|
|
|
|
ھېيتكاردا تۆكۈلۈش
(1)
مەن غېرىپ بوپ كەتتىم بۈگۈن ھېيتكاردا،
بىر دۆۋە ئەسلىمەم ئۆچۈپ كەتكەندەك .
ئاھ، دادام تىككەن شۇ ئۈژمە دەرىخى،
ئۈچ ئىدى، ئىككىسى ھاۋا يۈتكەندەك.
داۋانلىق يوللار يوق، تۈپ -تۈز رەستىلەر،
قارلۇق ئۆستەڭدىن قۇملار يۈتكەندەك.
ۋاراڭ- چۇرۇڭ قاپلىغان كەچلىك بازارلار،
تويۇلۇپ كەتتى ئاۋۇپ كەتكەندەك.
مەھەللە ئىچىدىن توپىلار قېچىپ،
سىمىنۇت قاپلاپتۇ يوللار بەك پەچەت.
قۇدۇقنىڭ سۈيىدەك مۇزدەك سۇلار يوق،
ئۆستەڭدىن ئاقماقتا بىر دۆۋە ئەخلەت.
يالىڭاچ بالىدەك بىلىندى كوچا،
سەگۈنلەر ،تاللارنىڭ ئىزى كۆرۈنمەس.
ئېرىقتا ئوينايتتىم دوستلىرىم بىلەن .
ئېرىق يوق بالىلار ئوينىماپتۇ بەس!
(2)
ئانام نان ياققان تۇنۇر چۇۋۇلۇپ،
قاشالىق مەنزىرە بوپتۇ ئورنىدا.
ھېيتكاھنىڭ بۈرجىگى كۆرۈنۈپ كەتتى،
دەرۋازا ئېچىلىپ ھاڭۋېقىپ شۇندا.
تەنھالىق ،غېرىپلىق تولغان چوڭ ئويدە،
دادامنىڭ قويلىرى كەلدى مەڭرىشىپ .
ۋىچىرلاپ قارلىغاچ ئايۋان سارايدا،
نەغمىلەر قوشاتتى تاتلىق بېقىشىپ.
قىرىقتىن ئاشقان تەنھا ئاكامنىڭ،
تۇرىدۇ بېشىدا تەۋەرۈك تەلپەك.
ئانامنىڭ كۆزىدەك بىلىنىپ كەتتى،
ئۇچاقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان كۆز ئەينەك.
چاڭ توزان ئۇچماقتا خىرامان ئويدە،
سۇپىلار، گىلەملەر ئۈستىدە قات -قات.
ئانام يوق بوزەك قىپ ئاكامنى، ئوينى،
دۇككان ئوي دادامسىز بوپتۇ ياۋا ئات.
(3)
چاقماققا يىراقتىن كەپتۇ ئەلچىلەر،
بىر بىنا پۈتكىدەك ئورنىدىن پەۋەس.
پۇللارغا كۆمگىدەك ئون قىز- ئوغۇلنى،
بىز گويا شۇ پۇلغان قىلغاندەك ھەۋەس.
ئانامنىڭ ھىدى بار بۇ كونا ئويدە،
دادامنىڭ روھى ھەم ئىشىك تۈۋىدە .
ئولتۇرار سەگۈدەپ ئۇرۇندۇقتا ئۇ،
تاكى مەن كىلىپ تاكى قارام يۈتكىچە.
توپا چاڭ ئاستىدا بالىلىق ئىزلار،
ئۇچاقتا ئانامنىڭ قولى كۆرۈنەر.
ئوت قالاپ ئولتۇرغان ئانام يېنىغا،
دادامنىڭ مىھىرلىك بېقىشلىرى يار.
توپىلار باسسىمۇ ھويلا -ئارامنى ،
پاكىزە كۆرۈنەر ھەممە- ھەممە ياق.
ھەپتىدە يىغىلىپ تۇردۇق بۇ سەۋەپ،
سامانلىق شۇپېتى،دادامدەك ياپ- ياش.
(4)
ھېيتكارىم ئەسلىدە يېڭى شەھەرتى،
ئەمدى ئۇ كونا بىر شەھەر ئاتالدى.
يېڭىلىق كۆچۈپتۇ يىراق يېقىندىن،
ساپسېرىق ئالتۇنلار تىگىدە قالدى.
مەن غېرىپ بۇ كونا شەھەر ئىچىدە،
تۇنۇشقا ھېچ قاچان ئىمكان بولمىدى.
چوڭ ئۈيۈم قېپ قالسۇن ئۆرۈلگەن قەدەر،
ئۆچمىسۇن بۇيەردىن «سۈرەت» ئىزلىرى.
2013-2-7 " كېرىيە " ئايشەمگۈل بارات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuzum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-8 12:32 AM
|
|
|
|
|
|