ئادەم كۈلگەندە نىمە ئۇچۇن كۆزىدىن ياش چىقىدۇ
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13 )
ئادەم يىغلىغاندا كۆزىدىن ياش چىقىدۇ،ئەمما بەزى كۈلكىلىك ئىشلارنى ياكى ناھايتى قىزىقارلىق يۇمۇرلارنى سۆزلىگەندە،قاتتىق كۈلسىمۇ،ھەمىشە كۆزىدىن ياش چىقىدۇ.بۇ زادى قانداق ئىش؟
بىزنىڭ كۆز شارچىمىزنىڭ سىرتقى تەرىپىدە بىر بەز بۇلۇپ،بۇ ياش بىزى دەپ ئاتىلىدۇ،بۇ ئالاھىدە بولغان ياش ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورگان.ياش ئىشلەپ چىقىرىلغاندىن كىيىن، ئىنچىكە ۋە كىچىك ئۆتۇشمە يول ئارقىلىق قاپاققا يوللىنىدۇ،ئاندىن قاپاق ئارقىلىق پۇتكۇل كۆز شارچىسىغا يېپىشىدۇ.مەخسەت :بىرىنچىدىن كۆز شارچىسىنىڭ نەملىكىنى ،ئىككىچىدىن كۆز شارچىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش.
ئادەتتە ياشنىڭ چىقىرىلىش مىقدارى ھامان نۇرمال ھالەتنى ساقلايدۇ.قاپاق چىمچىقلىغان ۋاقىتتا،ياش بۇرۇن ياش ئېرىقچىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا يەتكۇزۇپ بىرىلىپ،بۇرۇن بوشلىقىغا تۇشۇلىدۇ.شۇڭا ياش كۆز چانىقىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ.
ئادەم يىغلىغان ۋاقىتتا،بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ بېسىم كۇچى ئېشىپ،بۇرۇن بوشلىقىغا يەكۇزۇلۇپ بىرىلىدىغان بۇرۇن ياش نەيچىسى تۇسالغۇغا ئۇچراپ،ياش ئېقىپ ئۆتەلمەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن كۆز چاناقتىكى ياشنىڭ مىقدارى بارغانسېرى كۆپىيىپ،پاتماي قالىدۇ-دە،ئەڭ ئاخىرىدا كۆزدىن ئېقىپ چىقىدۇ.
ئادەم قاتتىق كۈلگەندىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ.بىر تەرەپتىن،قاپاق كۈچەپ يۇمۇلۇپ،ياشنى سىقىپ چىقىرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن،بۇرۇن بوشلىقىنىڭ بېسىم كۇچى بۇرۇن ياش نەيچىسىنى تۇسۇۋېلىپ،ياش ئۆتۇشمە يولدىن نۇرمال ئۆتەلمەي،نىشاننى ئۆزگەرتىپ،كۆزنىڭ سىرتىغا ئېقىپ چىقىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ.
مەنبە: خەنزىچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-7 11:50 AM