    تۈرلۈك تائاملارنى تەييارلاش.يويدا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئېزىز مىھمانلارنى ئاساس قىلىپ دەستىخان سېلىنىدۇ.دەستىخانغا تۈرلۈك تائاملار،مېۋە-چېۋىلەر،ئۇسسۇزلۇقلارقويۇلىدۇ.تويدا ھەرقايسى ئائىلىلەر يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ئۆزلىرى تەييارلاپ كېلىشتىن سىرت،ئېزىز مېھمانلارغا ئاتاپ مەخسۇس تائاملارنىمۇ تەييارلاپ كىلىدۇ.(ئىسپرت تەركىبى بار سوغوق ئېچىملىكلەر بىر تۇتاش مەنئىي قىلىنىدۇ).ھەرقايسى ئائىلىلەرقوي،غاز،توخو،ئۆردەك قاتارلىقلارنى سويۇپ كېلىدۇ.شۇنىڭدەك ئۈچپۇشماق،بەلىش،كاتلىت،پەرەمىش،گۆش بەلىش،قاق بەلىش ۋە پىرەنىك،تورت،بولكاقاتارلىقلارنى پىشۇرۇپ تويغا ئەكىلىدۇ.مېھمانلارغا ئاتاپ پىشۇرۇپ ئەكەلگەن تائاملارنى مەخسۇس بىرنەچچە ئايال تىزىملايدۇ ھەم بۇ تائاملارئالاھىدەتەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.ئائىلە بويىچە ئۆزئارا مېھمان بولۇشقا چاقىرىپ،بىر-بىرىنى مۇبارەكلەيدۇ.
6.    تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە مەشىق قىلىش،تاتار خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىمۇئاز ئەمەس،ئۇنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقاداۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سابان توي ۋاستە قىلىنىپ،ئەر-ئايال،ياشلار،ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ئۆزئەھۋالىغا قاراپ مەشىق ئېلىپ بارىدۇ(مەشىق ھازىرغا قەدەرتۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا).بەزى ئويۇن تۈرلىرى خەتەرلىك ،قىيىن .مەسىلەن:ئات چاپتۇرۇپ يەردىن بەرسە ئېلىش،ئات بىلەن ساسلىق ۋە توساقلاردىن ئۆتۈپ بەيگە تالىشىش،ئات ئۈستىدە چىلىشىش،20مېتىردەك ئۇزۇنلۇقتىكى يانتۇقىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۈگىلەك ياغاچقا يالاڭئاياغ چىقىش،ئېغىرلىق كۆتۈرۈش،تىك ئورنىتىلغان خادا ياغاچقا يامىشىپ چىقىپ،نەرسىنى ئېلىپ چۈشۈش،ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە ئورنىتىلغان يالاڭ تورنىك شەكىللىك يۇمۇلاق ياغاچقا ئىككى ئادەم بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى مىنىۋىلىپ،ئالتە-سەككىز كىلوگرام كەلگىدەك قۇم خالتابىلەن بىر-بىرىنى ئۇرۇپ يىقىتىش قاتارلىق ئويۇن تۈرلىرى بار.مانا بۇ پائالىيەتلەرئارقىلىق كىشىلەرنى قەيسەر،چىداملىق بولۇشقا ئۈندەپ،خەلقنى ،ئانايۇرتنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.تاغاركىيىپ مۇسابىقىگە چۈشۈش،تۇخۇم قويۇلغان قوشۇقنى چىشلەپ يۈگۈرۈش،سانىڭ چۆجە ئېلىشى،قىز بىلەن يىگىتنىڭ بىردىن پۇتىنى چېتىپ باغلاپ مۇسابىقىگە چۈشۈشى،كۆزنى تېڭىپ كوزا چېقىش،ئات ئۈستى ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىش،ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ئايالىنى ھاپاش قىلىپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشۈش،ئاياللارنىڭ ئەپكەش بىلەن دەريادىن سۇ ئەكىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق خىلمۇ خىل ئويۇنلاربار،بۇ مۇسابىقىدە ئۇتقانلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپ موكاپاتلىنىدۇ.
ئومۇمەن ،سابان توي شاد-خورام كەيپىيات ئىچىدە ئۆتۈپ،يويغا قاتناشقۇچى بارلىق ئادەم شاد-خوراملىققا چۆمۈلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 06:24 PM  


ن.س ئۇرال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82341
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 06:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەر مىللەت خەلقى شىنجاڭدىن ئىبارەت مۇشۇ تۇپراقتا، قېرىنداشلارچە ئىناقلىق بىلەن تەقدىرداش ۋە ھەمنەپەس.

تۆۋەندە كۆڭۈل ھوزۇرۇڭلارغا تاتارچە شوخ كۈي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 06:31 PM  


ن.س ئۇرال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 01:09:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتارلارغا ئالاھىدە ھۆرمېتىم بار ...
ئاما ، پەس چوچقا روسلېشىپ كىتىپتۇ ............ كېيىم - كېچەكلېرى ....

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 03:40:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتارلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1770
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8649
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 03:46:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتارلار بىرگە ئىلىم ئۇرۇقىنى چاچقان، ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش