|
|
|
|
كىشىلەر نىمە ئۇچۇن ياۋا چېچەك (قىزىل) دىن قورقىدۇ (تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13) تىببى ئىلىم ئانچە تەرەققى تاپمىغان دەۋىردە،نۇرغۇنلىغان بالىلار ياۋا چېچەك(قىزىل)كېسىلى بىلەن ئۆلۇپ كىتىدۇ.بۇنىڭدىن ياۋا چېچەك(قىزىل)كېسىلىنىڭ تۇلىمۇ قوقۇنۇشلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۇۋالغىلى بۇلىدۇ.چېچەك(قىزىل) كېسىلى قورقۇنۇشلۇق بولغان ئىكەن،ئۇنداقتا نىمە ئۇچۇن ھازىرقى بالىلارنىڭ چېچەك(قىزىل) كېسىلى بىلەن ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىمايمىز؟ ياۋا چېچەك(قىزىل) كېسىلى ۋىروس كەلتۇرۇپ چىقارغان بىر خىل ئۆتكۇر خاراكتىرلىق يۇقۇملۇق كېسەل.ئادەم ۋە بەزى سۇت ئەمگۇچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇملىنىدۇ.يۇقۇملانغاندىن كىيىن،تەدرىىجى قاپارتمىغا ئايلىنىدۇ.ئەڭ دەسلەپتىكى كىسەللىك ئالامەتلىرىدە،ئېغىرقىزىتىدۇ،ئارقىدىنلا بىمارنىڭ پۇتۇن بەدىنىدە قىزىل دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بۇلىدۇ، تەدرىىجى قاپارتمىغا ئايلىنىپ،ئەڭ ئاخىرىدا سېسىپ،ئوتتۇېسى ئويمان بۇلۇپ قالىدۇ.ئادەم بەدىنى، مەسىلەن: ئېغىز بوشلىقى ۋە نەپەس يولىدا يارا پەيدا بۇلۇپ،ئادەمنى تۇنجۇقتۇرىدۇ.ئەڭ كۆرىنەرلىك بولغاندا بىمارنىڭ بەدىنى سېسىپ ئۆلۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.ئەگەر ياۋاچېچەك(قىزىل)كېسىلى بىمارلىرىدا دۆڭچە ئەسۋە يامان سۇپەتلىك قاپارتمىغا ئايلانمىسا،10كۈن ئەتراپىدا قاقاچ تۇتىدۇ،ئادەمنىڭ ئومرىدە بىر قېتىملىق چېچەك كىسىلى ئۆتۇپ كەتكەندىن كىيىن،قايتا چېچەك چىقمايدۇ.ئەمىليەتتە ئادەمنىڭ مەخسۇس ياۋا چېچەكتىن يۇقۇملىنىشقا قارشى ئىقتىدارى بۇلۇپ،بۇ ئىممونېت دەپ ئاتىلىدۇ.بىراق بۇ خىل ئىممونېت پەقەت باكتىريە،كېسەللىك باكتىريىسى قاتارلىق ئانتىگېن دەپ ئاتىلىغان نەرسىلەرنىڭ غىدىقلىشى ئاستىدا ئاندىن يۈز بىرىدۇ. بالىلىق مەزگىلدە ئىممونېت ئىقتىدارى تېخى تۇلۇق يىتىلمىگەنلىكتىن،ياۋا چېچەك(قىزىل)قاتارلىق تۈرلۇك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى ئىقتىدارىمۇ ئاجىز بۇلىدۇ.بۇگۇنكى كۈندە بىز بالىلارغا كالا چېچىكىنىڭ ۋاكسىنىسنى ئەملەش ئارقىلىق ياۋا چېچەك(قىزىل)كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چۇشۇنۇپ،ئۆمۇرلۇك ئىممونېتلىدۇق.شۇڭا ھازىرقى بالىلارغا چېچەك چىقمايدۇ. مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-7 02:07 PM
|
|
|
|
|
|