ئۇيقۇ خاتىرىسى
(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە)
(1)
سەھەردىكى ئۇيقۇ
خۇدا رەھمىتىنى زىمىنغا چاچقان،
كائىنات بىر نەپەس ئۈچۈن جان تالىشىۋاتقان،
تاڭ سەھەردە
سەھەردەك جىمجىت ۋە گۈزەل
سەھەردىكى ئۇيقۇ.
جىرىڭلىغان سائەتنى بىسىۋىتىپ،
ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىۋىتىپ،
چۈشۈمدىكى قىزنى چاقىرىمەن يەنە.
چۈشۈمدىكى قىز
ئەڭ ئاخىرقى بەش مىنۇت ئۈچۈن
كەچكۈزىدۇ مېنى ھاياتتىن.
بۇ يەرنىڭ سەھىرى راستىنلا جىمجىت
ئاڭلانمايدۇ پادىچى ناخشىسى،
ئاڭلانمايدۇ خوراز چىللىشى.
ئاڭلانمايدۇ ھىچ قانداق ۋاڭ- چۇڭ
ئاڭلىنىدۇ پەقەتلا خورەك ئاۋازى.
ئەنسىرەيمەن پەردىنى ئىچىۋىتىشتىن،
ئەنسىرەيمەن قۇياشنى كۆرۈپ قېلىشتىن.
ئەنسىرەيمەن چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمنىڭ،
كۆزۈمنى ئاچساملا چۈش بوپ قىلىشتىن.
ئاھ،نېمىدىگەن تاتلىق ئۇيقۇ بۇ!
ئېشىپ چۈشىدۇ
نەچچە ئاخشام ،
نەچچە يىللىق،
نەچچە ئەسىرلىك ئۇزۇن ئۇيقۇدىن.
باشقىلار ئۇخلىسا ئۇخلىسۇن
چۈشتە،ئاخشامدا،ئىش ئۈستىلىدە،
بىز ئۇخلايمىز ئەڭ شىرىن ئۇيقۇنى
گۈزەل سەھەردە.
سۈرىمىز ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى،
يوتقان ئىچىدە.
ئاھ، سەھەردىكى لەززەتلىك ئۇيقۇ!
تارتىۋالاي ئۆزۈمنى قانداق
سېنىڭ قوينۇڭدىن؟
لايدەك ياتقان تەن،
قىلىن يوتقان،
كۆزى يۇمۇقلۇق
ئاغزى ئېچىقلىق
ئۇخلاۋاتقان ئادەم،
قاراڭغۇ ھۇجرىدىكى
مىڭ ئىككىنچى كېچە.
مەن ئۇخلاۋاتىمەن،
سەھەردىكى ئۇيقۇدا.
بىر تىنىق ئۈچۈن تىركىشۋاتىمەن،
ئۇيقۇ بىلەن ئۆلۈم ئارلىقىدا.
ناخشا ئېيتىدۇ يىقىملىق شەيتان،
چاقىرىدۇ ئىسمىمنى دەججال.
ئۆلۈم ئەسكە چۈشسە باسار ۋەھىمە،
چىقىدۇ ياشاشقا چوقۇم باھانە.
ئېسىمدە ،
يىغىن بار بۈگۈن
سائەت سەككىزدە.
دېمىدىمۇ باشلىق:
«ئىشقا بۇرۇن چىق،
يۇقۇردىن تەكشۈرۈش
كېلىدۇ ئەتە.»
ئانامنىڭ نەچچە رەت توۋلىغىنى،
مەسچىتتىن ئاڭلانغان ئەزان ئۈنى،
بۇزۇۋىتەلمىگەن سەھەردىكى ئۇيقۇمنى
قاچۇرۋەتتى باشلىقنىڭ سۆزى.
(2)
چۈشتىكى ئۇيقۇ
ھالسىرىغان زىمىن ئۈستىدە ،
تۇرار قوياش ئېغىر ئۇھ تاتىپ.
كۈندۈزلەرگە تەئەللۇق دۇنيا
كېچىلەرنى قالغان سىغىنىپ.
ئەتراپ ئىسسىق،شۇنچىلىك ئىسسق،
توختاپ قالدى جايىدا شامال .
قوڭغۇراقلىق تۆگىلەر كەلسە،
ئارىلىشۋالدى چۈش بىلەن خىيال.
چايخانىدا ئۇخلاپ قالغان قىز
ئۇنتۇپ قالدى ۋاقىتنى بىردىن.
ئەسكى-تۈسكى يىغىپ ساتقۇچى،
ئاستا مېڭىپ ئۆتتى كوچىدىن.
رەڭلەر بىلەن يارالغان دۇنيا،
يۈتۈپ كەتتى رەڭلەر ئارا.
تىمتاسلىققا چۆككەن تەبىئەت،
ئۇخلاۋاتقان چۈشلۈك ئۇيقۇدا.
(3)
قاۋاقخانىدىكى ئۇيقۇ
قۇرۇق گەپكە بولدۇم ھىرىسمەن،
ئەي ئاغىنەم كەلسەڭچۇ بىردەم.
سۈكۈتلەرنىڭ ئىچىدە ياشاپ،
ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئاشۇ ھاياتنى
سېغىنىپ قالدىم تۇيۇقسىزلا مەن.
-بىزنىڭ رۇستى يوق بولۇپ كەتتى،
ئاڭلىسام ئىچكىرگە كىرىپ كىرىپ كېتىپتەك،
ھەي!
خوشنىمىز نامانغا ئۇۋال بولۇپتۇ،
ئالغان قويىدىن زىيان چىقىپتەك.
گازىرىڭدىن قۇيغىنە ئىككى تال
راست،
توي ئېشىڭ قانداق بولدى؟
بىلگەنتىم سېنىڭ
جىم بولۇپ كەتكىنىڭنى.
يىگىت دىگەنگە قىز بالا ئازمۇ،
قارا
شۇنداق ئاسان بەل قويۇۋەتكىنىڭنى.
سائىتىڭگە قارىما بولدى،
مۇھىم ئىشلار تۇرۇپ تۇرسۇن
مۇھىم پىتى.
«قىززىق نۇقتا»،
«جاھاندىكى ئىشلار »
تۈگىمەس يىغىن،
كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىمى،
بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرگەندەك
بىزگىمۇ تەلمۈرۈپ ساقلاپ تۇرسۇن.
بىز بۈگۈن تاڭ ئاتقۇچە مۇڭدىشىپ
پاراڭ قىلىمىز.
بىزنى ساراڭ قىلغان ۋاقىتنى
بىزمۇ تازا گالۋاڭ قىلىمىز.
بىلىمدارلار تۇرىۋەرسۇن
سۈكۈت قىلىپ،
بىز كىملەرنىڭدۇر ئۈستىدىن
جۆيلۈپ تۇرىمىز
شىكايەت قىلىپ.
قىززىق ،
پىراففىسور تۇرۇۋالسا قاپاق تۈرۈپ،
گاس ئوقۇغۇچى
تىرنىقىنى تاتلاپ قالسا،
بىر ناداننى بىلىملىك قىلىپ
تارىخچىلار پۈتۈپ قويسا،
قانداق گەپ بۇ!
ھوي بالا
رومكىلارغا مەي قۇيغىنا!
نەگە كەلگەن؟
ھەي،
ئۇنتۇپ قالدۇق گەپ قىلىشنىمۇ.
كاللىمىزغا كەلگەن بىر ئويغا
ئېغىزىمىز سۆزلۈك ئىزدەيدۇ،
كالپۇكىمىز تىترەيدۇ ئاستا
نەدە قالدى ئاياق بوغۇمى،
چىقىپ كىتەر باشقا بىر تىلدا.
يەنە «ئاق»تىن
كەلتۈرەمدۇق يا ،
«نىمىشقا؟»
بىزمۇ قەستەن ساراڭ بولۇۋىلىپ
تىللىمامدۇق راسا دۇنيانى.
تۇتىۋىلىپ تازا قويمامدۇق
بىزنى ماراپ يۈرگەن بىر گۇينى.
بولۇپ قالسا سورىقى ئەتە
ھەممىسىنى پۈتكۈل گۇناھنىڭ
ئارتىپ قويمامدۇق ئۆلگۈر ھاراققا.
(كەيىپچىلىكتە دېگەن گەپلەرنى
كىم سالالايتى پىرىنسىپقا).
يېغىپ قالسا تەنقىتلەر بەكرەك
ئانچە -مۇنچە غودۇراپ قويۇپ
شۈك تۇرۇۋالمامدۇق بۇرۇنقىدەك.
شۈك تۇرۇۋىلىش-
بىز ياراتقان ئاجايىپ سەنئەت،
چىققان شۇنچە قاتتىق بوراندىن،
ئۆتۈپ كەتتۇق شۇڭا سالامەت.
بولدىلا،نېمە پايدىسى .
ئەي ساقىي چالغىنا،
يىنىك بىر مۇڭغا.
بىز ئازابنى سىزىشتىن بۇرۇن
غەرق بولايلى
شېرىن ئۇيقۇغا.
2013-يىل2-ئاينىڭ 7-كۈنى
مەنبە: ئۆز يازمام (شەمەر)