سۈرىيەلىك ئايال ئۇقۇتقۇچى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئىلىش ئۈچۈن مەرگەن ئايالغا ئۆزگەردى .
ئەنگىلىيە دىڭىز مۇھاپىزەت گىزىتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرى.
سۈرىيەلىك بىر ئىلگىركى ئىنگىلىز تىلى ئايال ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ئىككى بالىسى بۇلتۇر ھاۋا ھۇجۇمدا پارتىلاپ ئۈلۈپ كەتكەن ئىدى ، باللىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئىلىش ئۈچۈن بۇ ئايال ئۇقۇتقۇچى قۇلىغا قۇرال ئالدى . قۇرالنىڭ ئۇچىنى سۈرىيە ھۈكىمەت ئارمىيسىگە توغرىلاش ئارقىلىق سۈرىيەدىكى يەرلىك نۇرغۇن ئاھالىلەر پىششىق بىلىدىغان <<ئايال مەرگەن>> بۇلۇپ قالدى .
بۇ ئايال مەرگەننىڭ لەقىمى گىۋارا(Guevara) ، ئۇ بىشىغا ياغلىق چىگىپ ، يىشل ھەربى فورما كىيىپ پارتىلىتىپ ۋەيران قىلۋىلىتلگەن بىر بىنادا يۇشۇرنۇپ تۇرۇپ دۈشىمەن -سۈرىيە ھۈكىمەت ئارمىيسىنىڭ پەيدا بۇلۇشىنى كۈتۇپ تۇرىدۇ .
بىر مۇتەئەسسىپ مۇسۇلمان دۆلەتتە ، ئۇرۇش ئادەتتە بىر ئايال كىشى قىلشقا تىگىشلىك ھەرىكەت دەپ قارالمايدۇ . ئەمما گىۋارا ھەقىقەتەن سۈرىيە ئۆكتىچللىرى بىلەن سەبداش بۇلۇپ قالدى .
ئۇنىڭ دىيشىچە - ئۇ مۇشۇنداق بىر خىل ئۆزگىچە ، خەتەرلىك رولچى بۇلۇپ قالغانلىقىغا رازى ئىكەن . ئۇ يەنە مەن ئۇرۇشنى ياخشى كۈرىمەن . مەن دوسلۇرۇمنىڭ(ئۆكتىچى ئەسكەرلەرنىڭ) يىقلغانلىقنى كۆرگنىمدە ئۇلارنىڭ قىساسىنى ئىلىش ئۈچۈن قۇلۇمغا قۇرال ئىلىشىم كىرەكلىكنى ھىس قىلىمەن -دىدى.
مەلۇم بۇلۇشىچە ، يەتتە ئاي ئىلگىرى گىۋارانىڭ 10 ياشلىق قىزى بىلەن يەتتە ياشلىق ئۇغلى بىر قىتىمىلىق ھاۋا ھۇجۇمىدا پارتىلاپ ئۆلگەن . ئاششۇ ئىشتىن كىيىن ، 36 ياشلىق گىۋارا قۇلىغا قۇرال ئالدى . ..........
مەنبە
http://bbs.muslimwww.com/forum.php?mod=viewthread&tid=53492&extra=page%3D1
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-7 06:16 PM):
ئەنگىلىيە مۇھاپىزەت گىزىتى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرى- دەپ تۇغۇرلىۋلىڭ