مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2606|ئىنكاس: 16

ياپونىيەدە كارتون كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپاننىڭ ئەسىرى چىقماقچى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73822
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:51:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكوم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار!
ياپونىيەدە كارتون كەسىپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپان يارمۇھەممەدنىڭ تۇنجى رىژىسورلۇق قىلغان قىسقا ۋەقەلىك ئەسىرى ئېلان قىلىنماقچى. رىۋايەت كارتون تورىدا بۇ توغۇرلۇق خەۋەرنى كۆرۈپ ھاياجانلاندىم.ياپونىيەگە ئوخشاش كارتون تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە، ياپونىيەلىك ۋە باشقا دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىمۇ بىرلىكتە تەربىيىلەپ فىلىم ئىشلەشكە قاتناشتۇرغانلىقى ئۇنىڭ كەسپى جەھەتتە يېتىشكەنلىكى ۋە تەشكىنلەش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كارتون فىلىم كەسپىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ.ياپونلۇقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرالىشى مېنى سۆيۈندۈردى. كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا بىرلىكتە ئۇتۇق تىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رىۋايەت تور بېتىدىن ئېلىندى.
812759_449945395074026_365551926_o.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رىۋايەت كارتون توربىتىدىكى كارتون ھەۋەسكارلىرى ۋە بارلىق تورداشلار.
مەن ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتى كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېرپان يارمۇھەممەت بولىمەن.
مەن <كارتون فىلىمنىڭ جەننىتى> دەپ نام ئالغان ياپونىيىدە، 2008- يىلىدىن تارتىپ كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپى بويىچە ياپونىيىنىڭ دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تولۇق كۇرسنى ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ، بۇ يىل غەلبىلىك ھالدا دىگىتال مېدىيا سودا مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتى بويىچە ئۆز مەكتىپىمنىڭ ئاسپرانتلىقىغا قۇبۇل قىلىندىم. تولۇق كۇرسنى ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى، جەريانى شۇنداقلا دىگىتال مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق مەزمۇنلۇق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كارتون فىلىم سودىسى ھەمدە ئەقلى ئەمگەك مال- مۈلىكىنى قوغداش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋىي قەغەز يۈزىدە ئىشلىنىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، يېڭىچە دىگىتال تېخنىكىلار بىلەن بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەيلى ئىشلەش سۈپىتى ياكى تارقىتىلىش، شۇنداقلا خەلقئارادىكى تەرسىر كۈچى جەھەتتە بولسۇن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ياپونىيىنىڭ كارتون ساھەسىگە بولغان چۈشەنچەم ھەسسىلەپ ئاچتى. ھەمدە ئاسپرانتلىق تەتقىقاتىمنىمۇ كارتون فىلىم سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم.
دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىدىن سىرت، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى ئىشلىنىدىغان بولۇپ، كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنىڭ پۈتتۈرۈش ئەسىرى كەسپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن بىرقانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەربىر گۇرۇپپا ئۆز ئالدىغا خالىغان ژانېردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەسەر ئىشلەپ چىقىدۇ.مەن كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنىڭ بەشىنچى قارار تەتقىقات سىنىپىنىڭ باشلىقى ۋە فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى D.R.E.A.Mنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، غەلبىلىك ھالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى 《DREAM》نى پۈتتۈرۈپ چىقتىم.
بۇ ئەسەرنى ئىشلەش ئۈچۈن سەككىز ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم يوق ۋە كەم بولغان ئادەم كۈچى ئارقىلىق، بەش مىنوتلۇق قىسقا ۋەقەلىك فىلىمنى ئىشلەپ چىقىش، بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقۇيدىغان چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاسان توختىمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە سودا خاراكتېرىدىكى كارتون فىلىم ئىشلەش سەۋىيىسىدە ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن، مەيلى رەسىمنىڭ سۈپىتى ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.بۇ فىلىمدا ياپونىيە كارتون فىلىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى سىڭدۈرۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن ياپونىيىنىڭ تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىغا ئوخشاش مۇرەككەپ كۆرۈنۈش ۋە قاملاشقان گۈزەل پىرسۇناژلار مەيدانغا چىقمىسىمۇ،ناھايىتى ئاددىي ۋە چۈشىنىش ئاسان بولغان كۆرۈنۈشلىرى بىلەن كۆرگۈچىلەرگە ئەسەر مەزمۇنىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
فىلىم ئىشلەشكە مەندىن باشقا فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىمىزدىكى تۆت ياپونىيىلىك دوستىمىز ۋە ئىككى خەنزۇ دوستىمىز قاتناشقاندىن سىرت، شىنجاڭدىن تۆت ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزمۇ قاتناشتى.ئۇلارغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يېتەكچىلىك قىلىپ بىر تەرەپتىن ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ،كارتون فىلىمنىڭ تەرەققىياتى تېخى ئەمدىلا باشلىنىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت يارىتىلدى دەپ ئويلايمەن.ئارقا كۆرۈنۈش، تولۇقلىما ھەرىكەت ۋە دىكۇراتسىيە (ئەسۋاب)لايىھىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز،مەن تۇنجى قېتىم رېژىسورلۇق قىلغان بۇ قىسقا فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىپ چىقىشىغا ناھايىتى چوڭ ياردەم بەردى.
فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى مېنىڭ دادام، يەنى داڭلىق كومپوزىتور يارمۇھەممەت جامالىدىن ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ فىلىمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك پۈتۈپ چىقىشىغا ئەڭ چوڭ ياردەم بەردى.بۇ فىلىمدا دىئالوگ يوق بولۇپ،پۈتكۈل مەزمۇن مەخسۇس ئىشلەنگەن مۇزىكىنىڭ ئورۇندىلىشىغا ئەگىشىپ داۋاملىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە مۇزىكىلىق كارتون فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن كۆرۈنۈش ئىپادىلەشكە ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، كۆرۈنۈش ياخشى ئىپادىلەنمىگەندە پۈتكۈل فىلىمنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر يېتىش ئېھتىماللىقى زور.شۇنداقتىمۇ توختىماي ئۆزگەرتىش ۋە پىششىقلاش ئارقىلىق بۇ فىلىمنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ھالەتكە ئەكەلدىم دەپ ئويلايمەن.بۇ فىلىمنىڭ ھەركىتى ئاساسەن قەغەزگە سىزىلىپ، ئەنئەنىۋىي كارتون فىلىم ئىشلەش قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن بولۇپ،جەمئىي 1000 پارچىدىن ئارتۇق ھەرىكەت رەسىمى ئىشلىتىلدى.ئادەم كۈچى جەھەتتە يېتىشمىگەنلىك ئۈچۈن، ئۈچ ئۆلچەملىك كومپيوتېر گىرافىكىنىمۇ بىللە ئىشلىتىشكە مەجبۇرى بولدۇق. ئەمما ئىككى ئۆلچەم ۋە ئۈچ ئۆلچەمنىڭ بىر كۆرۈنۈشتە ئىپادىلىنىشى ئۈچۈنمۇ تېخنىكا ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق.
فىلىمنىڭ مەزمۇنى مۇنداق. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى، ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە دىرژابىل ياساش ئەۋج ئالغان ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، لايىھىلىگۈچى ۋە ئۇچقۇچى گيورگىي بولسا داڭلىق دىرژابىل لايىھىلىگۈچى ئىدى. ئەمما خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى گيورگىي ئائىلىسگە، بولۇپمۇ ئوغلى ئالفرېدقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىگەنىدى. ئالفرېدمۇ دىرژابىل ھەۋەسكارى بولۇپ، دادىسىدەك لايىھىلىگۈچى بولۇش ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىدى.لېكىن ئالفرېد دادىسىغا ئۆزى لايىھىلىگەن DREAM(ئارزۇ) ناملىق دىرژابىلنىڭ چېرتيوژىنى كۆرسەتكىنىدە، دادىسى بىر كۆرۈپلا خاتا دېگەن بەلگىلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىكمۇ قىلمىغانىدى. بۇنىڭدىن مەيۇسلەنگەن ئالفرېد،ئۆز ھوجرىسىدا ئۆزى ئامراق قەغەز ئايروپىلاننى ئويناپ يېتىپ، ‹نېمىشقا دادام بۇنداق قىلىدۇ؟بۇرۇن ئۇ ئۇنداق ئەمەستى...›دېگەندەك خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قالىدۇ.دەل مۇشۇ چاغدا ئويلىمىغان بىر ھادىسە يۈز بېرىدۇ..........
بۇ فىلىم 2013-يىلى 3- ئاينىڭ 3چى ۋە 4-كۈنلىرى دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېستېتىنىڭ پۈتتۈرۈش ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.شۇنداقلا 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئەسەر ھوقوقى مېنىڭ قولۇمغا ئۆتۈپ، رىۋايەت كارتون تورىدا كەڭ ئۇيغۇر كارتون ھەۋەسكارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
3752340420130126160532088.jpg


TERORQE بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 02:41:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30322
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 02:53:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە يىل جاپالىق ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسى ئاخىرى چىقىپتۇ-دە، ئاپىڭىز ئايدىن ئابلىزدىن  سىزنىڭ شۇنداق تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىغان ئىدىم،ئاپىڭىز شۇنداق پەخىرلىنىپ سۆزلەپ  بەرگەنتى. بۇ  مۇۋاپىقىيەتلىرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   warisim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-7 09:53 PM  


ئادەم ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلىمىسە ،يەر يۈتىدۇ.
نۇمۇسچاننىڭ يۈزى قىزارسا،يالغانچىنىڭ تىلى ئۇزىرار.

ئېرپان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 07:13:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ...

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16113
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6720
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2014-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 08:49:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ قىرىندىشىم. مەن كارتون فىلىملارغا بەك ئامراق . سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4862
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1229 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:16:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق  قىلسۇن قېرىندىشىم . . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91210
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-2-5
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:40:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆزەم بىر كارتون فىلىم ھەۋەسكارى، سىزنى تىلۋىزوردا كورگەن. نەچچە يىل چەتئالدە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ئانا تىلىمىزنى شۇنداق ياخشى راۋان سۆزلەيدىكەنسىز سىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم  سىزنىڭ ئۈرۈمچىدە قىشلىق تەتلىللىك كۇرس ئاچقىنىڭىزنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشبولدۇم، مىنىڭمۇ كارتون فىلىم ئشلەشنى شۇنداق ئۈگەنگىم باتى لىكن مەن قەشقەردە، كىينچە قەشقەردە كۇرس ئىچىپ قالسىڭىز ئوقۇغۇچىڭىز بولۇشنى خالايمەن.

ئاخىردا سىز نىڭ مۇشۇ كەسىپتە نەتىجە قازىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرلارباللارنىڭ ئەنئەنۋى ئويۇنلىرىنى ،خەلىق چۆچەكلىرىنى، تارىخى رومانلىرىنى كارتۇن فىلىم قىلىپ ئشلەپ چىقىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن.

كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.    تۈركىيە يازغۇچىسى ؛ مۇھەممەد ئەكىف ئەرسوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89409
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:51:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بۇلسۇن تىخىمۇ تىرىشىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84876
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:54:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق  قىلسۇن قېرىندىشىم . . .

ئىنساننڭ ئۆمرى پەقەت‹‹نامازسىز ئەزان بىلەن ئەزانسىز ناماز،ئارلىقىدىكى ۋاقىتچىلكلا..!!!  ئۆزۈڭدىن سوراق ئىپتۇ!

ئوقۇتقۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48789
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5739
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 738 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 11:08:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كارتون فىلىمنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن ، توردا تارقىتىلغاندا مىسرانىمغا يوللىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ھە ...

ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى  ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش