|
|
|
|
ھاۋا سوغاق كۈنلىرى نىمە ئۇچۇن كىچىك تەرەت كۆپ كىلىدۇ ( تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13) ھەممىزگە مەلۇمكى،ھاۋا سوغاق كۈنلەردە،كچىك تەرەت ھاۋا ئىسسىق كۈلەردىكىدىن كۆپ بۇلىدۇ.شۇڭا ھاۋا سوغاق كۈنلىرى ھاجەتخانىغا بارىدىغانلار كۆرىنەرلىك كۆپىيىدۇ.بۇ زادى نىمە سەۋەپتىن ؟ ئادەم بەدىنى بەلگىلىك تىمپۇراتۇرنى ساقلىشى زۆرۇر.ئادەم بەدىنىنىڭ تىمپۇراتۇرسى ئادەم ھەر كۈنى ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكنىڭ ئىسسىغلىق ئېنىرگىيەسىگە ئايلىنىشى ئارقىلىق ساقلىنىدۇ.يىمەكلىكلەردىكى كراخمال ۋە ئاقسىل ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىگە ئايلىنالايدۇ.ھاۋا سوغاق كۈنلىرى بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان ئىسسىغلىق ئېنىرگىيەسى كۆپەيسە،سەرپ بۇلىدىغان كراخمال ۋە ئاقسىلنىڭ مىقدارىمۇ كۆپ بۇلىدۇ. سەرپ بۇلغان كراخمال ۋە ئاقسىل كاربۇن 4-ئوكسىد بىلەن سۇنى ھاسىل قىلىدۇ،كاربۇن 4-ئوكسىد نەپەس ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ،ئۇنداقتا سۇ قانداق بۇلىدۇ؟ ئەلۋەتتە ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى تەر ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ،ئەمما ھاۋا سوغاق كۈنلىرى ئادەم ئۇنچە كۆپ تەرلىمەيدۇ.شۇنداق بولغان ئىكەن،پەقەت كىچىك تەرەت ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاش يۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.شۇڭا ھاۋا سوغاق كۈنلىرى كىچىك تەرەت كۆپ كىلىدۇ. مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-8 10:16 AM
|
|
|
|
|
|