|
|
|
|
ئادەم ماشىنا ۋە پاراخۇتقا چىققاندا نىمە ئۇچۇن بېشى قايىدۇ (تەرجىمە قىلغۇچى:تىلماچ13) ماشىنا ياكى پاراخۇتقا چىققاندا،بەزىلەر ئىنتايىن ئازاپلىنىدۇ،كۆڭلى ئېلىشىپ،بېشى قايىدۇ،ھەتتا قۇسۋېتىدۇ،بۇ زادى نىمە ئۇچۇن؟ سەۋەبى شۇكى،ئادەم بەدىنى تەڭپۇڭلىقىنى يۇقىتىدۇ.چۇنكى ئادەم بەدنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى كونتىرول قىلىدىغان ئورگان قۇلاقنىڭ ئىچىدىكى سىكلېروتىن ئىنچىكە نەيچە ۋە يېرىم سىركوليار قانىلىغا يۇشۇرۇنغان بۇلۇپ،ئۇلار قۇلاقنىڭ چۇڭقۇر يېرىدە بۇلىدۇ ھەمدە نەيچە ئىچىگە سۇيۇقلۇق تولغان بۇلۇدۇ.شۇنداقلا نەيچىنىڭ ئاستىنى كۇنۇس شەكىللىك نېرۋا قاپلىغان بۇلۇپ،ئۇچ تال كىچىك نەيچىنىڭ ئۇرۇن جەھەتىكى شەكلى: بىرسى تىك،بىرسى تۇز،بىرسى يانتۇ بۇلىدۇ.ئادەم مەشىنا ياكى پاراخۇتقا ئولتۇرغاندا ھەددىدىن زىيادە تەۋرەنگەندە ياكى ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتكەندە، يېرىم سىركوليار قانىلى ئۇچرىغان غىدىقلىنىش ناھايتى ئېغىر بۇلۇپ،نەيچە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇزلۇكسىز ھالدا كۇنۇسسىمان نېرۋىغا ئۇرۇلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.شۇنۇڭ بىلەن بىرگە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئىختىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرىدۇ. ئەمما،دېڭىز پاراخۇتىدىكى پاراخۇت خىزمەتچىسىنىڭ نىمە ئۇچۇن بېشى قايمايدۇ؟چۇنكى ئۇلار مۇھىتقا ماسلىشىدىغان بىر باسقۇچنى بېشىدىن كەچۇرگەنلىكتىن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇشى دېڭىز پاراخۇتىدا ئۆتكەنلىكتىن،ئاستا-ئاستا كۆنۇپ قالغان بۇلۇپ،نېرۋا سېستىمىسىدا قالايمىقانلىشىش پەيدا بولمايدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ بېشى قايمايدۇ. مەنبە: خەنزىچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-7 05:42 PM
|
|
|
|
|
|