مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6712|ئىنكاس: 0

نىمىگە ئاساسەن « ساقال قويۇش ۋە چۇمبەلتارتىش » چەكلىندۇ؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 343
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 09:14:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىمىگە ئاساسەن « ساقال قويۇش ۋە چۇمبەلتارتىش »چەكلىندۇ؟

لاڭ ياۋيۇەن

دولان تەرجىمىسى


  غۇلجا شەھرىدە قاناتيايدورىلغان « دىنىيكەيپىياتنى سۇسلاشتورۇپ، مەدىنىي-ساغلام تۇرمۇشنى قەدىرلەش » پائالىيىتىڭ خەۋىرى سۇمرۇغ، سىنا قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ توربېكىتىنىڭ باش بىتىدە خەۋەر قىلىندى. بۇپائالىيەتتە « بارلىق كوچا باشقارمىسىدىكى ئازسانلىق مىللەت ئاياللىرى ۋەياشلارنىڭ  دىنىي تۇستىكى كىيىم كېيىشى،ساقال قويىشى ۋە چۇمبەل تارتىش قاتارلىق ناتوغرا كەيپىياتنى ئۇزىل-كىسىل يوقۇتىش »تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىشقا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.

  مەندەك كۆرگەن-بىلگىنى ئاز گاداي تالىپنىڭ «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتورىش » دىگەن سىياسىي ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم،دىنىي ئېتىقاد دىگەن چۇقۇنغۇچىلاردا شەكىللەنگەن پۇتۇن ۋۇجۇدىغا سىڭگەن قەتئىتەۋرەنمەس بۇيۇك ئېتىقاد بولۇپ، ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ دىلىغا « چوڭقۇر »ئورناپكەتكەن بولىدۇ، جوڭگودىكى ئاتام زاماندىن بېرى باربولغان داۋجىياۋ، بۇددا،خىرىستىئان، كاتولىك ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىق بەش چوڭ دىننى « سۇسلاشتۇرىش »دىگەنلىك « ئاجىزلاشتۇرىپ يوقۇتىش » دىگەنلىك بولۇپ، بىھۇدە ئورىنىشتىن باشقانەرسە ئەمەس، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئالاھىيدىلىگى شۇكى ئۇنىڭ مۇققەددەسلىكى، سۇرلىكلىكى،سادىقلىقى ئېنسانىيەتنىڭ مۇكەممەللىككە ۋە ئاخىرزامان قارىشىغا چوڭقۇر سىڭىپ،ئېتىقادچىلارنىڭ دىلىغا چوڭقۇر ئورناپكەتكەن بولۇپ قانداقمۇ خالىغانچەسۇسلاشتۇرغىلى بولسۇن؟

  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىگى ھازىرقى زاماندىكىئىنسانىيەت ئەركىنلىكىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى، پۇتۇن دۇنيا دىنىي ئېتىقادئەركىنلىكىنى ئىزچىل « پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى » نىڭيادروسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا ھەرقانداق پۇقرانىڭ دىنغا ئىشىنىش ياكىئىشەنمەسلىك ئەركىنلىگى بولۇپ، ئاتا-ئانىنىڭ ھەتتا قورامىغا يەتمىگەن پەزەنتىگەدىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكىنى تاللاش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانبولۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مەجبۇرىيدەخلى-تەرۇز قىلىشىغا، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئارلىشىشقا بولمايدىغانلىغىنى تەكىتلەيدۇ.

ماركىس « 哥达纲领批评 » دىگەن كىتاۋىدا « ھەر بىر كىشىنىڭدىنىي ئىھتىياجى خۇددى جىسمانىي ئىھتىياجدەك مۇھىم بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئارلىشىشقابولمايدۇ » دەپ كۆرسىتىدۇ. « دىننىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرىش » بولسا، ئەمىلىيەتتەھوقۇقنىڭ دىنغا بولغان بىر خىل بېسىمى شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادچىلارنىڭ ئىرادىسىگەخىلاپ ھالدا مەجبۇرىي تەڭىلغان بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەت مەيلى مەخسەتلىك ياكىمەخسەتسىز بولسۇن،  پۇخرالارنىڭ دىنىيئېتىقات ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ.

  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جوڭگونىڭ ئاساسىيقانۇنى پۇقرالارغا بەرگەن بىرخىل مۇققەددەس ھوقۇق شۇنداقلا كومپارتىيەنىڭ ئاساسىيدىنىي سىياسىتى، « ئاساسىي قانۇن » نىڭ 36-ماددىسىدا « جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتىپۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار، ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىتەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىككە مەجبورلاشقا،دىنغا ئىشىنىدىغان ۋە ئىشەنمەيدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ، دۆلەتنۇرمالنى دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ » دەپ بەلگۇلەنگەن. دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىمۇپۇتۇن دۇنياغا « جوڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەقىقى بولۇپ ئۆزگەرمەيدۇ »دەپ بايانات ئىلان قىلغان، ئۇنداقتا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىنىي سىياسىتى « ھەقىقىئۆزگەرمەس » تۇرسا، نىمە ئۇچىن غۇلجىدا يەنە ئاشۇنداق بىمەنىلىك يۇز بىرىدۇ؟

  غۇلجىدا « دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتورۇش » نىكەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپلا قالماي بەلكى كىشىنى خاتىرجەمسىزلاندۇرىدىغىنى شۇكىمەجبرىي ھالدا « ساقالنى چۇشۇرىپ چۇمبەلنى ئېچىۋىتىش » نى كىم ئويلىسۇن، ئۇنىئازدىگەندەك ئىسلام مۇخلىسلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەرەپچە كىيىمى، ساقېلى ۋە چۇمبەل تارتىشىنى« بىنۇرمال ئەھۋال » دەپ قاراپ « ئومۇمىييۇزلىك يوقۇتىش » قا مەجبۇرىي بۇيرىققىلغانلىقى، ئىختىيارسىز ھالدا تالىبان ھاكىمىيەت يۇرگۇزگندە « بارلىق ئەرلەرچۇقۇم ئىككى ئاي ئىچىدە ساقال قويىشى لازىم خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق جازالىنىدۇ» دىگەن پەرمانىنى ئەسلەپ قالىدۇ كىشى.

  بىر دىننىڭ دىن بولۇپ شەكىللىنىشى ئۇچ قاتلاملىققائىگە، بىرىنجىسى دىننىڭ ئىددىيىۋى قارىشى ۋە دىنىي ئەقىدىسى، ئىككىنجىسى دىننىڭپەيغەمبىرى ۋە چۇقۇنىدىغان ئوبىكىت، ئۇچىنجىسى دىنىي تۇزىم ۋە دىنىي تەشكىلات. ھەربىردىنئوخشىمىغان سىمۇۋۇللىق ئىتىقادقا ئىگە، مەسىلەن بۇددا دىندا راھىپلار تاقىرباشبولۇپ، بەدىننى كاسايا بىلەن ئورايدۇ، مۇسۇلمانلار ئەرەپچە كىيىنىپ، ئەرلەر ساقالقويىدۇ، ئاياللار چۇمبەلتارتىدۇ، شۇنىڭ ئۇچىن غۇلجىنىڭ ئىسلام ئەنئەنىسىنى «بىنۇرمال ئەھۋال » دەپ قارىشى بىرخىل دىنىي كەمسىتىش ھەركىتى بولۇپ «ئومۇمىييۇزلىك يوقۇتىش » قا مەجبۇرلىشى دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىشقىلمىشى ھىساپلىنىدۇ، بۇ بىرخىل ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىق شۇنداقلا ئاساسىيقانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق.

  ئەرەپچە كىينىش، ساقال قويىش ۋە چۇمبەلتارتىشئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى، ئىسلام مەدىنىيىتىمۇ ئۇزۇن تارىخىيجەرياندا، باشقا مەدىنىيەتلەرنىڭ ئۆزارا تەسىر كۆرسىتىشى، سىڭېشى، قۇشۇلىشىجەريانىدا ئۇزىنى ئۇزلىكسىز بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۇرگەن، ئىسلامى كىيىم-كىچەكلەرئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ بىرقىسمى شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئۆزگىچە بىر ئالاھىيدىلىگى. ئەرەپئاياللىرى چۇمبەلتارتىپ پۇتۇن بەدىننى ئورىۋالىدۇ، ئىسلام كىيىم-كىچەك مەدىنىيىتىنىڭبىردەكلىكى، ئىسلام دىني ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممەت قارىشىنىڭ بىرى بولۇپ مەدىنىيەت،تارىخ، دەۋىر ۋە گۇزەللىكتىن ئىبارەت ھەرقايسى ئامىللارنىڭ يىتەكچى ئىددىيسىگەقوماندانلىق قىلىپ مۇشۇخىل ئەخلاق قارىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭنىپىز، ئۇچۇق ياكى يەرىم ئۇچۇق كىينىشىشىنى ياكى كۆكسى، بىلى، دۇمبىسى ئۇچۇقكىيىنىشىنى قەتئى چەكلەيدۇ. ئىسلام كىيم-كىچەك مەدىنىيىتىنى غەلىتە كىيىم-كىچەكمەدىنىيىتى دەپ قاراش، ئىددىيە جەھەتتىكى قاتماللىقنى كەلتۇرىپ چىقېرىدۇ، بۇ ئېنىقبولغان باشقا مەدىنىيەتنى يەكلەش ھىساپلىنىدۇ.

غۇلجىدىكى ئىسلام ئەنئەنىسىدىكى كىيىمنىسەلىۋىتىشكە مەجبۇرلاپ « يىڭى ئادەت » نى تەشەببۇس قىلىشى، ئېقىلسىزلىقمۇ ياكىئەخلاقسىزلىقمۇ ؟ بىلگىلى بولمايدۇ، كوچىلاردا سەتىۋاتقان « 时尚 » ژورنىلىغا قاراپ باقايلى، ئاشۇ ژورنالغا بەسىلغانيەرىم يالىغاچ كىيىم-كىچەكنى مۇسۇلمانلار كىيسە مۇۋاپپىق بولامدۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭشەخسى ئەركىنلىكىگە يەرلىك ھۆكۇمەت نىمە ئۇچۇن ئارلىشىدۇ؟ خەنزۇلارنىڭكىيىم-كىچىكى مەدىنيەت ئىنقىلاۋىدا بىرخىللا ئىدى، ئىسلاھاتتىن كىيىن رەڭگارەڭ تۇسئالدى، ھازىرغىچە بىرەر ئورگان ياكى رەھبەر ئارىلاشتىمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا باش شۇجىخۇياۋباڭ باشلامچىلىق بىلەن كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ ئۆلگە كۆرسەتكەن، بىراقپۇخرالارنى كىيىشكە مەجبۇرلىمىغان، ئەگەر ئازسانلىق مىللەت مەدىنىيىتىنى ھەقىقىھۆرمەتلەش ۋە قوغداشنى بىلمىسەك، سىياسىي مەدىنىيلىك ۋە ھاكىمىيەت يۇرگۇزىشتىنقانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟

  « ساقال » خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدە ئارتۇق نەرسەچۇشۇرىۋەتسە بولىدۇ، بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ساقال ئەرلىك بەلگىسى ۋەئاللاغا بولغان ئېتىقادنىڭ سىمۇۋۇلى، پىشقان ئەرلىككە، باتۇرلىققا، ئىمانغا ۋەئەرلىك ئوبرازغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە. چۇنكى مۇھەممەت ئەلىيكىسالام ۋەساھابىلەرمۇ ساقال قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ساقال قويۇشى باشقىلارنىڭھۆرمىتىگە نائىل بولىدۇ، شۇڭا ساقال قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلىخالىغانچە ئالىدىغان نەرسە ئەمەس بەلكى دىنىي ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.

  غۇلجا شەھرىگە قاراشلىق رايۇنلاردىكىمۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلىنى مەجبۇرىي چۇشۇرىشى ۋە بەزى كۇچا باشقارمىللىرىنىڭ « قانۇنتەربىيە سىنىپى » ئېچىپ، ئۇچ ئاي ئىچىدە چۇقۇم ساقىلىنى چۇشۇرىشكە مەجبۇرلىشىنىڭ،مەدنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى 10 يىللىق قالايمىقانچىلىقتا مۇسۇلمانلارنى چوشقا بەقىشقامەجبۇرلاش ۋە قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەردە چوشقا گوشى يىگەن بىلەن نىمەپەرقى؟ ئەجىبا مۇسۇلمانلار ساقىلىنى چۇشۇرىۋەتسە جەمىيەت تەخىمۇ مۇقىم، شەھەرتەخىمۇ مەدىنىي، بولگۇنچىلەر ئۇزىل-كىسىل تۇگەرمۇ؟ مىنىڭچە بۇخىل يولسىزلىقئۆچمەنلىكنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ خالاس.

  ئاتاغلىق بۇددا دىنىي داھىسى جاۋ پوچىۇ ئەپەندى« ئىلگىركى سولچىل ئىددىينىڭ تەسىرىدە دىننى ھۆرمەتلەنمەسلىك، دىننىڭ مەدىنىيەتخاسلىقىغا سەلقارىغانلىق، ھازىرقى دىنىي مەدىنىيەت ئامىلىنىڭ گەۋدىلىنىشى، دىننىڭبىر خىل ئېتىقاد شۇنداقلا بىرخىل مەدىنىيەت بولغانلىقىدا، دىننىڭ مەدىنىيەتشەكلىنى تەكىتلەش كىرەككى، ھەرگىزمۇ دىنىي ئىتىقادنى سۇسلاشتۇرۇشنى تەكىتلىمەسلىككىرەك » دەيدۇ. مىنىڭچە ئەگەر دىن سۇسلاشسا، مەدىنىيەتمۇ سۇسلىشىدۇ. ھازىرقىجوڭگودىكى ھەرخىل رەزىللىك ۋە قالامىقانچىلىقنىڭ كۆرۇلىشى بۇنىڭغا مىسال ئەمەسمۇ؟ئەخلاقنىڭ يوقۇلىشى، ئېتىقادنىڭ يىمىرلىشى، ئەمەلدارنىڭ چىرىكلىشىشى، نۇرغۇنكىشىنىڭ دىنغا ئەمەس بەلكى ھوقۇق بىلەن پۇلغا چۇقۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.ئامىرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زوڭتۇڭى ئەركىنلىك ختابنامىسىنىڭ بەرپاچىسى جىپپىرسۇن «ئەخلاق جەمىيەتنىڭ ئولتېشى، دىن ئەخلاقنىڭ قوغدىغۇچىسى » دەيدۇ. ئېتىقادى يوقجەمىيەتتە ھەرقانداق « رەزىللىك » يۇزبىرىدۇ، ئېتىقادى يوق ئادەم ئېدراكىيئەخلاقنى يوقىتىپ، ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىشتىن يانمايدۇ.

  يەرشارلىشىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە، دىنىيئېتىقاد ئەقلىي ئىدراكقا ۋە ئىلگىرىلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دىننى ھەرگىز يوقاتقىلىبولمايدۇ ۋە يوقالمايدۇ، چۇنكى بۇدۇنيا ئېتىقادقا مۇھتاج. ئىنسانىيەت جەمىيىتى «دىنىي مەدىنىيەت » جەمىيىتىدىن « ئۆرىپ-ئادەت مەدىنىيەت » جەمىيىتىگە ئۆتكەن،جەمىيەتنى ئىدارە قىلىش « ئىلاھ ئىدارە قىلىش »، « ئادەم ئىدارە قىلىش » ۋە «قانۇن ئىدارە قىلىش » قا تەرەققىي قىلغان، دىنسىزلاشتۇرىش دىنىي ئېتىقادنى ھەرگىزيوقۇتالمايدۇ ۋە سۇسلاشتۇرالمايدۇ بەلكى زامانىۋى تەرەققىياتتا دىنىي ئېتىقاد «سىجىل تەرەققىيات » نىڭ ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچى بولىدۇ.

« دەھرىيلىشىش » ئىككى قاتلاملىق مەنىگە ئىگە، بىرىنجىسى «دەھرىيلىشىش » يەنە « ئىلاھسىزلاشتۇرىش » دىگەنلىك بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئىلاھقارىشىنى يوقۇتىشنى كۆرسىتىدۇ. « دەھرىيلىشىش » تىن كىيىنمۇ دىننىڭ ماھىيىتى ۋەقىممەت قارىشى يەنە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىككىنجىسى « دەھرىيلىشىش » زامانىۋىلىقنىڭبەلگۇسى ئەمەس، دىن يەنىلا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، تۇرمۇشىدا، ئومۇمىييۇزلىك ساقلىنىدۇبەلكى ئەبىدىي يۇقالمايدۇ.

  رەئىس خۇ جىنتاۋ «بىزنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائى ساھەدە، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمەت ئومۇمىيلىقىغامۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش لازىم، بۇ مىللىيمۇناسىۋەت ۋە دىنىي مۇناسىۋەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەڭى دەۋىردىكى دىنىيجەھەتتىكى مۇھىم ئىش ‹ دىننى سوتسىيالىستىك جەمىيەتكە ماسلىشىشقا ئاكتىپ يىتەكلەش،دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سورىشتىكىئاكتىپ رولىنى جارىي قىلدورىش، دىننىڭ جەمىيەتتىكى رولى ۋە قىممىتىنى جارىيقىلدورىشتا ئاۋال ئېتىقادتىكى باراۋەرلىككە ھۆرمەت قىلىش › ۋە بىرگە مەۋجۇتبولۇشتا چىڭ تورۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە چۇشۇنىشنى ئېلگىرى سورىپ، ئېچىۋىتىلگەن ئازادەيىڭى تۇرمۇش ئاتاقىلىش لازىم. كۆپ قۇتۇپلىق ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدىنىيەتكەيۇزلەنگېنىمىزدە، جوڭگۇنىڭ ئېچىۋىتىلگەن جەمىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇش ئۇچۇن ‹ بىر خىلقىممەت قارىشى › غا مەجبۇرلاش مۇمكىن ئەمەس بەلكى مول رەڭگارەڭ مەدىنىيەت مۇھىتىدائىناق بىرگە ياشايدۇ » دىدى. دىننىڭ ئۆزى بىرخىل مۇستەقىل تۇرمۇش شەكلى، ھاكىمىيەتيۇرگۇزگۇچىلەر ھەرگەز رەڭلىك ئەينەك تاقاپ باھا بەرمەسلىكى، ئاددىي ھالدىكىقوپاللىق، ياخشى ئىشنى بوزۇپ قويىدۇ خالاس.

  دىنىي كەڭچىلىك،دىنىي ئەركىنلىك، ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولسا ئىددىيە ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدانئەركىنلىكىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشنىڭ مۇھىم يولى، بىراق ئىددىيە ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدانئەركىنلىكى نۆۋەتتىكى مەملىكىتىمىزدە ھەقىقەتەن كەم ئۇچرايدۇ.


مەنبە:

http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e7ps.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 01:37 AM  


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
furkat2 + 97 ياخشى پىكىر ئاللاھ ئە.
Sebr@ + 11 نىمىشقا تاقايدۇ دەيمە.
شىرئەلى + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
zulpikarjan880 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
ئىپارە + 99 توغرا دەپتۇ!
نۇرنىسا + 30
Xaparang + 15 ئاجايىپ غارايىپ ئىشلا.
kumkazi + 10 توۋا دىمەڭلا، تاقىمىس.
puxayman21 + 10 تاقاشقا بەك ئامراق
MY_Dreām + 39 تاقاپتۇ ، توۋا !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 331   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش